< پېترۇس 1 4 >

ئەمدى مەسىھ تېنىدە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. (چۈنكى [خۇدا يولىدا] ئۆز تېنىدە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھتىن قول ئۈزگەن بولىدۇ؛ 1
Skoro więc Chrystus cierpiał za nas w ciele, wy również uzbrójcie się tą samą myślą, że ten, kto cierpiał w ciele, zaprzestał grzechu;
ئۇنداق كىشى تېنىدە قالغان ھاياتىنى يەنە ئىنسانىي نەپس-ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىدۇ). 2
Aby żyć resztę czasu w ciele [już] nie dla ludzkich pożądliwości, lecz dla woli Boga.
چۈنكى كۈنلىرىمىزنى يات ئەللىك ئېتىقادسىزلارنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىش بىلەن، يەنى ھەرتۈرلۈك بۇزۇقچىلىق-شەھۋانىيلىق، نەپس-ھەۋەسلەر، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىكلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگىنىمىز ئەمدى كۇپايە قىلار! 3
Wystarczy nam bowiem, że w minionym okresie życia spełnialiśmy zachcianki pogan, żyjąc w rozpuście, pożądliwościach, pijaństwie, biesiadach, pijatykach i niegodziwym bałwochwalstwie.
بۇ ئىشلاردا ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ شۇنداق ئىپلاسلىققا يۈگۈرمىگەنلىكىڭلارغا ئەجەبلىنىپ، سىلەرنى ھاقارەتلىمەكتە. 4
Dlatego dziwią się, że nie nurzacie się z nimi w tym samym zalewie rozpusty, [i] źle [o was] mówią.
ئۇلار ھامان ھەم تىرىكلەرنى ۋە ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرغۇچىغا ھېساب بەرمەي قالمايدۇ. 5
Zdadzą oni sprawę temu, który gotowy jest sądzić żywych i umarłych.
شۇڭا دەل شۇ سەۋەبتىن، ئۆلگەنلەر ئەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلار [سوراق قىلىنىدىغان]دەك سوراق قىلىنىپ، خۇداغا نىسبەتەن روھتا ياشىسۇن دەپ، ئۇلارغىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلگەن. 6
Dlatego bowiem i umarłym głoszono ewangelię, aby byli sądzeni według ludzi w ciele, ale żyli według Boga w duchu.
ئەمدى بارلىق ئىشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا؛ شۇڭا، سالماق بولۇڭلار ۋە دۇئا قىلىشقا سەگەك تۇرۇڭلار. 7
Zbliża się zaś koniec wszystkiego. Bądźcie więc trzeźwi i czujni w modlitwie.
لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا قىزغىن مېھىر-مۇھەببەتتە تۇرۇۋېرىڭلار. چۈنكى «مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ياپار». 8
Przede wszystkim miejcie gorliwą miłość jedni dla drugich, bo miłość zakrywa mnóstwo grzechów.
بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماي ئۆزئارا مېھماندوست بولۇڭلار. 9
[Bądźcie] dla siebie gościnni bez szemrania.
خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا ئاتا قىلىنغان ئىلتىپاتقا بىنائەن، ئۇنىڭ ھەرتەرەپلىك مېھرى-شەپقىتىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان ياخشى غوجىدارلار سۈپىتىدە، بۇ ئىلتىپات بىلەن بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار. 10
Jako dobrzy szafarze różnorakiej łaski Bożej usługujcie sobie nawzajem tym darem, jaki każdy otrzymał.
كىم سۆز قىلسا، ئۇ خۇدانىڭ كالام-بېشارەتلىرىنى يەتكۈزگۈچى سۈپىتىدە سۆزلىسۇن. كىم باشقىلارغا خىزمەت قىلسا، ئۇ خۇدا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. شۇنداق بولغاندا، خۇدا ھەممە ئىشتا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپتۇر، ئامىن! (aiōn g165) 11
Jeśli ktoś przemawia, [niech mówi] jak wyroki Boga, jeśli ktoś usługuje, [niech to czyni] z mocy, której Bóg udziela, aby we wszystkim był uwielbiony Bóg przez Jezusa Chrystusa. Jemu chwała i panowanie na wieki wieków. Amen. (aiōn g165)
سۆيۈملۈكلىرىم، ئوتلۇق سىناقنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەنلىكىگە قاراپ، ئاجايىب ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران قالماڭلار. 12
Umiłowani, nie dziwcie się temu ogniowi, który na was przychodzi, aby was doświadczyć, jakby was coś niezwykłego spotkało;
بەلكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە قانداق ئورتاق بولغان بولساڭلار، سىلەر شۇنداق شادلىنىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا، سىلەرمۇ يايراپ شادلىنىسىلەر. 13
Lecz radujcie się z tego, że jesteście uczestnikami cierpień Chrystusa, abyście i podczas objawienia jego chwały cieszyli się i weselili.
سىلەر مەسىھنىڭ نامى تۈپەيلىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر! چۈنكى شان-شەرەپنىڭ روھى، يەنى خۇدانىڭ روھى ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەن بولىدۇ. 14
Jeśli was znieważają z powodu imienia Chrystusa, błogosławieni [jesteście], gdyż [Duch] chwały, Duch Boży spoczywa na was, [który] przez nich jest bluźniony, ale przez was jest uwielbiony.
ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىل، ئوغرى، رەزىل ياكى چېپىلغاق بولۇش سەۋەبىدىن بولمىسۇن. 15
Nikt z was niech nie cierpi jednak jako morderca albo złodziej, albo złoczyńca, albo jako [człowiek], który się wtrąca do cudzych spraw.
بىراق چەككەن ئازاب-ئوقۇبىتى «مەسىھىي» دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە، مۇشۇ نام [بىلەن] [ئاتالغانلىقى] ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇسۇن. 16
Lecz jeśli [cierpi] jako chrześcijanin, niech się nie wstydzi, niech raczej chwali Boga z tego powodu.
چۈنكى سوراقنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى-سائىتى كەلدى؛ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشلىنىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز بىلەن باشلانسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟ 17
Nadszedł bowiem czas, aby sąd rozpoczął się od domu Bożego, a jeśli [rozpoczyna się] od nas, to jaki będzie koniec tych, którzy są nieposłuszni ewangelii Bożej?
[دەل] [مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك]: ــ «ئەگەر ھەققانىيلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا، ئىخلاسسىزلار ھەم گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟» 18
A ponieważ sprawiedliwy z trudnością będzie zbawiony, gdzie się znajdzie bezbożny i grzesznik?
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر ياخشى ئەمەللەرنى داۋام قىلىپ، جېنىنى ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ياراتقۇچىغا ئامانەت قىلىپ تاپشۇرسۇن. 19
Tak więc ci, którzy cierpią zgodnie z wolą Boga, niech powierzają swoje dusze [jemu] jako wiernemu Stwórcy, dobrze czyniąc.

< پېترۇس 1 4 >