< سامۇئىل 1 28 >
ئۇ كۈنلەردە فىلىستىيلەر ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۆز قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئاقىش داۋۇتقا: ــ بىلىشىڭ كېرەككى، ئادەملىرىڭنى ئېلىپ مېنىڭ بىلەن جەزمەن جەڭگە چىقىشىڭ لازىم، دېدى. | 1 |
Now in those days the Philistines gathered their forces for warfare against Israel. So Achish said to David, “You must understand that you and your men are to go out to battle with me.”
داۋۇت ئاقىشقا: ــ ئۇنداقتا سىلى قۇللىرىنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىلا ــ دېدى. ئاقىش داۋۇتقا: ــ مانا، سېنى ئۆزۈمگە مەڭگۈلۈك پاسىبان قىلاي، دېدى. | 2 |
David replied, “Then you will come to know what your servant can do.” “Very well,” said Achish. “I will make you my bodyguard for life.”
(سامۇئىل ئۆلگەنىدى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى ئۆز شەھىرى بولغان راماھدا دەپنە قىلغانىدى. سائۇل بولسا جىنكەشلەر بىلەن پالچىلارنى زېمىندىن قوغلاپ چىقاردى). | 3 |
Now by this time Samuel had died, and all Israel had mourned for him and buried him in Ramah, his own city. And Saul had removed the mediums and spiritists from the land.
فىلىستىيلەر توپلىشىپ چىقىپ شۇنەمدە چېدىر تىكتى. سائۇلمۇ ھەم پۈتكۈل ئىسرائىلنى يىغىپ، گىلبوئاھدا چېدىر تىكتى. | 4 |
The Philistines came together and camped at Shunem, while Saul gathered all Israel and camped at Gilboa.
سائۇل ئەمدى فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇن بارگاھىنى كۆرگەندە قورقۇپ، يۈرىكى سۇ بولۇپ كەتتى. | 5 |
When Saul saw the Philistine army, he was afraid and trembled violently.
سائۇل پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى؛ لېكىن پەرۋەردىگار يا چۈش بىلەن يا «ئۇرىم» بىلەن يا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. | 6 |
He inquired of the LORD, but the LORD did not answer him by dreams or Urim or prophets.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل خىزمەتكارلىرىغا: ــ ماڭا پالچى جىنكەش بىر خوتۇننى تېپىپ بېرىڭلار، مەن بېرىپ ئۇنىڭدىن يول سوراي، دېدى. خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئەن-دوردا جىنكەش بىر خوتۇن بار ئىكەن، دېدى. | 7 |
Then Saul said to his servants, “Find me a woman who is a medium, so I can go and consult her.” “There is a medium at Endor,” his servants replied.
سائۇل نىقابلىنىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ ئىككى ئادەمنى ھەمراھ قىلىپ باردى. ئۇلار كېچىسى بېرىپ خوتۇننىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ خوتۇنغا: ــ ماڭا جىن چاقىرىپ پال ئېچىپ، مەن دېگەن بىرسىنى قېشىمغا كەلتۈرگىن، دېدى. | 8 |
So Saul disguised himself by putting on different clothes, and he set out with two of his men. They came to the woman at night, and Saul said, “Consult a spirit for me. Bring up for me the one I name.”
خوتۇن ئۇنىڭغا: ــ مانا، سائۇلنىڭ قىلغانلىرىنى، يەنى زېمىندىن جىنكەشلەرنى ۋە پالچىلارنى يوقاتقانلىقىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن؛ نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرۈشكە جېنىمغا تۇزاق قويىسەن، دېدى. | 9 |
But the woman replied, “Surely you know what Saul has done, how he has killed the mediums and spiritists in the land. Why have you set a trap to get me killed?”
سائۇل ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئىش ئۈچۈن ساڭا جازا بولمايدۇ، دېدى. | 10 |
Then Saul swore to her by the LORD: “As surely as the LORD lives, no punishment shall come upon you for this.”
خوتۇن: ــ ساڭا كىمنى چىقىرىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ماڭا سامۇئىلنى چىقارغىن، دېدى. | 11 |
“Whom shall I bring up for you?” the woman asked. “Bring up Samuel,” he replied.
خوتۇن سامۇئىلنى كۆرگەندە قاتتىق ئاۋاز بىلەن چىرقىرىدى، ئاندىن سائۇلغا: ــ نېمىشقا مېنى گوللايسەن؟ سەن ئۆزۈڭ سائۇلغۇ! ــ دېدى. | 12 |
But when the woman saw Samuel, she cried out in a loud voice and said to Saul, “Why have you deceived me? You are Saul!”
پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن! نېمىنى كۆردۈڭ؟ ــ دېدى. ئۇ سائۇلغا: ــ مەن بىر ئىلاھنىڭ يەردىن چىققىنىنى كۆردۈم، دېدى. | 13 |
“Do not be afraid,” the king replied. “What do you see?” “I see a god coming up out of the earth,” the woman answered.
ئۇ: ــ ئۇنىڭ قىياپىتى قانداق ئىكەن؟ دېدى. خوتۇن: ــ قېرى بىر بوۋاي چىقىۋاتىدۇ؛ ئۇ يېپىنچا كىيگەنىكەن، دېدى. سائۇل: ــ ئۇ سامۇئىل ئىكەن، دەپ بىلىپ، يۈزىنى يەرگە يېقىپ تەزىم قىلدى. | 14 |
“What does he look like?” asked Saul. “An old man is coming up,” she replied. “And he is wearing a robe.” So Saul knew that it was Samuel, and he bowed facedown in reverence.
سامۇئىل سائۇلغا: ــ نېمىشقا مېنى ئاۋارە قىلىپ چىقاردىڭ؟ ــ دېدى. سائۇل: ــ مەن تولىمۇ پەرىشان بولدۇم؛ چۈنكى فىلىستىيلەر ماڭا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ۋە خۇدا مەندىن يىراقلاپ، ماڭا ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ياكى چۈشلەر ئارقىلىق ھېچ جاۋاب بەرمەيۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن دەپ، سېنى چاقىردىم، دېدى. | 15 |
Then Samuel said to Saul, “Why have you disturbed me by bringing me up?” “I am deeply distressed,” replied Saul. “The Philistines are fighting against me, and God has turned away from me. He no longer answers me, either by prophets or by dreams. So I have called on you to tell me what to do.”
سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار سەندىن يىراقلاپ، دۈشمىنىڭ بولغاندىن كېيىن نېمىشقا مەندىن مەسلىھەت سورايسەن؟ ــ دېدى. | 16 |
“Why do you consult me,” asked Samuel, “since the LORD has turned away from you and become your enemy?
ــ پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈچۈن مەن ئارقىلىق ئېيتقىنىنى قىلدى؛ پەرۋەردىگار پادىشاھلىقنى قولۇڭدىن يىرتىپ ئېلىپ، قوشناڭغا، يەنى داۋۇتقا بەردى. | 17 |
He has done exactly what He spoke through me: The LORD has torn the kingship out of your hand and given it to your neighbor David.
سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ ئامالەكلەرگە قاراتقان قاتتىق غەزىپىنى يۈرگۈزمىگىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن ساڭا شۇ ئىشنى قىلدى. | 18 |
Because you did not obey the LORD or carry out His burning anger against Amalek, the LORD has done this to you today.
پەرۋەردىگار ئۆزۈڭ بىلەن ئىسرائىلنىمۇ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ؛ ئەتە سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مېنىڭ بىلەن بىللە بولىسىلەر؛ ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىمۇ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، دېدى. | 19 |
Moreover, the LORD will deliver Israel with you into the hand of the Philistines, and tomorrow you and your sons will be with me. And the LORD will deliver the army of Israel into the hand of the Philistines.”
سائۇل شۇئان يەرگە دۈم يىقىلدى، سامۇئىلنىڭ سۆزلىرىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتتى؛ بىر كېچە-كۈندۈز تاماقمۇ يېمىگەچكە، ماغدۇرىمۇ قالمىدى. | 20 |
Immediately Saul fell flat on the ground, terrified by the words of Samuel. And his strength was gone, because he had not eaten anything all that day and night.
ئايال ئەمدى سائۇلنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ تولىمۇ پەرىشان بولغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، دېدەكلىرى جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ تاپىلىغانلىرىغا بىنائەن قىلدىم. | 21 |
When the woman came to Saul and saw how distraught he was, she said to him, “Look, your maidservant has obeyed your voice. I took my life in my hands and did as you told me.
ئەمدى سىلىدىن ئۆتۈنىمەن، دېدىكلىرىنىڭ سۆزىگە كىرگەيلا؛ مېنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بىر چىشلەم نان كەلتۈرۈشكە ئۇنىغايلا؛ شۇنىڭ بىلەن سىلى يەپ قۇۋۋەت تېپىپ ئاندىن ئۆز يوللىرىغا كېتەلەيلا، دېدى. | 22 |
Now please listen to your servant and let me set a morsel of bread before you so you may eat and have the strength to go on your way.”
لېكىن ئۇ رەت قىلىپ: ــ يېمەيمەن، دەپ ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ھەم ئايالمۇ يېيىشنى ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىشتى؛ ئۇ يەردىن قوپۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى. | 23 |
Saul refused, saying, “I will not eat.” But his servants joined the woman in urging him, and he heeded their voice. He got up from the ground and sat on the bed.
ئايالنىڭ ئۆيىدە بىر بورداق موزاي بار ئىدى. ئۇ دەرھال ئۇنى سويدى؛ ھەم خېمىر يۇغۇرۇپ پېتىر نان پىشۈرۈپ بەردى. | 24 |
The woman had a fattened calf at her house, and she quickly slaughtered it. She also took flour, kneaded it, and baked unleavened bread.
ئۇ ئۇنى سائۇل بىلەن خىزمەتكارلىرىنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇلار يەپ بولۇپ، شۇ كېچىسى كەتتى. | 25 |
She served it to Saul and his servants, and they ate. And that night they got up and left.