< سامۇئىل 1 22 >
داۋۇت ئۇ يەردىن كېتىپ ئادۇللامدىكى غارغا قاچتى. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتى بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ قېشىغا باردى. | 1 |
І пішов Давид звідти, і втік до печери Адулла́м. А брати його та ввесь дім батька його почули про це, та й посхо́дилися до нього туди.
ئېزىلگەن، قەرزدار بولغان ۋە دەردمەنلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ سەردارى بولدى. ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئادەملەر بولسا تۆت يۈزچە ئىدى. | 2 |
І позбиралися до нього кожен пригно́блений, і кожен, хто був задо́вжений, і кожен огі́рчений в душі, — і він став над ними провіднико́м. І було їх із ним близько чотирьох сотень люда.
داۋۇت ئۇ يەردىن چىقىپ موئابدىكى مىزپاھقا بېرىپ موئابنىڭ پادىشاھىدىن: ــ خۇدانىڭ مېنى نېمە قىلىدىغىنىنى بىلگۈچە، ئاتا-ئانامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئاراڭلاردا تۇرۇشىغا يول قويغايلا، دەپ تەلەپ قىلدى. | 3 |
І пішов Давид ізвідти до Моавської Міцпи́, та й сказав до моавського царя: „Нехай при́йде батько мій та мати моя, і будуть із вами, аж поки я бу́ду знати, що́ зро́бить мені Бог“.
داۋۇت ئاتىسى ۋە ئانىسىنى موئابنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. داۋۇت قورغاندا تۇرغان پۈتكۈل كۈنلەردە ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇردى. | 4 |
І він привів їх до моавського царя, і вони осілися з ним на всі дні Давидового перебува́ння в тверди́ні.
ئەمما گاد پەيغەمبەر داۋۇتقا: ــ قورغاندا تۇرماي، بۇ يەردىن چىقىپ، يەھۇدا زېمىنىغا بارغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ھەرەت ئورمانلىقىغا باردى. | 5 |
А пророк Ґад сказав до Давида: „Ти не бу́деш сидіти в тверди́ні, — іди, і пере́йдеш собі до Юдиного кра́ю!“І пішов Давид, і прийшов до лісу Херет.
سائۇل داۋۇتنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. سائۇل بۇ ۋاقىتتا راماھدىكى گىبېئاھدا ئېگىز بىر جايدا يۇلغۇن دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قولىدا نەيزىسى بار ئىدى، بارلىق خىزمەتكارلىرى چۆرىسىدە تۇراتتى. | 6 |
І почув Саул, що пі́знаний Давид та люди, хто з ним. А Саул сидів у Ґів'ї під тамариском на узгір'ї, а спис його був у руці його, і всі його раби стояли прн ньому.
سائۇل چۆرىسىدە تۇرغان خىزمەتكارلىرىغا: ــ ئى بىنيامىنلىقلار، قۇلاق سېلىڭلار! يەسسەنىڭ ئوغلى ھەر بىرىڭلارغا ئېتىزلار بىلەن ئۈزۈمزارلارنى تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ ھەممىڭلارنى مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشى قىلامدۇ؟ | 7 |
І сказав Саул до слуг своїх, що стояли при ньому: „Послухайте, веніями́нівці! Чи вже ж Єссе́їв син дасть усім вам поля́ та виноградники? Чи вже ж настано́вить усіх вас тисячниками та сотниками,
سىلەر ھەممىڭلار ماڭا قەست قىلدىڭلار، ئۆز ئوغلۇمنىڭ يەسسەنىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە قىلىشقىنىنى ھېچكىم ماڭا ئۇقتۇرمىدى. ھېچ قايسىڭلار ماڭا ئىچ ئاغرىتمىدىڭلار ياكى ئۆز ئوغلۇمنىڭ مېنىڭ خىزمەتكارىمنى ماڭا يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىشقا قۇتراتقىنىدىن ماڭا خەۋەر بەرمىدىڭلار، دېدى. | 8 |
що всі ви змовилися на мене, і не доне́сли до вуха мого, що син мій склав умову з Єссе́євим сином, і ніхто з вас не змилосе́рдився надо мною, і не відкрив мені, що син мій поставив мого раба чатува́ти на мене, і те діється і цього дня?“
ئاندىن سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان دوئەگ: ــ «مەن يەسسەنىڭ ئوغلىنىڭ نوبقا ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ قېشىغا كەلگىنىنى كۆردۈم، | 9 |
І відповів ідуме́янин Доеґ, — а він стояв при Саулових слу́гах, — і сказав: „Я бачив Єссе́євого сина, що прихо́див до Но́ва, до Ахімеле́ха, Ахітувового сина,
ــ ئاخىمەلەك ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى ۋە ئۇنىڭغا ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن فىلىستىي گولىئاتنىڭ قىلىچىنى بەردى» ــ دېدى. | 10 |
і він питав для нього Господа, і дав йому поживи на дорогу, і дав йому меча́ филисти́млянина Ґолія́та“.
پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى كاھىن ئاخىمەلەكنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى، يەنى نوبدىكى كاھىنلارنىمۇ چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى. | 11 |
І послав цар покликати священика Ахімеле́ха, сина Ахітувового, та ввесь дім його батька, священиків, що в Нові. І всі вони прибули́ до царя.
سائۇل: ــ ئى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاڭلىغىن، دېدى. ئۇ: ــ ئى غوجام، مانا مەن، دېدى. | 12 |
А Саул сказав: „Слухай но, сину Ахітувів!“А той відказав: „Ось я, мій пане!“
سائۇل ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا سىلەر، سەن بىلەن يەسسەنىڭ ئوغلى، ماڭا قەست قىلىسىلەر؟ سەن ئۇنىڭغا نان ۋە قىلىچ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن يول سورىدىڭغۇ؟ مانا ئەمدى ئۇ بۈگۈنكىدەك ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ پايلاپ يۈرمەكتە! ــ دېدى. | 13 |
І сказав до нього Саул: „На́що ви змо́вилися на мене, ти та Єссеїв син, коли ти дав йому хліба та меча, і питав для нього Бога, щоб повстав він на мене й чига́в, як цього дня?“
ئاخىمەلەك پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلىنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا داۋۇتدەك سادىق كىم بار؟ ئۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى، سىلىنىڭ مەخپىي مەسلىھەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى ۋە ئوردىلىرى ئىچىدە ئىززەتلىك ئەمەسمىدى؟ | 14 |
І відповів Ахімеле́х цареві та й сказав: „А хто серед усіх рабів твоїх вірний, як Давид, царів зять, і має при́ступ до тайної ради, і шанований у твоєму домі?
مەن پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن يول سوراشنى بۈگۈنلا باشلىدىممۇ؟ [ئاسىيلىق] قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن! پادىشاھ ئۆز قۇلىنى ۋە ئاتامنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئەيىبكە بۇيرۇمىغايلا، چۈنكى قۇللىرىنىڭ بۇ ئىشتىن قىلچە خەۋىرى يوق، دېدى. | 15 |
Хіба сьогодні зачав я питати для нього Бога? Борони мене Боже! Нехай цар не кладе закиду на раба свого та на ввесь дім батька мого, бо в усьому тому твій раб не знає нічого, — ані мало́го, ані великого“.
لېكىن پادىشاھ: ــ ئى ئاخىمەلەك، سەن ئۆلىسەن، سەن ۋە ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتى چوقۇم ئۆلىسىلەر، دېدى. | 16 |
А цар сказав: „Конче помреш, Ахімелеху, ти та ввесь дім батька твого!“
پادىشاھ ئۆز چۆرىسىدىكى چاپارمەنلىرىگە: ــ ماڭ، پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار! چۈنكى ئۇلار ھەم داۋۇتقا ھەمدەم بولدى ھەم ئۇنىڭ قاچقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ماڭا خەۋەر بەرمىدى، دېدى. لېكىن پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە قول كۆتۈرگىلى ئۇنىمىدى. | 17 |
І сказав цар слу́гам, що стояли при ньому: „Підійдіть, і повбивайте Господніх священиків, бо й їхня рука ра́зом із Давидом, бо вони знали, що втікає він, та не доне́сли до вуха мого“. Та не хотіли цареві раби простягнути своєї руки, щоб діткнутися до Господніх священиків.
ئەمدى پادىشاھ دوئەگكە: ــ سەن بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى. ئېدوملۇق دوئەگ بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈردى؛ بۇ كۈنى ئۇ كاناپتىن توقۇلغان ئەفود كىيگەن سەكسەن بەش ئادەمنى ئۆلتۈردى. | 18 |
Тоді цар сказав до Доеґа: „Підійди ти, і вдар священиків!“І підійшов ідуме́янин Доеґ, та й ударив священиків, — і вбив того дня вісімдеся́т і п'ять чоловіка, що носять лляно́го ефо́да.
ئاندىن ئۇ كاھىنلارنىڭ شەھىرى نوبدا ئولتۇرغۇچىلارنى قىردى، يەنى ئەر ۋە ئاياللار، بالىلار ۋە بوۋاقلار، كالا، ئېشەك، قويلار ــ ھەممىسىنى قىلىچلىدى. | 19 |
А Нов, священиче місто, цар побив ві́стрям меча все, — від чоловіка й аж до жінки, від дитини й аж до немовляти, і вола, і осла, і дрібну́ худо́бину, — усе побив ві́стрям меча.
ئەمما ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ ئابىياتار دېگەن بىر ئوغلى قۇتۇلۇپ داۋۇتنىڭ قېشىغا قېچىپ كەلدى. | 20 |
Та втік один син Ахімелеха, Ахітувового сина, а ім'я́ йому: Евіята́р. І втік він до Давида.
ئابىياتار داۋۇتقا سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈردى، دەپ خەۋەر بەردى. | 21 |
І Евіята́р доніс Давидові, що Саул повбивав Господніх священиків.
داۋۇت ئابىياتارغا: ــ ئۇ كۈنى دوئەگنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ جەزمەن سائۇلغا خەۋەر بېرىدىغىنىنى بىلگەنىدىم. مەن ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە زامىن بولدۇم، دېدى. | 22 |
А Давид сказав до Евіята́ра: „Я знав того дня, що там ідумеянин Доеґ, яки́й конче розпові́сть Саулові. Я став причиною загибелі всіх душ дому твого́ батька!
مەن بىلەن بىللە تۇرغىن، ھېچ قورقمىغىن. چۈنكى مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار سېنىڭ جېنىڭنىمۇ ھەم ئالماقچى. مېنىڭ قېشىمدا بىخەتەر تۇرىسەن، دېدى. | 23 |
Зостанься ж зо мною, не бійся, бо той, хто шукатиме моєї душі, шукатиме й душі твоєї, та ти бу́деш стере́жений у мене“.