داۋۇت ئەمدى نوبقا كېلىپ ئاخىمەلەك كاھىننىڭ قېشىغا باردى. لېكىن ئاخىمەلەك داۋۇتنى كۆرگەندە تىترەپ قورقۇپ ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا بىرىمۇ سەن بىلەن كەلمەي يالغۇز كەلدىڭ؟ ــ دېدى. | 1 |
וַיָּ֖קָם וַיֵּלַ֑ךְ וִיהֹונָתָ֖ן בָּ֥א הָעִֽיר׃ וַיָּבֹ֤א דָוִד֙ נֹ֔בֶה אֶל־אֲחִימֶ֖לֶךְ הַכֹּהֵ֑ן וַיֶּחֱרַ֨ד אֲחִימֶ֜לֶךְ לִקְרַ֣את דָּוִ֗ד וַיֹּ֤אמֶר לֹו֙ מַדּ֤וּעַ אַתָּה֙ לְבַדֶּ֔ךָ וְאִ֖ישׁ אֵ֥ין אִתָּֽךְ׃ |
داۋۇت ئاخىمەلەك كاھىنغا: ــ پادىشاھ ماڭا مەلۇم بىر ئىشنى بۇيرۇپ: ــ مەن ساڭا بۇيرۇغان ئىش ياكى ساڭا تاپىلغان يوليورۇق توغرىسىدىن ھېچكىم بىرنېمە بىلمىسۇن، دېگەنىدى. ئۆز غۇلاملىرىمنى بولسا مەلۇم بىر جايغا بېرىشقا بېكىتىپ قويدۇم. | 2 |
וַיֹּ֨אמֶר דָּוִ֜ד לַאֲחִימֶ֣לֶךְ הַכֹּהֵ֗ן הַמֶּלֶךְ֮ צִוַּ֣נִי דָבָר֒ וַיֹּ֣אמֶר אֵלַ֗י אִ֣ישׁ אַל־יֵ֧דַע מְא֛וּמָה אֶת־הַדָּבָ֛ר אֲשֶׁר־אָנֹכִ֥י שֹׁלֵֽחֲךָ֖ וַאֲשֶׁ֣ר צִוִּיתִ֑ךָ וְאֶת־הַנְּעָרִ֣ים יֹודַ֔עְתִּי אֶל־מְקֹ֥ום פְּלֹנִ֖י אַלְמֹונִֽי׃ |
ئەمدى قولۇڭدا نېمە بار؟ بەش نان، ياكى نېمە بولسا، شۇنى ماڭا بەرگىن، دېدى. | 3 |
וְעַתָּ֗ה מַה־יֵּ֧שׁ תַּֽחַת־יָדְךָ֛ חֲמִשָּׁה־לֶ֖חֶם תְּנָ֣ה בְיָדִ֑י אֹ֖ו הַנִּמְצָֽא׃ |
كاھىن داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ: ــ قولۇمدا ئادەتتىكى نان يوق، پەقەت مۇقەددەس نان بار. ئەگەر غۇلاملار ئاياللارغا يېقىنلاشمىغان بولسا يېسە راۋا بولىدۇ، دېدى. | 4 |
וַיַּ֨עַן הַכֹּהֵ֤ן אֶת־דָּוִד֙ וַיֹּ֔אמֶר אֵֽין־לֶ֥חֶם חֹ֖ל אֶל־תַּ֣חַת יָדִ֑י כִּֽי־אִם־לֶ֤חֶם קֹ֙דֶשׁ֙ יֵ֔שׁ אִם־נִשְׁמְר֥וּ הַנְּעָרִ֖ים אַ֥ךְ מֵאִשָּֽׁה׃ פ |
داۋۇت كاھىنغا جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، مەن باشقا ۋاقىتلاردا چىققىنىمغا ئوخشاش، ئاياللار بىزدىن يىراق بولغىلى ئۈچ كۈن بولدى. مەن [ھەرقېتىم] چىققاندا، گەرچە ئادەتتىكى سەپەر بولسىمۇ، غۇلاملارنىڭ قاچىلىرى پاك بولىدىغان يەردە، بۈگۈن ئۇلار ۋە قاچىلىرى تېخىمۇ پاك بولمامدۇ، دېدى. | 5 |
וַיַּעַן֩ דָּוִ֨ד אֶת־הַכֹּהֵ֜ן וַיֹּ֣אמֶר לֹ֗ו כִּ֣י אִם־אִשָּׁ֤ה עֲצֻֽרָה־לָ֙נוּ֙ כִּתְמֹ֣ול שִׁלְשֹׁ֔ם בְּצֵאתִ֕י וַיִּהְי֥וּ כְלֵֽי־הַנְּעָרִ֖ים קֹ֑דֶשׁ וְהוּא֙ דֶּ֣רֶךְ חֹ֔ל וְאַ֕ף כִּ֥י הַיֹּ֖ום יִקְדַּ֥שׁ בַּכֶּֽלִי׃ |
شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئۇنىڭغا مۇقەددەس ناندىن بەردى، چۈنكى بۇ يەردە «تەقدىم نان»دىن باشقا ھېچقانداق نان يوق ئىدى. بۇ نان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يېڭى ئىسسىق نان قويۇلغان كۈنى ئالماشتۇرۇلغان نانلار ئىدى | 6 |
וַיִּתֶּן־לֹ֥ו הַכֹּהֵ֖ן קֹ֑דֶשׁ כִּי֩ לֹא־הָ֨יָה שָׁ֜ם לֶ֗חֶם כִּֽי־אִם־לֶ֤חֶם הַפָּנִים֙ הַמּֽוּסָרִים֙ מִלִּפְנֵ֣י יְהוָ֔ה לָשׂוּם֙ לֶ֣חֶם חֹ֔ם בְּיֹ֖ום הִלָּקְחֹֽו׃ |
(لېكىن ئۇ كۈنى سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن مەلۇم بىرسى ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قالدۇرۇلغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمى دوئەگ بولۇپ سائۇلنىڭ پادىچىلىرىنىڭ چوڭى ئىدى). | 7 |
וְשָׁ֡ם אִישׁ֩ מֵעַבְדֵ֨י שָׁא֜וּל בַּיֹּ֣ום הַה֗וּא נֶעְצָר֙ לִפְנֵ֣י יְהוָ֔ה וּשְׁמֹ֖ו דֹּאֵ֣ג הָאֲדֹמִ֑י אַבִּ֥יר הָרֹעִ֖ים אֲשֶׁ֥ר לְשָׁאֽוּל׃ |
داۋۇت ئاخىمەلەككە: ــ قولۇڭدا نەيزە ياكى قىلىچ يوقمۇ؟ پادىشاھ تاپشۇرغان ئىش جىددىي بولغاچ ياكى قىلىچ ياكى باشقا ياراغلىرىمنى ئېلىپ كېلەلمىدىم، دېدى. | 8 |
וַיֹּ֤אמֶר דָּוִד֙ לַאֲחִימֶ֔לֶךְ וְאִ֛ין יֶשׁ־פֹּ֥ה תַֽחַת־יָדְךָ֖ חֲנִ֣ית אֹו־חָ֑רֶב כִּ֣י גַם־חַרְבִּ֤י וְגַם־כֵּלַי֙ לֹֽא־לָקַ֣חְתִּי בְיָדִ֔י כִּֽי־הָיָ֥ה דְבַר־הַמֶּ֖לֶךְ נָחֽוּץ׃ ס |
كاھىن: ــ سەن ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىي گولىئاتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە بار، ئۇ ئەفودنىڭ كەينىدە، بىر پارچە رەختكە ئوراقلىق ھالدا تۇرىدۇ. خالىساڭ ئالغىن، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوق، دېدى. داۋۇت: ــ بۇ تەڭدىشى يوق قىلىچتۇر، شۇنى ماڭا بەرگىن، دېدى. | 9 |
וַיֹּ֣אמֶר הַכֹּהֵ֗ן חֶרֶב֩ גָּלְיָ֨ת הַפְּלִשְׁתִּ֜י אֲשֶׁר־הִכִּ֣יתָ ׀ בְּעֵ֣מֶק הָאֵלָ֗ה הִנֵּה־הִ֞יא לוּטָ֣ה בַשִּׂמְלָה֮ אַחֲרֵ֣י הָאֵפֹוד֒ אִם־אֹתָ֤הּ תִּֽקַּח־לְךָ֙ קָ֔ח כִּ֣י אֵ֥ין אַחֶ֛רֶת זוּלָתָ֖הּ בָּזֶ֑ה וַיֹּ֧אמֶר דָּוִ֛ד אֵ֥ין כָּמֹ֖והָ תְּנֶ֥נָּה לִּֽי׃ |
داۋۇت ئۇ كۈنى قوپۇپ سائۇلدىن قېچىپ گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. | 10 |
וַיָּ֣קָם דָּוִ֔ד וַיִּבְרַ֥ח בַּיֹּום־הַה֖וּא מִפְּנֵ֣י שָׁא֑וּל וַיָּבֹ֕א אֶל־אָכִ֖ישׁ מֶ֥לֶךְ גַּֽת׃ |
لېكىن ئاقىشنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ بۇ زېمىننىڭ پادىشاھى داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ توغرىسىدا قىز-ئاياللار بىر-بىرىگە: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ــ دەپ ناخشا-غەزەل ئوقۇشۇپ ئۇسسۇل ئوينىغان ئەمەسمۇ، دېدى. | 11 |
וַיֹּ֨אמְר֜וּ עַבְדֵ֤י אָכִישׁ֙ אֵלָ֔יו הֲלֹוא־זֶ֥ה דָוִ֖ד מֶ֣לֶךְ הָאָ֑רֶץ הֲלֹ֣וא לָזֶ֗ה יַעֲנ֤וּ בַמְּחֹלֹות֙ לֵאמֹ֔ר הִכָּ֤ה שָׁאוּל֙ בַּאֲלָפֹו (בַּאֲלָפָ֔יו) וְדָוִ֖ד בְּרִבְבֹתֹו (בְּרִבְבֹתָֽיו)׃ |
داۋۇت بۇ سۆزلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشتىن بەك قورقتى. | 12 |
וַיָּ֧שֶׂם דָּוִ֛ד אֶת־הַדְּבָרִ֥ים הָאֵ֖לֶּה בִּלְבָבֹ֑ו וַיִּרָ֣א מְאֹ֔ד מִפְּנֵ֖י אָכִ֥ישׁ מֶֽלֶךְ־גַּֽת׃ |
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ قولىدا تۇرغان ۋاقتىدا ئۆزىنى ساراڭدەك كۆرسەتتى؛ ئۇ دەرۋازىلارنىڭ ئىشىكلىرىگە جىجىپ، تۈكۈرۈكىنى ساقىلىغا ئاقتۇراتتى. | 13 |
וַיְשַׁנֹּ֤ו אֶת־טַעְמֹו֙ בְּעֵ֣ינֵיהֶ֔ם וַיִּתְהֹלֵ֖ל בְּיָדָ֑ם וַיְתַו (וַיְתָיו֙) עַל־דַּלְתֹ֣ות הַשַּׁ֔עַר וַיֹּ֥ורֶד רִירֹ֖ו אֶל־זְקָנֹֽו׃ |
ئاقىش خىزمەتكارلىرىغا: ــ مانا بۇ ئادەمنىڭ ساراڭلىقىنى كۆرمەمسىلەر؟ ئۇنى نېمىشقا مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلدىڭلار؟ | 14 |
וַיֹּ֥אמֶר אָכִ֖ישׁ אֶל־עֲבָדָ֑יו הִנֵּ֤ה תִרְאוּ֙ אִ֣ישׁ מִשְׁתַּגֵּ֔עַ לָ֛מָּה תָּבִ֥יאוּ אֹתֹ֖ו אֵלָֽי׃ |
مەندە ساراڭلار كەمچىلمىدى؟ سىلەر بۇ كىشىنى ئالدىمغا ساراڭلىق قىلغىلى ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟ بۇ ئادەم مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىشى كېرەكمۇ؟ ــ دېدى. | 15 |
חֲסַ֤ר מְשֻׁגָּעִים֙ אָ֔נִי כִּי־הֲבֵאתֶ֣ם אֶת־זֶ֔ה לְהִשְׁתַּגֵּ֖עַ עָלָ֑י הֲזֶ֖ה יָבֹ֥וא אֶל־בֵּיתִֽי׃ ס |