< سامۇئىل 1 23 >
بىرسى داۋۇتقا خەۋەر بېرىپ: ــ مانا فىلىستىيلەر كېئىلاھغا ھۇجۇم قىلىپ خامانلارنى بۇلاپ-تالىماقتا، دېدى. | 1 |
有人告訴達味說:「看,培肋舍特人在攻打刻依拉,搶劫禾場」。
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: ــ مەن بېرىپ بۇ فىلىستىيلەرگە زەربە بېرىمەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار داۋۇتقا: ــ بېرىپ فىلىستىيلەرگە زەربە بېرىپ كېئىلاھنى ئازاد قىلغىن، دېدى. | 2 |
達味就求問上主說:「我是否該去攻打這些培肋舍特人﹖」上主回答達味說:「去攻打培肋舍特人,解救刻依拉! 」
لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپمۇ قورقىۋاتقان يەردە، كېئىلاھغا بېرىپ فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلساق قانداق بولار؟ ــ دېدى. | 3 |
隨從達味的人對他說:「看,我們在猶大這裏,已惴惴不安;如果到刻依拉去攻打培肋舍特軍隊,更將如何﹖」
شۇڭا داۋۇت يەنە بىر قېتىم پەرۋەردىگاردىن سورىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كېئىلاھغا بارغىن؛ چۈنكى مەن فىلىستىيلەرنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، دېدى. | 4 |
達味又求問了上主,上主回答他說:「動身下到刻依拉去,因為已將培肋舍特人交在你手中了! 」
بۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن كېئىلاھغا بېرىپ فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشۇپ، ماللىرىنى ئولجا قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق قىردى. داۋۇت شۇنداق قىلىپ كېئىلاھدا تۇرۇۋاتقانلارنى قۇتقۇزدى. | 5 |
達味就和跟隨他的人到刻依拉,攻打培肋舍特人,奪得了他們的牲口,打得他們慘敗,營救了刻依拉的居民。
ئەمدى ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئابىياتار كېئىلاھغا قېچىپ كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ قولىدا ئەفود بار ئىدى. | 6 |
那時阿希默肋客的兒子厄貝雅塔爾逃到達味那裏,也下到了刻依拉,手中拿著「厄弗得」
بىرسى سائۇلغا، داۋۇت كېئىلاھغا كەپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. سائۇل: ــ ئەمدى خۇدا ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاشلاپ تاپشۇردى. چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرى ۋە تاقاقلىرى بار شەھەرگە كىرگەچكە سولۇنۇپ قالدى، دېدى. | 7 |
有人報告撒烏耳說:「達味到了刻依拉」。撒烏耳便說:「天主真將他交在我手中了,因為他將自己封鎖在一座有門有閂的城裏」。
ئەمدى سائۇل داۋۇت بىلەن ئادەملىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۈچۈن ھەممە خەلقنى كېئىلاھغا بېرىپ جەڭ قىلىشقا چاقىردى. | 8 |
撒烏耳就調集了人民出征,下到刻依拉,要包圍達味和他的部隊。
داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئابىياتار كاھىنغا: ــ ئەفودنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. | 9 |
達味一知道撒烏耳要陷害他,就給厄貝雅塔爾說:「拿「厄弗得」來! 」
ئاندىن داۋۇت: ــ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، مەنكى سېنىڭ قۇلۇڭ سائۇلنىڭ بۇ شەھەرنى مېنىڭ سەۋەبىمدىن خاراب قىلىش ئۈچۈن كېئىلاھغا كېلىشكە قەستلەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدى. | 10 |
然後達味說:「上主,以色列的天主! 你僕人聽說撒烏耳正在籌劃到刻依拉來,為了我的緣故,要毀滅這座城。
كېئىلاھدىكىلەر مېنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرەرمۇ؟ سائۇل ئۆز بەندەڭ ئاڭلىغاندەك بۇ يەرگە كېلەرمۇ؟ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ئۆز بەندەڭگە بىلدۈرگەيسەن، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۇ بۇ يەرگە كېلىدۇ، دېدى. | 11 |
刻依拉居民會將我交在他們手中嗎﹖撒烏耳是否會像你僕人所聽到的下來﹖請上主,以色列的天主,通知你的僕人! 」上主回答說:「他要下來! 」
داۋۇت يەنە: ــ كېئىلاھتىكىلەر مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرەرمۇ، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۇلار سىلەرنى تۇتۇپ بېرىدۇ، دېدى. | 12 |
達味又問說:「刻依拉的居民,會把我和隨從我的的人,交在撒烏耳手中嗎﹖」上主答說:「他們會把你們交出」。
ئەمدى داۋۇت ئادەملىرى بىلەن (تەخمىنەن ئالتە يۈزچە) ئورنىدىن تۇرۇپ كېئىلاھدىن چىقىپ، ئۆزلىرى بارالايدىغان تەرەپكە قاراپ كەتتى. سائۇلغا، داۋۇت كېئىلاھتىن قېچىپتۇ دەپ خەۋەر بېرىلگەندە ئۇ ئۇنى قوغلاشقا چىقمىدى. | 13 |
達味就動身率領士兵,約有六百人,離開了刻依拉,到處漂流。有人告訴撒烏耳說:「達味從刻依拉逃走了」。撒烏耳遂停止出動。
داۋۇت بولسا چۆلدىكى قورغان-قىيالاردا ھەمدە زىف چۆلىنىڭ تاغلىرىدا تۇردى. سائۇل ئۇنى ھەر كۈنى ئىزدەيتتى؛ لېكىن خۇدا ئۇنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرمىدى. | 14 |
達味住在曠野的深山裏,有時住在齊弗曠野的山中。撒烏耳每日找他,天主沒有將達味交在他手中。
ئەمدى داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرگىلى چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. شۇ چاغدا ئۇ زىف چۆلىدىكى بىر ئورمانلىقتا تۇراتتى. | 15 |
達味很是害怕,因為撒烏耳出來,不斷搜索他,當時達味住在齊弗曠野的曷勒士。
سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بولسا ئورمانلىققا چىقىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى خۇدا ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈپ ئۇنىڭغا: ــ | 16 |
撒烏耳的兒子約納堂動身,到了曷勒士,去見達味,他以天主的名鼓勵達味說:
قورقمىغىن؛ چۈنكى ئاتام سائۇلنىڭ قولى سېنى تاپالمايدۇ. سەن بەلكى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولىسەن، مەن بولسام سېنىڭ ۋەزىرىڭ بولىمەن، بۇنى ئاتام سائۇلمۇ بىلىدۇ، دېدى. | 17 |
「不必害怕! 我父撒烏耳的手決拿不住你! 你必要作以色列王,我要在你以下居第二位,連我父撒烏耳也知道這事」。
ئاندىن ئۇلار ئىككىيلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەھدە قىلىشتى؛ داۋۇت بولسا، ئورمانلىقتا تۇرۇپ قالدى، يوناتان ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى. | 18 |
他們二人在上主面前訂了盟約。以後達味仍留在曷勒士,約納堂回了家。
شۇنىڭدىن كېيىن زىفتىكىلەر گىبېئاھتا تۇرۇۋاتقان سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ مانا، داۋۇت خاقىلاھنىڭ ئېگىزلىكىدىكى يەشىموننىڭ جەنۇبى تەرىپىگە جايلاشقان ئورمانلىقتىكى قورغانلاردا يوشۇرۇنىۋالدى، بىلمەمدىلا؟ | 19 |
有些齊弗人上了基貝亞見撒烏耳,說:「達味不是在我們當中,在曷勒士隱藏著嗎﹖
شۇڭا، ئى پادىشاھ، قاچان كۆڭۈللىرى تارتسا شۇ چاغدا كەلسىلە؛ بىزنىڭ بۇرچىمىز ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرىشتۇر، دېدى. | 20 |
大王! 現在你隨意下到我們這裏,我們必將他交在大王手中」。
سائۇل: ماڭا ئىچ ئاغرىتقىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي. | 21 |
撒烏耳答說:「望上主祝福你們,因為你們同情了我。
ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بېرىپ زادى قايسى يەردە تۇرىدىغىنىنى جەزملەشتۈرۈڭلار، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېنىقلاپ، ۋە كىمنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىنى بىلىپ كېلىڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر ئېيتىشىچە ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر ئىكەن، دېدى. | 22 |
你們再去查看清楚,看他的腳步急速往哪裏去,因為有人給我說,他非常狡滑。
شۇڭا بېرىپ، ئۇنىڭ يوشۇرۇنغان بارلىق مەخپىي جايلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ كېلىڭلار، يېنىمغا يېنىپ كېلىپ ماڭا ئەينىنى ئېيتىڭلار. ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بارىمەن؛ ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇ زېمىندا بولسىلا، مەن يەھۇدىيلارنىڭ مىڭلىغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەپ تاپىمەن، دېدى. | 23 |
所以你們去觀察清楚,他藏身的一切地方,確定後,回來見我,我必同一起去,只要他在這地方,我必在猶大各鄉村中搜捕他」。
ئۇلار قوپۇپ سائۇلدىن ئىلگىرى زىفقا باردى؛ لېكىن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن مائون چۆللۈكىدىكى يەشىموننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتاتتى. | 24 |
他們就在撒烏耳以先動身往齊弗去了;達味和他的人那時住在瑪紅曠野,即在曠野南方的荒野原中。
سائۇل ئادەملىرى بىلەن داۋۇتنى ئىزدەپ باردى. كىشىلەر بۇ خەۋەرنى داۋۇتقا ئېيتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۈشۈپ، قىياغا بېرىپ مائون چۆلىدە تۇردى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ داۋۇتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ مائوننىڭ چۆلىگە چىقتى. | 25 |
撒烏耳率領士兵去尋找達味。有人將這事告訴了達味,他就下到轟立瑪紅曠野的山崖間;撒烏耳一聽說,便到瑪紅曠野去追趕達味。
سائۇل تاغنىڭ بۇ تەرىپىدە ماڭدى، ئەمما داۋۇت ئادەملىرى بىلەن تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە ماڭدى. داۋۇت سائۇلدىن قېچىش ئۈچۈن ئالدىرىۋاتقانىدى؛ لېكىن سائۇل ئادەملىرى بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تۇتىمىز دەپ ئۇلارنى قورشىغىلى تۇردى. | 26 |
撒烏耳帶領士兵走在山這面,達味帶領他的士兵走在山那邊;達味正在急速逃避撒烏耳時,撒烏耳率領著他的士兵追蹤達味和他的士兵,幾乎要把他們捉住,
ئەمما بىر خەۋەرچى سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ فىلىستىيلەر زېمىنىمىزنىڭ جەنۇب تەرىپىگە كىرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتىدۇ، تېزدىن قايتسىلا، دېدى. | 27 |
就在這時,有一個使者來見撒烏耳說:「快回去,因為培肋舍特已侵入邊境! 」
شۇنىڭ بىلەن سائۇل يېنىپ داۋۇتنى قوغلاشتىن توختاپ فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشقىلى چىقتى. شۇڭا ئۇ يەر سېلا-خامماھلېكوت دەپ ئاتالدى. | 28 |
撒烏耳遂立即收兵,不再追趕達味,而去迎擊培肋舍特人;因此,人給那地方起名叫「隔離岩」。
داۋۇت بولسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئەن-گەدىنىڭ تاغ-قورغانلىقىدا تۇردى. | 29 |
達味為那裏上去,住在恩革狄的山寨中。