< سامۇئىل 1 17 >
ئەمما فىلىستىيلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئۇلار يەھۇداغا تەۋە سوكوھدا جەم بولۇپ، سوكوھ بىلەن ئازىكاھ ئوتتۇرىسىدىكى ئەفەس-داممىمدا چېدىرلارنى تىكتى. | 1 |
Filistejci skupiše svoje čete za rat i sastaše se kod Soka u Judeji. Tabor udariše između Soka i Azeke kod Efes Damima.
سائۇل بىلەن ئىسرائىللارمۇ جەم بولۇپ ئېلاھ جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىپ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى سەپ تۈزدى. | 2 |
A Šaul i Izraelci skupiše se i utaboriše u Terebintskoj dolini, i svrstaše se za boj protiv Filistejaca.
فىلىستىيلەر بىر تەرەپتىكى تاغدا، ئىسرائىللار يەنە بىر تەرەپتىكى تاغدا تۇراتتى؛ ئوتتۇرىسىدا جىلغا بار ئىدى. | 3 |
Filistejci su stajali na gori s jedne strane, Izraelci na gori s druge strane, a dolina bila među njima.
شۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن گاتلىق گولىئات ئىسىملىك بىر چېمپىيون پالۋان چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئالتە گەز بىر غېرىچ ئىدى. | 4 |
Iz filistejskih redova izađe jedan izazivač. Zvao se Golijat, a bio je iz Gata. Visok bijaše šest lakata i jedan pedalj.
بېشىغا مىس دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا قاسىراقلىق ساۋۇت كىيگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ مىس ساۋۇتى بولسا بەش مىڭ شەكەل كېلەتتى. | 5 |
Na glavi je imao mjedenu kacigu, obučen je bio u ljuskav oklop, a oklop mu težak pet tisuća mjedenih šekela.
پاچاقلىرىغا مىستىن تىزلىق باغلىغان، ئۆشنىسىگە مىس ئاتما نەيزە قىستۇرىۋالغانىدى. | 6 |
Na nogama je imao mjedene nogavice, a na ramenima mjedenu sulicu.
ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ سېپى بولسا باپكارنىڭ خادىسىدەك ئىدى؛ نەيزىسىنىڭ بېشى ئالتە مىڭ شەكەل كېلەتتى؛ قالقان كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى. | 7 |
Kopljača njegova koplja bila je kao tkalačko vratilo, a šiljak koplja težak šest stotina željeznih šekela. Pred njim je stupao štitonoša.
ئۇ ئورنىدا تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ قوشۇنلىرىغا مۇنداق توۋلايتتى: ــ «سىلەر نېمىشقا جەڭ قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزگەنسىلەر؟ مەن فىلىستىي ئەمەسمۇ؟ سىلەر بولساڭلار سائۇلنىڭ قۇللىرىغۇ؟ ئاراڭلاردىن بىر ئادەمنى تاللاپ چىقىڭلار، ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىشقا چۈشسۇن! | 8 |
On se postavi pred izraelske bojne redove i dovikne im: “Što ste izašli da se svrstate za bitku? Nisam li ja Filistejac, a vi Šaulove sluge? Izaberite između sebe jednoga čovjeka pa neka siđe k meni!
ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىپ مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرەلسە، بىز سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىمىز. لېكىن مەن ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆلتۈرسەم، سىلەر بىزنىڭ قۇللىرىمىز بولۇپ بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە بولۇسىلەر». | 9 |
Ako pobijedi u borbi sa mnom i pogubi me, mi ćemo biti vaše sluge. Ako li ja pobijedim njega i pogubim ga, onda ćete vi biti naše sluge i nama ćete robovati.”
شۇ فىلىستىي يەنە سۆز قىلىپ: ــ مەن بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلدىمغۇ؟ سىلەر بىر ئادەمنى چىقىرىڭلار، بىز ئېلىشايلى! ــ دېدى. | 10 |
Još je Filistejac rekao: “Ja sam danas izazvao Izraelove bojne redove. Dajte mi čovjeka da se ogledamo u dvoboju!”
سائۇل بىلەن ھەممە ئىسرائىل بۇ فىلىستىينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئالاقزادە بولۇپ بەك قورقتى. | 11 |
Kad je Šaul i sav Izrael čuo što je rekao Filistejac, obuze ih strah i drhat.
داۋۇت يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمدە ئولتۇرۇقلۇق يەسسە دېگەن ئەفراتلىق ئادەمنىڭ ئوغلى ئىدى. يەسسەنىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇلنىڭ كۈنلىرىدە ئۇ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى. | 12 |
David je bio sin nekoga Efraćanina iz Betlehema u Judeji; taj se zvao Jišaj, a imao je osam sinova. Taj je čovjek u Šaulovo vrijeme bio star i odmakao u godinama.
يەسسەنىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان ئۈچ ئوغۇلنىڭ تۇنجىسىنىڭ ئىسمى ئېلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىناداب ۋە ئۈچىنچىسىنىڭ شامماھ ئىدى. | 13 |
Tri najstarija Jišajeva sina bijahu otišla u rat za Šaulom; a ta trojica njegovih sinova koji bijahu otišli u rat zvahu se: najstariji Eliab, drugi Abinadab, a treći Šama.
داۋۇت ھەممىدىن كىچىكى ئىدى. ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇلغا ئەگىشىپ چىققانىدى. | 14 |
David bijaše najmlađi. A tri najstarija bijahu otišla za Šaulom. -
بەزىدە داۋۇت سائۇلنىڭ قېشىدىن ئۆز ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىش ئۈچۈن قايتىپ كېلەتتى. | 15 |
David je odlazio k Šaulu i vraćao se iz njegove službe da pase stada svoga oca u Betlehemu.
ئاشۇ فىلىستىي بولسا قىرىق كۈنگىچىلىك ھەر ئەتىگەن ۋە كەچتە چىقىپ تۇردى. | 16 |
A Filistejac izlazio svakoga jutra i večeri i postavljao se tako četrdeset dana. -
يەسسە ئوغلى داۋۇتقا: ــ بۇ ئەفاھ قوماچنى ۋە بۇ ئون ناننى ئېلىپ لەشكەرگاھغا تېز بېرىپ ئاكىلىرىڭغا بەرگىن، | 17 |
A Jišaj reče svome sinu Davidu: “Uzmi za svoju braću ovu efu prženoga žita i ovih deset hljebova i odnesi brže svojoj braći u tabor.
بۇ ئون پارچە قۇرۇتنى ئۇلارنىڭ مىڭبېشىغا بېرىپ ئاكىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ئۇلارنىڭ كېپىل خېتىنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. | 18 |
A ovih deset sireva odnesi njihovu tisućniku. Propitaj se za zdravlje svoje braće i donesi od njih znak da si izvršio nalog!
سائۇل، شۇ [ئۈچ ئوغۇل] ۋە ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېلاھ جىلغىسىدا تۇرۇپ فىلىستىيلەرگە قارشى جەڭ قىلاتتى. | 19 |
Oni su sa Šaulom i svim Izraelom u Terebintskoj dolini: vojuju protiv Filistejaca.”
داۋۇت بولسا ئەتىسى سەھەر قوپۇپ قويلارنى بىر باققۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئاشلىق-تۈلۈكنى ئېلىپ يەسسە ئۇنىڭغا تاپىلىغاندەك، قوشۇن ئىستىھكامىغا يەتكەندە، جەڭگە چىقىدىغان لەشكەرلەر سۆرەن كۆتۈرۈۋاتقانىدى. | 20 |
David ustade u rano jutro, ostavi stado jednom čuvaru, spremi se i ode kako mu bijaše zapovjedio Jišaj. U tabor je stigao kad je vojska izlazila u bojni red i dizala bojni poklik.
ئىسرائىل ۋە فىلىستىيلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل تۇرۇپ سوقۇشقا سەپ تۈزدى. | 21 |
Izraelci i Filistejci svrstaše se u bojni red jedni prema drugima.
داۋۇت بولسا ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى يۈك-تاقلارغا قارىغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ سەپ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاكىلىرىدىن تىنچلىق سورىدى. | 22 |
David ostavi svoje stvari čuvaru opreme pa otrča u bojni red. Došavši, zapita svoju braću za zdravlje.
ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، فىلىستىيلەردىن بولغان گولىئات دېگەن چېمپىئون پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ سېپىدىن چىقىپ يەنە ھېلىقى گەپنى قىلدى؛ داۋۇت ئۇنى ئاڭلىدى. | 23 |
Dok je s njima govorio, gle, onaj izazivač (zvao se Golijat, Filistejac iz Gata) iziđe iz filistejskih bojnih redova i ponovi iste riječi kao prije. I David ih je čuo.
ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى بۇ ئادەمنى كۆرگەندە قېچىپ كېتىشتى ۋە بەك قورقتى. | 24 |
A čim su Izraelci ugledali toga čovjeka, pobjegoše svi daleko od njega i strah ih uhvati.
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرىگە: ــ چىقىۋاتقان بۇ ئادەمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇ ئىسرائىلغا ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىدۇ. شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە پادىشاھ كۆپ مال-مۈلۈك ئىنئام قىلىدۇ، ئۆز قىزىنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بېرىدۇ ھەم ئاتىسىنىڭ جەمەتىنى ئىسرائىل تەۋەسىدە باج-ئالۋاندىن خالاس قىلىدۇ، دېدى. | 25 |
Neki Izraelac reče: “Jeste li vidjeli onoga čovjeka što je izišao? A izišao je da izaziva Izraela. Tko njega pogubi, kralj će mu dati silno blago i dat će mu svoju kćer i oslobodit će od poreza njegov očinski dom u Izraelu.”
داۋۇت ئۆز يېنىدا تۇرغان ئادەملەردىن: ــ بۇ فىلىستىينى ئۆلتۈرۈپ ئىسرائىلغا قىلىنغان شۇ ھاقارەتنى يوقاتقان كىشىگە نېمە قىلىنىدۇ؟ چۈنكى بۇ خەتنىسىز فىلىستىي زادى كىم؟ ئۇ قانداقسىگە مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنلىرىغا ھاقارەت قىلىشقا پېتىنىدۇ؟ ــ دېدى. | 26 |
Tada David zapita ljude koji stajahu oko njega: “Što će to dobiti čovjek koji ubije toga Filistejca i skine sramotu s Izraela? I tko je taj neobrezani Filistejac da izaziva bojne redove živoga Boga?”
خالايىق ئۇنىڭغا ئالدىنقىلارنىڭ دېگەن سۆزى بويىچە جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە مۇنداق-مۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. | 27 |
A narod mu odgovori istim riječima kao prije: “Eto to će dobiti čovjek koji ga pogubi.”
لېكىن ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئېلىئاب ئۇنىڭ ئۇ ئادەملەر بىلەن سۆزلەشكىنىنى ئاڭلاپ قالدى؛ ئېلىئابنىڭ داۋۇتقا ئاچچىقى كېلىپ: ــ نېمىشقا بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ چۆلدىكى ئۇ ئازغىنە قوينى كىمگە تاشلاپ قويدۇڭ؟ مەن كىبىرلىكىڭنى ۋە كۆڭلۈڭنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. سەن ئالايىتەن جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، دېدى. | 28 |
A kad je Eliab, njegov najstariji brat, čuo kako se razgovara s ljudima, usplamtje gnjevom na Davida pa mu reče: “A što si ti došao ovamo? Kome si ostavio ono malo ovaca u pustinji? Znam ja tvoju drskost i zlobu tvoga srca: došao si da vidiš bitku!”
داۋۇت: ــ مەن نېمە قىلدىم؟ پەقەت بىر سۆز قىلسام بولمامدىكەن؟ ــ دېدى. | 29 |
A David odgovori: “A što sam učinio? Zar se ne smije ni riječ reći?”
داۋۇت بۇرۇلۇپ باشقىسىدىن ئالدىنقىدەك سورىدى، خەلق ئالدىدا ئېيتقاندەك ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى. | 30 |
Tada se okrene od njega k drugome i zapita istim riječima kao prije. Narod mu odgovori isto kao prvi put.
ئەمما بىرسى داۋۇتنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قېلىپ سائۇلغا يەتكۈزدى؛ ئۇ داۋۇتنى چاقىرتىپ كەلدى. | 31 |
Kad su ljudi čuli što je govorio David, jave to Šaulu, a on ga pozva preda se.
داۋۇت سائۇلغا: ــ بۇ كىشىنىڭ سەۋەبىدىن ھېچكىمنىڭ يۈرىكى سۇ بولمىسۇن. سىلىنىڭ قۇللىرى بۇ فىلىستىي بىلەن سوقۇشقىلى چىقىدۇ، دېدى. | 32 |
David reče Šaulu: “Neka nikome ne klone srce zbog onoga čovjeka! Tvoj će sluga izaći i borit će se s tim Filistejcem.”
سائۇل داۋۇتقا: ــ سەن بۇ فىلىستىي بىلەن سوقۇشقىلى بارساڭ بولمايدۇ! سەن تېخى ياش، ئەمما ئۇ ياشلىقىدىن تارتىپلا جەڭچى ئىدى، دېدى. | 33 |
Ali Šaul odvrati Davidu: “Ne možeš ti izaći na toga Filistejca da se boriš s njim jer si ti još dijete, a on ratnik od svoje mladosti.”
داۋۇت سائۇلغا: ــ قۇللىرى ئۆز ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كەلدىم. بىر شىر ياكى ئېيىق كېلىپ پادىدىن بىر قوزىنى ئېلىپ كەتسە، | 34 |
Ali David odgovori Šaulu: “Tvoj je sluga čuvao ovce svome ocu, pa kad bi došao lav ili medvjed te uhvatio ovcu iz stada,
مەن ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئۇنى ئۇرۇپ قوزىنى ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ ئالاتتىم. ئەگەر قوپۇپ ماڭا ھۇجۇم قىلسا مەن ئۇنى يايلىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرەتتىم. | 35 |
ja bih potrčao za njim, udario ga i istrgao mu ovcu iz ralja. A ako bi se on digao na me, uhvatio bih ga za grivu i udarao ga dok ga ne bih ubio.
قۇللىرى ھەم شىر ھەم ئېيىقنى ئۆلتۈرگەن؛ بۇ خەتنىسىز فىلىستىيمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت كەلتۈردى ــ دېدى. | 36 |
I lava je i medvjeda tvoj sluga ubio, pa će i taj neobrezani Filistejac proći kao jedan od njih jer je izazvao bojne čete Boga živoga.”
داۋۇت سۆزىنى داۋام قىلىپ: ــ مېنى شىرنىڭ چاڭگىلىدىن ۋە ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بۇ فىلىستىينىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى. سائۇل داۋۇتقا: ــ بارغىن، پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، دېدى. | 37 |
David još dometne: “Jahve koji me izbavio iz lavlje pandže i medvjeđe šape izbavit će me i iz ruku toga Filistejca.” Tada Šaul reče Davidu: “Idi i Jahve neka bude s tobom!”
ئاندىن سائۇل داۋۇتقا ئۆز جەڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، بېشىغا مىس دۇبۇلغىنى تاقاپ ۋە ئۇنىڭغا بىر جەڭ ساۋۇتىنى كىيگۈزدى. | 38 |
Šaul obuče Davida u svoju ratnu odoru, na glavu mu ustače mjedenu kacigu i stavi mu oklop.
داۋۇت بولسا سائۇلنىڭ قىلىچىنى كىيىمنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ، مېڭىپ باقتى؛ چۈنكى ئۇ بۇلارنى كىيىپ باقمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلغا: ــ مەن بۇلارنى كىيىپ ماڭالمايدىكەنمەن؛ چۈنكى بۇرۇن كىيىپ باقمىغان، دەپ ئۇلارنى سېلىۋەتتى. | 39 |
Pripasa Davidu svoj mač preko odore, ali David uzalud pokuša hodati, jer ne bijaše navikao, pa reče Šaulu: “Ne mogu hodati u tome jer nisam navikao.” Zato sve skinu sa sebe.
ئۇ قولىغا ھاسىسىنى ئېلىپ، ئېرىقتىن بەش سىلىق تاش ئىلغاپ پادىچى خالتىسىنىڭ يانچۇقىغا سالدى؛ ئۇ سالغۇسىنى قولىغا ئېلىپ فىلىستىيگە يېقىن باردى. | 40 |
David uze svoj štap u ruku, izabra u potoku pet glatkih kamenova i metnu ih u svoju pastirsku torbu, koja mu je služila kao torba za praćku, te s praćkom u ruci pođe prema Filistejcu.
فىلىستىي بولسا چىقىپ داۋۇتقا يېقىنلاشتى، قالقان كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭدى. | 41 |
A Filistejac se sve bliže primicao Davidu, dok je njegov štitonoša stupao pred njim.
فىلىستىي داۋۇتقا بىرقۇر سەپسېلىپ قاراپ مەسخىرە قىلدى. چۈنكى ئۇ تېخى ياش، بۇغداي ئۆڭلۈك ۋە كېلىشكەن يىگىت ئىدى. | 42 |
A kad Filistejac pogleda i vidje Davida, prezre ga s njegove mladosti - bijaše David mladić, rumen, lijepa lica.
فىلىستىي داۋۇتقا: ــ سەن ھاسا كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەپسەن؟ سەن مېنى ئىت دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ ــ دەپ ئۆز بۇتلىرىنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئېلىپ داۋۇتنى قارغىدى. | 43 |
Zato Filistejac reče Davidu: “Zar sam ja pseto te ideš na me sa štapovima?” I uze proklinjati Davida svojim bogovima.
فىلىستىي داۋۇتقا يەنە: ــ بۇ ياققا كەل، مەن گۆشۈڭنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالالاردىكى يىرتقۇچلارغا يەم قىلىمەن، دېدى. | 44 |
Zatim Filistejac reče Davidu: “Dođi k meni da dam tvoje meso pticama nebeskim i zvijerima zemaljskim!”
داۋۇت فىلىستىيكە: ــ سەن قىلىچ، نەيزە ۋە ئاتما نەيزىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدىڭ؛ لېكىن مەن سەن ھاقارەت قىلغان، ئىسرائىلنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئالدىڭغا ھۇجۇمغا چىقتىم ــ دېدى. | 45 |
A David odgovori Filistejcu: “Ti ideš na me mačem, kopljem i sulicom, a ja idem na te u ime Jahve Sebaota, Boga Izraelovih četa koje si ti izazvao.
«دەل بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ. مەن سېنى ئۆلتۈرۈپ بېشىڭنى كېسىپ ئالىمەن؛ مەن لەشكەرگاھدىكى فىلىستىيلەرنىڭ جەسەتلىرىنىمۇ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالالاردىكى يىرتقۇچلىرىغا يەم قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جاھان ئىسرائىلدا بىر خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ | 46 |
Danas će te Jahve predati u moju ruku, ja ću te ubiti, skinut ću tvoju glavu i još ću danas tvoje mrtvo tijelo i mrtva tjelesa filistejske vojske dati pticama nebeskim i zvijerima zemaljskim. Sva će zemlja znati da ima Bog u Izraelu.
ۋە بۇ پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت بېرىشىنىڭ قىلىچ، نەيزە بىلەن ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ جەڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، ئۇ سېنى قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ». | 47 |
I sav će ovaj zbor znati da Jahve ne daje pobjedu mačem ni kopljem, jer je Jahve gospodar bitke i on vas predaje u naše ruke.”
فىلىستىي داۋۇتقا ھۇجۇم قىلغىلى قوپۇپ يېقىن كەلگەندە داۋۇت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى فىلىستىي قوشۇنىنىڭ سېپىگە قاراپ يۈگۈردى. | 48 |
Kad se Filistejac približio i pošao prema Davidu, izađe David iz bojnih redova i krenu pred Filistejca.
داۋۇت قولىنى خالتىسىغا تىقىپ بىر تاشنى چىقىرىپ سالغۇغا سېلىپ فىلىستىيگە قارىتىپ ئاتتى؛ تاش فىلىستىينىڭ پېشانىسىگە تەگدى. تاش ئۇنىڭ پېشانىسىگە پېتىپ كەتتى، ئۇ دۈم چۈشۈپ يەرگە يىقىلدى. | 49 |
David segnu rukom u torbu, izvadi iz nje kamen i hitnu ga iz praćke. I pogodi Filistejca u čelo; kamen mu se zabi u čelo i on pade ničice na zemlju.
شۇنداق قىلىپ داۋۇت فىلىستىينى سالغۇ ۋە تاش بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ داۋۇتنىڭ قولىدا ھېچ قىلىچ يوق ئىدى. | 50 |
Tako je David praćkom i kamenom nadjačao Filistejca: udario je Filistejca i ubio ga, a nije imao mača u ruci.
داۋۇت يۈگۈرۈپ بېرىپ، فىلىستىينىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، قىلىچىنى قىنىدىن تارتىپ ئېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى ئالدى. فىلىستىيلەر ئۆز باتۇرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپلا، بەدەر قاچتى. | 51 |
Zato David potrča i stade na Filistejca, zgrabi njegov mač, izvuče ga iz korica i pogubi Filistejca odsjekavši mu glavu. Kad Filistejci vidješe kako pogibe njihov junak, nagnuše u bijeg.
ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بولسا ئورنىدىن قوپۇپ سۆرەن سېلىشىپ فىلىستىيلەرنى جىلغىغىچە ۋە ئەكرون دەرۋازىلىرىغىچە كەينىدىن قوغلاپ كەلدى؛ ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيلەر شائارائىمغا بارىدىغان يولدا گات ۋە ئەكرونغىچە يېتىپ كەتكەنىدى. | 52 |
Tada ustadoše Izraelci i Judejci, digoše bojnu viku i potjeraše Filistejce do opkopa oko Gata i do gradskih vrata Ekrona; filistejski mrtvaci pokriše put od Šaarajima sve do Gata i do Ekrona.
ئىسرائىل فىلىستىيلەرنى قوغلاشتىن يېنىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. | 53 |
Nato se Izraelci vratiše iz te žestoke potjere za Filistejcima i opljačkaše njihov tabor.
داۋۇت فىلىستىينىڭ بېشىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ئۇنىڭ يارىغىنى بولسا ئۆز چېدىرىغا قويدى. | 54 |
A David uze Filistejčevu glavu i odnese je u Jeruzalem, a oružje njegovo položi u svoj šator.
سائۇل داۋۇتنىڭ فىلىستىينىڭ ئالدىغا چىققىنىنى كۆرگەندە قوشۇننىڭ سەردارى ئابنەردىن: ــ ئى ئابنەر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى؟ ــ دەپ سورىدى. ئابنەر: ــ ئى پادىشاھ، ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بىلمەيمەن، دېدى. | 55 |
Kad je Šaul vidio Davida gdje izlazi pred Filistejca, upitao je svoga vojvodu Abnera: “Čiji je sin taj mladić, Abnere?” A Abner je odgovorio: “Tako mi tvoga života, kralju, ne znam!”
پادىشاھ: ــ بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن دەپ سوراپ باققىن، دېدى. | 56 |
A kralj mu reče: “Raspitaj se čiji je sin taj mladić!”
داۋۇت فىلىستىينى قىرىپ قايتىپ كەلگەندە ئابنەر ئۇنى پادىشاھنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى؛ فىلىستىينىڭ بېشى تېخىچە ئۇنىڭ قولىدا تۇراتتى. | 57 |
A kad se David vratio pošto je pogubio Filistejca, uze ga Abner i dovede ga pred Šaula, a u ruci David još držaše Filistejčevu glavu.
سائۇل ئۇنىڭدىن: ــ ئى يىگىت، كىمنىڭ ئوغلىسەن؟ دەپ سورىدى. داۋۇت: ــ مەن سىلىنىڭ قۇللىرى بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ ئوغلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. | 58 |
Šaul ga upita: “Čiji si ti sin, momče?” A David odgovori: “Sin sam tvoga sluge Betlehemca Jišaja.”