ھانناھ دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ قەلبىم پەرۋەردىگار بىلەن يايرايدۇ، مېنىڭ مۈڭگۈزۈم پەرۋەردىگار بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈلدى؛ ئاغزىم دۈشمەنلىرىمنىڭ ئالدىدا تەنتەنىلىكتە ئېچىلدى؛ چۈنكى سېنىڭ نىجاتىڭدىن شادلىنىمەن. | 1 |
ותתפלל חנה ותאמר עלץ לבי ביהוה רמה קרני ביהוה רחב פי על אויבי כי שמחתי בישועתך׃ |
پەرۋەردىگاردەك مۇقەددەس بولغۇچى يوقتۇر؛ چۈنكى سەندىن باشقا ھېچ كىم يوق، خۇدايىمىزدەك ھېچ ئۇيۇلتاش يوقتۇر. | 2 |
אין קדוש כיהוה כי אין בלתך ואין צור כאלהינו׃ |
ئى ئىنسانلار، كىبىرلىك سۆزلىرىڭلارنى كۆپەيتىۋەرمەڭلار، يوغان گەپلەرنى ئاغزىڭلاردىن چىقارماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىلىم-ھىدايەتكە ئىگە خۇدادۇر. ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرى ئۇنىڭ تەرىپىدىن تارازىدا تارتىلىدۇ. | 3 |
אל תרבו תדברו גבהה גבהה יצא עתק מפיכם כי אל דעות יהוה ולא נתכנו עללות׃ |
پالۋانلارنىڭ ئوق-يالىرى سۇندۇرىلدى؛ لېكىن پۇتلىشىپ يىقىلغانلارنىڭ بېلى بولسا قۇدرەت بىلەن باغلاندى. | 4 |
קשת גברים חתים ונכשלים אזרו חיל׃ |
قورسىقى توق بولغانلار نان تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنى ياللانمىلىققا بەردى؛ لېكىن ئاچ قالغانلار ھازىر ئاچ قالمىدى؛ ھەتتا تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغىدۇ؛ لېكىن كۆپ بالىلىق بولغان سولىشىپ كېتىدۇ. | 5 |
שבעים בלחם נשכרו ורעבים חדלו עד עקרה ילדה שבעה ורבת בנים אמללה׃ |
پەرۋەردىگار ھەم ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ھايات بېرىدۇ؛ ئۇ ئادەمنى تەھتىساراغا چۈشۈرىدۇ، ئۇ يەردىن يەنە تۇرغۇزىدۇ؛ (Sheol h7585) | 6 |
יהוה ממית ומחיה מוריד שאול ויעל׃ (Sheol h7585) |
پەرۋەردىگار ئادەمنى ھەم نامرات قىلىۋېتىدۇ، ھەم باي قىلىدۇ؛ ئۇ كىشىنى ھەم پەس قىلىدۇ، ھەم ئېگىز كۆتۈرىدۇ. | 7 |
יהוה מוריש ומעשיר משפיל אף מרומם׃ |
ئۇ ئۆزى مىسكىننى توپىدىن قوپۇرىدۇ، قىغلىقتىن يوقسۇلنى كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلارنى ئېسىلزادىلەر ئارىسىدا تەڭ ئولتۇرغۇزىدۇ؛ ئۇلارنى شان-شەرەپلىك تەختىگە مىراس قىلدۇرىدۇ؛ چۈنكى يەرنىڭ تۈۋرۈكلىرى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر؛ ئۇ ئۆزى دۇنيانى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالغانىدى. | 8 |
מקים מעפר דל מאשפת ירים אביון להושיב עם נדיבים וכסא כבוד ינחלם כי ליהוה מצקי ארץ וישת עליהם תבל׃ |
ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ پۇتلىرىنى ئۇ مەزمۇت قىلىدۇ؛ ئەمما رەزىللەر بولسا، قاراڭغۇدا شۈك قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ھېچكىم ئۆز قۇدرىتى بىلەن نۇسرەت تاپمايدۇ. | 9 |
רגלי חסידו ישמר ורשעים בחשך ידמו כי לא בכח יגבר איש׃ |
پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقانلار پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇ؛ ئۇ ئۆزى ئاسمانلاردىن ئۇلارغا قارشى گۈلدۈرلەيدۇ. پەرۋەردىگار يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئۇ ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇ ئۆزى مەسىھلىگىنىنىڭ مۈڭگۈزىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ!». | 10 |
יהוה יחתו מריבו עלו בשמים ירעם יהוה ידין אפסי ארץ ויתן עז למלכו וירם קרן משיחו׃ |
ئەلكاناھ بولسا راماھدىكى ئۆز ئۆيىگە يېنىپ باردى. بالا بولسا ئەلىنىڭ قېشىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ قالدى. | 11 |
וילך אלקנה הרמתה על ביתו והנער היה משרת את יהוה את פני עלי הכהן׃ |
ئەمما ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئىنتايىن يامان كىشىلەردىن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى. | 12 |
ובני עלי בני בליעל לא ידעו את יהוה׃ |
كاھىنلارنىڭ خەلقلەرگە مۇنداق ئادىتى بولغان: ــ بىرسى قۇربانلىق قىلىپ، گۆش قايناپ پىشىۋاتقاندا كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ ئۈچ تىللىق چاڭگاكنى قولىدا تۇتۇپ | 13 |
ומשפט הכהנים את העם כל איש זבח זבח ובא נער הכהן כבשל הבשר והמזלג שלש השנים בידו׃ |
داش، قازان، داڭقان ياكى كورىنىڭ ئىچىگە سانجىپ، چاڭگاكقا نېمە ئېلىنغان بولسا كاھىن شۇنى ئۆزىگە ئالاتتى. ئۇلارنىڭ شىلوھغا [قۇربانلىق قىلغىلى] كەلگەن ھەممە ئىسرائىللارغا شۇنداق ئادىتى بولغان. | 14 |
והכה בכיור או בדוד או בקלחת או בפרור כל אשר יעלה המזלג יקח הכהן בו ככה יעשו לכל ישראל הבאים שם בשלה׃ |
شۇنداقلا ھەتتا ياغنى كۆيدۈرمەستە كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ قۇربانلىق قىلىۋاتقان ئادەمگە: ــ كاھىنغا كاۋاپ ئۈچۈن گۆش بەرگىن، چۈنكى ئۇ سەندىن قايناپ پىشقان گۆش قوبۇل قىلمايدۇ، بەلكى خام گۆش لازىم، دەيتتى. | 15 |
גם בטרם יקטרון את החלב ובא נער הכהן ואמר לאיש הזבח תנה בשר לצלות לכהן ולא יקח ממך בשר מבשל כי אם חי׃ |
ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ــ ئاۋۋال يېغى كۆيدۈرۈلۈپ بولسۇن، ئاندىن نېمىنى خالىساڭ شۇنى ئالغىن، دېسە، ئۇ: ــ بولمايدۇ، ماڭا دەرھال بەر! بولمىسا مەجبۇرىي ئالىمەن، دەيتتى؛ | 16 |
ויאמר אליו האיש קטר יקטירון כיום החלב וקח לך כאשר תאוה נפשך ואמר לו כי עתה תתן ואם לא לקחתי בחזקה׃ |
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ياشنىڭ گۇناھى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئېغىر بولغانىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن خەق پەرۋەردىگارغا ئاتىغان قۇربانلىقلار كۆزگە ئىلىنمايۋاتاتتى. | 17 |
ותהי חטאת הנערים גדולה מאד את פני יהוה כי נאצו האנשים את מנחת יהוה׃ |
ئەمما سامۇئىل نارەسىدە بالا بولۇپ كاناپتىن توقۇلغان بىر ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى. | 18 |
ושמואל משרת את פני יהוה נער חגור אפוד בד׃ |
بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئانىسى ھەر يىلدا ئۇنىڭغا بىر كىچىك تون تىكىپ، ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ئېرى بىلەن بارغاندا ئالغاچ كېلەتتى. | 19 |
ומעיל קטן תעשה לו אמו והעלתה לו מימים ימימה בעלותה את אישה לזבח את זבח הימים׃ |
ئەلى ئەلكاناھ ۋە ئايالىغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ «ئايالىڭنىڭ پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغىنىنىڭ ئورنىغا ساڭا ئۇنىڭدىن باشقا نەسىل بەرگەي، دېدى. ئاندىن بۇ ئىككىسى ئۆز ئۆيىگە ياندى. | 20 |
וברך עלי את אלקנה ואת אשתו ואמר ישם יהוה לך זרע מן האשה הזאת תחת השאלה אשר שאל ליהוה והלכו למקמו׃ |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھانناھنى يوقلاپ بەرىكەتلەپ، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئوغۇل ۋە ئىككى قىز تۇغدى. كىچىك سامۇئىل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆسۈۋاتاتتى. | 21 |
כי פקד יהוה את חנה ותהר ותלד שלשה בנים ושתי בנות ויגדל הנער שמואל עם יהוה׃ |
ئەلى بەك قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلغا ھەممە قىلغانلىرىنى ئاڭلىدى ھەم جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن ياتقىنىنىمۇ ئاڭلىدى. | 22 |
ועלי זקן מאד ושמע את כל אשר יעשון בניו לכל ישראל ואת אשר ישכבון את הנשים הצבאות פתח אהל מועד׃ |
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ چۈنكى بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىدىن سىلەرنىڭ يامانلىقىڭلارنى ئاڭلاۋاتىمەن، دېدى. | 23 |
ויאמר להם למה תעשון כדברים האלה אשר אנכי שמע את דבריכם רעים מאת כל העם אלה׃ |
بولمايدۇ، ئى ئوغۇللىرىم! مەن ئاڭلىغان بۇ خەۋەر ياخشى ئەمەس، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئازدۇرۇپسىلەر. | 24 |
אל בני כי לוא טובה השמעה אשר אנכי שמע מעברים עם יהוה׃ |
ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە گۇناھ قىلسا، باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن رەھىم سورىسا بولىدۇ؛ لېكىن ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلسا، كىم ئۇنىڭ گۇناھىنى تىلىيەلەيدۇ؟ ــ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغانىدى. | 25 |
אם יחטא איש לאיש ופללו אלהים ואם ליהוה יחטא איש מי יתפלל לו ולא ישמעו לקול אביהם כי חפץ יהוה להמיתם׃ |
ئەمما سامۇئىل دېگەن بالا ئۆسۈۋاتاتتى، پەرۋەردىگار ھەم ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقانىدى. | 26 |
והנער שמואל הלך וגדל וטוב גם עם יהוה וגם עם אנשים׃ |
خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئەلىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مىسىردا، پىرەۋننىڭكىدە تۇرغاندا ئۆزۈمنى ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئوچۇق ئايان قىلمىدىممۇ؟ | 27 |
ויבא איש אלהים אל עלי ויאמר אליו כה אמר יהוה הנגלה נגליתי אל בית אביך בהיותם במצרים לבית פרעה׃ |
مەن ئۇنى كاھىنىم بولۇش، ئۆز قۇربانگاھىمدا قۇربانلىق قىلىش، خۇشبۇي يېقىش ۋە مېنىڭ ئالدىمدا ئەفود تونىنى كېيىپ خىزمەت قىلىشقا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن تاللىمىغانىدىممۇ؟ شۇنىڭدەك مەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتا كۆيدۈرىدىغان ھەممە قۇربانلىقلىرىنى ئاتاڭغا تاپشۇرۇپ تەقدىم قىلغان ئەمەسمۇ؟ | 28 |
ובחר אתו מכל שבטי ישראל לי לכהן לעלות על מזבחי להקטיר קטרת לשאת אפוד לפני ואתנה לבית אביך את כל אשי בני ישראל׃ |
نېمىشقا مەن بۇيرۇغان، تۇرالغۇ جايىمدىكى قۇربانلىقىم بىلەن ئاشلىق ھەدىيەلەرنى دەپسەندە قىلىسىلەر؟ نېمىشقا خەلقىم ئىسرائىللار كەلتۈرگەن ھەممە ھەدىيەلەرنىڭ ئېسىلىدىن ئۆزلىرىڭلارنى سەمرىتىپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى مېنىڭكىدىن ئۈستۈن قىلىسەن؟» | 29 |
למה תבעטו בזבחי ובמנחתי אשר צויתי מעון ותכבד את בניך ממני להבריאכם מראשית כל מנחת ישראל לעמי׃ |
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەرھەقىقەت سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر مېنىڭ ئالدىمدا خىزمىتىمدە مەڭگۈ ماڭىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىم؛ لېكىن ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى دەيمەنكى، بۇ ئىش ھازىر مەندىن نېرى بولسۇن! مېنى ھۆرمەت قىلغانلارنى مەن ھۆرمەت قىلىمەن، لېكىن مېنى كەمسىتكەنلەر پەس قارىلىدۇ. | 30 |
לכן נאם יהוה אלהי ישראל אמור אמרתי ביתך ובית אביך יתהלכו לפני עד עולם ועתה נאם יהוה חלילה לי כי מכבדי אכבד ובזי יקלו׃ |
مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سېنىڭ بىلىكىڭنى ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىنىڭ بىلىكىنى تەڭ كېسىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن جەمەتىڭدە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ! | 31 |
הנה ימים באים וגדעתי את זרעך ואת זרע בית אביך מהיות זקן בביתך׃ |
سەن تۇرالغۇ جايىمدا دەرد-قايغۇ كۆرىسەن؛ ئىسرائىللار ھەرقانداق ھۇزۇر-بەختنى كۆرگىنى بىلەن، سېنىڭ جەمەتىڭدە ئەبەدگىچە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ. | 32 |
והבטת צר מעון בכל אשר ייטיב את ישראל ולא יהיה זקן בביתך כל הימים׃ |
ۋە مەن قۇربانگاھىمنىڭ خىزمىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىمىغان ئادىمىڭ بار بولسا، ئۇ كۆزلىرىڭنىڭ خىرەلىشىشى بىلەن جېنىڭنىڭ ئازابلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. جەمەتىڭدە تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بالاغەتتىن ئۆتمەي ئۆلىدۇ. | 33 |
ואיש לא אכרית לך מעם מזבחי לכלות את עיניך ולאדיב את נפשך וכל מרבית ביתך ימותו אנשים׃ |
ساڭا بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاشقا، ئىككى ئوغلۇڭ خوفنىي بىلەن فىنىھاسنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان مۇنداق بىر ئالامەت بېشارەت بولىدۇ: ــ ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بىر كۈندە ئۆلىدۇ. | 34 |
וזה לך האות אשר יבא אל שני בניך אל חפני ופינחס ביום אחד ימותו שניהם׃ |
ئەمما ئۆزۈمگە روھىم ۋە دىلىمدىكى نىيىتىم بويىچە ئىش كۆرىدىغان سادىق بىر كاھىننى تىكلەيمەن؛ مەن ئۇنىڭغا مەزمۇت بىر جەمەت قۇرىمەن؛ ئۇ مېنىڭ مەسىھ قىلغىنىمنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ مېڭىپ خىزمەت قىلىدۇ. | 35 |
והקימתי לי כהן נאמן כאשר בלבבי ובנפשי יעשה ובניתי לו בית נאמן והתהלך לפני משיחי כל הימים׃ |
شۇنداق بولىدۇكى، سېنىڭ جەمەتىڭدىكىلەردىن ھەربىر تىرىك قالغانلار بىر سەر كۈمۈش ۋە بىر چىشلەم نان تىلەشكە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ: «كاھىنلىق خىزمەتلىرىدىن ماڭا بىر ئورۇن بەرسىلە، يېگىلى بىر چىشلەم نان تاپاي دەپ ئېيتىدىغان بولىدۇ» دەيدۇ. | 36 |
והיה כל הנותר בביתך יבוא להשתחות לו לאגורת כסף וככר לחם ואמר ספחני נא אל אחת הכהנות לאכל פת לחם׃ |