< سامۇئىل 1 16 >

پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ سەن قاچانغىچە سائۇل ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈرىسەن؟ مەن ئۇنى ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلىشتىن مەھرۇم قىلىپ تاشلىغان ئەمەسمۇ؟ مۈڭگۈزۈڭنى زەيتۇن مېيى بىلەن تولدۇرۇپ بارغىن. مەن سېنى بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ قېشىغا ئەۋەتىمەن. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن پادىشاھ بولۇشقا ئۆزۈمگە بىرنى بېكىتتىم، دېدى. 1
Perwerdigar Samuilgha: — Sen qachan’ghiche Saul üchün qayghurup yürisen? Men uni Israilgha seltenet qilishtin mehrum qilip tashlighan emesmu? Münggüzüngni zeytun méyi bilen toldurup barghin. Men séni Beyt-Lehemlik Yessening qéshigha ewetimen. Uning oghulliridin padishah bolushqa özümge birni békittim, dédi.
سامۇئىل بولسا: ــ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل بۇ ئىشنى ئاڭلىسا مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ! ــ دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۆزۈڭ بىلەن بىر ئىنەكنى ئالغاچ بېرىپ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، دېگىن. 2
Samuil bolsa: — Men qandaq barimen? Saul bu ishni anglisa méni öltürüwétidu! — dédi. Perwerdigar: — Özüng bilen bir inekni alghach bérip Perwerdigargha qurbanliq qilish üchün keldim, dégin.
يەسسەنى قۇربانلىققا چاقىرغىن، ئاندىن مەن ساڭا قىلىدىغىنىڭنى ئايان قىلىمەن؛ ۋە مەن ساڭا دېگەن بىرسىنى ئۆزۈم ئۈچۈن مەسىھ قىلغىن، دېدى. 3
Yesseni qurbanliqqa chaqirghin, andin Men sanga qilidighiningni ayan qilimen; we Men sanga dégen birsini Özüm üchün mesih qilghin, dédi.
سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى ئادا قىلىپ بەيت-لەھەمگە باردى. يېتىپ كەلگەندە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى تىترىگەن ھالدا چىقىپ: ــ بىزگە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 4
Samuil Perwerdigarning déginini ada qilip Beyt-Lehemge bardi. Yétip kelgende sheherning aqsaqalliri titrigen halda chiqip: — Bizge tinch-amanliq élip keldingmu? — dep soridi.
ئۇ: ــ تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كەلدىم؛ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق سۇنۇشقا كەلدىم. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ھارامدىن پاكلاپ مەن بىلەن بىللە قۇربانلىققا كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەسسە بىلەن ئوغۇللىرىنى ھالال قىلىپ قۇربانلىققا چاقىردى. 5
U: — Tinch-amanliq élip keldim; Perwerdigargha qurbanliq sunushqa keldim. Siler özünglarni haramdin paklap men bilen bille qurbanliqqa kélinglar, dédi. Shuning bilen u Yesse bilen oghullirini halal qilip qurbanliqqa chaqirdi.
ئۇلار كەلگەندە سامۇئىل ئېلىئابنى كۆرۈپ ئىچىدە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلىدىغىنى شۈبھىسىزكى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، دېدى. 6
Ular kelgende Samuil Éliabni körüp ichide: — Perwerdigarning mesih qilidighini shübhisizki Özining aldida turidu, dédi.
لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىغا ياكى بويىغا قارىمىغىن. مەن ئۇنى شاللىۋەتتىم، چۈنكى خۇدا ئىنسان كۆرگەندەك كۆرمەيدۇ؛ ئىنسان بولسا سىرتقى قىياپىتىگە قارايدۇ، لېكىن پەرۋەردىگار قەلبگە قارايدۇ، دېدى. 7
Lékin Perwerdigar Samuilgha: — Uning teqi-turqigha yaki boyigha qarimighin. Men uni shalliwettim, chünki Xuda insan körgendek körmeydu; insan bolsa sirtqi qiyapitige qaraydu, lékin Perwerdigar qelbge qaraydu, dédi.
ئاندىن يەسسە ئابىنادابنى چاقىرىپ سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار بۇنى ھەم تاللىمىدى، دېدى. 8
Andin Yesse Abinadabni chaqirip Samuilning aldidin ötküzdi. Emma Samuil: — Perwerdigar buni hem tallimidi, dédi.
ئاندىن يەسسە شامماھنى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار بۇنى ھەم تاللىمىدى، دېدى. 9
Andin Yesse Shammahni uning aldidin ötküzdi. Emma Samuil: — Perwerdigar buni hem tallimidi, dédi.
شۇنىڭغا ئوخشاش يەسسە ئوغۇللىرىنىڭ يەتتىسىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. لېكىن سامۇئىل يەسسەگە: ــ پەرۋەردىگار بۇلارنى ھەم تاللىمىدى، دېدى. 10
Shuninggha oxshash Yesse oghullirining yettisini Samuilning aldidin ötküzdi. Lékin Samuil Yessege: — Perwerdigar bularni hem tallimidi, dédi.
سامۇئىل يەسسەدىن: ــ بارلىق يىگىتلەر مۇشۇلارمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ھەممىدىن كىچىكى قالدى. لېكىن مانا، ئۇ قوي بېقىۋاتىدۇ، دېدى. سامۇئىل يەسسەگە: ــ ئۇنى چاقىرتىپ ئېلىپ كەلگىن، چۈنكى ئۇ كەلمىگۈچە داستىخاندا ئولتۇرمايمىز، دېدى. 11
Samuil Yessedin: — Barliq yigitler mushularmu? dep soridi. U: — Hemmidin kichiki qaldi. Lékin mana, u qoy béqiwatidu, dédi. Samuil Yessege: — Uni chaqirtip élip kelgin, chünki u kelmigüche dastixanda olturmaymiz, dédi.
[يەسسە] ئادەم ماڭدۇرۇپ ئۇنى كەلتۈردى. ئۇ چىرايىدا قان يۈگۈرۈپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى چىرايلىق ۋە كېلىشكەن يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار: ــ قوپۇپ ئۇنى مەسىھ قىلغىن، چۈنكى [مېنىڭ تاللىغىنىم] شۇدۇر! دېدى. 12
[Yesse] adem mangdurup uni keltürdi. U chirayida qan yügürüp turidighan, közliri chirayliq we kélishken yigit idi. Perwerdigar: — Qopup uni mesih qilghin, chünki [Méning tallighinim] shudur! dédi.
سامۇئىل ماي مۈڭگۈزىنى ئېلىپ ئۇنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا مەسىھ قىلدى. ئۇ كۈندىن تارتىپ پەرۋەردىگارنىڭ روھى داۋۇتنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى. سامۇئىل بولسا قوپۇپ راماھغا كەتتى. 13
Samuil may münggüzini élip uni qérindashlirining arisida mesih qildi. U kündin tartip Perwerdigarning Rohi Dawutning wujudigha chüshti. Samuil bolsa qopup Ramahgha ketti.
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن كەتكەنىدى، ۋە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بىر يامان روھ ئۇنى پەرىشان قىلدى. 14
Emdi Perwerdigarning Rohi Sauldin ketkenidi, we Perwerdigar teripidin bir yaman roh uni perishan qildi.
سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا خۇدا تەرىپىدىن بىر يامان روھ سېنى پەرىشان قىلىدۇ. 15
Saulning xizmetkarliri uninggha: — Mana Xuda teripidin bir yaman roh séni perishan qilidu.
ئەمدى غوجىمىز ئۆزلىرى ئالدىلىرىدىكى خىزمەتكارلىرىنى دەرھال بۇيرۇغايلىكى، ئۇلار چىلتار چېلىشقا ئۇستا ئادەمنى تاپسۇن؛ ۋە شۇنداق بولىدۇكى، خۇدا تەرىپىدىن يامان روھ ئۈستلىرىگە كەلسە ئۇ چىلتار چالسۇن، ئۇنىڭ بىلەن ھاللىرى ئوبدان بولىدۇ، دېدى. 16
Emdi ghojimiz özliri aldiliridiki xizmetkarlirini derhal buyrughayliki, ular chiltar chélishqa usta ademni tapsun; we shundaq boliduki, Xuda teripidin yaman roh üstlirige kelse u chiltar chalsun, uning bilen halliri obdan bolidu, dédi.
سائۇل خىزمەتكارلىرىغا: ــ مېنىڭ ئۈچۈن چىلتار چېلىشقا ئۇستا بىر ئادەمنى تېپىپ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. 17
Saul xizmetkarlirigha: — Méning üchün chiltar chélishqa usta bir ademni tépip qéshimgha élip kélinglar, dédi.
غۇلاملاردىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ چىلتارغا ئۇستا بىر ئوغلىنى كۆردۈم. ئۇ ئۆزى باتۇر بىر جەڭچى، گەپتە ھوشيار ۋە كېلىشكەن ئادەم ئىكەن، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەن، دېدى. 18
Ghulamlardin biri uninggha: — Mana Beyt-Lehemlik Yessening chiltargha usta bir oghlini kördüm. U özi batur bir jengchi, gepte hoshyar we kélishken adem iken, shundaqla Perwerdigar uning bilen bille iken, dédi.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل يەسسەگە ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: ــ قوي باقىدىغان ئوغلۇڭ داۋۇتنى ماڭا ئەۋەتكىن، دەپ ئېيتتى. 19
Shuning bilen Saul Yessege elchilerni mangdurup: — Qoy baqidighan oghlung Dawutni manga ewetkin, dep éytti.
يەسسە بىر ئېشەكنى تەييارلاپ ئۇنىڭغا نان بىلەن بىر تۇلۇم شاراب ۋە بىر ئوغلاقنى ئارتىپ، بۇلارنى ئوغلى داۋۇتنىڭ قولى بىلەن سائۇلغا ئەۋەتتى. 20
Yesse bir éshekni teyyarlap uninggha nan bilen bir tulum sharab we bir oghlaqni artip, bularni oghli Dawutning qoli bilen Saulgha ewetti.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. سائۇل ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدى؛ ئۇ سائۇلنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولدى. 21
Shuning bilen Dawut Saulning qéshigha kélip uning aldida turdi. Saul uninggha tolimu amraq idi; u Saulning yaragh kötürgüchisi boldi.
ئاندىن سائۇل يەسسەگە خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ داۋۇت مېنىڭ ئالدىمدا تۇرسۇن؛ چۈنكى ئۇ نەزىرىمگە ياقتى، دەپ ئېيتتى. 22
Andin Saul Yessege xewer ewetip: — Dawut méning aldimda tursun; chünki u nezirimge yaqti, dep éytti.
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ [يامان] روھ خۇدا تەرىپىدىن سائۇلنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە داۋۇت چىلتارنى ئېلىپ قولى بىلەن چالدى. بۇنىڭ بىلەن سائۇل ئارام تېپىپ ھالى ئوبدان بولۇپ يامان روھ ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. 23
Emdi shundaq boliduki, u [yaman] roh Xuda teripidin Saulning üstige kelgende Dawut chiltarni élip qoli bilen chaldi. Buning bilen Saul aram tépip hali obdan bolup yaman roh uningdin chiqip ketti.

< سامۇئىل 1 16 >