< سامۇئىل 1 1 >
ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راماتائىم-زوفىمدا ئەلكاناھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئەفرائىملىق بولۇپ، يەروھامنىڭ ئوغلى، يەروھام ئېلىخۇنىڭ ئوغلى، ئېلىخۇ توخۇنىڭ ئوغلى، توخۇ زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى. | 1 |
Now there was a certain man of Ramathaim-zophim, of mount Ephraim, and his name [was] Elkanah, the son of Jeroham, the son of Elihu, the son of Tohu, the son of Zuph, an Ephrathite:
ئۇنىڭ ئىككى ئايالى بار ئىدى. بىرسىنىڭ ئىسمى ھانناھ، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى پەنىنناھ ئىدى. پەنىنناھنىڭ بالىلىرى بار ئىدى، لېكىن ھانناھنىڭ بالىسى يوق ئىدى. | 2 |
And he had two wives; the name of the one [was] Hannah, and the name of the other Peninnah: and Peninnah had children, but Hannah had no children.
بۇ ئادەم ھەر يىلى ئۆز شەھىرىدىن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ قۇربانلىق سۇنغىلى شىلوھغا باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ خوفنىي ۋە فىنىھاس دېگەن ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولۇپ ئىشلەيتتى. | 3 |
And this man went up from his city yearly to worship and to sacrifice to the LORD of hosts in Shiloh. And the two sons of Eli, Hophni and Phinehas, the priests of the LORD, [were] there.
ھەر قېتىم ئەلكاناھ قۇربانلىق قىلغان كۈنىدە ئۇ [قۇربانلىقتىن] ئايالى پەنىنناھ ۋە ئۇنىڭ ھەربىر ئوغۇل-قىزلىرىغا ئۆز ئۈلۈشىنى بېرەتتى. | 4 |
And when the time was that Elkanah offered, he gave to Peninnah his wife, and to all her sons and her daughters, portions:
ئەمما ھانناھغا بولسا ئۇ ئىككى ھەسسىلىك ئۈلۈش بېرەتتى؛ چۈنكى ئۇ ھانناھنى تولىمۇ سۆيەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلغانىدى. | 5 |
But to Hannah he gave a worthy portion; for he loved Hannah; but the LORD had rendered her barren.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى تۇغماس قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ كۈندەش رەقىبى [پەنىنناھ ھانناھنى] ئازابلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قېرىشاتتى. | 6 |
And her adversary also provoked her greatly, to make her fret, because the LORD had made her barren.
ۋە ھەر يىلى، ھانناھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىققاندا، [پەنىنناھ] ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. پەنىنناھ شۇنداق قىلغاچقا، ئۇ يىغلاپ ھېچ نېمە يېمەيتتى. | 7 |
And [as] he did so year by year, when she went up to the house of the LORD, so she provoked her; therefore she wept, and did not eat.
ئاخىرى ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئى ھانناھ، نېمىشقا يىغلايسەن؟ نېمىشقا بىرنەرسە يېمەيسەن؟ نېمىشقا كۆڭلۈڭ ئازار يەيدۇ؟ مەن ئۆزۈم ساڭا ئون ئوغۇلدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. | 8 |
Then said Elkanah her husband to her, Hannah, why weepest thou? and why eatest thou not? and why is thy heart grieved? [am] not I better to thee than ten sons?
ئۇلار شىلوھدا يەپ-ئىچكەندىن كېيىن (ئەلى دېگەن كاھىن شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى) ھانناھ داستىخاندىن تۇردى؛ | 9 |
So Hannah rose after they had eaten in Shiloh, and after they had drank. Now Eli the priest sat upon a seat by a post of the temple of the LORD.
ئۇ قاتتىق ئازاب ئىچىدە پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ زار-زار يىغلايتتى. | 10 |
And she [was] in bitterness of soul, and prayed to the LORD, and wept bitterly.
ئۇ قەسەم ئىچىپ: ــ ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر دېدىكىڭنىڭ دەردىگە يېتىپ، مېنى ياد ئېتىپ دېدىكىڭنى ئۇنتۇماي، بەلكى دېدىكىڭگە بىر ئوغۇل بالا ئاتا قىلساڭ، ئۇنى پۈتۈن ئۆمرىنىڭ كۈنلىرىدە سەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلايمەن؛ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇستىرا ھېچقاچان سېلىنمايدۇ، دېدى. | 11 |
And she vowed a vow, and said, O LORD of hosts, if thou wilt indeed look on the affliction of thy handmaid, and remember me, and not forget thy handmaid, but wilt give to thy handmaid a male child, then I will give him to the LORD all the days of his life, and there shall no razor come upon his head.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئاسىنى داۋام قىلىۋاتقاندا، ئەلى ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇردى؛ | 12 |
And it came to pass, as she continued praying before the LORD, that Eli observed her mouth.
چۈنكى ھانناھ دۇئانى ئىچىدە قىلغاچقا لەۋلىرى مىدىرلاۋاتقىنى بىلەن ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. شۇڭا ئەلى ئۇنى مەست بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدى. | 13 |
Now Hannah spoke in her heart; only her lips moved, but her voice was not heard: therefore Eli thought she had been drunken.
ئەلى ئۇنىڭغا: ــ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابىڭنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىل، دېدى. | 14 |
And Eli said to her, How long wilt thou be drunken? put away thy wine from thee.
لېكىن ھانناھ جاۋابەن: ــ ئۇنداق ئەمەس، ئى غوجام! كۆڭلى سۇنۇق بىر مەزلۇممەن. مەن شارابمۇ، ھاراقمۇ ئىچمىدىم، بەلكى جېنىم دەردىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۆكتۈم؛ | 15 |
And Hannah answered and said, No, my lord, I [am] a woman of a sorrowful spirit: I have drank neither wine nor strong drink, but have poured out my soul before the LORD.
دېدەكلىرىنى يامان خوتۇن دەپ بىلمىگەيلا. چۈنكى مېنىڭ زور دەردىم ۋە ئازابلىرىمدىن بۇ كۈنگىچە شۇنداق نىدا قىلىۋاتىمەن، دېدى. | 16 |
Count not thy handmaid for a daughter of Belial: for out of the abundance of my complaint and grief have I spoken hitherto.
ئەلى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ تىنچ-ئامان قايتقىن؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۆزىدىن تىلىگەن ئىلتىجايىڭنى ئىجابەت قىلغاي، دېدى. | 17 |
Then Eli answered and said, Go in peace: and the God of Israel grant [thee] thy petition that thou hast asked of him.
ھانناھ: ــ دېدەكلىرى كۆز ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپقاي، دېدى. ئۇ شۇلارنى دەپ چىقىپ، غىزا يېدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چىرايىدا ئىلگىرىكىدەك غەمكىنلىك كۆرۈنمىدى. | 18 |
And she said, Let thy handmaid find grace in thy sight. So the woman went her way, and did eat, and her countenance was no more [sad].
ئۇلار ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەجدە قىلىپ بولۇپ، راماھدىكى ئۆيىگە يېنىپ كەلدى. ئەلكاناھ ئايالى ھانناھغا يېقىنچىلىق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى ئەسلىگەنىدى. | 19 |
And they rose in the morning early, and worshiped before the LORD, and returned, and came to their house to Ramah: and Elkanah knew Hannah his wife; and the LORD remembered her.
ھانناھ ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقتى-سائىتى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «مەن ئۇنى پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالدىم» دەپ، ئىسمىنى سامۇئىل قويدى. | 20 |
Wherefore it came to pass, when the time had arrived, after Hannah had conceived, that she bore a son, and called his name Samuel, [saying], Because I have asked him of the LORD.
ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۆيىدىكى ھەممىسى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىدىغان ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ۋە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شىلوھغا چىقتى. | 21 |
And the man Elkanah, and all his house, went up to offer to the LORD the yearly sacrifice, and his vow.
لېكىن ھانناھ بىللە بارماي ئېرىگە: ــ بالا ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن مەن ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئېلىپ بارىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، دېدى. | 22 |
But Hannah went not up; for she said to her husband, [I will not go up] until the child is weaned, and [then] I will bring him, that he may appear before the LORD, and there abide for ever.
ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭگە نېمە ياخشى كۆرۈنسە، شۇنى قىلغىن. ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىغۇچە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار ئۆز سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلغاي، دېدى. ئايالى ئۆيدە قېلىپ بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغۇچە ئېمىتتى. | 23 |
And Elkanah her husband said to her, Do what seemeth to thee good; tarry until thou hast weaned him; only the LORD establish his word. So the woman abode, and nursed her son until she weaned him.
بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۇنى ئېلىپ، شۇنداقلا ئۈچ بۇقا، بىر ئەفاھ ئۇن ۋە بىر تۇلۇم شارابنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھدىكى ئۆيىگە ئاپاردى. بالا بولسا تېخى كىچىك ئىدى. | 24 |
And when she had weaned him, she took him up with her, with three bullocks, and one ephah of flour, and a bottle of wine, and brought him to the house of the LORD in Shiloh: and the child [was] young.
ئۇلار بىر بۇقىنى سويۇپ بالىنى ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. | 25 |
And they slew a bullock, and brought the child to Eli.
شۇنىڭ بىلەن ھانناھ [ئۇنىڭغا]: ــ ئى غوجام، ئۆزلىرىدە ھايات راست بولغىنىدەك، بۇ يەردە سىلىنىڭ قاشلىرىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا نىدا قىلغان مەزلۇم مەن بولىمەن، دېدى. | 26 |
And she said, O my lord, [as] thy soul liveth, my lord, I [am] the woman that stood by thee here, praying to the LORD.
مەن مۇشۇ ئوغۇل بالا ئۈچۈن دۇئا قىلدىم ۋە مانا، پەرۋەردىگار مېنىڭ تىلىگەن ئىلتىجايىمنى ئىجابەت قىلدى. | 27 |
For this child I prayed; and the LORD hath given me my petition which I asked of him:
ئەمدى ھازىر مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بولىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. | 28 |
Therefore also I have lent him to the LORD; as long as he liveth he shall be lent to the LORD. And he worshiped the LORD there.