< سامۇئىل 1 20 >
داۋۇت راماھدىكى نايوتتىن قېچىپ يوناتاننىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ نېمە قەبىھلىك قىلىپتىمەن؟ ئاتاڭ ئالدىدا نېمە گۇناھ قىلىپتىمەن، ئۇ مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ؟ ــ دېدى. | 1 |
Dawid guan fii Naiot a ɛwɔ Rama kohuu Yonatan. Obisaa se, “Bɔne bɛn na mayɛ? Bɔne bɛn na mayɛ wʼagya, a enti ɔpɛ sɛ okum me yi?”
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ يوقسۇ، بۇنداق ئىش نېرى بولسۇن! سەن ئۆلمەيسەن. چوڭ ئىش بولسۇن، كىچىك ئىش بولسۇن ئاتام ماڭا دېمەي قويمايدۇ. نېمىشقا ئاتام بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرىدىكىنە؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، دېدى. | 2 |
Yonatan teɛɛ mu se, “Ɛnyɛ nokware. Minim yiye sɛ onsusuw biribi a ɛte saa ho, efisɛ ɔka ne nsɛm nyinaa kyerɛ me; mpo, ne nsɛm nketenkete nyinaa ɔma mʼaso te. Minim sɛ ɔrentumi mfa asɛm a ɛte sɛɛ nsie me da. Ɛnte saa!”
لېكىن داۋۇت يەنە قەسەم قىلىپ: ــ ئاتاڭ سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمنى جەزمەن بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆڭلىدە: ــ يوناتان بۇنى بىلىپ قالمىسۇن؛ بولمىسا ئۇنىڭغا ئازار بولىدۇ، دېگەندۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، جېنىڭ ۋە ھاياتىڭ بىلەن ئالدىڭدا قەسەم قىلىمەنكى، ماڭا ئۆلۈمنىڭ ئارىلىقى بىر قەدەملا قالدى، دېدى. | 3 |
Dawid kaa ntam wɔ Yonatan anim se, “Wʼagya nim yɛn ayɔnkofa yi mu pefee nti, waka wɔ ne tirim se, ‘Merenka nkyerɛ Yonatan.’ Nanso sɛnea Awurade te ase na wote ase yi, anammɔn baako pɛ na ɛda me ne owu ntam.”
يوناتان داۋۇتقا: ــ كۆڭلۈڭ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلاي، دېدى. | 4 |
Na Yonatan ka kyerɛɛ Dawid se, “Nea wopɛ sɛ menyɛ mma wo biara no mɛyɛ.”
داۋۇت يوناتانغا مۇنداق دېدى: ــ مانا ئەتە «يېڭى ئاي» بولىدۇ؛ مەن ئادەتتىكىدەك پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولمىسام بولمايدۇ. لېكىن مېنى قويۇپ بەرگىن، مەن ئۈچىنچى كۈنى ئاخشىمىغىچە دالادا مۆكۈنۈۋالاي. | 5 |
Dawid buae se, “Ɔkyena yebedi Ɔsram Foforo Afahyɛ. Bere biara, sɛ dapɔnna no du saa a, me ne ɔhene to nsa didi. Nanso ɔkyena de, mɛkora me ho wɔ wuram ara kosi ne nnansa so anwummere.
ئاتاڭ مېنىڭ سورۇندا يوقلۇقىمنى كۆرۈپ سورىسا، سەن ئۇنىڭغا: «داۋۇت مەندىن ئۆز شەھىرى بەيت-لەھەمگە تېزراق بېرىپ كېلىشكە جىددىي رۇخسەت سورىدى، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتكۈل ئائىلىسى ئۈچۈن بىر يىللىق قۇربانلىق ئۆتكۈزىدىكەن»، دېگىن، دېدى. | 6 |
Na sɛ wʼagya hwehwɛ me a, ka kyerɛ no se, ‘Dawid srɛɛ kwan se ɔrekɔ ne kurom Betlehem, na ɔne ne fifo akɔbɔ afirihyia afɔre.’
ئەگەر ئۇ: ــ ئوبدان بوپتۇ، دېسە، قۇلۇڭ تىنچ-ئامان بولىدۇ: ــ لېكىن ئۇ ئاچچىقلانسا، ئۇنىڭ ماڭا يامانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلمىغىن. | 7 |
Sɛ ɔka se, ‘Eye’ a, wubehu sɛ wʼakoa ho sɔnn. Na sɛ nso ne bo fuw, gye hwanyan a, wubehu sɛ ɔrehyehyɛ ho sɛ obekum me.
سەن قۇلۇڭغا ئىلتىپات كۆرسەتكىن؛ چۈنكى سەن ئۆزۈڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇلۇڭنى ئەھدىلەشتۈرگەنسەن. لېكىن ئەگەر مەندە بىر يامانلىق بولسا سەن ئۆزۈڭلا مېنى ئۆلتۈرگىن؛ مېنى ئېلىپ بېرىپ ئاتاڭغا تاپشۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ــ دېدى. | 8 |
Da saa adɔe yi adi kyerɛ me, sɛ adamfo a maka ntam adi nsew akyerɛ wo, efisɛ yɛn nyinaa wɔ apam wɔ Awurade anim. Na sɛ ɛnte saa, na mayɛ bɔne atia wʼagya a, wo ara kum me. Nanso mesrɛ wo, nyi me mma.”
يوناتان: ــ ئۇنداق خىيال سەندىن نېرى بولسۇن! ئەگەر ئاتامنىڭ ساڭا يامانلىق قىلىدىغان نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ قالسام، ساڭا دەيتتىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. | 9 |
Yonatan teɛɛ mu se, “Ɛmpare me! Wo ara wunim sɛ, sɛ minim mʼagya nsusuwii no ho biribi a, anka maka akyerɛ wo dedaw.”
داۋۇت يوناتانغا: ــ ئەگەر ئاتاڭ ساڭا قاتتىق گەپ بىلەن جاۋاب بەرسە، كىم ماڭا خەۋەر بېرىدۇ؟ ــ دېدى. | 10 |
Na Dawid bisaa Yonatan se, “Ɛbɛyɛ dɛn na mahu sɛ wʼagya bo afuw anaasɛ ne bo mfuw ɛ?”
يوناتان داۋۇتقا: ــ كەلگىن، دالاغا چىقايلى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى دالاغا چىقتى. | 11 |
Yonatan buae se, “Bra na yɛnkɔ wuram hɔ.” Na wɔn nyinaa kɔɔ hɔ.
يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا [گۇۋاھكى]، مەن ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ نىيىتىنى بىلىپ، ساڭا ئىلتىپاتلىق بولسا، مەن ئادەم ماڭدۇرۇپ ساڭا مەلۇم قىلمامدىم؟ | 12 |
Yonatan ka kyerɛɛ Dawid se, “Mehyɛ bɔ wɔ Awurade Israel Nyankopɔn din mu sɛ ɔkyena akyi sesɛɛ me ne mʼagya bɛkasa, na mɛma woahu nea ɔka fa wo ho. Sɛ ɔwɔ wo ho adwene pa a meremma wo nkra biara.
ئەگەر ئاتام ساڭا يامانلىق قىلماقچى بولسا، مەن سېنى تىنچ-ئامان يولغا سېلىش ئۈچۈن ساڭا ئادەم ئەۋەتىپ خەۋەر بەرمىسەم، پەرۋەردىگار ماڭا سېنىڭ بېشىڭغا چۈشكەندىنمۇ ئارتۇق چۈشۈرسۇن؛ ئەمدى پەرۋەردىگار ئاتام بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەن بىللە بولسۇن. | 13 |
Nanso sɛ mʼagya bo afuw, na ɔpɛ sɛ okum wo, na sɛ manka ankyerɛ wo amma woanguan a Awurade ne minni no ɔyaw so. Awurade nka wo ho sɛnea ɔkaa mʼagya ho no.
ھاياتلا بولسام مېنى ئۆلمىسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى ماڭا كۆرسەتكەيسەن. | 14 |
Na fa Awurade nokware dɔ no bi dɔ me bere a mete ase yi. Na sɛ miwu,
مەن ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۆيدىكىلىرىمدىن ھەم ھېچ ۋاقىت مېھرىبانلىقىڭنى ئۈزمىگەيسەن؛ پەرۋەردىگار سەن داۋۇتنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى يەر يۈزىدىن يوقاتقاندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلغايسەن». | 15 |
na ɛba sɛ Awurade twa Dawid atamfo nyinaa gu fi asase ani mpo a, nyi wʼadɔe mfi me fifo so da biara da.”
شۇنىڭ بىلەن يوناتان داۋۇتنىڭ جەمەتى بىلەن ئەھدە قىلىشىپ: ــ پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېساب ئالسۇن، دېدى. | 16 |
Enti Yonatan ne Dawid yɛɛ apam se, “Awurade ne Dawid atamfo nni.”
ئاندىن يوناتان يەنە ئۆزىنىڭ داۋۇتقا بولغان مۇھەببىتى بىلەن ئۇنىڭغا قەسەم قىلدۇردى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى. | 17 |
Esiane ɔdɔ a Yonatan wɔ ma Dawid no nti, ɔmaa no tii ne ntam no mu, efisɛ na ɔdɔ no sɛnea ɔdɔ ɔno ankasa ho.
يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى: ــ ئەتە يېڭى ئاي بولىدۇ. مانا سېنىڭ ئورنۇڭ بوش قالىدۇ، كىشىلەر سېنىڭ يوقلۇقىڭغا دىققەت قىلىدۇ. | 18 |
Afei, Yonatan ka kyerɛɛ Dawid se, “Ɔkyena na ɛyɛ ɔsram foforo afahyɛ no. Yɛrenhu wo, efisɛ wʼakongua so bɛda hɔ.
ئۈچىنچى كۈنى سەن چۈشۈپ ئالدىنقى قېتىم بۇ ئىشقا يولۇققىنىڭدا ئۆزۈڭنى يوشۇرغان جايغا بېرىپ «ئېزەل» دېگەن تاشنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرغىن. | 19 |
Ɔkyena akyi, ɛrekɔ anwummere no, kɔ baabi a saa ɔhaw yi fii ase no wukohintaw wo ho no, na twɛn wɔ ɔbo siw no ho.
مەن تاشنىڭ يېنىدىكى بىر جايغا خۇددى نىشاننى قارالىغاندەك ئۈچ پاي يا ئوقى ئاتاي. | 20 |
Mɛtow agyan abiɛsa afa ne nkyɛn, te sɛ nea meretow abɔ biribi no.
ئاندىن غۇلامنى ماڭدۇرۇپ: ــ «يا ئوقلىرىنى تېپىپ كەلگىن» ــ دەيمەن. ئەگەر مەن غۇلامغا: ــ ئەنە، ئوقلار ئارقا تەرەپتە تۇرىدۇ، ئۇلارنى ئېلىپ كەل، دېسەم، سەن چىقىپ يېنىمغا كەلگىن؛ شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئۈچۈن تىنچ-ئامانلىق بولىدۇ، ھېچ ئىش بولمايدۇ. | 21 |
Afei, mɛsoma abarimaa bi aka se, ‘Kɔ na kɔhwehwɛ bɛmma no.’ Sɛ meka kyerɛ no se, ‘Hwɛ, bɛmma no wɔ ha; tase brɛ me a,’ bra, efisɛ mmere dodow a Awurade te ase yi, wo ho sɔnn; bɔne bi nni hɔ.
لېكىن غۇلامغا: ــ ئەنە، ئوقلار ئالدىڭدا تۇرىدۇ، دېسەم، سەن كەتكىن، چۈنكى ئۇنداق بولسا، پەرۋەردىگار سېنى كەتكۈزۈۋەتكەن بولىدۇ. | 22 |
Na sɛ meka kyerɛ abarimaa no se, ‘Hwɛ, bɛmma no wɔ wʼanim’ a, ɛno de, na ɛsɛ sɛ wokɔ, efisɛ Awurade na ose kɔ.
ئەمدىلىكتە مەن بىلەن سەن سۆزلەشكەن ئىش توغرۇلۇق، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمدا گۇۋاھچىدۇر. | 23 |
Na Awurade mmoa yɛn na yenni bɔ a yɛahyehyɛ yɛn ho yɛn ho no so, efisɛ ɔno ne yɛn danseni.”
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت دالادا مۆكۈنۈۋالدى. يېڭى ئاي كەلگەندە، پادىشاھ تائام يېگىلى داستىخاندا ئولتۇردى. | 24 |
Na Dawid kɔtɛwee wuram, na bere a ɔsram foforo afahyɛ no dui no, ɔhene no tenaa ase sɛ ɔrebedidi.
پادىشاھ بولسا بۇرۇنقىدەكلا ئۆز ئورنىدا تامنىڭ يېنىدىكى تۆردە ئولتۇردى. يوناتان ئورنىدىن تۇردى، ئابنەر سائۇلنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. لېكىن داۋۇتنىڭ ئورنى بوش قالدى. | 25 |
Ɔtenaa nʼatenae a ɛbɛn ɔfasu ho a ɛne Yonatan di nhwɛanim, na Abner tena dii Saulo so, nanso Dawid atenae hɔ de, ɛdaa mpan.
ئەمما سائۇل ئۇ كۈنى ھېچنېمە دېمىدى. چۈنكى ئۇ: ــ داۋۇتقا بىر ئىش بولدى، ئۇ ناپاك بولۇپ قالدى. ئۇ جەزمەن ناپاك بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدى. | 26 |
Na da no, Saulo anka asɛm biara. Na ɔdwenee se, “Gyama asɛm bi ato Dawid a ɛmma ne ho ntew mma saa afahyɛ no ase. Ɛno nti na onni ha nnɛ no.”
لېكىن داۋۇتنىڭ ئورنى يېڭى ئاينىڭ ئەتىسىمۇ، يەنى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ بوش ئىدى. سائۇل ئوغلى يوناتاندىن: ــ نېمىشقا يەسسەنىڭ ئوغلى ياكى تۈنۈگۈن ياكى بۈگۈن تاماققا كەلمەيدۇ، دەپ سورىدى. | 27 |
Na ade kyee a Dawid afa hɔ ada mpan bio no, Saulo bisaa ne ba Yonatan se, “Adɛn nti na Yisai babarima no amma adidi nnɛra ne nnɛ?”
يوناتان سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇت بەيت-لەھەمگە بارغىلى مەندىن جىددىي رۇخسەت سوراپ: ــ | 28 |
Yonatan buae se, “Nokware, Dawid srɛɛ me kwan sɛ ɔrekɔ Betlehem.
مېنىڭ بېرىشىمغا رۇخسەت قىلغىن، ئائىلىمىزنىڭ شەھەردە بىر قۇربانلىق ئىشى بولغاچ ئاكام مېنىڭ بېرىشىمنى ئېيتىپتۇ؛ ئەگەر سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشكە رۇخسەت بەرگىن، دېدى. شۇڭا ئۇ پادىشاھنىڭ داستىخىنىغا كەلمىدى، دېدى. | 29 |
Ɔkae se, ‘Ma menkɔ, efisɛ, me fifo rebɔ afɔre wɔ kurow no mu nti, me nuabarima ahyɛ me sɛ, ɛsɛ sɛ mewɔ hɔ bi. Sɛ afei, manya wʼanim anuonyam a, ma me kwan na menkɔhwɛ me nuanom mmarima.’ Ɛno nti na wamma ɔhene didipon ho no.”
سائۇلنىڭ يوناتانغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ: ــ ئى بۇزۇق، كاج خوتۇننىڭ ئوغلى، نېمىشقا يەسسەنىڭ ئوغلىنى ئۆزۈڭگە تاللاپ، ئۆزۈڭنى شەرمەندە قىلىپ ۋە ئاناڭنى نومۇسقا قويغىنىڭنى بىلمەمدىمەن؟ | 30 |
Saulo bo fuw Yonatan, ka kyerɛɛ no se, “Wo ɔba kwasea, ɔbea brakyewni tuatewni ba! Wususuw sɛ minnim sɛ wopɛ sɛ Dawid di hene si wo anan mu de hyɛ wo ne wo na aniwu?
ئەگەر يەسسەنىڭ ئوغلى يەر يۈزىدە تىرىك بولسىلا، سەن ھەم سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ مۇستەھكەم بولمايدۇ. شۇڭا ئەمدى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلگىن، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمگە مەھكەمدۇر! ــ دېدى. | 31 |
Mmere dodow a Yisai babarima no te ase wɔ asase yi so no, worennya ɔhene nni da. Soma mprempren ara na wɔnkɔfa no mmrɛ me, na minkum no!”
يوناتان ئاتىسى سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ نېمىشقا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك؟ ئۇ نېمە قىپتۇ؟ ــ دېدى. | 32 |
Yonatan bisaa nʼagya se, “Adɛn nti na ɛsɛ sɛ wokum no? Dɛn na wayɛ?”
ئاندىن سائۇل يوناتانغا سانجىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەيزىنى ئاتتى؛ بۇنىڭ بىلەن يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ يەتتى. | 33 |
Ɛhɔ ara, Saulo tow peaw sɛ ɔde rewɔ no, akum no. Afei Yonatan huu sɛ nʼagya asi nʼadwene pi sɛ obekum Dawid.
يوناتان بولسا قاتتىق ئاچچىقلاپ داستىخاندىن قوپۇپ كەتتى ۋە يېڭى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ھېچ تائام يېمىدى. چۈنكى ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى شۇنداق ھاقارەتلىشى ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بولغانىدى. | 34 |
Yonatan de abufuwhyew sɔre fii didipon no ho. Na da a ɛto so abien wɔ ɔsram no mu no, wannidi, efisɛ ne werɛ how wɔ nʼagya animguasede a ɔpɛ sɛ ɔyɛ Dawid no ho.
ئەتىسى يوناتان دالاغا چىقىپ داۋۇت بىلەن كېلىشكەن جايغا باردى. ئۇنىڭ بىلەن بىر كىچىك غۇلام بىللە باردى. | 35 |
Ade kyee no, Yonatan kɔɔ wuram. Sɛnea wɔahyehyɛ ho no. Ɔfaa abarimaa ketewa bi kaa ne ho a ɔbɛboaboa ne bɛmma ano.
ئۇ غۇلامغا: ــ سەن يۈگۈر، مەن ئاتقان يا ئوقلىرىنى تېپىپ كەلگىن، دېدى. غۇلام يۈگۈردى، ئۇ بىر ئوقنى ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئاتتى. | 36 |
Ɔka kyerɛɛ abarimaa no se, “Fi ase tu mmirika kɔhwehwɛ bɛmma a metotow no.” Na abarimaa no retu mmirika akɔ no, Yonatan tow bɛmma no baako traa no.
غۇلام يوناتان ئاتقان ئوق چۈشكەن جايغا كەلگەندە يوناتان غۇلامنى چاقىرىپ: ــ ئوق سېنىڭ ئالدى تەرىپىڭدە تۇرمامدۇ؟ ــ دېدى. | 37 |
Na bere a abarimaa no duu faako a Yonatan bɛmma no akɔtɔ no, Yonatan frɛɛ no se, “bɛmma no ntraa wo ana?”
ئاندىن يوناتان غۇلامنى يەنە چاقىرىپ: ــ بول، ئىتتىك بول، ھايال بولمىغىن! ــ دېدى. يوناتاننىڭ غۇلامى يا ئوقىنى يىغىپ غوجىسىغا ئېلىپ كەلدى. | 38 |
Enti Yonatan teɛɛ mu se, “Ka wo ho! Kɔ ntɛm! Nnyina.” Abarimaa no faa bɛmma no san baa ne wura nkyɛn.
لېكىن غۇلامنىڭ بولغان ئىشتىن خەۋىرى ئۇق ئىدى. بۇنى يالغۇز يوناتان بىلەن داۋۇتلا بىلەتتى. | 39 |
Na abarimaa no nnim eyi ho hwee; Yonatan ne Dawid nko ara na na wonim.
ئاندىن يوناتان غۇلامىغا ياراغلىرىنى بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنى شەھەرگە ئېلىپ كەتكىن، دېدى. | 40 |
Na Yonatan de nʼakode maa abarimaa no kae se, “Kɔ, soa san fa kɔ kurom.”
غۇلام كەتكەندىن كېيىن داۋۇت [تاشنىڭ] جەنۇب تەرىپىدىن چىقىپ يەرگە يىقىلىپ ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. ئۇلار بىر-بىرىنى سۆيۈشتى، بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ يىغلاشتى، بولۇپمۇ داۋۇت قاتتىق يىغلىدى. | 41 |
Bere a abarimaa no kɔe ara pɛ, Dawid pue fii baabi a okohintaw hɔ a ɛbɛn abo siw no bae. Na Dawid bɔɔ ne mu ase wɔ Yonatan anim, de nʼanim butuw fam. Na wofifew wɔn ho wɔn ho ano, na wɔmaa wɔn ho wɔn ho nantew yiye, na wosui, ne titiriw no, Dawid.
يوناتان داۋۇتقا: ــ سەپىرىڭ تىنچ-ئامان بولسۇن؛ چۈنكى بىز ئىككىمىز: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن سېنىڭ ئوتتۇرۇڭدا ۋە مېنىڭ نەسلىم بىلەن سېنىڭ نەسلىڭ ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈگە گۇۋاھ بولسۇن، دەپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەن، دېدى. داۋۇت ئورنىدىن قوپۇپ ماڭدى، يوناتانمۇ شەھەرگە كىرىپ كەتتى. | 42 |
Akyiri yi no, Yonatan ka kyerɛɛ Dawid se, “Kɔ asomdwoe mu, efisɛ yɛayɛ apam wɔ Awurade din mu. Yɛde yɛn mu biara ne yɛn mu biara mma ahyɛ Awurade nsa afebɔɔ.” Na Dawid kɔe, na Yonatan nso san kɔɔ kurow no mu.