پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ سەن قاچانغىچە سائۇل ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈرىسەن؟ مەن ئۇنى ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلىشتىن مەھرۇم قىلىپ تاشلىغان ئەمەسمۇ؟ مۈڭگۈزۈڭنى زەيتۇن مېيى بىلەن تولدۇرۇپ بارغىن. مەن سېنى بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ قېشىغا ئەۋەتىمەن. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن پادىشاھ بولۇشقا ئۆزۈمگە بىرنى بېكىتتىم، دېدى. | 1 |
וַיֹּ֨אמֶר יְהוָ֜ה אֶל־שְׁמוּאֵ֗ל עַד־מָתַי֙ אַתָּה֙ מִתְאַבֵּ֣ל אֶל־שָׁא֔וּל וַאֲנִ֣י מְאַסְתִּ֔יו מִמְּלֹ֖ךְ עַל־יִשְׂרָאֵ֑ל מַלֵּ֨א קַרְנְךָ֜ שֶׁ֗מֶן וְלֵ֤ךְ אֶֽשְׁלָחֲךָ֙ אֶל־יִשַׁ֣י בֵּֽית־הַלַּחְמִ֔י כִּֽי־רָאִ֧יתִי בְּבָנָ֛יו לִ֖י מֶֽלֶךְ׃ |
سامۇئىل بولسا: ــ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل بۇ ئىشنى ئاڭلىسا مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ! ــ دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۆزۈڭ بىلەن بىر ئىنەكنى ئالغاچ بېرىپ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، دېگىن. | 2 |
וַיֹּ֤אמֶר שְׁמוּאֵל֙ אֵ֣יךְ אֵלֵ֔ךְ וְשָׁמַ֥ע שָׁא֖וּל וַהֲרָגָ֑נִי ס וַיֹּ֣אמֶר יְהוָ֗ה עֶגְלַ֤ת בָּקָר֙ תִּקַּ֣ח בְּיָדֶ֔ךָ וְאָ֣מַרְתָּ֔ לִזְבֹּ֥חַ לַֽיהוָ֖ה בָּֽאתִי׃ |
يەسسەنى قۇربانلىققا چاقىرغىن، ئاندىن مەن ساڭا قىلىدىغىنىڭنى ئايان قىلىمەن؛ ۋە مەن ساڭا دېگەن بىرسىنى ئۆزۈم ئۈچۈن مەسىھ قىلغىن، دېدى. | 3 |
וְקָרָ֥אתָ לְיִשַׁ֖י בַּזָּ֑בַח וְאָֽנֹכִ֗י אֹודִֽיעֲךָ֙ אֵ֣ת אֲשֶֽׁר־תַּעֲשֶׂ֔ה וּמָשַׁחְתָּ֣ לִ֔י אֵ֥ת אֲשֶׁר־אֹמַ֖ר אֵלֶֽיךָ׃ |
سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى ئادا قىلىپ بەيت-لەھەمگە باردى. يېتىپ كەلگەندە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى تىترىگەن ھالدا چىقىپ: ــ بىزگە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 4 |
וַיַּ֣עַשׂ שְׁמוּאֵ֗ל אֵ֚ת אֲשֶׁ֣ר דִּבֶּ֣ר יְהוָ֔ה וַיָּבֹ֖א בֵּ֣ית לָ֑חֶם וַיֶּחֶרְד֞וּ זִקְנֵ֤י הָעִיר֙ לִקְרָאתֹ֔ו וַיֹּ֖אמֶר שָׁלֹ֥ם בֹּואֶֽךָ׃ |
ئۇ: ــ تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كەلدىم؛ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق سۇنۇشقا كەلدىم. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ھارامدىن پاكلاپ مەن بىلەن بىللە قۇربانلىققا كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەسسە بىلەن ئوغۇللىرىنى ھالال قىلىپ قۇربانلىققا چاقىردى. | 5 |
וַיֹּ֣אמֶר ׀ שָׁלֹ֗ום לִזְבֹּ֤חַ לַֽיהוָה֙ בָּ֔אתִי הִֽתְקַדְּשׁ֔וּ וּבָאתֶ֥ם אִתִּ֖י בַּזָּ֑בַח וַיְקַדֵּ֤שׁ אֶת־יִשַׁי֙ וְאֶת־בָּנָ֔יו וַיִּקְרָ֥א לָהֶ֖ם לַזָּֽבַח׃ |
ئۇلار كەلگەندە سامۇئىل ئېلىئابنى كۆرۈپ ئىچىدە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلىدىغىنى شۈبھىسىزكى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، دېدى. | 6 |
וַיְהִ֣י בְּבֹואָ֔ם וַיַּ֖רְא אֶת־אֱלִיאָ֑ב וַיֹּ֕אמֶר אַ֛ךְ נֶ֥גֶד יְהוָ֖ה מְשִׁיחֹֽו׃ |
لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىغا ياكى بويىغا قارىمىغىن. مەن ئۇنى شاللىۋەتتىم، چۈنكى خۇدا ئىنسان كۆرگەندەك كۆرمەيدۇ؛ ئىنسان بولسا سىرتقى قىياپىتىگە قارايدۇ، لېكىن پەرۋەردىگار قەلبگە قارايدۇ، دېدى. | 7 |
וַיֹּ֨אמֶר יְהוָ֜ה אֶל־שְׁמוּאֵ֗ל אַל־תַּבֵּ֧ט אֶל־מַרְאֵ֛הוּ וְאֶל־גְּבֹ֥הַּ קֹומָתֹ֖ו כִּ֣י מְאַסְתִּ֑יהוּ כִּ֣י ׀ לֹ֗א אֲשֶׁ֤ר יִרְאֶה֙ הָאָדָ֔ם כִּ֤י הָֽאָדָם֙ יִרְאֶ֣ה לַעֵינַ֔יִם וַיהוָ֖ה יִרְאֶ֥ה לַלֵּבָֽב׃ |
ئاندىن يەسسە ئابىنادابنى چاقىرىپ سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار بۇنى ھەم تاللىمىدى، دېدى. | 8 |
וַיִּקְרָ֤א יִשַׁי֙ אֶל־אֲבִ֣ינָדָ֔ב וַיַּעֲבִרֵ֖הוּ לִפְנֵ֣י שְׁמוּאֵ֑ל וַיֹּ֕אמֶר גַּם־בָּזֶ֖ה לֹֽא־בָחַ֥ר יְהוָֽה׃ |
ئاندىن يەسسە شامماھنى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار بۇنى ھەم تاللىمىدى، دېدى. | 9 |
וַיַּעֲבֵ֥ר יִשַׁ֖י שַׁמָּ֑ה וַיֹּ֕אמֶר גַּם־בָּזֶ֖ה לֹא־בָחַ֥ר יְהוָֽה׃ |
شۇنىڭغا ئوخشاش يەسسە ئوغۇللىرىنىڭ يەتتىسىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. لېكىن سامۇئىل يەسسەگە: ــ پەرۋەردىگار بۇلارنى ھەم تاللىمىدى، دېدى. | 10 |
וַיַּעֲבֵ֥ר יִשַׁ֛י שִׁבְעַ֥ת בָּנָ֖יו לִפְנֵ֣י שְׁמוּאֵ֑ל וַיֹּ֤אמֶר שְׁמוּאֵל֙ אֶל־יִשַׁ֔י לֹא־בָחַ֥ר יְהוָ֖ה בָּאֵֽלֶּה׃ |
سامۇئىل يەسسەدىن: ــ بارلىق يىگىتلەر مۇشۇلارمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ھەممىدىن كىچىكى قالدى. لېكىن مانا، ئۇ قوي بېقىۋاتىدۇ، دېدى. سامۇئىل يەسسەگە: ــ ئۇنى چاقىرتىپ ئېلىپ كەلگىن، چۈنكى ئۇ كەلمىگۈچە داستىخاندا ئولتۇرمايمىز، دېدى. | 11 |
וַיֹּ֨אמֶר שְׁמוּאֵ֣ל אֶל־יִשַׁי֮ הֲתַ֣מּוּ הַנְּעָרִים֒ וַיֹּ֗אמֶר עֹ֚וד שָׁאַ֣ר הַקָּטָ֔ן וְהִנֵּ֥ה רֹעֶ֖ה בַּצֹּ֑אן וַיֹּ֨אמֶר שְׁמוּאֵ֤ל אֶל־יִשַׁי֙ שִׁלְחָ֣ה וְקָחֶ֔נּוּ כִּ֥י לֹא־נָסֹ֖ב עַד־בֹּאֹ֥ו פֹֽה׃ |
[يەسسە] ئادەم ماڭدۇرۇپ ئۇنى كەلتۈردى. ئۇ چىرايىدا قان يۈگۈرۈپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى چىرايلىق ۋە كېلىشكەن يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار: ــ قوپۇپ ئۇنى مەسىھ قىلغىن، چۈنكى [مېنىڭ تاللىغىنىم] شۇدۇر! دېدى. | 12 |
וַיִּשְׁלַ֤ח וַיְבִיאֵ֙הוּ֙ וְה֣וּא אַדְמֹונִ֔י עִם־יְפֵ֥ה עֵינַ֖יִם וְטֹ֣וב רֹ֑אִי פ וַיֹּ֧אמֶר יְהוָ֛ה ק֥וּם מְשָׁחֵ֖הוּ כִּֽי־זֶ֥ה הֽוּא׃ |
سامۇئىل ماي مۈڭگۈزىنى ئېلىپ ئۇنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا مەسىھ قىلدى. ئۇ كۈندىن تارتىپ پەرۋەردىگارنىڭ روھى داۋۇتنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى. سامۇئىل بولسا قوپۇپ راماھغا كەتتى. | 13 |
וַיִּקַּ֨ח שְׁמוּאֵ֜ל אֶת־קֶ֣רֶן הַשֶּׁ֗מֶן וַיִּמְשַׁ֣ח אֹתֹו֮ בְּקֶ֣רֶב אֶחָיו֒ וַתִּצְלַ֤ח רֽוּחַ־יְהוָה֙ אֶל־דָּוִ֔ד מֵהַיֹּ֥ום הַה֖וּא וָמָ֑עְלָה וַיָּ֣קָם שְׁמוּאֵ֔ל וַיֵּ֖לֶךְ הָרָמָֽתָה׃ ס |
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن كەتكەنىدى، ۋە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بىر يامان روھ ئۇنى پەرىشان قىلدى. | 14 |
וְר֧וּחַ יְהוָ֛ה סָ֖רָה מֵעִ֣ם שָׁא֑וּל וּבִֽעֲתַ֥תּוּ רֽוּחַ־רָעָ֖ה מֵאֵ֥ת יְהוָֽה׃ |
سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا خۇدا تەرىپىدىن بىر يامان روھ سېنى پەرىشان قىلىدۇ. | 15 |
וַיֹּאמְר֥וּ עַבְדֵֽי־שָׁא֖וּל אֵלָ֑יו הִנֵּה־נָ֧א רֽוּחַ־אֱלֹהִ֛ים רָעָ֖ה מְבַעִתֶּֽךָ׃ |
ئەمدى غوجىمىز ئۆزلىرى ئالدىلىرىدىكى خىزمەتكارلىرىنى دەرھال بۇيرۇغايلىكى، ئۇلار چىلتار چېلىشقا ئۇستا ئادەمنى تاپسۇن؛ ۋە شۇنداق بولىدۇكى، خۇدا تەرىپىدىن يامان روھ ئۈستلىرىگە كەلسە ئۇ چىلتار چالسۇن، ئۇنىڭ بىلەن ھاللىرى ئوبدان بولىدۇ، دېدى. | 16 |
יֹאמַר־נָ֤א אֲדֹנֵ֙נוּ֙ עֲבָדֶ֣יךָ לְפָנֶ֔יךָ יְבַקְשׁ֕וּ אִ֕ישׁ יֹדֵ֖עַ מְנַגֵּ֣ן בַּכִּנֹּ֑ור וְהָיָ֗ה בִּֽהְיֹ֨ות עָלֶ֤יךָ רֽוּחַ־אֱלֹהִים֙ רָעָ֔ה וְנִגֵּ֥ן בְּיָדֹ֖ו וְטֹ֥וב לָֽךְ׃ פ |
سائۇل خىزمەتكارلىرىغا: ــ مېنىڭ ئۈچۈن چىلتار چېلىشقا ئۇستا بىر ئادەمنى تېپىپ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. | 17 |
וַיֹּ֥אמֶר שָׁא֖וּל אֶל־עֲבָדָ֑יו רְאוּ־נָ֣א לִ֗י אִ֚ישׁ מֵיטִ֣יב לְנַגֵּ֔ן וַהֲבִיאֹותֶ֖ם אֵלָֽי׃ |
غۇلاملاردىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ چىلتارغا ئۇستا بىر ئوغلىنى كۆردۈم. ئۇ ئۆزى باتۇر بىر جەڭچى، گەپتە ھوشيار ۋە كېلىشكەن ئادەم ئىكەن، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەن، دېدى. | 18 |
וַיַּעַן֩ אֶחָ֨ד מֵהַנְּעָרִ֜ים וַיֹּ֗אמֶר הִנֵּ֨ה רָאִ֜יתִי בֵּ֣ן לְיִשַׁי֮ בֵּ֣ית הַלַּחְמִי֒ יֹדֵ֣עַ נַ֠גֵּן וְגִבֹּ֨ור חַ֜יִל וְאִ֧ישׁ מִלְחָמָ֛ה וּנְבֹ֥ון דָּבָ֖ר וְאִ֣ישׁ תֹּ֑אַר וַיהוָ֖ה עִמֹּֽו׃ |
شۇنىڭ بىلەن سائۇل يەسسەگە ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: ــ قوي باقىدىغان ئوغلۇڭ داۋۇتنى ماڭا ئەۋەتكىن، دەپ ئېيتتى. | 19 |
וַיִּשְׁלַ֥ח שָׁא֛וּל מַלְאָכִ֖ים אֶל־יִשָׁ֑י וַיֹּ֕אמֶר שִׁלְחָ֥ה אֵלַ֛י אֶת־דָּוִ֥ד בִּנְךָ֖ אֲשֶׁ֥ר בַּצֹּֽאן׃ |
يەسسە بىر ئېشەكنى تەييارلاپ ئۇنىڭغا نان بىلەن بىر تۇلۇم شاراب ۋە بىر ئوغلاقنى ئارتىپ، بۇلارنى ئوغلى داۋۇتنىڭ قولى بىلەن سائۇلغا ئەۋەتتى. | 20 |
וַיִּקַּ֨ח יִשַׁ֜י חֲמֹ֥ור לֶ֙חֶם֙ וְנֹ֣אד יַ֔יִן וּגְדִ֥י עִזִּ֖ים אֶחָ֑ד וַיִּשְׁלַ֛ח בְּיַד־דָּוִ֥ד בְּנֹ֖ו אֶל־שָׁאֽוּל׃ |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. سائۇل ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدى؛ ئۇ سائۇلنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولدى. | 21 |
וַיָּבֹ֤א דָוִד֙ אֶל־שָׁא֔וּל וַֽיַּעֲמֹ֖ד לְפָנָ֑יו וַיֶּאֱהָבֵ֣הֽוּ מְאֹ֔ד וַֽיְהִי־לֹ֖ו נֹשֵׂ֥א כֵלִֽים׃ |
ئاندىن سائۇل يەسسەگە خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ داۋۇت مېنىڭ ئالدىمدا تۇرسۇن؛ چۈنكى ئۇ نەزىرىمگە ياقتى، دەپ ئېيتتى. | 22 |
וַיִּשְׁלַ֣ח שָׁא֔וּל אֶל־יִשַׁ֖י לֵאמֹ֑ר יַעֲמָד־נָ֤א דָוִד֙ לְפָנַ֔י כִּֽי־מָ֥צָא חֵ֖ן בְּעֵינָֽי׃ |
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ [يامان] روھ خۇدا تەرىپىدىن سائۇلنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە داۋۇت چىلتارنى ئېلىپ قولى بىلەن چالدى. بۇنىڭ بىلەن سائۇل ئارام تېپىپ ھالى ئوبدان بولۇپ يامان روھ ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. | 23 |
וְהָיָ֗ה בִּֽהְיֹ֤ות רֽוּחַ־אֱלֹהִים֙ אֶל־שָׁא֔וּל וְלָקַ֥ח דָּוִ֛ד אֶת־הַכִּנֹּ֖ור וְנִגֵּ֣ן בְּיָדֹ֑ו וְרָוַ֤ח לְשָׁאוּל֙ וְטֹ֣וב לֹ֔ו וְסָ֥רָה מֵעָלָ֖יו ר֥וּחַ הָרָעָֽה׃ פ |