< سامۇئىل 1 12 >
سامۇئىل پۈتكۈل ئىسرائىلغا: ــ مانا، مەن سىلەرنىڭ بارلىق ئېيتقان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ئۈستۈڭلارغا بىر پادىشاھ قويدۇم؛ | 1 |
E disse Samuel a todo Israel: Eis que, eu ouvi vossa voz em todas as coisas que me haveis dito, e vos pus rei.
مانا ئەمدى پادىشاھ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا يۈرمەكتە، مەن بولسام قېرىپ بېشىم ئاقاردى؛ مانا، مېنىڭ ئوغۇللىرىممۇ ئاراڭلاردا تۇرىدۇ. ياشلىقىمدىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ كەلدىم. | 2 |
Agora, pois, eis que vosso rei vai diante de vós. Eu sou já velho e grisalho: mas meus filhos estão convosco, e eu andei diante de vós desde minha juventude até este dia.
مانا بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭ مەسىھ قىلىنغىنىنىڭ ئالدىدا ماڭا ئەرزىڭلار بولسا دەۋېرىڭلار؛ كىمنىڭ ئۇيىنى تارتىۋالدىم؟ كىمنىڭ ئېشىكىنى تارتىۋالدىم؟ كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم؟ كىمگە زۇلۇم قىلدىم؟ ياكى مەن كۆزۈمنى كور قىلىش ئۈچۈن كىمدىن پارا ئالدىم؟ شۇنداق بولسا دەڭلار، ۋە مەن ئۇنى سىلەرگە تۆلەپ بېرىمەن، دېدى. | 3 |
Aqui estou; testemunhai contra mim diante do SENHOR e diante de seu ungido, se tomei o boi de alguém, ou se tomei o asno de alguém, ou se caluniei a alguém, ou se oprimi a alguém, ou se de alguém tomei suborno pelo qual tenha coberto meus olhos; e eu vos restituirei.
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ سەن بىزنىڭ ھەققىمىزنى يېمىدىڭ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىدىڭ ۋە ھېچ كىشىنىڭ قولىدىن بىرەر نەرسىنىمۇ ئېلىۋالمىدىڭ، دېدى. | 4 |
Então disseram: Nunca nos caluniaste, nem oprimi, nem tomaste algo da mão de nenhum homem.
ئۇ ئۇلارغا: ــ مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا پەرۋەردىگار سىلەرگە گۇۋاھ بولۇپ ۋە ئۇنىڭ مەسىھ قىلغىنى ھەم بۈگۈن گۇۋاھچى بولسۇن، دېۋىدى، ئۇلار: ــ ئۇ گۇۋاھتۇر، دېدى. | 5 |
E ele lhes disse: o SENHOR é testemunha contra vós, e seu ungido também é testemunha neste dia, que não achastes em minha mão coisa nenhuma. E eles responderam: Assim é.
سامۇئىل خەلققە مۇنداق دېدى: «مۇسا بىلەن ھارۇننى تىكلەپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغۇچى بولسا پەرۋەردىگاردۇر. | 6 |
Então Samuel disse ao povo: o SENHOR é quem fez a Moisés e a Arão, e que tirou a vossos pais da terra do Egito.
ئەمدى ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا يۈرگۈزگەن ھەققانىي ئەمەللىرىنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويۇشقا سۆز قىلاي. | 7 |
Agora, pois, aguardai, e eu queixarei de vós diante do SENHOR de todas as justiças do SENHOR, que fez convosco e com vossos pais.
ياقۇپ مىسىرغا كىرگەندىن كېيىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننى ئەۋەتتى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن چىقىرىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتۇردى. | 8 |
Depois que Jacó entrou em Egito e vossos pais clamaram ao SENHOR, o SENHOR enviou a Moisés e a Arão, os quais tiraram a vossos pais do Egito, e os fizeram habitar neste lugar.
ئەمما ئۇلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇدى؛ شۇڭا ئۇ ئۇلارنى ھازورنىڭ قوشۇنىدىكى سەردار سىسېرانىڭ قولىغا، فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا ھەم موئابنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ بۇلار ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشتى. | 9 |
E esqueceram ao SENHOR seu Deus, e ele os vendeu na mão de Sísera capitão do exército de Hazor, e na mão dos filisteus, e na mão do rei de Moabe, os quais lhes fizeram guerra.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: «بىز گۇناھ قىلىپ پەرۋەردىگارنى تاشلاپ بائاللار ۋە ئاشتاروتلارنىڭ ئىبادىتىدە بولدۇق؛ ئەمما ئەمدى بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن، بىز ساڭا ئىبادەت قىلىمىز» دېدى. | 10 |
E eles clamaram ao SENHOR, e disseram: Pecamos, porque deixamos ao SENHOR, e servimos aos baalins e a Astarote: livra-nos, pois, agora da mão de nossos inimigos, e te serviremos.
ۋە پەرۋەردىگار يەرۇببائال، بېدان، يەفتاھ ۋە سامۇئىلنى ئەۋەتىپ، ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدى، شۇنىڭ بىلەن تىنچ-ئامان تۇرۇۋاتقانىدىڭلار. | 11 |
Então o SENHOR enviou a Jerubaal, e a Bedã, e a Jefté, e a Samuel, e vos livrou da mão de vossos inimigos ao redor, e habitastes seguros.
لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزى پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئامموننىڭ پادىشاھى ناھاشنىڭ سىلەرگە قارشى قوپقىنىنى كۆرگىنىڭلاردا سىلەر: ياق! بىر پادىشاھ ئۈستىمىزگە سەلتەنەت قىلسۇن دەپ ماڭا ئېيتتىڭلار. | 12 |
E havendo visto que Naás rei dos filhos de Amom vinha contra vós, me dissestes: Não, mas sim rei reinará sobre nós; sendo vosso rei o SENHOR vosso Deus.
ئەمدى سىلەر خالاپ تاللىغان، سىلەر تىلىگەن پادىشاھقا قاراڭلار؛ مانا، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بىر پادىشاھ قويدى. | 13 |
Agora, pois, vede aqui vosso rei que haveis escolhido, o qual pedistes; já vedes que o SENHOR pôs sobre vós rei.
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاقلىرىڭلارنى سېلىپ، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمىساڭلار، سىلەر ھەم ئۈستۈڭلاردا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئەگەشسەڭلار، ئەمدى سىلەرگە ياخشى بولىدۇ. | 14 |
Se temerdes ao SENHOR e o servirdes, e ouvirdes sua voz, e não fordes rebeldes à palavra do SENHOR, tanto vós como o rei que rainha sobre vós, seguireis ao SENHOR vosso Deus.
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قارشى بولغاندەك سىلەرگىمۇ قارشى بولىدۇ. | 15 |
Mas se não ouvirdes a voz do SENHOR, e se fordes rebeldes às palavras do SENHOR, a mão do SENHOR será contra vós como contra vossos pais.
ئەمدى تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگار كۆزلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا قىلىدىغان ئۇلۇغ كارامەتنى كۆرۈڭلار! | 16 |
Esperai ainda agora, e olhai esta grande coisa que o SENHOR fará diante de vossos olhos.
بۈگۈن بۇغداي ئورىدىغان ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلاي، ئۇ گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ بىر پادىشاھ تىلىگىنىڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە زور رەزىللىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر». | 17 |
Não é agora a colheita dos trigos? Eu clamarei ao SENHOR, e ele dará trovões e chuva; para que conheçais e vejais que é grande vossa maldade que tendes feito aos olhos do SENHOR, pedindo-vos rei.
ئاندىن سامۇئىل پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شۇ كۈنى گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ياغدۇردى. خەلق پەرۋەردىگاردىن ۋە سامۇئىلدىن بەك قورقتى. | 18 |
E Samuel clamou ao SENHOR; e o SENHOR deu trovões e chuva naquele dia; e todo o povo temeu em grande maneira ao SENHOR e a Samuel.
خەلقنىڭ ھەممىسى سامۇئىلغا: ــ خۇدايىڭ پەرۋەردىگارغا بىزنى ئۆلمىسۇن دەپ كەمىنىلىرىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغىن؛ چۈنكى ھەممە گۇناھلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە يەنە يامانلىق ئاشۇرۇپ ئۆزىمىزگە بىر پادىشاھ تىلىدۇق، دېدى. | 19 |
Então disse todo o povo a Samuel: Roga por teus servos ao SENHOR teu Deus, que não morramos: porque a todos os nossos pecados acrescentamos este mal de pedir rei para nós.
سامۇئىل خەلققە مۇنداق دېدى: ــ قورقماڭلار؛ سىلەر دەرۋەقە بۇ ھەممە رەزىللىكنى قىلغانسىلەر، لېكىن ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن چەتنىمەي، پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ | 20 |
E Samuel respondeu ao povo: Não temais: vós cometestes todo este mal; mas com tudo isso não vos desvieis de seguir ao SENHOR, mas sim servi ao SENHOR com todo o vosso coração:
ئادەمگە پايدا يەتكۈزمەيدىغان ياكى ئادەمنى قۇتقۇزالمايدىغان بىھۇدە ئىشلارنى ئىزدەپ، يولدىن ئېزىپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ تايىنى يوقتۇر. | 21 |
Não vos desvieis a fim de seguir as vaidades que não aproveitam nem livram, porque são vaidades.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئۇلۇغ نامى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشنى لايىق كۆرگەندۇر. | 22 |
Pois o SENHOR não desamparará a seu povo por seu grande nome: porque o SENHOR quis fazer-vos povo seu.
ماڭا نىسبەتەن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن توختاش بىلەن پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن؛ بەلكى مەن سىلەرگە ياخشى ۋە دۇرۇس يولنى ئۆگىتىمەن. | 23 |
Assim que, longe seja de mim que peque eu contra o SENHOR cessando de rogar por vós; antes eu vos ensinarei pelo caminho bom e direito.
پەقەت سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ كارامەتلەرگە قاراڭلار! | 24 |
Somente temei ao SENHOR, e servi-o de verdade com todo vosso coração, porque considerai quão grandes coisas fez convosco.
لېكىن يامانلىق قىلساڭلار، ھەم ئۆزۈڭلار ھەم پادىشاھىڭلار ھالاك قىلىنىسىلەر». | 25 |
Mas se perseverardes em fazer mal, vós e vosso rei perecereis.