< سامۇئىل 1 1 >

ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راماتائىم-زوفىمدا ئەلكاناھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئەفرائىملىق بولۇپ، يەروھامنىڭ ئوغلى، يەروھام ئېلىخۇنىڭ ئوغلى، ئېلىخۇ توخۇنىڭ ئوغلى، توخۇ زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى. 1
And there was a certain man of Rama-thayim-zophim, of the mountain of Ephraim, whose name was Elkanah, the son of Yerocham, the son of Elihu, the son of Tochu, the son of Zuph, an Ephrathite.
ئۇنىڭ ئىككى ئايالى بار ئىدى. بىرسىنىڭ ئىسمى ھانناھ، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى پەنىنناھ ئىدى. پەنىنناھنىڭ بالىلىرى بار ئىدى، لېكىن ھانناھنىڭ بالىسى يوق ئىدى. 2
And he had two wives; the name of the one was Hannah, and the name of the other Peninnah: Peninnah had children, but Hannah had no children.
بۇ ئادەم ھەر يىلى ئۆز شەھىرىدىن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ قۇربانلىق سۇنغىلى شىلوھغا باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ خوفنىي ۋە فىنىھاس دېگەن ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولۇپ ئىشلەيتتى. 3
And this man went up out of his city from year to year to prostrate himself and to sacrifice unto the Lord of hosts in Shiloh. And at that place were the two sons of 'Eli, Chophni and Phinehas, priests of the Lord.
ھەر قېتىم ئەلكاناھ قۇربانلىق قىلغان كۈنىدە ئۇ [قۇربانلىقتىن] ئايالى پەنىنناھ ۋە ئۇنىڭ ھەربىر ئوغۇل-قىزلىرىغا ئۆز ئۈلۈشىنى بېرەتتى. 4
And when the day was come that Elkanah offered, he gave to Peninnah his wife, and to all her sons and her daughters, portions;
ئەمما ھانناھغا بولسا ئۇ ئىككى ھەسسىلىك ئۈلۈش بېرەتتى؛ چۈنكى ئۇ ھانناھنى تولىمۇ سۆيەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلغانىدى. 5
But unto Hannah he gave a double portion; for Hannah he loved [greatly]; but the Lord had shut up her womb.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى تۇغماس قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ كۈندەش رەقىبى [پەنىنناھ ھانناھنى] ئازابلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قېرىشاتتى. 6
And her rival also provoked her continually, in order to make her fret; because the Lord had shut up her womb.
ۋە ھەر يىلى، ھانناھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىققاندا، [پەنىنناھ] ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. پەنىنناھ شۇنداق قىلغاچقا، ئۇ يىغلاپ ھېچ نېمە يېمەيتتى. 7
And he did so year by year, as often as she went up to the house of the Lord, so did she provoke her; wherefore she wept, and did not eat.
ئاخىرى ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئى ھانناھ، نېمىشقا يىغلايسەن؟ نېمىشقا بىرنەرسە يېمەيسەن؟ نېمىشقا كۆڭلۈڭ ئازار يەيدۇ؟ مەن ئۆزۈم ساڭا ئون ئوغۇلدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. 8
Then said to her Elkanah her husband, Hannah, why wilt thou weep? and why wilt thou not eat? and why should thy heart be grieved? am not I better to thee than ten sons?
ئۇلار شىلوھدا يەپ-ئىچكەندىن كېيىن (ئەلى دېگەن كاھىن شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى) ھانناھ داستىخاندىن تۇردى؛ 9
And Hannah rose up after they had eaten in Shiloh, and after they had drunk; and 'Eli the priest was sitting upon a chair by the door-post of the temple of the Lord.
ئۇ قاتتىق ئازاب ئىچىدە پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ زار-زار يىغلايتتى. 10
But she had bitterness of soul, and prayed unto the Lord, and wept greatly.
ئۇ قەسەم ئىچىپ: ــ ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر دېدىكىڭنىڭ دەردىگە يېتىپ، مېنى ياد ئېتىپ دېدىكىڭنى ئۇنتۇماي، بەلكى دېدىكىڭگە بىر ئوغۇل بالا ئاتا قىلساڭ، ئۇنى پۈتۈن ئۆمرىنىڭ كۈنلىرىدە سەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلايمەن؛ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇستىرا ھېچقاچان سېلىنمايدۇ، دېدى. 11
And she vowed a vow, and said, O Lord of hosts, if thou wilt indeed look on the affliction of thy handmaid, and remember me, and not forget thy handmaid, but wilt give unto thy handmaid a man-child: then will I give him unto the Lord all the days of his life, and no razor shall come upon his head.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئاسىنى داۋام قىلىۋاتقاندا، ئەلى ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇردى؛ 12
And it came to pass, as she continued praying long before the Lord, that 'Eli watched her mouth.
چۈنكى ھانناھ دۇئانى ئىچىدە قىلغاچقا لەۋلىرى مىدىرلاۋاتقىنى بىلەن ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. شۇڭا ئەلى ئۇنى مەست بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدى. 13
Now as for Hannah, she spoke in her heart; only her lips moved, but her voice could not be heard; wherefore 'Eli regarded her as a drunken woman.
ئەلى ئۇنىڭغا: ــ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابىڭنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىل، دېدى. 14
And 'Eli said unto her, How long wilt thou be drunken? put away thy wine from off thee.
لېكىن ھانناھ جاۋابەن: ــ ئۇنداق ئەمەس، ئى غوجام! كۆڭلى سۇنۇق بىر مەزلۇممەن. مەن شارابمۇ، ھاراقمۇ ئىچمىدىم، بەلكى جېنىم دەردىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۆكتۈم؛ 15
And Hannah answered and said, No, my Lord, I am a woman of a sorrowful spirit; but neither wine nor strong drink have I drunk, and I have poured out my soul before the Lord.
دېدەكلىرىنى يامان خوتۇن دەپ بىلمىگەيلا. چۈنكى مېنىڭ زور دەردىم ۋە ئازابلىرىمدىن بۇ كۈنگىچە شۇنداق نىدا قىلىۋاتىمەن، دېدى. 16
Esteem not thy handmaid as a worthless woman; for out of the abundance of my grief and vexation have I spoken hitherto.
ئەلى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ تىنچ-ئامان قايتقىن؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۆزىدىن تىلىگەن ئىلتىجايىڭنى ئىجابەت قىلغاي، دېدى. 17
Then 'Eli answered and said, Go in peace; and may the God of Israel grant thy petition which thou hast asked of him.
ھانناھ: ــ دېدەكلىرى كۆز ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپقاي، دېدى. ئۇ شۇلارنى دەپ چىقىپ، غىزا يېدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چىرايىدا ئىلگىرىكىدەك غەمكىنلىك كۆرۈنمىدى. 18
And she said, Let thy handmaid find grace in thy eyes. The woman then went on her way, and did eat, and her countenance was no longer as before.
ئۇلار ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەجدە قىلىپ بولۇپ، راماھدىكى ئۆيىگە يېنىپ كەلدى. ئەلكاناھ ئايالى ھانناھغا يېقىنچىلىق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى ئەسلىگەنىدى. 19
And they rose up early in the morning, and prostrated themselves before the Lord, and returned, and came to their house at Ramah; and Elkanah knew Hannah his wife; and the Lord remembered her.
ھانناھ ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقتى-سائىتى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «مەن ئۇنى پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالدىم» دەپ، ئىسمىنى سامۇئىل قويدى. 20
And it came to pass, after the lapse of some time, that Hannah conceived, and bore a son; and she called his name Samuel, saying, Because from the Lord have I asked him.
ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۆيىدىكى ھەممىسى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىدىغان ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ۋە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شىلوھغا چىقتى. 21
And the man Elkanah went up, with all his house, to offer unto the Lord the yearly sacrifice, and his vow.
لېكىن ھانناھ بىللە بارماي ئېرىگە: ــ بالا ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن مەن ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئېلىپ بارىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، دېدى. 22
But Hannah did not go up; for she said unto her husband, So soon as the child shall be weaned, then I will bring him, that he may appear before the Lord, and abide there for ever.
ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭگە نېمە ياخشى كۆرۈنسە، شۇنى قىلغىن. ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىغۇچە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار ئۆز سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلغاي، دېدى. ئايالى ئۆيدە قېلىپ بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغۇچە ئېمىتتى. 23
And Elkanah her husband said unto her, Do what seemeth good in thy eyes; tarry until thou hast weaned him; only may the Lord fulfill his word. So the woman remained behind, and gave her son suck until she weaned him.
بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۇنى ئېلىپ، شۇنداقلا ئۈچ بۇقا، بىر ئەفاھ ئۇن ۋە بىر تۇلۇم شارابنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھدىكى ئۆيىگە ئاپاردى. بالا بولسا تېخى كىچىك ئىدى. 24
And she took him up with her, when she had weaned him, with three bullocks, and one ephah of flour, and a bottle of wine, and she brought him unto the house of the Lord at Shiloh; although the child was yet young.
ئۇلار بىر بۇقىنى سويۇپ بالىنى ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. 25
And they slew a bullock, and brought the child to 'Eli.
شۇنىڭ بىلەن ھانناھ [ئۇنىڭغا]: ــ ئى غوجام، ئۆزلىرىدە ھايات راست بولغىنىدەك، بۇ يەردە سىلىنىڭ قاشلىرىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا نىدا قىلغان مەزلۇم مەن بولىمەن، دېدى. 26
And she said, Pardon, my Lord, as thy soul liveth, my Lord, I am the woman that stood by thee here, to pray unto the Lord.
مەن مۇشۇ ئوغۇل بالا ئۈچۈن دۇئا قىلدىم ۋە مانا، پەرۋەردىگار مېنىڭ تىلىگەن ئىلتىجايىمنى ئىجابەت قىلدى. 27
For this lad did I pray; and the Lord hath granted me my petition which I asked of him;
ئەمدى ھازىر مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بولىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 28
Therefore also have I lent him, for my part, to the Lord; all the days that have been assigned to him shall he be lent to the Lord. And he bowed himself there before the Lord.

< سامۇئىل 1 1 >