< سامۇئىل 1 27 >
داۋۇت كۆڭلىدە: ــ ھامان بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ھالاك بولىدىغان ئوخشايمەن. شۇڭا فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا تېزدىن قېچىپ كېتىشىمدىن باشقا ئامال يوق. شۇنداق قىلسام سائۇل ئىسرائىل زېمىنى ئىچىدە مېنى تېپىشتىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئىزدەشتىن قول ئۈزىدۇ، ۋە مەن ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلىمەن، دەپ ئويلىدى. | 1 |
Dawut könglide: — Haman bir küni Saulning qolida halak bolidighan oxshaymen. Shunga Filistiylerning zéminigha tézdin qéchip kétishimdin bashqa amal yoq. Shundaq qilsam Saul Israil zémini ichide méni tépishtin ümidsizlinip, izdeshtin qol üzidu, we men uning qolidin qutulimen, dep oylidi.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت قوپۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز ئادەمنى ئېلىپ گاتنىڭ پادىشاھى مائوقنىڭ ئوغلى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. | 2 |
Shuning bilen Dawut qopup uninggha egeshken alte yüz ademni élip Gatning padishahi Maoqning oghli Aqishning qéshigha bardi.
ئەمدى داۋۇت ۋە ئادەملىرى، يەنى ھەربىرى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە گاتتا ئاقىش بىلەن تۇردى. داۋۇت ئىككى ئايالى، يەنى يىزرەئەللىك ئاھىنوئام ۋە نابالنىڭ تۇل خوتۇنى كارمەللىك ئابىگائىل بىلەن بىللە شۇ يەردە تۇردى. | 3 |
Emdi Dawut we ademliri, yeni herbiri öz ailisidikiler bilen bille Gatta Aqish bilen turdi. Dawut ikki ayali, yeni Yizreellik Ahinoam we Nabalning tul xotuni Karmellik Abigail bilen bille shu yerde turdi.
سائۇل: ــ داۋۇت گاتقا قېچىپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇنى يەنە ئىزدەپ يۈرمىدى. | 4 |
Saul: — Dawut Gatqa qéchiptu, dégen xewerni anglighanda, uni yene izdep yürmidi.
داۋۇت ئاقىشقا: ــ ئەگەر كۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئولتۇرۇشۇم ئۈچۈن سەھرادىكى بىر شەھەردىن بىزگە بىر جاي بەرگەيلا؛ قۇلۇڭ قانداقمۇ شاھانە شەھەردە سىلىنىڭ قاشلىرىدا تۇرسۇن، دېدى. | 5 |
Dawut Aqishqa: — Eger közlirining aldida iltipat tapqan bolsam, olturushum üchün sehradiki bir sheherdin bizge bir jay bergeyla; qulung qandaqmu shahane sheherde silining qashlirida tursun, dédi.
ئۇ كۈنى ئاقىش ئۇنىڭغا زىكلاگ شەھىرىنى بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن زىكلاگ بۈگۈنكى كۈنگىچە يەھۇدا پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە. | 6 |
U küni Aqish uninggha Ziklag shehirini berdi. Shuning üchün Ziklag bügünki kün’giche Yehuda padishahlirigha tewe bolup kelmekte.
داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان ۋاقىت بىر يىل تۆت ئاي بولدى. | 7 |
Dawut Filistiylerning zéminida turghan waqit bir yil töt ay boldi.
داۋۇت بولسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ گەشۇرىيلارغا، گەزرىيلەرگە ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ تۇراتتى (چۈنكى ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ شۇرىغا كىرىش يولىدىن تارتىپ مىسىر زېمىنىغىچە بولغان شۇ يۇرتتا تۇراتتى). | 8 |
Dawut bolsa öz ademliri bilen chiqip Geshuriylargha, Gezriylerge we Amaleklerge hujum qilip, ularni bulang-talang qilip turatti (chünki ular qedimdin tartip Shurigha kirish yolidin tartip Misir zéminighiche bolghan shu yurtta turatti).
داۋۇت [ھەرقېتىم] زېمىندىكىلەرنى قىرىپ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرمايتتى ۋە قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ ئاقىشنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلەتتى. | 9 |
Dawut [herqétim] zémindikilerni qirip er yaki ayal bolsun, birnimu tirik qaldurmaytti we qoy, kala, éshek, töge we kiyim-kécheklerni élip Aqishning yénigha yénip kéletti.
ئاقىش: ــ بۈگۈن قايسى جايلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدىڭلار، دەپ سورايتتى؛ داۋۇت: ــ يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىنى، يەراھمەئەللىكلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىنى ۋە كېنىيلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇق، دەيتتى. | 10 |
Aqish: — Bügün qaysi jaylarni bulang-talang qildinglar, dep soraytti; Dawut: — Yehuda zéminining jenub teripini, Yerahmeelliklerning jenub teripini we Kéniylerning jenub teripini bulang-talang qilduq, deytti.
داۋۇت ئەر ياكى ئاياللارنىڭ بىرىنىمۇ گاتقا تىرىك ئېلىپ كەلمەيتتى؛ چۈنكى ئۇ: ــ ئۇلار بىزنىڭ توغرىمىزدىن، «داۋۇت ئۇنداق-مۇنداق قىلدى» دەپ گەپ قىلىشى مۇمكىن، دەيتتى. داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان ۋاقتىدا ئۇ دائىم شۇنداق قىلاتتى. | 11 |
Dawut er yaki ayallarning birinimu Gatqa tirik élip kelmeytti; chünki u: — Ular bizning toghrimizdin, «Dawut undaq-mundaq qildi» dep gep qilishi mumkin, deytti. Dawut Filistiylerning zéminida turghan waqtida u daim shundaq qilatti.
شۇڭا ئاقىش داۋۇتقا ئىشەندى: ــ «ئەمدى ئۇ خەلقى ئىسرائىلنى ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈۋەتتى؛ مېنىڭ خىزمىتىمدە مەڭگۈ قۇل بولىدۇ»، دەپ ئويلىدى. | 12 |
Shunga Aqish Dawutqa ishendi: — «Emdi u xelqi Israilni özidin seskendürüwetti; méning xizmitimde menggü qul bolidu», dep oylidi.