< سامۇئىل 1 25 >
سامۇئىل ئۆلدى. پۈتكۈل ئىسرائىل يىغىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى؛ ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ راماھدىكى ئۆيىدە دەپنە قىلدى. داۋۇت بولسا قوپۇپ پاران چۆلىگە باردى. | 1 |
Uto umrije Samuel. Sav se Izrael skupi i oplaka ga naričući za njim; i pokopaše ga u njegovu zavičaju u Rami. A David usta i siđe u pustinju Paran.
ئەمدى تىرىكچىلىكى كارمەلدە بولغان، مائوندا ئولتۇرۇقلۇق بىر ئادەم بار ئىدى. بۇ كىشى بەك باي بولۇپ ئۈچ مىڭ قوي، بىر مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇ ئۆز قويلىرىنى كارمەلدە قىرقىۋاتاتتى. | 2 |
U Maonu živio čovjek koji je imao svoje gospodarstvo u Karmelu; bio je to vrlo bogat čovjek, imao je tri tisuće ovaca i tisuću koza. Upravo je tada strigao svoje ovce u Karmelu.
ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى نابال بولۇپ، ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىگائىل ئىدى؛ ئايالى ھەم پەم-پاراسەتلىك ھەم ئەپت-تۇرقى چىرايلىق، لېكىن ئېرى قاتتىق قول ۋە رەزىل ئىدى؛ ئۇ كالەبنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. | 3 |
Taj se čovjek zvao Nabal, a njegova žena Abigajila. Žena je bila mudra i vrlo lijepa, a čovjek surov i opak: bio je Kalebovac.
داۋۇت چۆلدە تۇرۇپ نابالنىڭ ئۆز قويلىرىنى قىرقىيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ | 4 |
David je u pustinji čuo da Nabal striže svoje ovce.
ئون ياش يىگىتنى ئۇ يەرگە ماڭدۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر كارمەلگە چىقىپ نابالنىڭ قېشىغا بېرىپ، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتىڭلار. | 5 |
Stoga posla deset momaka naloživši im: “Idite gore u Karmel, otiđite k Nabalu i pozdravite ga u moje ime.
ئۇنىڭغا: ــ «ياشىغايسەن؛ سىزگە تىنچ-ئامانلىق بولغاي، ئۆيىڭىزگە تىنچ-ئامانلىق بولغاي، ھەممە بارلىقىڭىزغا تىنچ-ئامانلىق بولغاي! | 6 |
I recite ovako mome bratu: 'Mir tebi, mir tvome domu, mir svemu što imaš!
مەن قىرقىغۇچىلارنىڭ سىزدە ئىش باشلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. سىزنىڭ پادىچىلىرىڭىز بىز تەرەپلەردە تۇرغاندا ئۇلارغا ھېچ زەخمە يەتكۈزمىدۇق؛ بىز كارمەلدە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھېچ تەرسىسى يىتىپ كەتمىدى. | 7 |
Sada, čujem, strižeš ovce. A tvoji su pastiri bili kod nas, nismo ih dirali, ništa im nije nestalo dokle god su bili u Karmelu.
ئۆز يىگىتلىرىڭىزدىن سورىسىڭىز ئۇلار سىزگە دەپ بېرىدۇ. شۇڭا بىز قۇتلۇق بىر كۈنىدە كەلدۇق، شۇڭا يىگىتلىرىمىز نەزىرىڭىزدە ئىلتىپات تاپسۇن؛ ئۆز قولىڭىزغا نېمە چىقسا شۇنى كەمىنىلىرىڭىزگە ۋە ئوغلىڭىز داۋۇتقا نېمە چىقسا شۇنى بەرگەيسىز»، دەڭلار، ــ دېدى. | 8 |
Pitaj svoje sluge i kazat će ti. Zato neka ovi momci nađu milost pred tobom, jer smo došli u svečan dan. Podaj svojim slugama i svome sinu Davidu što ti se nađe pri ruci.'”
داۋۇتنىڭ يىگىتلىرى ئۇ يەرگە بېرىپ بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا ئېيتىپ ئاندىن جىم تۇرۇپ ساقلىدى. | 9 |
Dođoše momci Davidovi i ponoviše Nabalu u Davidovo ime sve ove riječi, a onda pričekaše.
نابال داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىغا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇت دېگەن كىم؟ يەسسەنىڭ ئوغلى دېگەن كىم؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز غوجىلىرىنى تاشلاپ كېتىۋاتقان خىزمەتكارلار تولا. | 10 |
Ali Nabal odgovori Davidovim slugama ovako: “Tko je David, tko je Jišajev sin? Danas ima mnogo slugu koji su pobjegli od svojih gospodara.
مەن ئۆزۈمنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى ۋە يۇڭ قىرقۇغۇچىلىرىمغا سويغان گۆشنى كەلگەن جايى نامەلۇم بولغان كىشىلەرگە بېرەمدىم؟ ــ دېدى. | 11 |
Zar da uzmem svoj kruh, svoju vodu, svoju stoku koju sam poklao za svoje strigače pa da to poklonim ljudima o kojima ne znam ni odakle su?”
داۋۇتنىڭ يىگىتلىرى كەلگەن يولىغا يېنىپ كەتتى. يېنىپ كېلىپ ئۇلار داۋۇتقا ھەممە گەپنى دەپ بەردى. | 12 |
Davidovi se momci okrenuše i vratiše se svojim putem. Kad su se vratili, javiše sve ove riječi Davidu.
داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە: ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز قىلىچىڭلارنى ئېسىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىرى ئۆز قىلىچىنى [تاسمىسىغا] ئاستى، داۋۇتمۇ ئۆز قىلىچىنى ئاستى. ئاندىن تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن چىقتى، ۋە ئىككى يۈز كىشى جابدۇقلار بىلەن قالدى. | 13 |
A David reče svojim ljudima: “Pripašite svaki svoj mač!” I pripasaše svaki svoj mač, i David pripasa svoj, i oko četiri stotine ljudi krenu za Davidom, dok ih dvije stotine osta kod tovara.
ئەمما نابالنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئايالى ئابىگائىلغا: ــ داۋۇت ئەلچىلەرنى چۆلدىن غوجىمىزغا سالام بېرىشكە ئەۋەتكەنىكەن؛ لېكىن ئۇ ئۇلارنى تىللاپ كايىپ كەتتى. | 14 |
A ženi Nabalovoj, Abigajili, javio jedan od Nabalovih slugu ovo: “Eto, David je poslao iz pustinje glasnike da pozdrave našega gospodara, a on ih potjerao.
بۇ ئادەملەر بولسا، بىزگە كۆپ ياخشىلىق قىلغان. بىز دالادا ئۇلارنىڭ يېنىدا يۈرگەن ۋاقىتلىرىمىزدا بىزگە ھېچ يامانلىق كەلمىدى، بىزنىڭ ھېچ نەرسىمىزمۇ يىتىپ كەتمىگەنىدى. | 15 |
A ti su ljudi bili vrlo dobri prema nama: nisu nas dirali, ništa nismo izgubili dokle god smo bili u njihovoj blizini kad smo bili u polju.
بىز ئۇلارغا يېقىن جايدا قوي باققان ۋاقىتتا ئۇلار كېچە-كۈندۈز بىزگە سېپىلدەك بولغانىدى. | 16 |
Noću i danju bili su nam kao bedem u sve vrijeme dok smo bili s njima pasući stada.
ئەمدى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولدىلا، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ باققايلا. بولمىسا، غوجىمىزغا ۋە پۈتكۈل ئۆيدىكىلىرىگە بىر بالا-قازا كەلمەي قالمايدۇ. ئۇ شۇنچە كاج بىر ئادەمكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، دېدى. | 17 |
Razmisli sada i vidi što ćeš učiniti, jer je gotova pogibija našem gospodaru i svemu njegovu domu; a on je opak čovjek komu se ne može ništa kazati.”
ئابىگائىل دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، بەش پىشۇرۇلغان قوي، بەش سېئاھ قوماچ، بىر يۈز كىشمىش پوشكىلى، ئىككى يۈز ئەنجۈر پوشكىلى ئېلىپ ئېشەكلەرگە ئارتىپ | 18 |
Abigajila brzo uze dvije stotine hljebova, dva mijeha vina, pet zgotovljenih ovaca, pet mjera pržena žita, sto grozdova suhoga grožđa, dvije stotine smokovih kolača i sve to natovari na magarce.
ئۆز يىگىتلىرىگە: ــ مېنىڭ ئالدىمدا بېرىڭلار؛ مانا، مەن كەينىڭلاردىن باراي، دېدى. لېكىن ئۇ ئۆز ئېرى نابالغا بۇ ئىشنى دېمىدى. | 19 |
I zapovjedi svojim slugama: “Idite preda mnom, a ja ću za vama.” Svome mužu Nabalu nije kazala ništa.
ئۇ ئۆز ئېشىكىگە مىنىپ تاغنىڭ ئېتىكىدىن چۈشكەندە، مانا داۋۇت ئادەملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. | 20 |
Dok je, jašući na magarcu, silazila iza gorskog zavoja, David je sa svojim ljudima silazio nasuprot njoj, tako da se ona susrela s njima.
داۋۇت ئەسلىدە: ــ مەن بۇ كىشىنىڭ مېلىنى چۆلدە بىكاردىن بىكار قوغداپ، ئۇنىڭ بارلىقىدىن ھېچنېمىنى يىتتۈرگۈزمىگەنىدىم؛ لېكىن ئۇ ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا ماڭا يامانلىق قىلدى. | 21 |
A David je upravo mislio: “Uzalud sam, dakle, zaštićivao u pustinji sve što je taj čovjek imao i ništa mu nije nestalo od svega što je posjedovao! Sada mi vraća zlo za dobro!
ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن ئەتىگىچە بىرەر ئەركەكنى قالدۇرۇپ قويسام، خۇدا مەن داۋۇتنى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جازالىغاي، دېگەنىدى. | 22 |
Neka Bog učini Davidu ovo zlo i neka mu doda drugo ako Nabalu do zore od svega što ima ostavim i ono što mokri uza zid!”
ئابىگائىل داۋۇتنى كۆرۈپ، ئالدىراپ ئېشەكتىن چۈشۈپ، داۋۇتنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ تەزىم قىلدى؛ | 23 |
Kad je Abigajila ugledala Davida, brzo sjaha s magarca i pade pred Davida ničice, poklonivši se do zemlje.
ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى غوجام، بۇ قەبىھلىك ماڭا ھېسابلانسۇن؛ ئەمدى شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، دېدەكلىرىنىڭ سىلىگە سۆز قىلىشىغا ئىجازەت قىلىپ، دېدىكلىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا: ــ | 24 |
Bacivši mu se tako pred noge, reče: “Gospodaru, neka na mene padne krivica! Dopusti da službenica tvoja progovori tvojim ušima i udostoj se poslušati riječi službenice svoje!
ئۆتۈنىمەنكى، غوجام بۇ رەزىل ئادەم نابالغا پىسەنت قىلمىغايلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزى خۇددى ئىسمىغا ئوخشاشتۇر؛ ئۇنىڭ ئىسمى «كاج»، دەرۋەقە ئۇنىڭدا كاجلىق تولىمۇ ئېغىردۇر. لېكىن مەن دېدەكلىرى بولسا غوجام ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمىدىم. | 25 |
Neka moj gospodar ne gleda na toga opakog čovjeka, na Nabala, jer on s pravom nosi svoje ime: zove se Luda i ludost je s njim. A ja, službenica tvoja, nisam vidjela momaka koje je poslao moj gospodar.
ئەمدى ئى غوجام، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، پەرۋەردىگار سىلىنى ئۆز قوللىرى بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن ساقلىدى. ئەمدى دۈشمەنلىرىمۇ، سىلى غوجامغا يامانلىق قىلماقچى بولغانلارمۇ نابالغا ئوخشاش بولسۇن. | 26 |
Zato sada, gospodaru, živoga mi Jahve, i tako živ bio ti, i tako ti Jahve koji te očuvao da ne svališ na se krvnu krivicu i da ne pribaviš sebi pravdu svojom rukom: neka prođu kao Nabal tvoji neprijatelji i oni koji snuju zlo mome gospodaru!
ئەمدى دېدەكلىرى غوجامغا ئېلىپ كەلگەن بۇ سوۋغات بولسا غوجامغا ئەگەشكەن يىگىتلەرگە تەقسىم قىلىنسۇن. | 27 |
A ovaj dar, što ga evo tvoja službenica nosi svome gospodaru, neka se dade momcima koji idu za mojim gospodarom na njegovim putovima.
سىلىدىن ئۆتۈنىمەنكى، دېدەكلىرىنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرگەيلا؛ چۈنكى سىلى، ئى غوجام پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىنى قىلىپ كەلگەنلىرى ئۈچۈن، بارلىق كۈنلىرىدە سىلىدە يامانلىق تېپىلمىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار جەزمەن جەمەتلىرىنى مەزمۇت قىلىدۇ. | 28 |
Oprosti službenici svojoj njezinu krivnju! Zacijelo će Jahve osnovati trajan dom mome gospodaru, jer moj gospodar bije Jahvine bojeve i za svega tvoga života neće se naći zlo na tebi.
بىرسى قوپۇپ سىلىنى قوغلاپ جانلىرىنى ئىزدىسە، سىلى غوجامنىڭ جېنى پەرۋەردىگار خۇدالىرىنىڭ قېشىدىكى تىرىكلەر خالتىسى ئىچىدە ئورىلىپ ساقلىنىدۇ، لېكىن دۈشمەنلىرىنىڭ جانلىرىنى بولسا، ئۇ سالغۇغا سېلىپ چۆرۈپ تاشلايدۇ. | 29 |
Ako se tko digne da te progoni i da ti radi o glavi, neka život moga gospodara bude pohranjen u škrinji života kod Jahve, tvoga Boga, a život tvojih neprijatelja neka on baci kao iz praćke.
ئەمدى پەرۋەردىگار سىلى غوجام توغرىسىدا ئېيتقان بارلىق ياخشى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، سىلىنى ئىسرائىلغا باش قىلغاندا شۇنداق بولىدۇكى، | 30 |
I kad Jahve učini mome gospodaru svako dobro koje ti je obećao i kad te odredi da budeš knezom nad Izraelom,
سىلى غوجامنىڭ ناھەق قان تۆكمىگەنلىكلىرى ياكى ئۆز ئىنتىقاملىرىنى ئالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كۆڭۈللىرىگە پۇتلىكاشاڭ ياكى دەرد بولمايدۇ. ۋە پەرۋەردىگار غوجامغا نۇسرەت بەرگىنىدە سىلى ئۆز دېدەكلىرىنى ياد قىلغايلا». | 31 |
onda neka ne bude na smutnju ni na grižnju savjesti mome gospodaru da je ni za što prolio krv i da je sebi pribavio pravdu svojoj rukom. I kad Jahve učini dobro mome gospodaru, sjeti se tada službenice svoje!”
داۋۇت ئابىگائىلغا: ــ سېنى بۈگۈن مېنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئەۋەتكەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلغاي! | 32 |
David odgovori Abigajili: “Neka je blagoslovljen Jahve, Bog Izraelov, koji te danas poslao meni u susret!
ئەمدى ئەقىل-پاراسىتىڭگە بارىكاللا، ساڭىمۇ بارىكاللا! چۈنكى سەن بۈگۈن مېنى ئۆز قولۇم بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن توستۇڭ. | 33 |
Neka je blagoslovljena tvoja mudrost i blagoslovljena bila ti što si me danas zadržala da ne svalim na se krvnu krivicu i da ne pribavim sebi pravdu svojom rukom.
لېكىن مېنى ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ساقلىغان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن مېنىڭ ئالدىمغا تېزلىنىپ كەلمىگەن بولساڭ، نابالنىڭ ئادەملىرىدىن ھېچ ئەركەك ئەتىگىچە تىرىك قالماس ئىدى، دېدى. | 34 |
Ali, tako mi živog Jahve, Boga Izraelova, koji nije dopustio da ti učinim zlo: da mi nisi tako brzo izišla u susret, zaista ne bi Nabalu do jutra ostalo ni ono što uza zid mokri!”
ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرگەن نەرسىلىرىنى قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭغا: ــ تىنچ-ئامان ئۆيۈڭگە بارغىن، مانا سۆزلىرىڭگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭلۈڭنى قوبۇل قىلدىم، دېدى. | 35 |
Nato David primi iz njezine ruke što mu bijaše donijela i reče joj: “Vrati se s mirom svojoj kući. Gle, uslišao sam tvoj glas i obazreo se na tebe.”
ئابىگائىل نابالنىڭ قېشىغا كەلدى؛ مانا، ئۇ ئۆيىدە شاھانە زىياپەتتەك بىر زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. نابال كۆڭلىدە خۇشال ئىدى ۋە ئىنتايىن مەست بولۇپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئابىگائىل ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچ نېمە دېمىدى. | 36 |
Kad se Abigajila vratila k Nabalu, on je upravo imao gozbu u kući, pravu kraljevsku gozbu: Nabal bijaše veseo i sasvim pijan; zato mu ona ne reče ništa dok nije svanulo jutro.
لېكىن ئەتىسى نابال مەستلىكتىن يېشىلگەندە ئايالى ئۇنىڭغا بولغان ۋەقەلەرنى دەپ بېرىۋىدى، ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆلگەندەك بولۇپ، ئۆزى تاشتەك بولۇپ قالدى. | 37 |
A ujutro, kad se Nabal otrijeznio, pripovjedi mu njegova žena sve što se dogodilo, a njemu obamrije srce u grudima i on osta kao da se skamenio.
ۋە شۇنداق بولدىكى، تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن نابالنى پەرۋەردىگار ئۇردى ۋە ئۇ ئۆلدى. | 38 |
A desetak dana poslije toga Jahve udari Nabala te umrije.
داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ: ــ پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر. چۈنكى ئۇ مەن نابالدىن تارتقان ھاقارەت ئۈچۈن دەۋايىمنى سوراپ ئۆز قۇلىنى يامانلىقتىن ساقلىدى؛ ئەكسىچە پەرۋەردىگار نابالنىڭ يامانلىقىنى ئۆز بېشىغا ياندۇردى، دېدى. ئاندىن ئابىگائىلنى ئۆز ئەمرىمگە ئالاي دەپ، ئۇنىڭغا سۆز قىلغىلى ئەلچى ماڭدۇردى. | 39 |
Kad David ču da je umro Nabal, reče: “Neka je blagoslovljen Jahve, koji mi je ispravio nepravdu što mi je učini Nabal; i Jahve je očuvao svoga slugu da ne učini zla, a svalio je Nabalovu zloću na njegovu glavu!” Potom David posla poruku Abigajili da će je uzeti za ženu.
داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى كارمەلگە ئابىگائىلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئەمرىمگە ئالاي دەپ داۋۇت ساڭا سۆز قىلغىلى بىزنى ئەۋەتتى، دېدى. | 40 |
Davidove sluge dođoše k Abigajili u Karmel i rekoše joj: “David nas je poslao k tebi da te uzme sebi za ženu.”
ئابىگائىل بولسا قوپۇپ يۈزىنى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: ــ مانا، دېدىكىڭ غوجامنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا قۇل بولسۇن، دېدى. | 41 |
A ona ustade, pokloni se do zemlje i reče: “Evo službenice tvoje koja je spremna da bude robinja i da pere noge slugama svoga gospodara!”
ئاندىن ئابىگائىل شۇ ھامان ئۆزىگە ھەمراھ بولغان بەش چۆرىسى بىلەن ئېشەككە مىنىپ داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ ئايالى بولدى. | 42 |
Potom Abigajila brzo ustade i zajaha na magarca, a za njom pođe pet njezinih dvorkinja. Tako je otišla za Davidovim poslanicima i postala njegovom ženom.
داۋۇت يىزرەئەللىك ئاھىنوئامنى ھەم خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ئۇنىڭغا خوتۇن بولدى. | 43 |
I Ahinoamom iz Jizreela bijaše se oženio David i obje mu bjehu žene.
لېكىن سائۇل داۋۇتقا خوتۇن قىلىپ بەرگەن قىزى مىقالنى گاللىمدىكى لائىشنىڭ ئوغلى فالتىغا خوتۇنلۇققا بەرگەنىدى. | 44 |
Jer Šaul bijaše svoju kćer Mikalu, Davidovu ženu, dao Paltiju, sinu Lajiša iz Galima.