< سامۇئىل 1 26 >
ئەمدى زىفلىقلار گىبېئاھغا سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ داۋۇت يەشىمونغا يېقىن ھاقىلاھ ئېگىزلىكىگە يوشۇرۇنۇۋاپتۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. | 1 |
Emdi Zifliqlar Gibéahgha Saulning qéshigha kélip: — Dawut Yeshimon’gha yéqin Haqilah égizlikige yoshurunuwaptu emesmu? — dédi.
سائۇل قوپۇپ ئىسرائىلدىن خىللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ، زىف چۆلىدە داۋۇتنى ئىزدىگىلى ئۇ يەرگە باردى. | 2 |
Saul qopup Israildin xillan’ghan üch ming ademni élip, Zif chölide Dawutni izdigili u yerge bardi.
سائۇل بولسا يول بويىدا، يەشىمونغا يېقىن ھاقىلاھ ئېگىزلىكىدە چېدىر تىكتى. داۋۇت چۆلدە تۇرۇۋاتاتتى؛ ئۇ سائۇلنىڭ چۆلگە ئۆز كەينىدىن چىققىنىدىن خەۋەر تاپقاندا | 3 |
Saul bolsa yol boyida, Yeshimon’gha yéqin Haqilah égizlikide chédir tikti. Dawut chölde turuwatatti; u Saulning chölge öz keynidin chiqqinidin xewer tapqanda
داۋۇت پايلاقچىلارنى ماڭدۇرۇپ سائۇلنىڭ راستلا كەلگەنلىكىنى بىلدى. | 4 |
Dawut paylaqchilarni mangdurup Saulning rastla kelgenlikini bildi.
داۋۇت قوپۇپ سائۇل چېدىر تىككەن جايغا باردى؛ ئۇ سائۇل بىلەن قوشۇن سەردارى، نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر ياتقان يەرنى كۆردى. سائۇل بولسا قوشۇن ئىستىھكامى ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقانىدى، ئادەملىرى چېدىرلىرىنى ئۇنىڭ ئەتراپىغا تىككەنىدى. | 5 |
Dawut qopup Saul chédir tikken jaygha bardi; u Saul bilen qoshun serdari, Nerning oghli Abner yatqan yerni kördi. Saul bolsa qoshun istihkami ichide uxlap yatqanidi, ademliri chédirlirini uning etrapigha tikkenidi.
داۋۇت ئەمدى ھىتتىيلاردىن بولغان ئاخىمەلەك ۋە يوئابنىڭ ئىنىسى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشايغا: ــ كىم مەن بىلەن لەشكەرگاھغا چۈشۈپ، سائۇلنىڭ يېنىغا بارىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئابىشاي: ــ مەن سېنىڭ بىلەن باراي، دېدى. | 6 |
Dawut emdi Hittiylardin bolghan Aximelek we Yoabning inisi Zeruiyaning oghli Abishaygha: — Kim men bilen leshkergahgha chüshüp, Saulning yénigha baridu? — dep soridi. Abishay: — Men séning bilen baray, dédi.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئابىشاي كېچىدە قوشۇن بار يەرگە بېرىۋىدى، مانا سائۇل قوشۇن ئىستىھكامى ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقانىدى؛ ئۇنىڭ نەيزىسى تەكىيىسىنىڭ يېنىدا يەرگە قاداقلىق تۇراتتى؛ ئابنەر بىلەن ئادەملىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتاتتى. | 7 |
Shuning bilen Dawut we Abishay kéchide qoshun bar yerge bériwidi, mana Saul qoshun istihkami ichide uxlap yatqanidi; uning neyzisi tekiyisining yénida yerge qadaqliq turatti; Abner bilen ademliri uning etrapida yatatti.
ئابىشاي داۋۇتقا: ــ خۇدا بۈگۈن دۈشمىنىڭنى قولۇڭغا تاپشۇردى. سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا نەيزە بىلەن بىرلا سانجىپ ئۇنى يەرگە قاداپ قويۇشقا ئىجازەت بەرگەيسەن! ئىككى قېتىم سانجىشىمنىڭ لازىمى يوقتۇر، دېدى. | 8 |
Abishay Dawutqa: — Xuda bügün düshminingni qolunggha tapshurdi. Sendin ötünimenki, manga neyze bilen birla sanjip uni yerge qadap qoyushqa ijazet bergeysen! Ikki qétim sanjishimning lazimi yoqtur, dédi.
داۋۇت ئابىشايغا: ــ ئۇنى يوقاتمىغىن. كىم پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىغا قول ئۇزىتىپ گۇناھغا تارتىلمىغان؟ ــ دېدى. | 9 |
Dawut Abishaygha: — Uni yoqatmighin. Kim Perwerdigarning mesih qilghinigha qol uzitip gunahgha tartilmighan? — dédi.
داۋۇت يەنە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىمەنكى]، پەرۋەردىگار جەزمەن ئۇنى ئۇرىدۇ؛ يا ئۇنىڭ ئۆلىدىغان كۈنى كېلىدۇ يا ئۇ جەڭگە چۈشۈپ ھالاك بولىدۇ. | 10 |
Dawut yene: — Perwerdigarning hayati bilen [qesem qilimenki], Perwerdigar jezmen uni uridu; ya uning ölidighan küni kélidu ya u jengge chüshüp halak bolidu.
پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىگە قول ئۇزىتىشىدىن ساقلىغاي! ئەمما ئۇنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇ ئىدىشىنى ئالغىن، ئاندىن كېتەيلى، دېدى. | 11 |
Perwerdigar méni Perwerdigarning mesihliginige qol uzitishidin saqlighay! Emma uning béshidiki neyze bilen su idishini alghin, andin kéteyli, dédi.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت نەيزە بىلەن ئىدىشنى سائۇلنىڭ بېشىنىڭ يېنىدىن ئېلىپ، ئىككىسى چىقىپ كەتتى. ئەمما ھېچكىم كۆرمىدى، تۇيۇپمۇ قالمىدى ھەم ئويغىنىپ كەتمىدى، بەلكى ھەممىسى ئۇخلاۋەردى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىر قاتتىق ئۇيقۇنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەنىدى. | 12 |
Shuning bilen Dawut neyze bilen idishni Saulning béshining yénidin élip, ikkisi chiqip ketti. Emma héchkim körmidi, tuyupmu qalmidi hem oyghinip ketmidi, belki hemmisi uxlawerdi; chünki Perwerdigar bir qattiq uyquni ularning üstige chüshürgenidi.
داۋۇت ئۇدۇلدىكى تەرەپكە ئۆتۈپ يىراقراق بىر دۆڭنىڭ تۆپىسىدە تۇردى؛ ئۇلارنىڭ ئارىلىقى يىراق ئىدى. | 13 |
Dawut uduldiki terepke ötüp yiraqraq bir döngning töpiside turdi; ularning ariliqi yiraq idi.
داۋۇت قوشۇن بىلەن نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرگە توۋلاپ: ــ جاۋاب بەرمەمسەن، ئى ئابنەر! ــ دېدى. ئابنەر: ــ پادىشاھقا توۋلىغۇچى كىم سەن؟ ــ دېدى. | 14 |
Dawut qoshun bilen nerning oghli Abnerge towlap: — Jawab bermemsen, i Abner! — dédi. Abner: — Padishahqa towlighuchi kim sen? — dédi.
داۋۇت ئابنەرگە: ــ سەن باتۇر ئەمەسمۇ؟ ئىسرائىلدا ساڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ نېمىشقا غوجاڭ پادىشاھنى قوغدىمىدىڭ؟ چۈنكى خەلقتىن بىر كىشى غوجاڭ پادىشاھنى ھالاك قىلغىلى كىرىپتۇ. | 15 |
Dawut Abnerge: — Sen batur emesmu? Israilda sanga kim teng kéleleydu? Némishqa ghojang padishahni qoghdimiding? Chünki xelqtin bir kishi ghojang padishahni halak qilghili kiriptu.
سېنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس! پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىمەنكى]، پەرۋەردىگار مەسىھ قىلغان غوجاڭلارنى قوغدىمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆلۈمگە لايىق بولدۇڭلار. ئەمدى پادىشاھنىڭ نەيزىسى ۋە بېشىنىڭ يېنىدىكى سۇ ئىدىشىنىڭ قەيەردىلىكىگە قاراپ بېقىڭلار، دېدى. | 16 |
Séning bundaq qilghining yaxshi emes! Perwerdigarning hayati bilen [qesem qilimenki], Perwerdigar mesih qilghan ghojanglarni qoghdimighanliqinglar üchün ölümge layiq boldunglar. Emdi padishahning neyzisi we béshining yénidiki su idishining qeyerdilikige qarap béqinglar, dédi.
سائۇل داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ: ــ بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئى ئوغلۇم داۋۇت! ــ دېدى. داۋۇت: ــ ئى غوجام پادىشاھ، بۇ مېنىڭ ئاۋازىمدۇر، دېدى. | 17 |
Saul Dawutning awazini tonup: — Bu séning awazingmu, i oghlum Dawut! — dédi. Dawut: — I ghojam padishah, bu méning awazimdur, dédi.
ئۇ يەنە: ــ نېمىشقا غوجام ئۆز قۇلىنى مۇنداق قوغلايدۇ؟ مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ قولۇمدا نېمە يامانلىق بار؟ | 18 |
U yene: — Némishqa ghojam öz qulini mundaq qoghlaydu? Men néme qiliptimen? Qolumda néme yamanliq bar?
ئەمدى غوجام پادىشاھ ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاي. پەرۋەردىگار سىلىنى ماڭا قارشى قوزغاتقان بولسا بىر ھەدىيە-قۇربانلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى رازى قىلغاي؛ لېكىن ئىنسان بالىلىرى بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قىلىپ، مېنى باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىل، دېگىنى بولىدۇ. | 19 |
Emdi ghojam padishah öz qulining sözige qulaq salghay. Perwerdigar silini manga qarshi qozghatqan bolsa bir hediye-qurbanliq uning könglini razi qilghay; lékin insan baliliri bolsa, ular Perwerdigarning aldida lenetke qalsun, chünki ularning emdi méni Perwerdigarning mirasidin behrimen bolushtin mehrum qilip, méni bashqa ilahlargha ibadet qil, dégini bolidu.
ئەمدى مېنىڭ قېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق يەرگە تۆكۈلمىسۇن؛ چۈنكى تاغلاردا بىر كەكلىكنى ئوۋلىغاندەك ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر يالغۇز بۈرگىنى ئىزدىگىلى چىقىپتۇ، دېدى. | 20 |
Emdi méning qénim Perwerdigarning huzuridin yiraq yerge tökülmisun; chünki taghlarda bir keklikni owlighandek Israilning padishahi bir yalghuz bürgini izdigili chiqiptu, dédi.
سائۇل: ــ مەن گۇناھ قىلدىم؛ يېنىپ كەلگىن ئى ئوغلۇم داۋۇت؛ مېنىڭ جېنىم بۈگۈن كۆزلىرىڭدە ئەزىز سانالغىنى ئۈچۈن مەن ساڭا بۇندىن كېيىن ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن؛ مانا، ئەخمەقلىق قىلدىم، بەك ئېزىپتىمەن، دېدى. | 21 |
Saul: — Men gunah qildim; yénip kelgin i oghlum Dawut; méning jénim bügün közliringde eziz sanalghini üchün men sanga bundin kéyin héch ziyan-zexmet yetküzmeymen; mana, exmeqliq qildim, bek éziptimen, dédi.
داۋۇت جاۋاب بېرىپ: ــ مانا پادىشاھنىڭ نەيزىسى، غۇلاملاردىن بىرى كېلىپ ئۇنى ياندۇرۇپ ئالسۇن. | 22 |
Dawut jawab bérip: — Mana padishahning neyzisi, ghulamlardin biri kélip uni yandurup alsun.
پەرۋەردىگار ھەر ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى بىلەن سادىقلىقىغا قاراپ ياندۇرغاي. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار سىلىنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇردى، لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىگە قول ئۇزىتىشنى خالىمىدىم. | 23 |
Perwerdigar her ademning heqqaniyliqi bilen sadiqliqigha qarap yandurghay. Chünki bügün Perwerdigar silini méning qolumgha tapshurdi, lékin men Perwerdigarning mesihliginige qol uzitishni xalimidim.
مانا، بۈگۈن سىلىنىڭ جانلىرى مېنىڭ كۆزلىرىمدە ئەزىز بولغاندەك مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆزىدە ئەزىز بولغاي، ئۇ مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكتىن قۇتقۇزغاي، دېدى. | 24 |
Mana, bügün silining janliri méning közlirimde eziz bolghandek méning jénim Perwerdigarning közide eziz bolghay, u méni hemme awarichiliktin qutquzghay, dédi.
سائۇل داۋۇتقا: ــ ئەي ئوغلۇم داۋۇت، بەرىكەتلەنگەيسەن. سەن جەزمەن ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن، ئىشلىرىڭ جەزمەن راۋاجلىق بولىدۇ، دېدى. ئاندىن داۋۇت ئۆز يولىغا كەتتى، سائۇلمۇ ئۆز جايىغا يېنىپ باردى. | 25 |
Saul Dawutqa: — Ey oghlum Dawut, beriketlen’geysen. Sen jezmen ulugh ishlarni qilisen, ishliring jezmen rawajliq bolidu, dédi. Andin Dawut öz yoligha ketti, Saulmu öz jayigha yénip bardi.