< پېترۇس 1 1 >
ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەرگە سالام. | 1 |
Petar, apostol Isusa Krista: putnicima Raseljeništva u Pontu, Galaciji, Kapadociji, Aziji i Bitiniji,
سىلەر خۇدائاتىنىڭ ئالدىن بىلگىنى بويىچە تاللىنىپ، روھ تەرىپىدىن پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشۇڭلار ۋە قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى ئۈچۈندۇر. مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاتا قىلىنغاي! | 2 |
po predznanju Boga Oca, posvećenjem Duha izabranima da budu poslušni te poškropljeni krvlju Isusa Krista. Punina vam milosti i mira!
ئۆزىنىڭ زور رەھىمدىللىكى بىلەن، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغدۇرۇپ، ئۆلمەس ئۈمىدكە نېسىۋە قىلغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسىغا مۇبارەك-مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! | 3 |
Blagoslovljen Bog i Otac Gospodina našega Isusa Krista koji nas po velikom milosrđu svojemu uskrsnućem Isusa Krista od mrtvih nanovo rodi za životnu nadu,
دېمەك، سىلەر ئۈچۈن چىرىمەس، داغسىز ۋە سولماس مىراس ئەرشلەردە ساقلانماقتا. | 4 |
za baštinu neraspadljivu, neokaljanu i neuvelu, pohranjenu na nebesima za vas,
ئاخىر زاماندا ئاشكارىلىنىشقا تەييارلانغان نىجات ئۈچۈن، سىلەر ئېتىقادىڭلار بىلەن خۇدانىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق قوغدالماقتىسىلەر. | 5 |
vas koje snaga Božja po vjeri čuva za spasenje, spremno da se objavi u posljednje vrijeme.
سىلەر بۇ [نىجاتتىن] زور شادلىنىسىلەر ــ گەرچە ھازىر زۆرۈر تېپىلغاندا سىلەرنىڭ ھەرخىل سىناقلار تۈپەيلىدىن قىسقا ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ. | 6 |
Zbog toga se radujte, makar se sada možda trebalo malo i žalostiti zbog različitih kušnja:
ئالتۇن ھامان يوقىلىپ كېتىدىغان نەرسە بولسىمۇ، ساپلىقى ئوت بىلەن سىنىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالتۇندىن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ ئىسپاتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسا مەسىھ [قايتا] ئاشكارىلانغان ۋاقتىدا مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ. | 7 |
da prokušanost vaše vjere - dragocjenija od propadljivog zlata, koje se ipak u vatri kuša - stekne hvalu, slavu i čast o Objavljenju Isusa Krista.
ئەيسا مەسىھنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار؛ ۋە ھازىرمۇ ئۇنى كۆرمەيسىلەر، لېكىن ئۇنىڭغا يەنىلا ئېتىقات قىلىپ قەلبىڭلار ئىپادىلىگۈسىز شان-شەرەپكە تولغان خۇشاللىق بىلەن يايرايدۇ. | 8 |
Njega vi ljubite iako ga ne vidjeste; u njega, iako ga još ne gledate, vjerujete te klikćete od radosti neizrecive i proslavljene
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى، يەنى جېنىڭلارنىڭ نىجاتىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىسىلەر. | 9 |
što postigoste svrhu svoje vjere: spasenje duša.
سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ مېھىر-شەپقەتنى ئالدىن ئېيتقان [ئىلگىرىكى] پەيغەمبەرلەر بۇ نىجات-قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا تەپسىلىي ئىزدەنگەن، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقانىدى. | 10 |
To su spasenje istraživali i pronicali proroci koji prorokovahu o milosti vama namijenjenoj.
ئۇلاردا بولغان مەسىھنىڭ روھى ئۇلارغا مەسىھ كەلگۈسىدە تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە بۇلاردىن كېيىنكى كېلىدىغان شان-شەرەپلەر توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بېرىپ بېشارەت كەلتۈرگىنىدە، ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قانداق يول بىلەن ۋە قايسى زاماندا يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. | 11 |
Pronicali su na koje ili kakvo je vrijeme smjerao Duh Kristov u njima koji je unaprijed svjedočio o Kristovim patnjama te slavama što su nakon njih imale doći:
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولغان، دەپ ئايان قىلىنغان. ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىشلار ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن سىلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلاندى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتىنى سەپسېلىپ چۈشىنىۋېلىشقا تەلپۈنمەكتە. | 12 |
bi im objavljeno da ne sebi nego vama poslužuju ono što vam sada u Duhu Svetom s neba poslanom navijestiše vaši blagovjesnici, a nada što se i anđeli žude nadviti.
شۇڭا، زېھىنلىرىڭلارنىڭ بېلىنى باغلاپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك-سالماق تۇتۇڭلار، ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كۆرۈنگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-شاپائەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار. | 13 |
Zato opašite bokove pameti svoje, trijezni budite i savršeno se pouzdajte u milost koju vam donosi Objavljenje Isusa Krista.
[خۇدانىڭ] ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرى سۈپىتىدە، ئىلگىرىكى غاپىللىق چاغلىرىڭلاردىكىدەك ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار. | 14 |
Kao poslušna djeca ne supriličujte se prijašnjim požudama iz doba neznanja.
ئەكسىچە، سىلەرنى چاقىرغۇچى پاك-مۇقەددەس بولغانغا ئوخشاش بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىڭلاردا ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس تۇتۇڭلار. | 15 |
Naprotiv, kao što je svet Onaj koji vas pozva, i vi budite sveti u svemu življenju.
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «پاك-مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاك-مۇقەددەستۇرمەن» دەپ خاتىرىلەنگەن. | 16 |
Ta pisano je: Budite sveti jer sam ja svet.
سىلەر دۇئا قىلغىنىڭلاردا كىشىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ يۈز-خاتىرە قىلماي سوراق قىلغۇچىنى «ئاتا» دەپ چاقىرىدىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى [ئۇنىڭ] قورقۇنچىدا ئۆتكۈزۈڭلار. | 17 |
Ako dakle Ocem nazivate njega koji nepristrano svakoga po djelu sudi, vrijeme svoga proputovanja proživite u bogobojaznosti.
چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە قالدۇرۇلغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇشنىڭ [قۇللۇقىدىن] ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەرنىڭ تۆلىمى بىلەن بولغان ئەمەس، | 18 |
Ta znate da od svog ispraznog načina života, što vam ga oci namriješe, niste otkupljeni nečim raspadljivim, srebrom ili zlatom,
بەلكى قىممەتلىك قېنى بىلەن، يەنى كەم-كۈتىسىز ۋە داغسىز قوزا كەبى مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى. | 19 |
nego dragocjenom krvlju Krista, Jaganjca nevina i bez mane.
ئۇ دەرۋەقە دۇنيا ئاپىرىدە قىلىنىشتىن ئىلگىرىلا [خۇدا تەرىپىدىن] شۇ سۈپىتىدە تونۇلغان، هازىر ئۇ زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا سىلەر ئۈچۈن [بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ] ئاشكارا قىلىندى. | 20 |
On bijaše doduše predviđen prije postanka svijeta, ali se očitova na kraju vremena radi vas
سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدانىڭ [شۇنى قىلغىنى] ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار ئۆزىگە باغلانسۇن ئۈچۈندۇر. | 21 |
koji po njemu vjerujete u Boga koji ga uskrisi od mrtvih te mu dade slavu da vjera vaša i nada bude u Bogu.
سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى پاكلاپ، قېرىنداشلارنى سۆيىدىغان ساختىسىز مېھىر-مۇھەببەتكە كىرىشتىڭلار؛ شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار. | 22 |
Pošto ste posluhom istini očistili duše svoje za nehinjeno bratoljublje, od srca žarko ljubite jedni druge.
چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار ــ بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز-كالامى ئارقىلىق بولدى. (aiōn ) | 23 |
Ta nanovo ste rođeni, ne iz sjemena raspadljiva nego neraspadljiva: riječju Boga koji živi i ostaje. (aiōn )
چۈنكى [خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك]: «بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوت-چۆپتۇر، خالاس، ئۇلارنىڭ بارلىق شان-شەرىپى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛ ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ، | 24 |
Doista, svako je tijelo kao trava, sva mu slava ko cvijet poljski: sahne trava, vene cvijet,
بىراق رەبنىڭ سۆز-كالامى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن خۇش خەۋەردە جاكارلانغان سۆز-كالام دەل شۇدۇر. (aiōn ) | 25 |
ali Riječ Gospodnja ostaje dovijeka. Ta pak riječ jest evanđelje koje vam je naviješteno. (aiōn )