< سامۇئىل 1 26 >

ئەمدى زىفلىقلار گىبېئاھغا سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ داۋۇت يەشىمونغا يېقىن ھاقىلاھ ئېگىزلىكىگە يوشۇرۇنۇۋاپتۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 1
齊弗人來到基貝亞見撒烏耳說:「達味藏在曠野邊緣哈基拉山中。
سائۇل قوپۇپ ئىسرائىلدىن خىللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ، زىف چۆلىدە داۋۇتنى ئىزدىگىلى ئۇ يەرگە باردى. 2
撒烏耳遂動身下到齊弗曠野,同他去的約有三千以色列精兵,在齊弗曠野搜捕達味。
سائۇل بولسا يول بويىدا، يەشىمونغا يېقىن ھاقىلاھ ئېگىزلىكىدە چېدىر تىكتى. داۋۇت چۆلدە تۇرۇۋاتاتتى؛ ئۇ سائۇلنىڭ چۆلگە ئۆز كەينىدىن چىققىنىدىن خەۋەر تاپقاندا 3
撒烏耳在曠野邊綠哈拉基山上,靠路旁紮了營。當時達味住在曠野裏,他得知撒烏耳來到曠野搜捕自己,
داۋۇت پايلاقچىلارنى ماڭدۇرۇپ سائۇلنىڭ راستلا كەلگەنلىكىنى بىلدى. 4
遂派出偵探,因而得知撒烏耳確已來到。
داۋۇت قوپۇپ سائۇل چېدىر تىككەن جايغا باردى؛ ئۇ سائۇل بىلەن قوشۇن سەردارى، نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر ياتقان يەرنى كۆردى. سائۇل بولسا قوشۇن ئىستىھكامى ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقانىدى، ئادەملىرى چېدىرلىرىنى ئۇنىڭ ئەتراپىغا تىككەنىدى. 5
達味遂起身來到撒烏耳紮營的地方,察看撒烏耳和他的統帥乃爾的兒子阿貝厏爾睡覺的地方:撒烏耳睡在行營中心,他的部隊駐紮在他的四周。
داۋۇت ئەمدى ھىتتىيلاردىن بولغان ئاخىمەلەك ۋە يوئابنىڭ ئىنىسى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشايغا: ــ كىم مەن بىلەن لەشكەرگاھغا چۈشۈپ، سائۇلنىڭ يېنىغا بارىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئابىشاي: ــ مەن سېنىڭ بىلەن باراي، دېدى. 6
達味就問赫得人阿希默肋客和責魯雅的兒子約阿布的兄弟阿彼瑟說:「誰同我下到撒烏耳的營中去﹖」阿彼瑟答說:「我同你下去」。
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئابىشاي كېچىدە قوشۇن بار يەرگە بېرىۋىدى، مانا سائۇل قوشۇن ئىستىھكامى ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقانىدى؛ ئۇنىڭ نەيزىسى تەكىيىسىنىڭ يېنىدا يەرگە قاداقلىق تۇراتتى؛ ئابنەر بىلەن ئادەملىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتاتتى. 7
達味和阿彼瑟便在夜間深入敵營,見撒烏耳睡臥在行營中心,他的槍插在頭旁地上,阿貝乃爾和部隊環繞他睡在四周。
ئابىشاي داۋۇتقا: ــ خۇدا بۈگۈن دۈشمىنىڭنى قولۇڭغا تاپشۇردى. سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا نەيزە بىلەن بىرلا سانجىپ ئۇنى يەرگە قاداپ قويۇشقا ئىجازەت بەرگەيسەن! ئىككى قېتىم سانجىشىمنىڭ لازىمى يوقتۇر، دېدى. 8
阿彼瑟對達味說:「今天天主將你的仇人交在你手裏了! 如今讓我用他的槍,把他釘在地上,只一下,不需要給他第二下」。
داۋۇت ئابىشايغا: ــ ئۇنى يوقاتمىغىن. كىم پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىغا قول ئۇزىتىپ گۇناھغا تارتىلمىغان؟ ــ دېدى. 9
達味卻對阿彼瑟說:「不可殺他! 因為誰敢插手加害上主的受傅者,而能無罪呢﹖」
داۋۇت يەنە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىمەنكى]، پەرۋەردىگار جەزمەن ئۇنى ئۇرىدۇ؛ يا ئۇنىڭ ئۆلىدىغان كۈنى كېلىدۇ يا ئۇ جەڭگە چۈشۈپ ھالاك بولىدۇ. 10
達味又說:「我指著永生的上主起誓:只有上主可打擊他,或到了他的日子;終於死去,或下到戰場陣亡。
پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىگە قول ئۇزىتىشىدىن ساقلىغاي! ئەمما ئۇنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇ ئىدىشىنى ئالغىن، ئاندىن كېتەيلى، دېدى. 11
在上主散,我決不頊插手加害上主的受傅者。現今,你快拿去他頭旁的槍和水壺,我們就離去」。
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت نەيزە بىلەن ئىدىشنى سائۇلنىڭ بېشىنىڭ يېنىدىن ئېلىپ، ئىككىسى چىقىپ كەتتى. ئەمما ھېچكىم كۆرمىدى، تۇيۇپمۇ قالمىدى ھەم ئويغىنىپ كەتمىدى، بەلكى ھەممىسى ئۇخلاۋەردى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىر قاتتىق ئۇيقۇنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەنىدى. 12
達味遂就撒烏耳頭旁拿了槍和水壺,二人就走了。誰也沒有看見,誰也沒有理會,誰也沒有醒來,都沈睡了,因為上主使他們沉入睡夢中。
داۋۇت ئۇدۇلدىكى تەرەپكە ئۆتۈپ يىراقراق بىر دۆڭنىڭ تۆپىسىدە تۇردى؛ ئۇلارنىڭ ئارىلىقى يىراق ئىدى. 13
達味走到對面,遠遠站在山頭上,他們彼此相隔很遠,
داۋۇت قوشۇن بىلەن نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرگە توۋلاپ: ــ جاۋاب بەرمەمسەن، ئى ئابنەر! ــ دېدى. ئابنەر: ــ پادىشاھقا توۋلىغۇچى كىم سەن؟ ــ دېدى. 14
達味於是向軍隊和乃爾的兒子阿貝乃爾喊說:「阿貝乃爾! 你不答應嗎﹖」阿貝乃爾答說:「你是誰﹖竟敢吵醒君王! 」
داۋۇت ئابنەرگە: ــ سەن باتۇر ئەمەسمۇ؟ ئىسرائىلدا ساڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ نېمىشقا غوجاڭ پادىشاھنى قوغدىمىدىڭ؟ چۈنكى خەلقتىن بىر كىشى غوجاڭ پادىشاھنى ھالاك قىلغىلى كىرىپتۇ. 15
達味對阿貝乃爾說:「你不是個好漢嗎﹖以色列中有誰能與你相比﹖民間來了一個要殺害你的主上君王的,你為什麼沒有好好護守你的主上君王﹖
سېنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس! پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىمەنكى]، پەرۋەردىگار مەسىھ قىلغان غوجاڭلارنى قوغدىمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆلۈمگە لايىق بولدۇڭلار. ئەمدى پادىشاھنىڭ نەيزىسى ۋە بېشىنىڭ يېنىدىكى سۇ ئىدىشىنىڭ قەيەردىلىكىگە قاراپ بېقىڭلار، دېدى. 16
這事你實在做的不對! 我指著永生的上主起誓:你們都該死,因為你們沒有好好護守你們的主子,上主的受傳者。現今你去看一看君王的槍在哪裏﹖他頭旁的水壺又在哪裏﹖」
سائۇل داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ: ــ بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئى ئوغلۇم داۋۇت! ــ دېدى. داۋۇت: ــ ئى غوجام پادىشاھ، بۇ مېنىڭ ئاۋازىمدۇر، دېدى. 17
撒烏耳認出是達味的聲音,就說:「我兒達味,這不是你的聲音嗎﹖」達味答說:「我主大王,是我的聲音」。
ئۇ يەنە: ــ نېمىشقا غوجام ئۆز قۇلىنى مۇنداق قوغلايدۇ؟ مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ قولۇمدا نېمە يامانلىق بار؟ 18
遂接著說:「我主為什麼迫害他的僕人﹖我究竟作了什麼惡事﹖
ئەمدى غوجام پادىشاھ ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاي. پەرۋەردىگار سىلىنى ماڭا قارشى قوزغاتقان بولسا بىر ھەدىيە-قۇربانلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى رازى قىلغاي؛ لېكىن ئىنسان بالىلىرى بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قىلىپ، مېنى باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىل، دېگىنى بولىدۇ. 19
如今請我主大王聽他僕人一句話:如果是上主感動你來害我,願衪收納這個祭獻;但是;若是人煽惑你,他們在上主面前是該詛咒的,因為他們今日將我驅逐,不容我分享上主的產業,無異是說:你去,事奉外邦的神吧!
ئەمدى مېنىڭ قېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق يەرگە تۆكۈلمىسۇن؛ چۈنكى تاغلاردا بىر كەكلىكنى ئوۋلىغاندەك ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر يالغۇز بۈرگىنى ئىزدىگىلى چىقىپتۇ، دېدى. 20
現今,願我的血不流在很遠的地方,因為以色列的君王出來獵取我的性命,就如人在山上獵取鷓鴣! 」
سائۇل: ــ مەن گۇناھ قىلدىم؛ يېنىپ كەلگىن ئى ئوغلۇم داۋۇت؛ مېنىڭ جېنىم بۈگۈن كۆزلىرىڭدە ئەزىز سانالغىنى ئۈچۈن مەن ساڭا بۇندىن كېيىن ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن؛ مانا، ئەخمەقلىق قىلدىم، بەك ئېزىپتىمەن، دېدى. 21
撒烏耳說:「我兒達味,我犯了罪,你回去吧! 我再不加害你了! 因為你今天實在珍惜了我的性命。哎! 我太昏愚,實在錯了! 」
داۋۇت جاۋاب بېرىپ: ــ مانا پادىشاھنىڭ نەيزىسى، غۇلاملاردىن بىرى كېلىپ ئۇنى ياندۇرۇپ ئالسۇن. 22
達味答說:「這裏有大王的槍,叫一個僕人來去。
پەرۋەردىگار ھەر ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى بىلەن سادىقلىقىغا قاراپ ياندۇرغاي. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار سىلىنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇردى، لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىگە قول ئۇزىتىشنى خالىمىدىم. 23
願上主報答各人的正義和忠誠! 因為今天上主把你交在我手裏,我卻不頊加害上主的受傅者。
مانا، بۈگۈن سىلىنىڭ جانلىرى مېنىڭ كۆزلىرىمدە ئەزىز بولغاندەك مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆزىدە ئەزىز بولغاي، ئۇ مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكتىن قۇتقۇزغاي، دېدى. 24
請看! 我今天怎樣看重了你的性命,也願上主怎樣看重我的性命,從一切憂患中拯救我! 」
سائۇل داۋۇتقا: ــ ئەي ئوغلۇم داۋۇت، بەرىكەتلەنگەيسەن. سەن جەزمەن ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن، ئىشلىرىڭ جەزمەن راۋاجلىق بولىدۇ، دېدى. ئاندىن داۋۇت ئۆز يولىغا كەتتى، سائۇلمۇ ئۆز جايىغا يېنىپ باردى. 25
撒烏耳對達味說:「我兒達味,你實在是可讚美的,你必有所作為,也必有成就」。然後達味走了,撒烏耳也回了家。

< سامۇئىل 1 26 >