< سامۇئىل 1 19 >
سائۇل ئۆز ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە خىزمەتكارلىرىگە داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا بەك ئامراق ئىدى. | 1 |
Now Saul spoke to his son Jonathan, and to all his servants, so that they would kill David. But Jonathan, the son of Saul, loved David very much.
يوناتان داۋۇتقا: ــ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى؛ ئەمدى ئەتە ئەتىگەن قاتتىق ئېھتىيات قىلغىن، بىر مەخپىي جاينى تېپىپ ئۆزۈڭنى يوشۇرغىن؛ | 2 |
And Jonathan revealed it to David, saying: “Saul, my father, is seeking to kill you. Because of this, I ask you, take care for yourself in the morning. And you should conceal yourself and remain in hiding.
مەن ئۆزۈم چىقىپ سەن يوشۇرۇنغان ئېتىزلىققا بېرىپ ئاتامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئاتام بىلەن سېنىڭ توغراڭدا سۆزلىشىپ باقاي؛ ئەھۋالنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن ساڭا خەۋەر قىلاي، دېدى. | 3 |
Then I, going out, will be standing beside my father in the field, where you will be. And I will speak about you to my father. And whatever I see, I will report to you.”
يوناتان ئاتىسى سائۇلغا داۋۇتنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ: ــ پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارىغا، يەنى داۋۇتقا يامانلىق قىلمىغاي! چۈنكى ئۇ ساڭا گۇناھ قىلمىغان؛ بەلكى ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئۆزۈڭگە كۆپ ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن: ــ | 4 |
Then Jonathan spoke good things about David to his father Saul. And he said to him: “You should not sin, O king, against your servant David. For he has not sinned against you, and his works toward you are very good.
ئۇ ئۆز جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قوپۇپ ھېلىقى فىلىستىينى ئۆلتۈردى ۋە شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن چوڭ نۇسرەت بەردى. شۇ چاغدا سەن ئۆزۈڭ كۆرۈپ خۇش بولغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدىلىكتە نېمىشقا داۋۇتنى سەۋەبسىز ئۆلتۈرۈپ ناھەق قان تۆكۈپ گۇناھكار بولماقچى بولىسەن؟ ــ دېدى. | 5 |
And he took his life in his own hand, and struck down the Philistine. And the Lord wrought a great salvation for all of Israel. You saw it, and you rejoiced. Why then would you sin against innocent blood by killing David, who is without guilt?”
سائۇل يوناتاننىڭ سۆزىگە كىردى. ئۇ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمايدۇ، دېدى. | 6 |
And when Saul had heard this, being pleased by the voice of Jonathan, he swore, “As the Lord lives, he shall not be killed.”
ئاندىن يوناتان داۋۇتنى چاقىرىپ، داۋۇتقا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. ئاندىن كېيىن يوناتان داۋۇتنى سائۇلنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇ ئىلگىرىكىدەك ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. | 7 |
And so Jonathan called David, and he revealed to him all of these words. And Jonathan led in David to Saul, and he was before him, just as he had been yesterday and the day before.
ئەمما يەنە جەڭ بولدى؛ داۋۇت چىقىپ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق قىرىپ مەغلۇپ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدىن بەدەر قېچىستى. | 8 |
Then the war was stirred up again. And David went out and fought against the Philistines. And he struck them down with a great slaughter. And they fled from his face.
ئەمدى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قاباھەتلىك بىر روھ يەنە سائۇلنى باستى. ئۇ ئۆز ئۆيىدە قولىدا نەيزىسىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى؛ داۋۇت بولسا قولى بىلەن ساز چېلىپ تۇراتتى. | 9 |
And the evil spirit from the Lord came to Saul, who was sitting in his house and holding a lance. And David was playing music with his hand.
سائۇل نەيزە بىلەن داۋۇتنى سانجىپ تامغا قاداپ قويماقچى بولىۋىدى، لېكىن داۋۇت ئۆزىنى قاچۇرۇۋالدى، نەيزە تامغا قادىلىپ قالدى. داۋۇت شۇ كېچىسى قېچىپ قۇتۇلدى. | 10 |
And Saul attempted to fix David to the wall with the lance. But David turned aside from the face of Saul. And the lance failed to wound him, and it became fixed in the wall. And David fled, and so he was saved that night.
سائۇل بىرنەچچە چاپارمەنلەرنى داۋۇتنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ ئۇنى پايلاپ تۇرۇپ ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ماڭدۇردى. ئەمما داۋۇتنىڭ ئايالى مىقال ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر بۇ كېچە جېنىڭنى ئېلىپ قاچمىساڭ، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسەن، دېدى. | 11 |
Therefore, Saul sent his guards to David’s house, so that they might watch for him, and so that he might be killed in the morning. And after Michal, his wife, had reported this to David, saying, “Unless you save yourself this night, tomorrow you will die,”
شۇڭا مىقال داۋۇتنى پەنجىردىن چۈشۈرۈپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ قېچىپ قۇتۇلدى. | 12 |
she lowered him down through a window. Then he fled and went away, and he was saved.
ئاندىن مىقال بىر «تەرافىم» بۇتنى ئېلىپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدىن قىلىنغان بىر ياستۇقنى قويۇپ، ئەدىيال بىلەن يېپىپ قويدى. | 13 |
Then Michal took a statue, and placed it on the bed. And she placed the pelt of a goat for the hair at its head. And she covered it with clothes.
سائۇل داۋۇتنى تۇتۇش ئۈچۈن چاپارمەنلەرنى ئەۋەتكەندە مىقال: ــ ئۇ ئاغرىپ قالدى، دېدى. | 14 |
And Saul sent attendants to seize David. And it was answered that he was sick.
سائۇل چاپارمەنلەرنى [قايتىدىن] ئەۋەتىپ: ــ ئۇنى كارىۋات بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرىمەن، دەپ بۇيرۇدى. | 15 |
And again, Saul sent messengers to see David, saying, “Bring him to me on the bed, so that he may be killed.”
چاپارمەنلەر كىرگەندە، مانا كارىۋاتتا بۇ بۇت ياتاتتى، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدىن قىلىنغان ياستۇق قويۇلغانىدى. | 16 |
And when the messengers had arrived, they found a likeness on the bed, with a goat pelt at its head.
سائۇل مىقالغا: ــ نېمىشقا مېنى بۇنداق ئالداپ، دۈشمىنىمنى قاچۇرۇۋېتىسەن؟ ــ دېدى. مىقال سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ: «مېنى قويۇۋەتكىن؛ بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېدى، دېدى. | 17 |
And Saul said to Michal, “Why have you deceived me in this way, and released my enemy, so that he may flee?” And Michal responded to Saul, “Because he said to me, ‘Release me, otherwise I will kill you.’”
داۋۇت قېچىپ قۇتۇلۇپ، راماھقا سامۇئىلنىڭ قېشىغا بېرىپ، سائۇلنىڭ ئۇنىڭغا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. ئاندىن ئۇ سامۇئىل بىلەن نايوتقا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. | 18 |
Now David was saved by fleeing, and he went to Samuel in Ramah. And he reported to him all that Saul had done to him. And he and Samuel went away and stayed at Naioth.
بىرسى سائۇلغا: ــ داۋۇت راماھدىكى نايوتتا بار ئىكەن، دەپ خەۋەر بەردى. | 19 |
Then it was reported to Saul by some, saying, “Behold, David is at Naioth, in Ramah.”
سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە چاپارمەنلەرنى ماڭدۇردى. ئەمما ئۇلار يېتىپ بارغاندا پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر جامائىتى بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە سامۇئىلنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى؛ شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغىمۇ چۈشۈپ، ئۇلارمۇ ھەم بېشارەت بېرىشكە باشلىدى. | 20 |
Therefore, Saul sent officers to seize David. And when they had seen a company of prophets prophesying, with Samuel presiding over them, the Spirit of the Lord also came to them, and they also began to prophesy.
بۇ خەۋەر سائۇلغا ئېيتىلدى؛ ئۇ يەنە باشقا چاپارمەنلەرنى ئەۋەتتى، لېكىن ئۇلارمۇ بېشارەت بېرىشكە چۈشتى. ئاندىن سائۇل ئۈچىنچى قېتىم يەنە چاپارمەنلەرنى ماڭدۇردى. ئۇلارمۇ ھەم بېشارەت بېرىشكە چۈشتى. | 21 |
And when this was reported to Saul, he sent other messengers. But they also prophesied. And again, Saul sent messengers a third time. And they also prophesied. And Saul, being exceedingly angry,
ئاندىن سائۇل ئۆزى راماھقا بېرىپ، سەقۇدىكى چوڭ قۇدۇققا يېتىپ كەلگەندە، «سامۇئىل بىلەن داۋۇت نەدە؟» ــ دەپ سورىدى. بىرسى: ــ ئۇلار راماھدىكى نايوتتا بار ئىكەن، دەپ جاۋاب بەردى. | 22 |
also went to Ramah himself. And he went as far as the great cistern, which is in Socoh. And he inquired and said, “In which place are Samuel and David?” And it was told to him, “Behold, they are at Naioth, in Ramah.”
شۇڭا ئۇ راماھدىكى نايوتقا يېتىپ كەلدى؛ خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغىمۇ چۈشتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ پىيادە مېڭىپ راماھدىكى نايوتقا بارغۇچە بېشارەت بېرىپ ماڭدى. | 23 |
And he went to Naioth, in Ramah, and the Spirit of the Lord came to him also. And he continued on, walking and prophesying, until he arrived at Naioth, in Ramah.
ئۇ ھەتتا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ سامۇئىلنىڭ ئالدىدا بېشارەت بەردى؛ پۈتۈن بىر كېچە ۋە پۈتۈن بىر كۈندۈز ئۇ يەردە يالىڭاچ ياتتى. بۇنىڭ بىلەن: ــ «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمۇ؟» دەيدىغان گەپ پەيدا بولدى. | 24 |
And he also took off his garments, and he prophesied with the others before Samuel. And he fell down naked, throughout that day and night. From this, too, is derived the proverb, “Could Saul also be among the prophets?”