< پېترۇس 1 3 >
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئى ئاياللار، سىلەر ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەتتا سۆز-كالامغا ئىتائەت قىلمايدىغان ئەرلەر بولسا، ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن پاك يۈرۈش-تۇرۇشىڭلارغا قاراپ، گەپ-سۆزسىزلا قايىل قىلىنىدۇ. | 1 |
ⲁ̅ⲛⲉϩⲓⲟⲙⲉ ⲟⲛ ⲛⲧⲉⲓϩⲉ ⲉⲩⲑⲃⲃⲓⲟ ⲙⲙⲟⲟⲩ ⲛⲛⲉⲩϩⲁⲓ ϫⲉⲕⲁⲥ ⲉϣⲱⲡⲉ ⲟⲩⲛϩⲟⲓⲛⲉ ⲟ ⲛⲁⲧⲥⲱⲧⲙ ⲉⲡϣⲁϫⲉ ⲛⲥⲉϯϩⲏⲩ ⲙⲙⲟⲟⲩ ⲁϫⲛϣⲁϫⲉ ϩⲓⲧⲛ ⲧⲁⲛⲁⲥⲧⲣⲟⲫⲏ ⲛⲛⲉϩⲓⲟⲙⲉ
ⲃ̅ⲉⲩⲛⲁⲩ ⲉⲧⲉⲧⲛⲁⲛⲁⲥⲧⲡⲟⲫⲏ ⲉⲧⲟⲩⲁⲁⲃ ϩⲛ ⲟⲩϩⲟⲧⲉ
گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىن، يەنى ئالاھىدە ئۆرۈۋالغان چېچىڭلار ۋە تاقىغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەردىن ياكى ئېسىل كىيىملەردىن بولمىسۇن، | 3 |
ⲅ̅ⲛⲁⲓ ⲇⲉ ⲙⲡⲣⲧⲣⲉϥϣⲱⲡⲉ ⲛⲁⲩ ⲛϭⲓ ⲡⲕⲟⲥⲙⲟⲥ ⲉⲧϩⲓⲃⲟⲗ ⲛϩⲱⲗⲕ ϩⲓ ⲛⲟⲩⲃ ϩⲓ ϩⲟⲓⲧⲉ
بەلكى «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار»، يەنى مۆمىن ۋە تىنچ روھتىن بولغان چىرىماس گۈزەللىكتىن بولسۇن؛ بۇنداق [گۈزەللىك] خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. | 4 |
ⲇ̅ⲁⲗⲗⲁ ⲙⲡⲣⲱⲙⲉ ⲉⲧϩⲏⲡ ⲛⲧⲉ ⲡϩⲏⲧ ϩⲛ ⲧⲙⲛⲧⲁⲧⲧⲁⲕⲟ ⲙⲡⲉⲡⲛⲁ ⲛⲣⲙⲣⲁϣ ⲁⲩⲱ ⲉⲧϩⲟⲣⲕ ⲡⲁⲓ ⲉⲧⲙⲡⲉⲙⲧⲟ ⲉⲃⲟⲗ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲉⲧⲁⲓⲏⲩ
چۈنكى بۇرۇنقى چاغلاردا، خۇداغا ئۈمىدىنى باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق [گۈزەللىك بىلەن] ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى. | 5 |
ⲉ̅ⲧⲁⲓ ⲅⲁⲣ ⲧⲉ ⲑⲉ ⲉⲛⲉⲩⲕⲟⲥⲙⲉⲓ ⲙⲙⲟⲟⲩ ⲙⲡⲉⲓⲟⲩⲟⲉⲓϣ ⲛϭⲓ ⲛⲉϩⲓⲟⲙⲉ ⲉⲧⲟⲩⲁⲁⲃ ⲉⲧϩⲉⲗⲡⲓⲍ ⲉⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲉⲩⲥⲱⲧⲙ ⲛⲥⲁ ⲛⲉⲩϩⲁⲓ
دەل مۇشۇنداق يولدا ساراھ ئىبراھىمنى «غوجام» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەردىن قورقماي ئىشلارنى دۇرۇس قىلساڭلار، سىلەرمۇ [ساراھنىڭ] پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر. | 6 |
ⲋ̅ⲛⲑⲉ ⲛⲥⲁⲣⲣⲁ ⲉⲛⲉⲥⲥⲱⲧⲙ ⲛⲥⲁ ⲁⲃⲣⲁϩⲁⲙ ⲉⲥⲙⲟⲩⲧⲉ ⲉⲣⲟϥ ϫⲉ ⲡⲁϫⲟⲉⲓⲥ ⲧⲁⲓ ⲛⲧⲁⲧⲉⲧⲛϣⲱⲡⲉ ⲛⲁⲥ ⲛϣⲉⲉⲣⲉ ⲉⲧⲉⲧⲛⲉⲓⲣⲉ ⲙⲡⲡⲉⲧⲛⲁⲛⲟⲩϥ ⲁⲩⲱ ⲛⲧⲉⲧⲛⲣ ϩⲟⲧⲉ ⲁⲛ ⲛϩⲏⲧⲥ ⲛⲗⲁⲁⲩ ⲛϩⲟⲧⲉ
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەي ئەرلەر، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن تۇرۇشتا، ئۇلارنى ئايال كىشىلەر بىزدىن ئاجىز بەندىلەر دەپ بىلىپ ئۇلارنى چۈشىنىپ يېتىڭلار؛ سىلەر ئۇلار بىلەن [خۇدا] شاپائەت قىلغان ھاياتقا ئورتاق مىراسخور بولۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ. | 7 |
ⲍ̅ⲛϩⲟⲟⲩⲧ ⲟⲛ ⲛⲧⲉⲓϩⲉ ⲉⲧⲉⲧⲛϣⲟⲟⲡ ⲛⲙⲙⲁⲩ ⲕⲁⲧⲁ ⲟⲩⲥⲟⲟⲩⲛ ⲛⲧⲉⲧⲛϯ ⲛⲟⲩⲧⲓⲙⲏ ⲛⲛⲉⲧⲛϩⲓⲟⲙⲉ ϩⲱⲥ ⲥⲕⲉⲩⲟⲥ ⲛϭⲱⲃ ϫⲉ ϩⲉⲛⲥⲩⲛⲕⲗⲏⲣⲟⲛⲟⲙⲟⲥ ⲛⲉ ⲛⲧⲉⲭⲁⲣⲓⲥ ⲙⲡⲱⲛϩ ⲉⲧⲙⲕⲁ ⲧⲏⲩⲧⲛ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲛ ⲛⲉⲧⲛϣⲗⲏⲗ
ئاخىرىدا، ھەممىڭلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، بىر-بىرىڭلارغا ھەمدەرد بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، ئىچ-باغرى يۇمشاق ۋە كەمتەر بولۇڭلار. | 8 |
ⲏ̅ⲡϫⲱⲕ ⲇⲉ ⲉⲃⲟⲗ ⲡⲉ ⲉⲣ ⲟⲩϩⲏⲧ ⲛⲟⲩⲱⲧ ⲧⲏⲣⲧⲛ ⲉϣⲡ ϩⲓⲥⲉ ⲙⲛ ⲛⲉⲧⲛⲉⲣⲏⲩ ⲉⲣ ⲙⲁⲓⲥⲟⲛ ⲉⲣ ϣⲁⲛⲁϩⲧⲏϥ ⲉⲑⲃⲃⲓⲉ ⲧⲏⲩⲧⲛ
يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى سىلەر دەل بۇ ئىشقا چاقىرىلغانسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلار بەختكە مىراسخور بولىسىلەر. | 9 |
ⲑ̅ⲛⲧⲉⲧⲛⲧⲱⲱⲃⲉ ⲁⲛ ⲛⲟⲩⲡⲉⲑⲟⲟⲩ ⲉⲡⲙⲁ ⲛⲟⲩⲡⲉⲑⲟⲟⲩ ⲏ ⲟⲩⲥⲁϩⲟⲩ ⲉⲡⲙⲁ ⲛⲟⲩⲥⲁϩⲟⲩ ⲛϩⲟⲩⲟ ⲇⲉ ⲛⲧⲟϥ ⲛⲧⲉⲧⲛⲥⲙⲟⲩ ϫⲉ ⲛⲧⲁⲩⲧⲉϩⲙ ⲧⲏⲩⲧⲛ ⲉⲡⲁⲓ ϫⲉⲕⲁⲥ ⲉⲧⲉⲧⲛⲉⲕⲗⲏⲣⲟⲛⲟⲙⲉⲓ ⲙⲡⲉⲥⲙⲟⲩ
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك]: ــ «كىمكى ھاياتنى سۆيۈپ، ياخشى كۈن كۆرگۈچى بولاي دېسە، تىلىنى يامانلىقتىن تارتسۇن، لەۋلىرى مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛ | 10 |
ⲓ̅ⲡⲉⲧⲟⲩⲱϣ ⲅⲁⲣ ⲉⲙⲉⲣⲉ ⲡⲱⲛϩ ⲁⲩⲱ ⲉⲛⲁⲩ ⲉϩⲉϩⲟⲟⲩ ⲉⲧⲛⲁⲛⲟⲩⲟⲩ ⲙⲁⲣⲉϥⲧⲁⲗϭⲉ ⲡⲉϥⲗⲁⲥ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲙ ⲡⲉⲑⲟⲟⲩ ⲁⲩⲱ ⲛⲉϥⲥⲡⲟⲧⲟⲩ ⲉⲧⲙϫⲱ ⲛⲟⲩⲕⲣⲟϥ
يامانلىقتىن ئۆزىنى تارتىپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈرسۇن؛ ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈرسۇن. | 11 |
ⲓ̅ⲁ̅ⲙⲁⲣⲉϥⲣⲉⲕⲧϥ ⲉⲃⲟⲗ ⲙⲡⲉⲑⲟⲟⲩ ⲛϥⲉⲓⲣⲉ ⲙⲡⲡⲉⲧⲛⲁⲛⲟⲩϥ ⲛϥϣⲓⲛⲉ ⲙⲁⲣⲉϥϣⲓⲛⲉ ⲛⲥⲁ ϯⲣⲏⲛⲏ ⲛϥⲡⲱⲧ ⲛⲥⲱⲥ
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى رەزىللىك يۈرگۈزگۈچىلەرگە قارشى تۇرىدۇ». | 12 |
ⲓ̅ⲃ̅ϫⲉ ⲛⲉⲃⲁⲗ ⲙⲡϫⲟⲉⲓⲥ ⲉⲩϭⲱϣⲧ ⲉϫⲛ ⲛⲇⲓⲕⲁⲓⲟⲥ ⲁⲩⲱ ⲛⲉϥⲙⲁⲁϫⲉ ⲉⲩⲣⲁⲕⲉ ⲉⲡⲉⲩⲥⲟⲡⲥ ⲡϩⲟ ⲇⲉ ⲙⲡϫⲟⲉⲓⲥ ⲉϫⲛ ⲛⲉⲧⲉⲓⲣⲉ ⲛⲙⲡⲉⲑⲟⲟⲩ
ئەگەر سىلەر دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلسەڭلار، كىم سىلەرگە يامانلىق قىلار؟ | 13 |
ⲓ̅ⲅ̅ⲁⲩⲱ ⲛⲓⲙ ⲡⲉⲧⲛⲁⲑⲙⲕⲉ ⲧⲏⲩⲧⲛ ⲉⲧⲉⲧⲛϣⲁⲛⲛⲉⲣ ⲣⲉϥⲕⲱϩ ⲉⲡⲁⲅⲁⲑⲟⲛ
لېكىن ھەتتا ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، ئوخشاشلا بەختلىكسىلەر! لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقماڭلار ۋە ئالاقزادە بولماڭلار؛ | 14 |
ⲓ̅ⲇ̅ⲁⲗⲗⲁ ⲉϣⲱⲡⲉ ⲟⲛ ⲉⲧⲉⲧⲛϣⲡ ϩⲓⲥⲉ ⲉⲧⲃⲉ ⲇⲓⲕⲁⲓⲟⲥⲩⲛⲏ ⲛⲁⲓⲁⲧ ⲧⲏⲩⲧⲛ ⲧⲉⲩϩⲟⲧⲉ ⲇⲉ ⲙⲡⲉⲣⲣ ϩⲟⲧⲉ ϩⲏⲧⲥ ⲟⲩⲇⲉ ⲙⲡⲣϣⲧⲟⲣⲧⲣ
بەلكى قەلبىڭلاردا رەب مەسىھنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ سىلەردە بولغان ئۈمىدنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئىخلاسلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە ھەمىشە تەييار تۇرۇڭلار. | 15 |
ⲓ̅ⲉ̅ⲡϫⲟⲉⲓⲥ ⲇⲉ ⲡⲉⲭⲥ ⲙⲁⲧⲃⲃⲟϥ ϩⲛ ⲛⲉⲧⲛϩⲏⲧ ⲉⲧⲉⲧⲛⲥⲉⲃⲧⲱⲧ ⲛⲟⲩⲟⲉⲓϣ ⲛⲓⲙ ⲉϯ ⲁⲡⲟⲗⲟⲅⲓⲁ ⲛⲟⲩⲟⲛ ⲛⲓⲙ ⲉⲧⲁⲓⲧⲉⲓ ⲙⲙⲱⲧⲛ ⲙⲡϣⲁϫⲉ ⲉⲧⲃⲉ ⲑⲉⲗⲡⲓⲥ ⲉⲧⲛϩⲏⲧ ⲧⲏⲩⲧⲛ
ھەردائىم ۋىجدانىڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە «يامانلىق قىلغۇچىلار» دەپ تۆھمەت قىلغانلار سىلەرنىڭ مەسىھدە بولغان پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن. | 16 |
ⲓ̅ⲋ̅ⲁⲗⲗⲁ ϩⲛ ⲟⲩⲙⲛⲧⲣⲙⲣⲁϣ ⲙⲛ ⲟⲩϩⲟⲧⲉ ⲉⲩⲉⲛⲧⲏⲧⲛ ⲙⲙⲁⲩ ⲛⲛⲟⲩⲥⲩⲛⲏⲇⲏⲥⲓⲥ ⲉⲛⲁⲛⲟⲩⲥ ϫⲉⲕⲁⲥ ϩⲙ ⲡⲉⲧⲟⲩⲕⲁⲧⲁⲗⲁⲗⲉⲓ ⲙⲙⲱⲧⲛ ⲛϩⲏⲧϥ ⲉⲩⲉϫⲓ ϣⲓⲡⲉ ⲛϭⲓ ⲛⲉⲧⲥⲱϣϥ ⲛⲧⲉⲧⲛⲁⲛⲁⲥⲧⲣⲟⲫⲏ ⲉⲧⲛⲁⲛⲟⲩⲥ ⲉⲧϩⲙ ⲡⲉⲭⲥ
چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداق بولسا، ياخشىلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار، بۇ يامان ئىش قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن ئەۋزەل، [ئەلۋەتتە]. | 17 |
ⲓ̅ⲍ̅ⲛⲁⲛⲟⲩⲥ ⲅⲁⲣ ⲉⲧⲉⲧⲛⲉⲓⲣⲉ ⲙⲡⲡⲉⲧⲛⲁⲛⲟⲩϥ ⲉⲧⲉⲧⲛϣⲡ ϩⲓⲥⲉ ⲉϣϫⲉ ⲡⲁⲓ ⲡⲉ ⲡⲟⲩⲱϣ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲛϩⲟⲩⲟ ⲉⲣⲟⲥ ⲉⲧⲉⲧⲛⲉⲓⲣⲉ ⲙⲡⲡⲉⲑⲟⲟⲩ
چۈنكى مەسىھ بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى؛ گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى؛ | 18 |
ⲓ̅ⲏ̅ϫⲉ ⲡⲉⲭⲥ ⲁϥⲙⲟⲩ ⲛⲟⲩⲥⲟⲡ ϩⲁ ⲛⲉⲛⲛⲟⲃⲉ ⲡⲇⲓⲕⲁⲓⲟⲥ ϩⲁⲛⲣⲉϥϫⲓ ⲛϭⲟⲛⲥ ϫⲉⲕⲁⲥ ⲉϥⲧⲉⲣⲉⲧⲛϩⲱⲛ ⲉϩⲟⲩⲛ ⲉⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲉⲁϥⲙⲟⲩ ⲙⲛ ϩⲛ ⲧⲥⲁⲣⲝ ⲁϥⲱⲛϩ ⲇⲉ ϩⲙ ⲡⲉⲡⲛⲁ
شۇنىڭ بىلەن ئۇ سولاپ قويۇلغان روھلارنىڭ يېنىغا مۇشۇ روھىي ھاياتلىقى بىلەن بېرىپ، [ئۆزىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى] جاكارلىدى. | 19 |
ⲓ̅ⲑ̅ϩⲙ ⲡⲁⲓ ⲉⲁϥⲃⲱⲕ ⲁϥⲧⲁϣⲉⲟⲉⲓϣ ⲛⲛⲉⲡⲛⲁ ⲉⲧϩⲙ ⲡⲉϣⲧⲉⲕⲟ
[سولاپ قويۇلغان] بۇ روھلار بۇرۇنقى زاماندا، يەنى نۇھ [پەيغەمبەر]نىڭ كۈنلىرىدە، كېمە ياسىلىۋاتقان مەزگىلدە خۇدا سەۋرچانلىق بىلەن [كىشىلەرنىڭ توۋا قىلىشىنى] كۈتكىنىدە، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. پەقەت شۇ كېمىگە كىرگەن بىرقانچىسى، يەنى جەمئىي سەككىز جان سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى. | 20 |
ⲕ̅ⲛⲁⲓ ⲛⲧⲁⲩⲣ ⲁⲧⲥⲱⲧⲙ ⲙⲡⲉⲓⲟⲩⲟⲉⲓϣ ⲉⲛⲉⲣⲉⲧⲙⲛⲧϩⲁⲣϣ ϩⲏⲧ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲕⲱ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲛ ⲛⲉϩⲟⲟⲩ ⲛⲛⲱϩⲉ ⲉⲩⲧⲁⲙⲓⲟ ⲛⲧϭⲓⲃⲱⲧⲟⲥ ⲧⲁⲓ ⲛⲧⲁϩⲉⲛⲕⲟⲩⲓ ⲡⲱⲧ ⲉϩⲟⲩⲛ ⲉⲣⲟⲥ ⲁⲩⲟⲩϫⲁⲓ ⲉⲡⲙⲟⲟⲩ ⲉⲩⲙⲉϩ ϣⲙⲟⲩⲛⲉ ⲙⲯⲩⲭⲏ
مانا بۇ «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نىڭ بېشارىتى بولغان. ئەمدى چۆمۈلدۈرۈش ــ بەدەننىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى ــ بىزنى ھازىر قۇتقۇزۇۋاتىدۇ | 21 |
ⲕ̅ⲁ̅ⲕⲁⲧⲁ ⲡⲧⲩⲡⲟⲥ ⲙⲡⲃⲁⲡⲧⲓⲥⲙⲁ ⲉⲧⲟⲩϫⲟ ⲙⲙⲱⲧⲛ ⲧⲉⲛⲟⲩ ϩⲛ ⲟⲩⲉⲓⲱ ⲁⲛ ⲉⲃⲟⲗ ⲛϭⲟⲣϫⲉ ⲛⲧⲉ ⲧⲥⲁⲣⲝ ⲁⲗⲗⲁ ⲙⲡⲟⲩⲱϣⲃ ⲛⲧⲉⲩⲥⲩⲛⲉⲓⲇⲏⲥⲓⲥ ⲉⲧⲛⲁⲛⲟⲩⲥ ⲛⲁϩⲣⲙ ⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ϩⲓⲧⲙ ⲡⲧⲱⲟⲩⲛ ⲛⲓⲏⲥ ⲡⲉⲭⲥ
(مەسىھ [تىرىلىپ] ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا). | 22 |
ⲕ̅ⲃ̅ⲡⲁⲓ ⲉⲧϩⲓ ⲟⲩⲛⲁⲙ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲉⲁϥⲃⲱⲕ ⲉϩⲣⲁⲓ ⲉⲧⲡⲉ ⲁⲛⲁⲅⲅⲉⲗⲟⲥ ϩⲩⲡⲟⲧⲁⲥⲥⲉ ⲛⲁϥ ⲙⲛ ⲛⲉⲝⲟⲩⲥⲓⲁ ⲙⲛ ⲛϭⲟⲙ