< سامۇئىل 1 24 >
سائۇل فىلىستىيلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ يانغاندا ئۇنىڭغا: ــ مانا، داۋۇت ئەن-گەدىدىكى چۆلدە تۇرۇۋېتىپتۇ، دېگەن خەۋەر بېرىلدى. | 1 |
Bangʼ ka Saulo nosea lawo jo-Filistia, nowachne niya, “Daudi nitie e Thim En Gedi.”
سائۇل ئەمدى پۈتكۈل ئىسرائىلدىن خىللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ داۋۇت بىلەن ئادەملىرىنى ئىزدىگىلى «ياۋا تېكىلەر» قورام تاشلىقىغا چىقتى. | 2 |
Omiyo Saulo nokawo ji alufu adek; ji moyier kowuok e Israel duto, eka noikore mowuok kodhi dwaro Daudi gi joge but Rogo ma Nyakech pondoe.
ئۇ يولنىڭ يېنىدىكى قوي قوتانلىرىغا كەلگەندە، شۇ يەردە بىر غار بار ئىدى. ئۇ تەرەت قىلىش ئۈچۈن غارغا كىردى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى غارنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراتتى. | 3 |
Nobiro e abila mar rombe man but yo; to kanyo ne nitie rogo, to Saulo nodonjo e rogono mondo olosre. Daudi gi joge bende ne osedonjo ei rogono.
داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا: ــ ئۆز دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا بېرىمەن، نېمە ساڭا لايىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دېگەن كۈنى دەل مۇشۇ كۈن ئىكەن، دېدى. داۋۇت قوپۇپ سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇيدۇرماي كېسىۋالدى. | 4 |
Jogo nowacho niya, “Ma e odiechiengʼ ma Jehova Nyasaye nowuoyo kuome kowacho ni, ‘Abiro keto jowasiki e lweti mondo itimne kaka idwaro!’” Eka Daudi nosudo lingʼ-lingʼ mongʼado riak law Saulo.
لېكىن سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى كەسكىنى ئۈچۈن داۋۇت كۆڭلىدە قاتتىق ئەپسۇسلاندى. | 5 |
Bangʼe chuny Daudi nochandore nikech nosengʼado riak law Saulo.
ئۇ ئۆز ئادەملىرىگە: ــ پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغان غوجامغا بۇنداق قولۇمنى ئۇزارتىشتىن ساقلىسۇن، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىدۇر، دېدى. | 6 |
Nowachone joge niya, “Jehova Nyasaye ok oyie mondo atim gima kamano ni ruodha, ngʼat Jehova Nyasaye mowir, kata tingʼo lweta mondo ahinye; nikech en ngʼat mowir ma Jehova Nyasaye oyiero.”
شۇ سۆز بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرىنى توسۇپ سائۇلغا چېقىلغىلى قويمىدى. سائۇل بولسا قوپۇپ غاردىن چىقىپ ئۆز يولىغا كەتتى. | 7 |
Kamano Daudi nokwero joge kendo ne ok oyienegi mondo gitug dhawo gi Saulo. Omiyo Saulo nowuok e rogo modhi e yore.
ئاندىن داۋۇتمۇ تۇرۇپ غاردىن چىقىپ سائۇلنىڭ كەينىدىن: ــ ئى غوجام پادىشاھ! ــ دەپ چاقىردى. سائۇل كەينىگە قاراۋىدى، داۋۇت ئېگىلىپ يۈزىنى يەرگە ياققان ھالدا تەزىم قىلدى. | 8 |
Eka Daudi nowuok oko mar rogo mi oluongo Saulo, “Ruodha ma ruoth!” Kane Saulo ongʼiyo chien, Daudi nokulore piny monindo auma ka wangʼe ochiko piny.
داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى: ــ «مانا، داۋۇت سېنى قەستلەشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتىدۇ، دەيدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزىگە نېمىشقا قۇلاق سالىلا؟ | 9 |
Nowachone Saulo niya, “Angʼo momiyo ichiko iti ka ji wachoni ni, ‘Daudi dwaro hinyi’?
مانا بۈگۈن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردىلىكى، پەرۋەردىگار بۈگۈن غاردا سىلىنى ئۆز قولۇمغا بەرگەنىدى. بەزىلەر ماڭا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى؛ لېكىن مەن سىلىنى ئاياپ: ــ غوجامغا قولۇمنى ئۇزارتمايمەن، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىدۇر، دېدىم. | 10 |
Kawuononi iseneno gi wangʼi kaka Jehova Nyasaye ne oketi e lweta ei rogo. Jomoko ne owachona ni anegi, to ne aweyi; mi awacho ni, ‘Ok natingʼ lweta mar hinyo ruodha nikech en ngʼat Jehova Nyasaye mowir.’
قارىسىلا، ئى ئاتا، قولۇمدىكى تونلىرىنىڭ پېشىگە. سىلىنى ئۆلتۈرمەي تونلىرىنىڭ پېشىنى كەسكەنلىكىمدىن شۇنى بىلسىلەكى، كۆڭلۈمدە سىلىگە يا يامانلىق يا ئاسىيلىق يوق، سىلىگە گۇناھ قىلغىنىم يوق، لېكىن سىلى جېنىمنى ئالغىلى پايلىماقتىلا. | 11 |
Ne, wuora, ngʼi ine riak lawi ma an-go e lweta! Ne angʼade e riak lawi to ne ok anegi. Sani koro inyalo neno kendo fwenyo ni aonge gi paro mar timoni marach kata ngʼanyoni. Pok akethoni to in to ilawa mondo inega.
پەرۋەردىگار مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم قىلسۇن، مېنىڭ ھېسابىمنى سىلىدىن پەرۋەردىگار ئالسۇن؛ لېكىن مېنىڭ قولۇم سىلىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. | 12 |
Mad Jehova Nyasaye ngʼad bura e kinda kodi. Mad Jehova Nyasaye chul kuor kuom gik maricho misetimona, an to lweta ok nomuli.
كونىلار: ــ «رەزىللىك رەزىللەردىن چىقىدۇ» دەپ ئېيتقانىكەن، لېكىن ئۆز قولۇم سىلىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. | 13 |
Mana kaka ngero machon wacho ni, ‘Joma timo timbe maricho ema timbe maricho wuok kuomgi’ omiyo ok abi keto lweta kuomi.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى كىمنى تۇتقىلى چىقتى؟ كىمنى قوغلاپ يۈرىدۇ؟ بىر ئۆلۈك ئىتنى، خالاس! يالغۇز بىر بۈرگىنى، خالاس! | 14 |
“En ngʼama ruodh Israel dwaro mondo onegi? Ilawo ngʼa? Guok motho koso kikun?
پەرۋەردىگار سوراقچى بولۇپ مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ئۇ ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، دەۋايىمنى سوراپ مېنى سىلىنىڭ قوللىرىدىن خالاس قىلىپ، ئادالەت يۈرگۈرگەي!» ــ دېدى. | 15 |
Mad Jehova Nyasaye bed jangʼad buchwa mondo opog wach e kindwa. Mad onon wach makare kendo otingʼa malo; mad ochwaka kendo oresa e lweti.”
داۋۇت سائۇلغا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا سائۇل: ــ بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئى ئوغلۇم داۋۇت؟ ــ دېدى. ئاندىن سائۇل يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلاپ كەتتى. | 16 |
Kane Daudi otieko wuoyo, Saulo nopenjo niya, “Mano en dwondi Daudi wuoda?” Eka noywak matek.
ئۇ داۋۇتقا: ــ «سەن مەندىن ئادىلسەن، چۈنكى سەن ماڭا ياخشىلىق قايتۇردۇڭ، لېكىن مەن ساڭا يامانلىق قايتۇردۇم. | 17 |
Eka nowachone Daudi niya, “In ngʼama kare maloya. Isetimona maber, an to asetimoni marach.
سەن بۈگۈن ماڭا ياخشىلىق قىلغانلىقىڭنى ئوبدان كۆرسىتىپ بەردىڭ؛ پەرۋەردىگار مېنى قولۇڭغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، سەن مېنى ئۆلتۈرمىدىڭ. | 18 |
Koroni eka isewachona tim maber misetimona; Jehova Nyasaye noketa e lweti to ne ok inega.
بىرسى ئۆز دۈشمىنىنى تاپسا، ئۇنى ئامان-ئېسەن كەتكىلى قويامدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ ماڭا بۈگۈن قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي. | 19 |
Ka ngʼato onwangʼo jasike, bende oweye odhi ma ok ohinye? Mad Jehova Nyasaye chuli mathoth kuom gima itimona kawuononi.
ئەمدى مانا، شۇنى بىلدىمكى، سەن جەزمەن پادىشاھ بولىسەن، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقى سېنىڭ قولۇڭدا تىكلىنىدۇ. | 20 |
Angʼeyo ni adieri ibiro bet ruoth kendo pinyruodh Israel nodhi nyime maber e bwo lochni.
لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار بىلەن ماڭا قەسەم قىلغىنكى، مەندىن كېيىن مېنىڭ نەسلىمنى يوقاتماي، نامىمنى ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرمىگەيسەن»، دېدى. | 21 |
Koro singrina gi nying Jehova Nyasaye ni ok ningʼad nyikwaya kata rucho nyinga oko e od wuora.”
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلغا قەسەم قىلدى. سائۇل ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى؛ داۋۇت ئادەملىرى بىلەن قورغان-قىياغا چىقىپ شۇ يەردە تۇردى. | 22 |
Omiyo Daudi nosingore ne Saulo. Eka Saulo nodok dala, to Daudi gi joge nodhi e kargi mar pondo.