< سامۇئىل 1 18 >
داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئاياغلاشقاندا، يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيدى. | 1 |
Dawut bilen Saulning söhbiti ayaghlashqanda, Yonatanning köngli Dawutning könglige shundaq baghlandiki, uni öz jénidek söydi.
سائۇل بولسا ئۇ كۈنى ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ، ئۇنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتقىلى قويمىدى. | 2 |
Saul bolsa u küni uni öz yénida élip qélip, uni atisining öyige qaytqili qoymidi.
يوناتان داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلىشتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى. | 3 |
Yonatan Dawut bilen ehde qilishti; chünki u uni öz jénidek söyetti.
يوناتان ئۇچىسىدىكى توننى سېلىپ داۋۇتقا بەردى، يەنە جەڭ كىيىملىرىنى، جۈملىدىن ھەتتا قىلىچى، ئوقياسى ۋە كەمىرىنىمۇ ئۇنىڭغا بەردى. | 4 |
Yonatan uchisidiki tonni sélip Dawutqa berdi, yene jeng kiyimlirini, jümlidin hetta qilichi, oqyasi we kemirinimu uninggha berdi.
سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ئەۋەتسە ئۇ شۇ يەرگە باراتتى، شۇنداقلا ئىشلارنى جايىدا قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سائۇل ئۇنى لەشكەرلەرنىڭ ئۈستىگە قويدى. بۇ ئىش بارلىق خەلققە ۋە ھەم سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىغىمۇ ياقتى. | 5 |
Saul Dawutni negila ewetse u shu yerge baratti, shundaqla ishlarni jayida qilatti. Shuning üchün Saul uni leshkerlerning üstige qoydi. Bu ish barliq xelqqe we hem Saulning xizmetkarlirighimu yaqti.
داۋۇت فىلىستىينى ئۆلتۈرۈپ كۆپچىلىك بىلەن يانغاندا ئىسرائىلنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدىكى قىز-ئاياللار سائۇلنى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ قارشى ئالغىلى چىقتى؛ ئۇلار خۇشلۇق ئىچىدە داپ ۋە ئۈچتار بىلەن نەغمە چېلىشتى. | 6 |
Dawut Filistiyni öltürüp köpchilik bilen yan’ghanda Israilning hemme sheherliridiki qiz-ayallar Saulni naxsha éytip ussul oynap qarshi alghili chiqti; ular xushluq ichide dap we üchtar bilen neghme chélishti.
قىز-ئاياللار نەغمە چالغاندا: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، دەپ ئوقۇشاتتى. | 7 |
Qiz-ayallar neghme chalghanda: — Saul minglap öltürdi, we Dawut on minglap öltürdi, dep oqushatti.
بۇنى ئاڭلاپ سائۇل ناھايىتى خاپا بولدى؛ بۇ سۆز ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەگدى. ئۇ: ــ داۋۇتقا ئون مىڭلاپ ھېسابلاندى، ئەمما ماڭا پەقەت مىڭلاپ ھېسابلاندى؛ ئەمدى پادىشاھلىقتىن باشقا ئۇنىڭغا ھېچنەرسە كەم ئەمەس، دېدى. | 8 |
Buni anglap Saul nahayiti xapa boldi; bu söz uning könglige tegdi. U: — Dawutqa on minglap hésablandi, emma manga peqet minglap hésablandi; emdi padishahliqtin bashqa uninggha héchnerse kem emes, dédi.
شۇ كۈندىن تارتىپ سائۇل داۋۇتنى كۆزلەپ يۈردى. | 9 |
Shu kündin tartip Saul Dawutni közlep yürdi.
ئەتىسى خۇدا تەرىپىدىن قاباھەتلىك بىر روھ سائۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە ئۇ ئۆيىدە قالايمىقان جۆيلىگىلى تۇردى. ئەمدى داۋۇت باشقا ۋاقىتتىكىدەك قولى بىلەن چىلتار چالدى؛ سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى. | 10 |
Etisi Xuda teripidin qabahetlik bir roh Saulning üstige chüshti we u öyide qalaymiqan jöyligili turdi. Emdi Dawut bashqa waqittikidek qoli bilen chiltar chaldi; Saulning qolida neyze bar idi.
سائۇل: ــ داۋۇتنى تامغا نەيزە بىلەن قادىۋېتىمەن دەپ، نەيزىنى ئاتتى؛ لېكىن داۋۇت ئىككى قېتىم ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. | 11 |
Saul: — Dawutni tamgha neyze bilen qadiwétimen dep, neyzini atti; lékin Dawut ikki qétim özini daldigha aldi.
پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت بىلەنلا بولۇپ، ئۆزىدىن يىراقلاپ كەتكىنى ئۈچۈن سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى. | 12 |
Perwerdigarning Dawut bilenla bolup, özidin yiraqlap ketkini üchün Saul Dawuttin qorqatti.
شۇنىڭ ئۈچۈن سائۇل داۋۇتنى ئۆز يېنىدىن ئايرىپ، ئۇنى لەشكەرلەرگە مىڭبېشى قىلىپ قويدى؛ ئۇ لەشكەرلەرنى ئېلىپ جەڭگە چىقىپ تۇراتتى. | 13 |
Shuning üchün Saul Dawutni öz yénidin ayrip, uni leshkerlerge mingbéshi qilip qoydi; u leshkerlerni élip jengge chiqip turatti.
داۋۇت بولسا ھەممە ئىشلارنى پەم بىلەن قىلاتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. | 14 |
Dawut bolsa hemme ishlarni pem bilen qilatti; chünki Perwerdigar uning bilen bille idi.
سائۇل ئۇنىڭ پەملىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بەك قورقاتتى. | 15 |
Saul uning pemlik ikenlikini körüp uningdin bek qorqatti.
ئەمما پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدا خەلقى داۋۇتنى سۆيەتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى يېتەكلەپ جەڭگە چىقاتتى. | 16 |
Emma pütkül Israil bilen Yehuda xelqi Dawutni söyetti; chünki u ularni yéteklep jengge chiqatti.
سائۇل داۋۇتقا: ــ مانا، چوڭ قىزىم مېراب ــ مەن ئۇنى ساڭا خوتۇنلۇققا بەرگۈم بار. سەن پەقەت خىزمىتىمگە جان-پىدا بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىدە كۈرەش قىلغىن، دېدى. چۈنكى سائۇل ئىچىدە: ــ ئۇ مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيلەرنىڭ قولى بىلەن يوقىتىلسۇن، دەپ خىيال قىلغانىدى. | 17 |
Saul Dawutqa: — Mana, chong qizim Mérab — men uni sanga xotunluqqa bergüm bar. Sen peqet xizmitimge jan-pida bolup, Perwerdigarning jengliride küresh qilghin, dédi. Chünki Saul ichide: — U méning qolum bilen emes, belki Filistiylerning qoli bilen yoqitilsun, dep xiyal qilghanidi.
ئەمما داۋۇت سائۇلغا: ــ مەن كىم ئىدىم، مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتى ئىسرائىل ئارىسىدا نېمە ئىدى، مەن قانداقمۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولاي؟ ــ دېدى. | 18 |
Emma Dawut Saulgha: — Men kim idim, méning atamning jemeti Israil arisida néme idi, men qandaqmu padishahning küy’oghli bolay? — dédi.
لېكىن سائۇلنىڭ قىزى مېراب داۋۇتقا بېرىلىدىغان ۋاقىتتا، ئۇ مەھولاتلىق ئادرىئەلگە خوتۇنلۇققا بېرىلدى. | 19 |
Lékin Saulning qizi Mérab Dawutqa bérilidighan waqitta, u Meholatliq Adrielge xotunluqqa bérildi.
ئەمما سائۇلنىڭ قىزى مىقالنىڭ كۆڭلى داۋۇتقا چۈشكەنىدى. باشقىلار بۇنى سائۇلغا ئېيتتى، بۇ ئىشتىن سائۇل خۇش بولدى. | 20 |
Emma Saulning qizi Miqalning köngli Dawutqa chüshkenidi. Bashqilar buni Saulgha éytti, bu ishtin Saul xush boldi.
سائۇل: ــ قىزىمنى داۋۇتقا بېرەي، ئۇ ئۇنىڭغا بىر سىرتماق بولۇپ، فىلىستىيلەرنىڭ قولىدا يوقىتىلسۇن، دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتقا: ــ بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم كۈيئوغلۇم بولىسەن، دېدى. | 21 |
Saul: — Qizimni Dawutqa bérey, u uninggha bir sirtmaq bolup, Filistiylerning qolida yoqitilsun, dep oylidi. Shuning bilen Saul Dawutqa: — Bügün ikkinchi qétim küy’oghlum bolisen, dédi.
سائۇل ئۆز غۇلاملىرىغا: ــ داۋۇتقا ئاستىرتىن: ــ مانا، پادىشاھ سەندىن سۆيۈنىدۇ، ۋە ھەممە غۇلاملىرى ساڭا ئامراق. شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولغىن، دەپ ئېيتىڭلار، دەپ تاپىلىدى. | 22 |
Saul öz ghulamlirigha: — Dawutqa astirtin: — Mana, padishah sendin söyünidu, we hemme ghulamliri sanga amraq. Shuning üchün padishahning küy’oghli bolghin, dep éytinglar, dep tapilidi.
سائۇلنىڭ غۇلاملىرى بۇ سۆزلەرنى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى. لېكىن داۋۇت: ــ نەزىرىڭلاردا پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بولسام بىر كەمبەغەل ۋە ئەتىۋارسىز ئادەممەن ــ دېدى. | 23 |
Saulning ghulamliri bu sözlerni Dawutning quliqigha yetküzdi. Lékin Dawut: — Neziringlarda padishahning küy’oghli bolush kichik ishmu? Men bolsam bir kembeghel we etiwarsiz ademmen — dédi.
سائۇلنىڭ غۇلاملىرى سائۇلغا داۋۇتنىڭ دېگەنلىرىنى ئۆز ئەينى يەتكۈزدى. | 24 |
Saulning ghulamliri Saulgha Dawutning dégenlirini öz eyni yetküzdi.
سائۇل: ــ سىلەر داۋۇتقا: ــ پادىشاھ ساڭا باشقا تويلۇق ئالغۇزمايدۇ، پەقەت پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يۈز فىلىستىينىڭ خەتنىلىكىنىلا ئالىدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، دېدى (سائۇلنىڭ مەقسىتى بولسا داۋۇتنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدا يوقىتىش ئىدى). | 25 |
Saul: — Siler Dawutqa: — Padishah sanga bashqa toyluq alghuzmaydu, peqet padishah düshmenliridin intiqam élish üchün yüz Filistiyning xetnilikinila alidu, dep éytinglar, dédi (Saulning meqsiti bolsa Dawutni Filistiylerning qolida yoqitish idi).
غۇلاملار بۇ سۆزلەرنى داۋۇتقا يەتكۈزدى؛ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش داۋۇتقا يېقىپ قالدى. ئەمدى بېكىتىلگەن مۆھلەت توشمايلا، | 26 |
Ghulamlar bu sözlerni Dawutqa yetküzdi; padishahning küy’oghli bolush Dawutqa yéqip qaldi. Emdi békitilgen möhlet toshmayla,
داۋۇت تۇرۇپ ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ ئىككى يۈز فىلىستىينى ئۆلتۈردى. داۋۇت ئۇلارنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ ئېلىپ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا تاپشۇردى. سائۇل قىزى مىقالنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. | 27 |
Dawut turup öz ademliri bilen chiqip ikki yüz Filistiyni öltürdi. Dawut ularning xetnilikini késip élip padishahning küy’oghli bolush üchün bularning hemmisini padishahqa tapshurdi. Saul qizi Miqalni uninggha xotunluqqa berdi.
سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆز قىزى مىقالنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈپ | 28 |
Saul Perwerdigarning Dawut bilen bille ikenlikini we öz qizi Miqalning uni söyidighanliqini körüp
داۋۇتتىن تېخىمۇ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئۈزلۈكسىز داۋۇتقا دۈشمەن بولدى. | 29 |
Dawuttin téximu qorqti. Shuning bilen Saul üzlüksiz Dawutqa düshmen boldi.
فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى دائىم سوقۇشقا چىقاتتى؛ ئەمما ھەر قېتىم چىقسىلا داۋۇتنىڭ ئىشلىرى سائۇلنىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرىنىڭكىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى [خالايىق] تەرىپىدىن تولىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولاتتى. | 30 |
Filistiylerning emirliri daim soqushqa chiqatti; emma her qétim chiqsila Dawutning ishliri Saulning hemme xizmetkarliriningkidin muweppeqiyetlik bolatti; shuning bilen uning nami [xalayiq] teripidin tolimu hörmetke sazawer bolatti.