< سامۇئىل 1 10 >
سامۇئىل بىر ماي كومزىكىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا تۆكۈپ ئۇنى سۆيۈپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا بۇ، پەرەۋردىگارنىڭ سېنى ئۆز مىراسىغا ئەمىر بولۇشقا مەسىھ قىلغىنى ئەمەسمۇ؟ | 1 |
Da tog Samuel Olieflasken og udgød Olien over hans Hoved, kyssede ham og sagde: »Har HERREN ikke salvet dig til Fyrste over sit Folk Israel? Du skal herske over HERRENS Folk og frelse det fra dets Fjender. Og dette skal være dig Tegnet paa, at HERREN har salvet dig til Fyrste over sin Arv:
سەن بۈگۈن مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىنيامىن زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى زەلزاھغا يېتىپ بارغىنىڭدا راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ساڭا ئىككى كىشى ئۇچرايدۇ؛ ئۇلار ساڭا: «سەن ئىزدەپ بارغان ئېشەكلەر تېپىلدى، ۋە مانا، ئاتاڭ ئېشەكلەردىن غەم قىلماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن: ئوغلۇمنى قانداق قىلىپ تاپارمەن، دەپ ئەنسىرىمەكتە» دەپ ئېيتىدۇ. | 2 |
Naar du i Dag gaar fra mig, skal du træffe to Mænd ved Rakels Grav ved Benjamins Grænse i Zelza, og de skal sige til dig: Æslerne, du gik ud at lede efter, er fundet; dem har din Fader slaaet af Tanke, men nu er han urolig for eder og siger: Hvad skal jeg gøre for min Søn?
سەن ئۇ يەردىن مېڭىپ، تابوردىكى دۇب دەرىخىگە يەتكەندە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىش ئۈچۈن بەيت-ئەلگە چىقىپ كېتىۋاتقان ئۈچ كىشىگە ئۇچرايسەن. ئۇلاردىن بىرى ئۈچ ئوغلاق، بىرى ئۈچ نان ۋە يەنە بىرى بىر تۇلۇم شارابنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. | 3 |
Og naar du er gaaet et Stykke længere frem og kommer til Taboregen, skal du træffe tre Mænd, som er paa Vej op til Gud i Betel; den ene bærer tre Kid, den anden tre Brødkager og den tredje en Dunk Vin;
ــ ئۇلار ساڭا سالام قىلىپ ئىككى ناننى سۇنىدۇ؛ سەن بەرگىنىنى قوللىرىدىن ئالغىن. | 4 |
de skal hilse paa dig og give dig to Brødkager, som du skal tage imod.
ئاندىن سەن «خۇداغا [ئاتالغان] گىبېئاھ شەھەرىگە بارىسەن (ئۇ يەردە فىلىستىيلەرنىڭ بىر لەشكەرگاھى بار)؛ سەن شۇ شەھەرگە كەلسەڭ چىلتار، تەمبۇر، نەي ۋە لىرىلارنى كۆتۈرۈپ يۇقىرى جايىدىن چۈشكەن بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر ساڭا ئۇچرايدۇ. ئۇلار بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ. | 5 |
Derefter kommer du til Guds Gibea, hvor Filisternes Foged bor; og naar du kommer hen til Byen, vil du støde paa en Flok Profeter, som kommer ned fra Offerhøjen i profetisk Henrykkelse til Harpers, Paukers, Fløjters og Citres Klang;
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ، سەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىسەن ۋە يېڭى بىر ئادەم بولىسەن. | 6 |
saa vil HERRENS Aand overvælde dig, saa du falder i profetisk Henrykkelse sammen med dem, og du skal blive til et andet Menneske.
مۇشۇ ئالامەتلەر ساڭا كەلگەندە، قولۇڭدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلغىن. چۈنكى خۇدا سەن بىلەن بىللىدۇر. | 7 |
Naar disse Tegn indtræffer for dig, kan du trygt gøre, hvad der falder for; thi Gud er med dig.
ئاندىن مەندىن ئىلگىرى گىلگالغا چۈشۈپ بارىسەن. مانا، مەن ھەم يېنىڭغا چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇش ۋە ئىناق قۇربانلىقلار قىلىش ئۈچۈن كېلىمەن. مەن يېنىڭغا بېرىپ، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرمىغۇچە، مېنى يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن». | 8 |
Og du skal gaa i Forvejen ned til Gilgal; saa kommer jeg ned til dig for at bringe Brændofre og ofre Takofre. Syv Dage skal du vente, til jeg kommer og kundgør dig, hvad du skal gøre!«
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇرۇلۇپ سامۇئىلدىن ئايرىلغاندا خۇدا ئۇنىڭغا يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلدى؛ ۋە بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ كۈنى ئەمەلدە كۆرسىتىلدى. | 9 |
Da han derpaa vendte sig for at gaa bort fra Samuel, gav Gud ham et helt andet Hjerte, og alle disse Tegn indtraf samme Dag.
ئۇلار گىبېئاھغا يېتىپ كەلگەندە مانا، بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا ئۇچرىدى؛ خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بېشارەت قىلىشقا باشلىدى. | 10 |
Da han kom hen til Gibea, se, da kom en Flok Profeter ham i Møde, og Guds Aand overvældede ham, og han faldt i profetisk Henrykkelse midt iblandt dem.
ئۇنى ئىلگىرى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدا بېشارەت قىلغىنىنى كۆرگەندە ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كىشنىڭ ئوغلىغا نېمە بوپتۇ؟ سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىن بىرى بولدىمۇ نېمە؟ ــ دېيىشتى. | 11 |
Og da alle, som kendte ham fra tidligere Tid, saa ham i profetisk Henrykkelse sammen med Profeterne, sagde de til hverandre: »Hvad gaar der af Kisj's Søn? Er ogsaa Saul iblandt Profeterne?«
ئەمما يەرلىك بىر ئادەم: ــ بۇلارنىڭ ئاتىلىرى كىملەر؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن: «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىمىدۇ؟» دەيدىغان گەپ پەيدا بولدى. | 12 |
Saa sagde en der fra Stedet: »Hvem er vel deres Fader?« Derfor blev det et Mundheld: »Er ogsaa Saul iblandt Profeterne?«
ئەمدى سائۇل بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، يۇقىرى جايغا چىقىپ كەتتى. | 13 |
Da hans profetiske Henrykkelse var ovre, gik han til Gibea.
سائۇلنىڭ تاغىسى ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارىدىن: ــ نەگە بېرىپ كەلدىڭلار؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئېشەكلەرنى ئىزدىگىلى چىقتۇق؛ لېكىن ئۇلارنى تاپالماي سامۇئىلنىڭ قېشىغا باردۇق، دېدى. | 14 |
Sauls Farbroder spurgte da ham og Karlen: »Hvor har I været henne?« Han svarede: »Ude at lede efter Æslerne; og da vi ikke fandt dem, gik vi hen til Samuel.«
سائۇلنىڭ تاغىسى: ــ سامۇئىلنىڭ سىلەرگە نېمە دېگىنىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، دېدى. | 15 |
Da sagde Sauls Farbroder: »Fortæl mig, hvad Samuel sagde til eder!«
سائۇل تاغىسىغا: ــ ئۇ جەزم بىلەن بىزگە ئېشەكلەر تېپىلدى، دەپ خەۋەر بەردى، دېدى. لېكىن سامۇئىلنىڭ پادىشاھلىق ئىشى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزىنى ئۇنىڭغا دەپ بەرمىدى. | 16 |
Saul svarede: »Han fortalte os, at Æslerne var fundet!« Men hvad Samuel havde sagt om Kongedømmet, fortalte han ham ikke.
سامۇئىل ئەمدى خەلقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا جەم بولۇڭلار دەپ، مىزپاھقا چاقىردى. | 17 |
Derpaa stævnede Samuel Folket sammen hos HERREN i Mizpa;
ئۇ ئىسرائىلغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سىلەر ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، سىلەرگە زۇلۇم قىلغان ھەممە پادىشاھلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم. | 18 |
og han sagde til Israeliterne: »Saa siger HERREN, Israels Gud: Jeg førte Israel op fra Ægypten og frelste eder af Ægypternes Haand og fra alle de Riger, som plagede eder.
لېكىن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرنى بېشىڭلارغا چۈشكەن بارلىق بالايىئاپەتلەردىن ۋە بارلىق مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغۇچى خۇدايىڭلاردىن ۋاز كېچىپ ئۇنىڭغا: «ياق! ئۈستىمىزگە بىر پادىشاھ بېكىتىپ بەرگەيسەن» ــ دېدىڭلار. ئەمدى ئۆزۈڭلارنى قەبىلەڭلار بويىچە، جەمەتىڭلار بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىڭلار» ــ دېدى. | 19 |
Men nu vrager I eders Gud, som var eders Frelser i alle eders Ulykker og Trængsler, og siger: Nej, en Konge skal du sætte over os! Saa træd nu frem for HERRENS Aasyn Stamme for Stamme og Slægt for Slægt!«
شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ئالدىغا جەم قىلىپ، چەك تاشلىۋىدى، چەك بىنيامىن قەبىلىسىگە چىقتى. | 20 |
Derpaa lod Samuel alle Israels Stammer træde frem, og Loddet ramte Benjamins Stamme.
ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىنى جەمەت-جەمەتلىرى بويىچە ئۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ چەك تاشلىۋىدى، چەك ماترىنىڭ جەمەتىگە چىقتى. ئاندىن كېيىن يەنە چەك تاشلىۋىدى، كىشنىڭ ئوغلى سائۇلغا چىقتى. ئۇلار ئۇنى ئىزدىۋىدى، ئەمما ئۇنى تاپالمىدى. | 21 |
Saa lod han Benjamins Stamme træde frem Slægt for Slægt, og Matris Slægt ramtes. Saa lod han Matris Slægt træde frem Mand for Mand, og Saul, Kisj's Søn, ramtes. Men da man ledte efter ham, var han ikke til at finde.
شۇڭا ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يەنە: ــ ئۇ كىشى بۇ يەرگە كېلەمدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋابەن: ــ مانا، ئۇ يۈك-تاقلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنىۋالدى، دېدى. | 22 |
Da adspurgte de paa ny HERREN: »Er Manden her?« Og HERREN svarede: »Se, han holder sig skjult ved Trosset.«
شۇڭا ئۇلار يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى شۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغاندا خالايىقنىڭ بويى ئۇنىڭ مۈرىسىگىمۇ كەلمىدى. | 23 |
Saa løb de hen og hentede ham der; og da han traadte ind imellem Folket, var han et Hoved højere end alt Folket.
سامۇئىل بارلىق خەلققە: ــ ئەمدى پەرۋەردىگار تاللىغان كىشىگە قاراڭلار! دەرۋەقە بارلىق خەلقنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغان بىرسى يوقتۇر، دېدى. ۋە خەلقنىڭ ھەممىسى: ــ پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دەپ توۋلاشتى. | 24 |
Da sagde Samuel til hele Folket: »Ser I ham, HERREN har udvalgt? Hans Lige findes ikke i alt Folket!« Og hele Folket brød ud i Jubelskrig og raabte: »Kongen leve!«
سامۇئىل خەلققە پادىشاھلىق ھوقۇق-قانۇنلىرىنى ئۇقتۇردى ۋە ئۇنى ئورام يازما قىلىپ يېزىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن سامۇئىل ھەممە خەلقنى، ھەرقايسىسىنى ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى. | 25 |
Derpaa fremsagde Samuel Kongedømmets Ret for Folket og optegnede den i en Bog, som han lagde hen for HERRENS Aasyn. Saa lod Samuel hele Folket gaa hver til sit:
سائۇلمۇ ھەم گىبېئاھدىكى ئۆيىگە قايتتى؛ كۆڭۈللىرى خۇدا تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر تۈركۈم باتۇر كىشى ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. | 26 |
ogsaa Saul gik til sit Hjem i Gibea, og de tapre Mænd, hvis Hjerte Gud rørte, gik med ham.
لېكىن بىرنەچچە رەزىل كىشى: ــ بۇ كىشى قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالىسۇن؟ ــ دەپ ئۇنى كەمسىتىپ ئۇنىڭغا ھېچ سوۋغات بەرمىدى؛ ئەمما ئۇ ئاڭلىماسلىققا سالدى. | 27 |
Men nogle Niddinger sagde: »Hvor skulde denne kunne hjælpe os?« Og de ringeagtede ham og bragte ham ingen Hyldingsgave. Men han var, som han var døv.