< سامۇئىل 1 29 >
فىلىستىيلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى يىغىپ ئافەكتە جەم قىلدى؛ ئىسرائىللار يىزرەئەلدىكى بۇلاقنىڭ يېنىدا چېدىر تىكتى. | 1 |
AmaFilisti ayebuthanise-ke wonke amabutho awo eAfeki; lamaIsrayeli ayemise inkamba ngasemthonjeni oseJizereyeli.
فىلىستىيلەرنىڭ سەردارلىرى يۈز ياكى مىڭدىن ئەسكەرنى باشلاپ، سەپ تىزىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ كەينىدىن داۋۇت ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ ئاقىش بىلەن چىقىپ سەپ تۈزدى. | 2 |
Iziphathamandla zamaFilisti zasezidlula ngamakhulu langezinkulungwane, kodwa uDavida labantu bakhe bedlula emuva loAkishi.
فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى: ــ بۇ ئىبرانىيلار بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ــ دېدى. ئاقىش فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىگە: ــ بۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سائۇلنىڭ خىزمەتكارى داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن، بىرنەچچە يىللاردىن بېرى مەن بىلەن تۇرغان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ماڭا كەلگەن كۈندىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە ئۇنىڭدىن ھېچ ئەيىب بايقىمىدىم، دېدى. | 3 |
Induna zamaFilisti zasezisithi: Ayini lamaHebheru? UAkishi wasesithi kuzo induna zamaFilisti: Lo kayisuye uDavida yini, inceku kaSawuli inkosi yakoIsrayeli, obelami lezinsuku kumbe liminyaka? Njalo kangitholanga lutho kuye kusukela kusuku lokuwa kwakhe kuze kube lamuhla.
ئەمما فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا ئاچچىقلاندى. فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇنى قايتۇرۇۋەت! بۇ كىشى سەن ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرغان جايغا كەتسۇن؛ بىز بىلەن بىللە سوقۇشقا چۈشمىسۇن، بولمىسا، ئۇ سوقۇشتا بىزگە رەقىب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ئادەم ئۆز غوجىسى بىلەن نېمىسى ئارقىلىق يارىشىدۇ؟ بۇ ئادەملەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىش بىلەن بولمامدۇ؟ | 4 |
Kodwa induna zamaFilisti zamthukuthelela; izinduna zamaFilisti zathi kuye: Mbuyisele lumuntu ukuthi abuyele endaweni yakhe owambeka khona. Njalo kangehleli empini lathi, ukuze angabi yisitha sethu empini. Ngoba lo angazenza athandeke ngani enkosini yakhe? Hatshi ngamakhanda alamadoda yini?
بۇ قىز-ئاياللار بۇرۇن ئۇنىڭ توغرىسىدا ئۇسسۇل ئويناپ قوشاق قېتىپ: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، دېگەن داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. | 5 |
Lo kayisuye uDavida yini ababevumelana ngaye emigidweni besithi: USawuli utshaye izinkulungwane zakhe, kodwa uDavida inkulungwane zakhe ezingamatshumi?
ئاقىش داۋۇتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى]، سەن دۇرۇس ئادەمسەن، سېنىڭ مېنىڭ بىلەن لەشكەرگاھدا خىزمەتتە بولۇشۇڭ كۆزلىرىمدە ياخشى ئىشتۇر؛ چۈنكى ماڭا كەلگەن كۈنىدىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە سەندىن ھېچ يامانلىق بايقىمىدىم. لېكىن سەن ئەمىرلەرگە ياقماپسەن. | 6 |
UAkishi wasebiza uDavida wathi kuye: Kuphila kukaJehova, isibili wena uqondile, lokuphuma kwakho lokungena kwakho lami enkambeni kuhle emehlweni ami; ngoba kangitholanga ububi kuwe kusukela osukwini lokufika kwakho kimi kuze kube lamuhla; kodwa emehlweni eziphathamandla kawumuhle.
شۇڭا تىنچ-ئامان يېنىپ كەتكىن، بولمىسا فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنى نارازى قىلىپ قويىسەن، دېدى. | 7 |
Ngakho-ke buyela uhambe ngokuthula, ukuze ungenzi ububi emehlweni eziphathamandla zamaFilisti.
داۋۇت ئاقىشقا: ــ مەن نېمە قىلدىم؟ سىلىنىڭ قاشلىرىغا كەلگەن كۈندىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە قىلغان قايسى [يامانلىقىم] ئۈچۈن مېنى غوجام پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن سوقۇشقىلى بارغۇزمايلا؟ ــ دېدى. | 8 |
UDavida wasesithi kuAkishi: Kodwa ngenzeni? Uficeni encekwini yakho, kusukela osukwini engangiphambi kwakho ngalo kuze kube lamuhla, ukuthi ngingayikulwa lezitha zenkosi yami, inkosi?
ئاقىش داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ: ــ كۆزلىرىمدە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەك ماڭا ياخشى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. لېكىن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى سېنى بىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمىسۇن دەۋاتىدۇ، دېدى. | 9 |
UAkishi wasephendula wathi kuDavida: Ngiyazi ukuthi ulungile emehlweni ami njengengilosi kaNkulunkulu; kodwa izinduna zamaFilisti zithe: Kayikwenyukela empini lathi.
شۇڭا ئەتە سەھەردە قوپۇڭلار، ئۆزۈڭ ۋە بىللە كەلگەنلەر، يەنى مەن خوجاڭنىڭ خىزمەتكارلىرى؛ سەھەردە قوپۇڭلار، تاڭ يورۇشى بىلەنلا چىقىپ كېتىڭلار، دېدى. | 10 |
Ngakho-ke ubovuka ekuseni kakhulu kanye lenceku zenkosi yakho ezifike lawe; selivuke ekuseni kakhulu sekukhanya kini, lihambe.
شۇڭا داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن سەھەردە تۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ماڭدى. فىلىستىيلەر بولسا يىزرەئەلگە چىقتى. | 11 |
Ngakho uDavida wavuka ngovivi, yena labantu bakhe, ukuhamba ekuseni, ukuthi babuyele elizweni lamaFilisti. AmaFilisti asesenyukela eJizereyeli.