< سامۇئىل 1 11 >
شۇ ۋاقىتتا ئاممونىي ناھاش چىقىپ يابەش-گىلېئادنى مۇھاسىرىگە ئالدى. يابەشنىڭ ھەممە ئادەملىرى ناھاشقا: ــ ئەگەر بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭ، ساڭا بويسۇنىمىز، دېدى. | 1 |
ascendit autem Naas Ammonites et pugnare coepit adversus Iabesgalaad dixeruntque omnes viri Iabes ad Naas habeto nos foederatos et serviemus tibi
لېكىن ئاممونىي ناھاش ئۇلارغا: ــ پۈتكۈل ئىسرائىلغا دەشنەم قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇپ ئاندىن سىلەر بىلەن ئەھدە قىلاي، دېدى. | 2 |
et respondit ad eos Naas Ammonites in hoc feriam vobiscum foedus ut eruam omnium vestrum oculos dextros ponamque vos obprobrium in universo Israhel
يابەشنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا: ــ بىزگە يەتتە كۈن مۆھلەت بەرگىن؛ بىز ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل يۇرتىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ ئاندىن كېيىن بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم چىقمىسا، ئۆزىمىز چىقىپ ساڭا تەسلىم بولىمىز، دېدى. | 3 |
et dixerunt ad eum seniores Iabes concede nobis septem dies ut mittamus nuntios in universos terminos Israhel et si non fuerit qui defendat nos egrediemur ad te
ئەمدى ئەلچىلەر سائۇلنىڭ شەھىرى گىبېئاھغا كېلىپ مۇشۇ سۆزلەرنى خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى؛ ھەممە خەلق پەرياد كۆتۈرۈپ يىغىلدى. | 4 |
venerunt ergo nuntii in Gabaath Saulis et locuti sunt verba audiente populo et levavit omnis populus vocem suam et flevit
ۋە مانا، سائۇل ئېتىزلىقىدىن چىقىپ كالىلارنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ: ــ خەلق نېمە دەپ يىغلايدۇ، دەپ سورىدى. ئۇلار يابەشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. | 5 |
et ecce Saul veniebat sequens boves de agro et ait quid habet populus quod plorat et narraverunt ei verba virorum Iabes
سائۇل بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، ئۇنىڭ غەزىپى قاتتىق قوزغالدى. | 6 |
et insilivit spiritus Domini in Saul cum audisset verba haec et iratus est furor eius nimis
ئۇ بىر جۈپ ئۇينى چېپىپ پارچىلاپ، پارچىلىرىنى ئەلچىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىغا تارقىتىپ: ــ ھەر كىم كېلىپ سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگەشمىسە، ئۇلارنىڭ ئۇيلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىلىنىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئادەمدەك جەڭگە چىقتى. | 7 |
et adsumens utrumque bovem concidit in frusta misitque in omnes terminos Israhel per manum nuntiorum dicens quicumque non exierit secutusque fuerit Saul et Samuhelem sic fiet bubus eius invasit ergo timor Domini populum et egressi sunt quasi vir unus
سائۇل ئۇلارنى بېزەك [دېگەن جايدا] سانىغاندا ئىسرائىللار ئۈچ يۈز مىڭ، يەھۇدانىڭ ئادەملىرى بولسا ئوتتۇز مىڭ چىقتى. | 8 |
et recensuit eos in Bezec fueruntque filiorum Israhel trecenta milia virorum autem Iuda triginta milia
ئۇلار كەلگەن ئەلچىلەرگە: ــ گىلېئادتىكى يابەشنىڭ ئادەملىرىگە شۇنداق ئېيتىڭلاركى، ئەتە كۈن چۈش بولغاندا نىجات سىلەرگە كېلىدۇ، دېدى. ئەلچىلەر بېرىپ شۇنى گىلېئادتىكى يابەشلىقلارغا يەتكۈزدى؛ ئۇلار ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى. | 9 |
et dixerunt nuntiis qui venerant sic dicetis viris qui sunt in Iabesgalaad cras erit vobis salus cum incaluerit sol venerunt ergo nuntii et adnuntiaverunt viris Iabes qui laetati sunt
شۇنىڭ بىلەن يابەشتىكىلەر: ــ ئەتە بىز قېشىڭلارغا چىقىپ [تەسلىم بولىمىز]، سىلەر بىزنى قانداق قىلىشقا لايىق كۆرسەڭلار، شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. | 10 |
et dixerunt mane exibimus ad vos et facietis nobis omne quod placuerit vobis
ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، سائۇل خەلقنى ئۈچ بۆلەك قىلدى؛ ئۇلار كېچە تۆتىنچى جېسەكتە لەشكەرگاھغا كىرىپ ئاممونىيلارنى كۈن چۈش بولغۇچە ئۇرۇپ قىردى. تىرىك قالغانلار بولسا شۇنداق پاراكەندە بولدىكى، ئۇلاردىن ئىككى ئادەممۇ بىر يەرگە كېلەلمىدى. | 11 |
et factum est cum venisset dies crastinus constituit Saul populum in tres partes et ingressus est media castra in vigilia matutina et percussit Ammon usque dum incalesceret dies reliqui autem dispersi sunt ita ut non relinquerentur in eis duo pariter
خەلق ئەمدى سامۇئىلغا: ــ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە سائۇل پادىشاھ بولمىسۇن دەپ ئېيتقانلار كىملەر؟ بۇ كىشىلەرنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرەيلى، دېدى. | 12 |
et ait populus ad Samuhel quis est iste qui dixit Saul non regnabit super nos date viros et interficiemus eos
لېكىن سائۇل: ــ بۈگۈن ھېچكىم ئۆلتۈرۈلمىسۇن. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا نۇسرەت بەردى، دېدى. | 13 |
et ait Saul non occidetur quisquam in die hac quia hodie fecit Dominus salutem in Israhel
سامۇئىل خەلققە: ــ قېنى، گىلېئادقا بېرىپ ئۇ يەردە پادىشاھلىقنى يېڭىباشتىن تىكلەيلى، دەپ ئېيتتى. | 14 |
dixit autem Samuhel ad populum venite et eamus in Galgala et innovemus ibi regnum
شۇنى دېۋىدى، ھەممە خەلق گىلېئادقا بېرىپ گىلېئادتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سائۇلنى پادىشاھ قىلدى؛ ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈردى. سائۇل ھەم شۇنىڭدەك بارلىق ئىسرائىل شۇ يەردە زور خۇشاللىققا چۆمدى. | 15 |
et perrexit omnis populus in Galgala et fecerunt ibi regem Saul coram Domino in Galgala et immolaverunt ibi victimas pacificas coram Domino et laetatus est ibi Saul et cuncti viri Israhel nimis