< سامۇئىل 1 22 >

داۋۇت ئۇ يەردىن كېتىپ ئادۇللامدىكى غارغا قاچتى. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتى بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ قېشىغا باردى. 1
Dawut u yerdin kétip Adullamdiki ghargha qachti. Uning qérindashliri bilen atisining pütkül jemeti buni anglap uning qéshigha bardi.
ئېزىلگەن، قەرزدار بولغان ۋە دەردمەنلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ سەردارى بولدى. ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئادەملەر بولسا تۆت يۈزچە ئىدى. 2
Ézilgen, qerzdar bolghan we derdmenlerning hemmisi yighilip uning yénigha keldi we u ularning serdari boldi. Uninggha qoshulghan ademler bolsa töt yüzche idi.
داۋۇت ئۇ يەردىن چىقىپ موئابدىكى مىزپاھقا بېرىپ موئابنىڭ پادىشاھىدىن: ــ خۇدانىڭ مېنى نېمە قىلىدىغىنىنى بىلگۈچە، ئاتا-ئانامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئاراڭلاردا تۇرۇشىغا يول قويغايلا، دەپ تەلەپ قىلدى. 3
Dawut u yerdin chiqip Moabdiki Mizpahqa bérip Moabning padishahidin: — Xudaning méni néme qilidighinini bilgüche, ata-anamning bu yerge kélip aranglarda turushigha yol qoyghayla, dep telep qildi.
داۋۇت ئاتىسى ۋە ئانىسىنى موئابنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. داۋۇت قورغاندا تۇرغان پۈتكۈل كۈنلەردە ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردى. 4
Dawut atisi we anisini Moabning padishahining qéshigha élip keldi. Dawut qorghanda turghan pütkül künlerde ata-anisi uning bilen bille turdi.
ئەمما گاد پەيغەمبەر داۋۇتقا: ــ قورغاندا تۇرماي، بۇ يەردىن چىقىپ، يەھۇدا زېمىنىغا بارغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ھەرەت ئورمانلىقىغا باردى. 5
Emma Gad peyghember Dawutqa: — Qorghanda turmay, bu yerdin chiqip, Yehuda zéminigha barghin, dédi. Shuning bilen Dawut u yerdin ayrilip, Heret ormanliqigha bardi.
سائۇل داۋۇتنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. سائۇل بۇ ۋاقىتتا راماھدىكى گىبېئاھدا ئېگىز بىر جايدا يۇلغۇن دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قولىدا نەيزىسى بار ئىدى، بارلىق خىزمەتكارلىرى چۆرىسىدە تۇراتتى. 6
Saul Dawutning nede turuwatqanliqidin xewer tapti. Saul bu waqitta Ramahdiki Gibéahda égiz bir jayda yulghun derixining tüwide olturatti. Uning qolida neyzisi bar idi, barliq xizmetkarliri chöriside turatti.
سائۇل چۆرىسىدە تۇرغان خىزمەتكارلىرىغا: ــ ئى بىنيامىنلىقلار، قۇلاق سېلىڭلار! يەسسەنىڭ ئوغلى ھەر بىرىڭلارغا ئېتىزلار بىلەن ئۈزۈمزارلارنى تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ ھەممىڭلارنى مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشى قىلامدۇ؟ 7
Saul chöriside turghan xizmetkarlirigha: — I Binyaminliqlar, qulaq sélinglar! Yessening oghli her biringlargha étizlar bilen üzümzarlarni teqsim qilip béremdu? Hemminglarni ming béshi we yüz béshi qilamdu?
سىلەر ھەممىڭلار ماڭا قەست قىلدىڭلار، ئۆز ئوغلۇمنىڭ يەسسەنىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە قىلىشقىنىنى ھېچكىم ماڭا ئۇقتۇرمىدى. ھېچ قايسىڭلار ماڭا ئىچ ئاغرىتمىدىڭلار ياكى ئۆز ئوغلۇمنىڭ مېنىڭ خىزمەتكارىمنى ماڭا يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىشقا قۇتراتقىنىدىن ماڭا خەۋەر بەرمىدىڭلار، دېدى. 8
Siler hemminglar manga qest qildinglar, öz oghlumning Yessening oghli bilen ehde qilishqinini héchkim manga uqturmidi. Héch qaysinglar manga ich aghritmidinglar yaki öz oghlumning méning xizmetkarimni manga yoshurun hujum qilishqa qutratqinidin manga xewer bermidinglar, dédi.
ئاندىن سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان دوئەگ: ــ «مەن يەسسەنىڭ ئوغلىنىڭ نوبقا ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ قېشىغا كەلگىنىنى كۆردۈم، 9
Andin Saulning xizmetkarlirining ichige kiriwalghan Doeg: — «Men Yessening oghlining Nobqa Axitubning oghli Aximelekning qéshigha kelginini kördüm,
ــ ئاخىمەلەك ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى ۋە ئۇنىڭغا ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن فىلىستىي گولىئاتنىڭ قىلىچىنى بەردى» ــ دېدى. 10
— Aximelek uning üchün Perwerdigardin yol soridi we uninggha ozuq-tülük bilen Filistiy Goliatning qilichini berdi» — dédi.
پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى كاھىن ئاخىمەلەكنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى، يەنى نوبدىكى كاھىنلارنىمۇ چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى. 11
Padishah adem ewetip Axitubning oghli kahin Aximelekni, shundaqla uning atisining pütkül jemetini, yeni Nobdiki kahinlarnimu chaqirtip keldi. Ularning hemmisi padishahning qéshigha keldi.
سائۇل: ــ ئى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاڭلىغىن، دېدى. ئۇ: ــ ئى غوجام، مانا مەن، دېدى. 12
Saul: — I Axitubning oghli anglighin, dédi. U: — I ghojam, mana men, dédi.
سائۇل ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا سىلەر، سەن بىلەن يەسسەنىڭ ئوغلى، ماڭا قەست قىلىسىلەر؟ سەن ئۇنىڭغا نان ۋە قىلىچ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن يول سورىدىڭغۇ؟ مانا ئەمدى ئۇ بۈگۈنكىدەك ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ پايلاپ يۈرمەكتە! ــ دېدى. 13
Saul uninggha: — Némishqa siler, sen bilen Yessening oghli, manga qest qilisiler? Sen uninggha nan we qilich bérip, uning üchün Xudadin yol soridingghu? Mana emdi u bügünkidek manga hujum qilmaqchi bolup paylap yürmekte! — dédi.
ئاخىمەلەك پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلىنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا داۋۇتدەك سادىق كىم بار؟ ئۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى، سىلىنىڭ مەخپىي مەسلىھەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى ۋە ئوردىلىرى ئىچىدە ئىززەتلىك ئەمەسمىدى؟ 14
Aximelek padishahqa jawab bérip: — Silining barliq xizmetkarlirining arisida Dawutdek sadiq kim bar? U padishahning küy’oghli, silining mexpiy meslihetlirige ishtirak qilghuchi we ordiliri ichide izzetlik emesmidi?
مەن پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن يول سوراشنى بۈگۈنلا باشلىدىممۇ؟ [ئاسىيلىق] قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن! پادىشاھ ئۆز قۇلىنى ۋە ئاتامنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئەيىبكە بۇيرۇمىغايلا، چۈنكى قۇللىرىنىڭ بۇ ئىشتىن قىلچە خەۋىرى يوق، دېدى. 15
Men peqet uning üchün Xudadin yol sorashni bügünla bashlidimmu? [Asiyliq] qilish mendin néri bolsun! Padishah öz qulini we atamning pütkül jemetini eyibke buyrumighayla, chünki qullirining bu ishtin qilche xewiri yoq, dédi.
لېكىن پادىشاھ: ــ ئى ئاخىمەلەك، سەن ئۆلىسەن، سەن ۋە ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتى چوقۇم ئۆلىسىلەر، دېدى. 16
Lékin padishah: — I Aximelek, sen ölisen, sen we atangning pütkül jemeti choqum ölisiler, dédi.
پادىشاھ ئۆز چۆرىسىدىكى چاپارمەنلىرىگە: ــ ماڭ، پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار! چۈنكى ئۇلار ھەم داۋۇتقا ھەمدەم بولدى ھەم ئۇنىڭ قاچقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ماڭا خەۋەر بەرمىدى، دېدى. لېكىن پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە قول كۆتۈرگىلى ئۇنىمىدى. 17
Padishah öz chörisidiki chaparmenlirige: — Mang, Perwerdigarning kahinlirini öltürünglar! Chünki ular hem Dawutqa hemdem boldi hem uning qachqinini bilip turup manga xewer bermidi, dédi. Lékin padishahning qol astidikiliri Perwerdigarning kahinlirini öltürüshke qol kötürgili unimidi.
ئەمدى پادىشاھ دوئەگكە: ــ سەن بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى. ئېدوملۇق دوئەگ بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈردى؛ بۇ كۈنى ئۇ كاناپتىن توقۇلغان ئەفود كىيگەن سەكسەن بەش ئادەمنى ئۆلتۈردى. 18
Emdi padishah Doegke: — Sen bérip kahinlarni öltürüwetkin, dédi. Édomluq Doeg bérip kahinlarni öltürdi; bu küni u kanaptin toqulghan efod kiygen seksen besh ademni öltürdi.
ئاندىن ئۇ كاھىنلارنىڭ شەھىرى نوبدا ئولتۇرغۇچىلارنى قىردى، يەنى ئەر ۋە ئاياللار، بالىلار ۋە بوۋاقلار، كالا، ئېشەك، قويلار ــ ھەممىسىنى قىلىچلىدى. 19
Andin u kahinlarning shehiri Nobda olturghuchilarni qirdi, yeni er we ayallar, balilar we bowaqlar, kala, éshek, qoylar — hemmisini qilichlidi.
ئەمما ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ ئابىياتار دېگەن بىر ئوغلى قۇتۇلۇپ داۋۇتنىڭ قېشىغا قېچىپ كەلدى. 20
Emma Axitubning oghli Aximelekning Abiyatar dégen bir oghli qutulup Dawutning qéshigha qéchip keldi.
ئابىياتار داۋۇتقا سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈردى، دەپ خەۋەر بەردى. 21
Abiyatar Dawutqa Saul Perwerdigarning kahinlirini öltürdi, dep xewer berdi.
داۋۇت ئابىياتارغا: ــ ئۇ كۈنى دوئەگنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ جەزمەن سائۇلغا خەۋەر بېرىدىغىنىنى بىلگەنىدىم. مەن ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە زامىن بولدۇم، دېدى. 22
Dawut Abiyatargha: — U küni Doegning u yerde ikenlikini körüp, uning jezmen Saulgha xewer béridighinini bilgenidim. Men atangning pütkül jemetining öltürülüshige zamin boldum, dédi.
مەن بىلەن بىللە تۇرغىن، ھېچ قورقمىغىن. چۈنكى مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار سېنىڭ جېنىڭنىمۇ ھەم ئالماقچى. مېنىڭ قېشىمدا بىخەتەر تۇرىسەن، دېدى. 23
Men bilen bille turghin, héch qorqmighin. Chünki méning jénimni almaqchi bolghanlar séning jéningnimu hem almaqchi. Méning qéshimda bixeter turisen, dédi.

< سامۇئىل 1 22 >