< سامۇئىل 1 15 >
ئەمدى سامۇئىل سائۇلغا: ــ پەرۋەردىگار سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ بولۇش ئۈچۈن مەسىھ قىلغىلى مېنى ئەۋەتكەنىدى؛ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن. | 1 |
有一天,撒慕爾對撒烏耳說:「上主曾打發我給你傅油,作他人民以色列的君王,如今你應聽上主的話!
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئامالەكلەرنىڭ ئىسرائىلغا قىلغان مۇئامىلىسىنى، يەنى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا ئۇلارنىڭ يولدا ئۇلارغا قانداق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆڭلۈمگە پۈككەنمەن. | 2 |
萬軍的上主這樣說:我要懲罰阿瑪肋克對以色列所行的事,因為當以色列從埃及上來時,攔截了去路。
ئەمدى بېرىپ ئامالەكلەرنى ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىپ ئۇلارنى ھېچ ئايىمايلا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ئۆسمۈر بولسۇن، بوۋاق بولسۇن، كالا-قوي، تۆگە ۋە ئىشەك ھەممىسىنى يوقاتقىن، دېدى. | 3 |
如今你去攻打阿瑪肋克,毀滅他們和他們所有的一切,絲毫不可顧惜,要將男女、孩童、嬰兒、牛羊、駱駝和驢,一律殺掉。」
سائۇل خەلقنى جەم قىلىپ ئۇلارنى تەلائىم شەھىرىدە سانىۋىدى، ئىككى يۈز مىڭ پىيادە ئەسكەر، يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئادەم چىقتى. | 4 |
撒烏耳調集了軍人,在特冷檢閱了他們,計步兵二十萬,猶大人一萬。
سائۇل ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىگە كەلگەندە شۇ يەردىكى ۋادىدا بۆكتۈرمە قويدى. | 5 |
撒烏耳來到阿瑪肋克城時,在山谷裏設下了埋伏。
ئاندىن سائۇل كېنىيلەرگە: ــ چىقىپ كېتىڭلار، سىلەرنى ئۇلار بىلەن قوشۇپ يوقاتماسلىقىم ئۈچۈن ئامالەكلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا سىلەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنسىلەر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كېنىيلەر ئامالەكلەردىن چىقىپ كەتتى. | 6 |
撒烏耳對刻尼人說:「你們起來快走,離開阿瑪肋克人,免得我把你們同他們一起消滅,因為以色列子民由埃及上來時,你們善待了他們。」刻尼人便離開阿瑪肋克人走了。
ئەمدى سائۇل ئامالەكلەرنى ھاۋىلاھدىن تارتىپ مىسىرنىڭ ئۇدۇلىدىكى شۇرغىچە قوغلاپ ئۇردى. | 7 |
撒烏耳擊殺哈瑪肋克人,從哈威拉一直殺到埃及東面的叔爾,
ئۇ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتتى، ئەمما بارلىق خەلقنى قىلىچ بىسى بىلەن پۈتۈنلەي يوقاتتى. | 8 |
活捉了阿瑪肋克王阿加格,用刀殺盡了其餘的人民。
لېكىن سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگنى ئايىدى ۋە قوي-كالا، بوردالغان مال ۋە قوزىلاردىن ئەڭ ئېسىللەرنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن نېمە ياخشى بولسا شۇنى ئاياپ ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا قولى بارمىدى؛ لېكىن نېمە يارىماس ۋە زەئىپ بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار يوقاتتى. | 9 |
但撒烏耳和軍民卻憐惜阿加格和最好的牛羊,肥美的家畜和羔羊;凡是美好的,他們都不願毀滅,只把一切不值錢,不要的牲畜毀滅了。
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سامۇئىلغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 10 |
那時有上主的話傳於撒慕爾說:「
«سائۇلنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم، چۈنكى ئۇ ماڭا ئەگىشىشتىن يېنىپ مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلمىدى». سامۇئىل ئازار چېكىپ پۈتكۈل بىر كېچە پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى. | 11 |
我後悔立了撒烏耳為王,因為他背離了我,沒有遵從我的命令。」撒慕爾感到不安,整夜哀求上主。
ئەتىسى سامۇئىل سائۇلنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن تاڭ سەھەردىلا ئورنىدىن تۇردى. سامۇئىلغا: ــ سائۇل كارمەلگە باردى ۋە مانا، ئۇ ئۆزىگە بىر ئابىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن يېنىپ گىلگالغا چۈشۈپتۇ، دېگەن خەۋەر بېرىلدى. | 12 |
撒慕爾清晨起來去見撒烏耳;有人告訴他說:「撒烏耳去了加爾默耳,在那裏立了紀念碑,然後回來經過這裏,又去了基耳加耳。」
سامۇئىل سائۇلنىڭ قېشىغا كەلگەندە سائۇل ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار سېنى مۇبارەكلىگەي! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلدىم، دېدى. | 13 |
撒慕爾來到撒烏耳那裏,撒烏耳就對他說:「願天主祝福你! 我履行了上主的命令。」
لېكىن سامۇئىل: ــ ئۇنداق بولسا قۇلىقىمغا ئاڭلانغان قوينىڭ مەرىشى بىلەن مەن ئاڭلاۋاتقان كالىنىڭ مۆرىشى زادى نەدىن كەلدى؟ ــ دېدى. | 14 |
撒慕爾就問說:「怎麼我耳中聽見有羊叫,有牛嗎﹖」
سائۇل جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار ئامالەكلەردىن ئېلىپ كېلىندى؛ چۈنكى خەلق خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن قوي-كالىنىڭ ئېسىللىرىنى ئاياپ قالدۇرۇپ قويدى؛ قالغىنىنى بولسا پۈتۈنلەي يوقاتتۇق، دېدى. | 15 |
撒烏耳回答說:「那是從阿瑪肋克帶回來的,因為人民愛惜那些最好的牛羊,好獻給上主你的天主;至於其餘的,我們都毀滅了。」
سامۇئىل سائۇلغا: ــ قوي، بۇ گېپىڭنى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ كېچە ماڭا نېمە دېگىنىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي، دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئېيتقىن، دېدى. | 16 |
撒慕爾對撒烏耳說:「住口! 讓我告訴你,上主昨夜對我說過的話。」撒烏耳答說:「請說罷! 」
سامۇئىل مۇنداق دېدى: ــ ئۆز نەزىرىڭدە كىچىك ھېسابلانغان ۋاقتىڭدىلا پەرۋەردىگار سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولسۇن دەپ، مەسىھ قىلىشى بىلەن سەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بېشى بولغان ئەمەسمىدىڭ؟ | 17 |
撒慕爾說:「雖然你自以為是最微小的,你豈不是已成了以色列眾支派的首領﹖上主不是曾給你傅油,立你作以色列的君王嗎﹖
ئاندىن پەرۋەردىگار سېنى: ــ سەن بېرىپ گۇناھكار ئامالەكلەرنى ھالاك قىلغىن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ئۇلار بىلەن سوقۇشقىن، دەپ ئەۋەتكەنىدى. | 18 |
上主派你去打仗,曾吩咐你說:去剿滅那些犯罪的阿瑪肋克人,攻打他們,直至將他們完全消滅。
ئەمدى نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، بەلكى ئولجا ئۈستىگە دۈم چۈشۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغاننى قىلدىڭ؟ | 19 |
為什麼你沒有順聽上主的命令,只顧急忙搶掠財物,行了上主不喜歡的事﹖」
سائۇل سامۇئىلغا: ــ مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدىمغۇ! پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتكەن يول بىلەن ماڭدىم ۋە ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى ئېلىپ كېلىپ ئامالەكلەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم. | 20 |
撒烏耳回答撒慕爾說:「我的確聽從了上主的命令,走了上主指給我的路,擒獲了阿瑪肋克王阿加格,毀滅了阿瑪肋克人。
ئەمما خەلق بولسا ئولجىدىن قوي بىلەن كالا، يەنى يوقىتىشقا بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا گىلگالدا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلدى، دېدى. | 21 |
但是軍民由當毀滅的勝利品中,選出了最好的牛羊,要在基耳加耳祭獻上主,你的天主。」
سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈشتىن سۆيۈنەمدۇ، يا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن سۈيۈنەمدۇ؟ مانا ئىتائەت قىلماقلىق قۇربانلىق قىلماقلىقتىن ئەۋزەل، كۆڭۈل قويۇش قوچقار يېغىنى سۇنۇشتىن ئەۋزەلدۇر. | 22 |
撒慕爾回答說:「上主豈能喜歡全燔祭和犧牲,勝過聽從上主的命令﹖聽命勝於祭獻,服從勝過綿羊的肥油脂。
چۈنكى ئاسىيلىق بولسا جادۇگەرلىك گۇناھى بىلەن ئوخشاشتۇر، باشپاشتاقلىق قەبىھلىك ۋە بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تاشلىغىنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ پادىشاھلىقتىن مەھرۇم قىلدى، ــ دېدى. | 23 |
背命等於行卜,頑抗與敬拜偶像無異。因為你拒絕了上主的命令,上主也拒絕了你作王。」
سائۇل سامۇئىلغا: ــ مەن گۇناھ سادىر قىلدىم، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدىن ۋە سېنىڭ سۆزۈڭدىنمۇ چىقتىم؛ چۈنكى مەن خەلقتىن قورقۇپ ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىردىم. | 24 |
撒烏耳對撒慕爾說:「我犯了罪,違背了上主的命令和你的話,因我害怕人民,纔聽從了他們的呼聲。
ئەمدى گۇناھىمنى ئەپۇ قىلغىن؛ مېنىڭ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىشىم ئۈچۈن مېنىڭ بىلەن قايتىپ بارغىن، دېدى. | 25 |
現在,請你寬赦我的罪過,同我一起回去;讓我朝拜上主。」
سامۇئىل سائۇلغا: ــ مەن سېنىڭ بىلەن قايتىپ بارمايمەن؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تاشلىغانسەن، ۋە پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ پادىشاھلىقتىن مەھرۇم قىلدى، دېدى. | 26 |
撒慕爾卻對撒烏耳說:「我不同你回去;既然你拒絕了上主的命令,上主也拒絕你,不要你作以色列王。」
سامۇئىل كېتىشكە بۇرۇلغىنىدا سائۇل ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇتۇۋالدى، ئۇ يىرتىلىپ كەتتى. | 27 |
撒慕爾轉身就走,撒烏耳用力抓住他外氅的衣邊,撕下了一塊。
سامۇئىل ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى سەندىن يىرتىپ ئېلىپ سەندىن ئەۋزەل بولغان بىر يېقىنىڭغا تاپشۇردى. | 28 |
撒慕爾於是對他說:「上主今日從你身上撕下了你的王位,給了一個比你更好的人。
ئىسرائىلنىڭ جانابىي ئالىيىسى بولغۇچى يالغان سۆزلىمەيدۇ ياكى نىيىتىدىن يانمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئادەم بالىسىدەك نىيىتىدىن يانغۇچى ئەمەستۇر، دېدى. | 29 |
並且以色列的光榮絕不發虛言,也不會懊悔,因為他不像人,可以懊悔。」
سائۇل: ــ مەن گۇناھ سادىر قىلدىم. لېكىن خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ماڭا ئىززەت قىلىپ مېنىڭ بىلەن يېنىپ بارغىن؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلالايمەن، دېدى. | 30 |
撒烏耳遂說:「我固然犯了罪,但如今請你在我民族的長老和以色列前,仍尊重我,同我一起回去,好讓我朝拜上主,你的天主。」
شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل سائۇل بىلەن يېنىپ باردى ۋە سائۇل پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. | 31 |
撒慕爾便隨同撒烏耳一起回去,撒烏耳朝拜了上主。
ئاندىن سامۇئىل: ــ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئاگاگ بولسا خۇشلۇق بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا باردى. ئاگاگ كۆڭلىدە: ــ شۈبھىسىزكى، ئۆلۈم دەھشىتى ئۆتۈپ كەتتى، دېدى. | 32 |
以後撒慕爾說:「將阿瑪肋克王阿加格給我解來! 」阿加格到了他那裏,很是高興,阿加格心想:「死亡的苦的確過去了。」
ئەمما سامۇئىل: ــ سېنىڭ قىلىچىڭ خوتۇنلارنى بالىسىز قىلغاندەك سېنىڭ ئاناڭمۇ خوتۇنلارنىڭ ئارىسىدا بالىسىز بولىدۇ، دېۋىدى، سامۇئىل ئاگاگنى گىلگالدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چاناپ پارە-پارە قىلدى. | 33 |
撒慕爾對他說:「你的劍怎樣使眾多婦女喪子,你的母親在婦女中也要怎樣喪子。」撒慕爾就在基耳加耳上主面前殺了阿加格。
ئاندىن سامۇئىل راماھقا باردى. سائۇل بولسا «سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھ» دېگەن جايدىكى ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. | 34 |
以後撒慕爾去了辣瑪,撒烏耳也回了撒烏耳的基貝亞本家。
سامۇئىل ئۆلگەن كۈنىگىچە سائۇل بىلەن قايتا كۆرۈشمىدى. ئەمما سامۇئىل سائۇل ئۈچۈن قايغۇردى. پەرۋەردىگار سائۇلنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى. | 35 |
撒慕爾至死再沒有見撒烏耳。撒慕爾為了撒烏耳很是傷心,因為上主後悔立了撒烏耳作以色列的君王。