سائۇل [ئوتتۇز] ياشتا پادىشاھ بولۇپ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئىككى يىل سەلتەنەت قىلغاندىن كېيىن | 1 |
בן שנה שאול במלכו ושתי שנים מלך על ישראל |
ئۆزىگە ئىسرائىلدىن ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئىلغاپ ئالدى. ئىككى مىڭى مىكماشتا ۋە بەيت-ئەل تاغلىرىدا سائۇلنىڭ قېشىدا، بىر مىڭى بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھدا يوناتاننىڭ قېشىدا ئىدى. ئەمما ئۇ قالغان خەلقنىڭ ھەربىرىنى ئۆز ئۆيلىرىگە كەتكۈزىۋەتتى. | 2 |
ויבחר לו שאול שלשת אלפים מישראל ויהיו עם שאול אלפים במכמש ובהר בית אל ואלף היו עם יונתן בגבעת בנימין ויתר העם שלח איש לאהליו |
يوناتان بولسا فىلىستىيلەرنىڭ گېبادىكى لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلدى، فىلىستىيلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. سائۇل بولسا: ــ پۈتكۈل زېمىندىكى ئىبرانىيلار ئاڭلاپ ئويغانسۇن دەپ، كاناي چالدۇردى. | 3 |
ויך יונתן את נציב פלשתים אשר בגבע וישמעו פלשתים ושאול תקע בשופר בכל הארץ לאמר ישמעו העברים |
پۈتكۈل ئىسرائىل سائۇلنىڭ فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ھەمدە ئىسرائىلنىڭ فىلىستىيلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلىكىدىن خەۋەر تاپتى. خەلق سائۇلنىڭ كەينىدىن گىلگالغا بېرىپ يىغىلدى. | 4 |
וכל ישראל שמעו לאמר הכה שאול את נציב פלשתים וגם נבאש ישראל בפלשתים ויצעקו העם אחרי שאול הגלגל |
فىلىستىيلەردىن ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ئاتلىق لەشكەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ پىيادە لەشكەر يىغىلدى. ئۇلار كېلىپ بەيت-ئاۋەننىڭ شەرق تەرىپىدىكى مىكماشتا بارگاھ تىكتى. | 5 |
ופלשתים נאספו להלחם עם ישראל שלשים אלף רכב וששת אלפים פרשים ועם כחול אשר על שפת הים לרב ויעלו ויחנו במכמש קדמת בית און |
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق خىيىم-خەتەردە قالغانلىقىنى كۆرۈپ غارلارغا، چاتقاللىقلارغا، قىيا تاشلىقلارغا، يۇقىرى جايلارغا ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنىۋېلىشتى؛ | 6 |
ואיש ישראל ראו כי צר לו כי נגש העם ויתחבאו העם במערות ובחוחים ובסלעים ובצרחים ובברות |
[بەزى] ئىبرانىيلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلېئادنىڭ زېمىنىغا قېچىپ باردى. لېكىن سائۇل گىلگالدا قالدى، ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تىترىگەن ھالدا ئەگەشتى. | 7 |
ועברים עברו את הירדן ארץ גד וגלעד ושאול עודנו בגלגל וכל העם חרדו אחריו |
ئەمدى سائۇل سامۇئىل ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتقىچە يەتتە كۈن كۈتۈپ تۇردى؛ لېكىن سامۇئىل گىلگالغا كەلمىدى، خەلق ئۇنىڭدىن تارىلىپ كەتكىلى تۇردى. | 8 |
וייחל (ויוחל) שבעת ימים למועד אשר שמואל ולא בא שמואל הגלגל ויפץ העם מעליו |
سائۇل: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى بۇ يەرگە ــ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزدى. | 9 |
ויאמר שאול--הגשו אלי העלה והשלמים ויעל העלה |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تۈگىتىشى بىلەنلا، مانا سامۇئىل كەلدى. سائۇل ئۇنىڭغا سالام قىلغىلى ئالدىغا چىقتى. | 10 |
ויהי ככלתו להעלות העלה והנה שמואל בא ויצא שאול לקראתו לברכו |
لېكىن سامۇئىل: ــ نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟! ــ دەپ سورىدى. سائۇل: ــ خەلق مەندىن تارىلىپ كەتكەنلىكىنى، سىلىنىڭ بېكىتكەن ۋاقىتتا كەلمىگەنلىكلىرىنى، فىلىستىيلەرنىڭ مىكماشتا يىغىلغىنىنى كۆردۇم، | 11 |
ויאמר שמואל מה עשית ויאמר שאול כי ראיתי כי נפץ העם מעלי ואתה לא באת למועד הימים ופלשתים נאספים מכמש |
مەن ئىچىمدە: ئەمدى فىلىستىيلەر گىلگالغا چۈشۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى، مەن بولسام تېخى پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلمىدىم، دېدىم. شۇڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا ئۆزۈمنى مەجبۇرلىدىم، دېدى. | 12 |
ואמר עתה ירדו פלשתים אלי הגלגל ופני יהוה לא חליתי ואתאפק ואעלה העלה |
سامۇئىل سائۇلغا: ــ سەن ئەخمەقلىق قىلدىڭ؛ سەن خۇدايىڭ پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغان ئەمرنى تۇتمىدىڭ؛ شۇنداق قىلغان بولساڭ پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىڭنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلاتتى، دېدى. | 13 |
ויאמר שמואל אל שאול נסכלת לא שמרת את מצות יהוה אלהיך אשר צוך כי עתה הכין יהוה את ממלכתך אל ישראל עד עולם |
لېكىن ئەمدى سەلتەنىتىڭ مۇستەھكەم تۇرمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىدىكىدەك مۇۋاپىق بىر ئادەمنى ئىزدەپ تاپتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ باشلامچىسى قىلدى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغاننى تۇتمىدىڭ، دېدى. | 14 |
ועתה ממלכתך לא תקום בקש יהוה לו איש כלבבו ויצוהו יהוה לנגיד על עמו--כי לא שמרת את אשר צוך יהוה |
ئاندىن سامۇئىل ئورنىدىن تۇرۇپ گىلگالدىن كېتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھغا باردى. سائۇل بولسا ئۆز يېنىدىكى ئادەملەرنى سانىدى؛ ئۇلار ئالتە يۈزچە چىقتى. | 15 |
ויקם שמואל ויעל מן הגלגל--גבעת בנימן ויפקד שאול את העם הנמצאים עמו כשש מאות איש |
سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارنىڭ قېشىدا قالغان خەلق بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبادا قېلىپ قالدى، فىلىستىيلەر بولسا مىكماشتا بارگاھ تىككەنىدى. | 16 |
ושאול ויונתן בנו והעם הנמצא עמם ישבים בגבע בנימן ופלשתים חנו במכמש |
قاراقچىلار دائىم فىلىستىيلەرنىڭ بارگاھىدىن چىقىپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنەتتى. بىر بۆلەك شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراھغا بارىدىغان يولغا ئاتلىناتتى، | 17 |
ויצא המשחית ממחנה פלשתים שלשה ראשים הראש אחד יפנה אל דרך עפרה אל ארץ שועל |
بىر بۆلەك بەيت-ھورونغا بارىدىغان يول بىلەن ماڭاتتى، يەنە بىر بۆلەك چۆلنىڭ چېتىدىكى زەبوئىم جىلغىسىغا قارايدىغان زېمىندىكى يولغا ماڭاتتى. | 18 |
והראש אחד יפנה דרך בית חרון והראש אחד יפנה דרך הגבול הנשקף על גי הצבעים המדברה |
ئەمما پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىدا ھېچبىر تۆمۈرچى تېپىلمايتتى؛ چۈنكى فىلىستىيلەر: ــ ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ ياكى نەيزە ياسىيالمىسۇن، دەپ ئويلايتتى. | 19 |
וחרש לא ימצא בכל ארץ ישראל כי אמר (אמרו) פלשתים--פן יעשו העברים חרב או חנית |
بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار ھەممىسى ساپان چىشلىرى، كەتمەنلىرىنى، پالتىلىرىنى ۋە ئورغاقلىرىنى بىسلاش ئۈچۈن فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا باراتتى. | 20 |
וירדו כל ישראל הפלשתים--ללטוש איש את מחרשתו ואת אתו ואת קרדמו ואת מחרשתו |
ئۇلار ساپان چىشلىرى ۋە كەتمەنلەر ئۈچۈن ئۈچتىن ئىككى شەكەل، جوتۇ، پالتا ۋە زىخلارنى بىسلاش ئۈچۈن ئۈچتىن بىر شەكەلنى تۆلەيتتى. | 21 |
והיתה הפצירה פים למחרשת ולאתים ולשלש קלשון ולהקרדמים ולהציב הדרבן |
شۇڭا ئۇرۇش بولغاندا سائۇل ۋە يوناتاننىڭ قېشىدىكى خەلقنىڭ ھېچبىرىدە قىلىچ يا نەيزە يوق ئىدى؛ پەقەت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاندىلا بار ئىدى. | 22 |
והיה ביום מלחמת ולא נמצא חרב וחנית ביד כל העם אשר את שאול ואת יונתן ותמצא לשאול וליונתן בנו |
ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەرنىڭ بىر قاراۋۇللار ئەترىتى مىكماشتىكى داۋانغا چىققانىدى. | 23 |
ויצא מצב פלשתים אל מעבר מכמש |