< پېترۇس 1 2 >
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بارلىق رەزىللىك، بارلىق مەككارلىق، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ھەممە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاپ، | 1 |
sarvvān dveṣān sarvvāṁśca chalān kāpaṭyānīrṣyāḥ samastaglānikathāśca dūrīkṛtya
رەبنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ بىلگەنىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك بولۇپ [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىدىكى ساپ سۈتكە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر نىجاتنىڭ [كامالىتىگە] يېتىپ ئۆسىسىلەر. | 2 |
yuṣmābhiḥ paritrāṇāya vṛddhiprāptyarthaṁ navajātaśiśubhiriva prakṛtaṁ vāgdugdhaṁ pipāsyatāṁ|
yataḥ prabhu rmadhura etasyāsvādaṁ yūyaṁ prāptavantaḥ|
ئەمدى سىلەر ئۇنىڭغا، يەنى ئادەملەر تەرىپىدىن ئەرزىمەس دەپ تاشلىنىپ، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ۋە قەدىرلەنگەن تىرىك تاش بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ | 4 |
aparaṁ mānuṣairavajñātasya kintvīśvareṇābhirucitasya bahumūlyasya jīvatprastarasyeva tasya prabhoḥ sannidhim āgatā
سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ تىرىك تاشلار سۈپىتىدە بىر روھىي ئىبادەتخانا قىلىنىشقا، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان روھىي قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان مۇقەددەس كاھىن قاتارىدىكىلەر بولۇشقا قۇرۇلۇۋاتىسىلەر؛ | 5 |
yūyamapi jīvatprastarā iva nicīyamānā ātmikamandiraṁ khrīṣṭena yīśunā ceśvaratoṣakāṇām ātmikabalīnāṁ dānārthaṁ pavitro yājakavargo bhavatha|
چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: ــ «مانا، تاللانغان، قەدىرلەنگەن بۈرجەك ئۇل تېشىنى زىئونغا قويدۇم. ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەركىم ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ». | 6 |
yataḥ śāstre likhitamāste, yathā, paśya pāṣāṇa eko 'sti sīyoni sthāpito mayā| mukhyakoṇasya yogyaḥ sa vṛtaścātīva mūlyavān| yo jano viśvaset tasmin sa lajjāṁ na gamiṣyati|
ئەمدى ئېتىقاد قىلغۇچى بولغان سىلەرگە نىسبەتەن [تاشنىڭ] قەدىرى بولىدۇ. لېكىن [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك] بولدى: ــ «تامچىلار ئەرزىمەس دەپ تاشلىۋەتكەن بۇ تاش، بۇرجەك [ئۇل] تېشى بولۇپ تىكلەندى!»، ۋە: ــ «[بۇ تاش] كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش بولىدۇ». چۈنكى [مۇشۇنداق كىشىلەر] [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىغا ئىتائەت قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى ئالدىن بېكىتىلگەندۇر. | 7 |
viśvāsināṁ yuṣmākameva samīpe sa mūlyavān bhavati kintvaviśvāsināṁ kṛte nicetṛbhiravajñātaḥ sa pāṣāṇaḥ koṇasya bhittimūlaṁ bhūtvā bādhājanakaḥ pāṣāṇaḥ skhalanakārakaśca śailo jātaḥ|
te cāviśvāsād vākyena skhalanti skhalane ca niyuktāḥ santi|
لېكىن سىلەر بولساڭلار [خۇدا] تاللىغان بىر جەمەت، شاھانە بىر كاھىنلىق، پاك-مۇقەددەس بىر ئەل، شۇنداقلا ئۆزىگە ئالاھىدە خاس بولغان بىر خەلقسىلەر؛ بۇنىڭ مەقسىتى، سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ تىلسىمات يورۇقلۇقىغا چاقىرغۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلىشىڭلاردىن ئىبارەت. | 9 |
kintu yūyaṁ yenāndhakāramadhyāt svakīyāścaryyadīptimadhyam āhūtāstasya guṇān prakāśayitum abhirucito vaṁśo rājakīyo yājakavargaḥ pavitrā jātiradhikarttavyāḥ prajāśca jātāḥ|
بۇرۇن سىلەر بىر خەلق ھېسابلانمايتتىڭلار، لېكىن ھازىر خۇدانىڭ خەلقىسىلەر؛ بۇرۇن [خۇدانىڭ] رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ھازىر ئېرىشتىڭلار. | 10 |
pūrvvaṁ yūyaṁ tasya prajā nābhavata kintvidānīm īśvarasya prajā ādhve| pūrvvam ananukampitā abhavata kintvidānīm anukampitā ādhve|
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا مۇساپىر ۋە مېھماندۇرسىلەر، سىلەردىن ئۆتۈنۈمەنكى، روھ-قەلبىڭلار بىلەن قارشىلىشىدىغان ئەتلىرىڭلاردىكى نەپس-شەھۋەتلەردىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار. | 11 |
he priyatamāḥ, yūyaṁ pravāsino videśinaśca lokā iva manasaḥ prātikūlyena yodhibhyaḥ śārīrikasukhābhilāṣebhyo nivarttadhvam ityahaṁ vinaye|
يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلار ئېتىقادسىزلار ئارىسىدا ئېسىل-پەزىلەتلىك بولسۇن. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرگە يامانلىق قىلغۇچىلار دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، دەل تۆھمەت قىلغان ئىشلاردا سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ، [خۇدانىڭ] ئۇلارنى [ئويغىتىپ] يوقلايدىغان كۈنىدە ئۇنى ئۇلۇغلىشى مۇمكىن. | 12 |
devapūjakānāṁ madhye yuṣmākam ācāra evam uttamo bhavatu yathā te yuṣmān duṣkarmmakārilokāniva puna rna nindantaḥ kṛpādṛṣṭidine svacakṣurgocarīyasatkriyābhya īśvarasya praśaṁsāṁ kuryyuḥ|
شۇڭا رەبنىڭ ھۆرمىتىدە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەربىر ھاكىمىيەتنىڭ تۈزۈمىگە، مەيلى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپتىكى پادىشاھقا بولسۇن ياكى ئۇ تەيىنلىگەن ھوقۇقدارلارغا بولسۇن بويسۇنۇڭلار. چۈنكى بۇ ھوقۇقدارلار [پادىشاھ] تەرىپىدىن يامان ئىش قىلغۇچىلارنى جازاغا تارتىش، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەندۇر. | 13 |
tato heto ryūyaṁ prabhoranurodhāt mānavasṛṣṭānāṁ kartṛtvapadānāṁ vaśībhavata viśeṣato bhūpālasya yataḥ sa śreṣṭhaḥ,
deśādhyakṣāṇāñca yataste duṣkarmmakāriṇāṁ daṇḍadānārthaṁ satkarmmakāriṇāṁ praśaṁsārthañca tena preritāḥ|
چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداقكى، ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىلەن نادان ئادەملەرنىڭ ئورۇنسىز شىكايەتلىرىنى تۇۋاقلاشتۇر. | 15 |
itthaṁ nirbbodhamānuṣāṇām ajñānatvaṁ yat sadācāribhi ryuṣmābhi rniruttarīkriyate tad īśvarasyābhimataṁ|
سىلەر ئەركىن-ئازاد بولغىنىڭلار بىلەن، بۇ ئەركىنلىكىڭلارنى يامانلىق قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماڭلار، بەلكى خۇدانىڭ قۇلى سۈپىتىدە بولۇپ، | 16 |
yūyaṁ svādhīnā ivācarata tathāpi duṣṭatāyā veṣasvarūpāṁ svādhīnatāṁ dhārayanta iva nahi kintvīśvarasya dāsā iva|
بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، [ئېتىقادچى] قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار. | 17 |
sarvvān samādriyadhvaṁ bhrātṛvarge prīyadhvam īśvarād bibhīta bhūpālaṁ sammanyadhvaṁ|
قۇللار، خوجايىنلىرىڭلارغا تولۇق قورقۇنچ بىلەن بويسۇنۇڭلار ــ يالغۇز مېھرىبان ۋە خۇش پېئىل خوجايىنلارغىلا ئەمەس، بەلكى تېرىككەك خوجايىنلارغىمۇ بويسۇنۇڭلار. | 18 |
he dāsāḥ yūyaṁ sampūrṇādareṇa prabhūnāṁ vaśyā bhavata kevalaṁ bhadrāṇāṁ dayālūnāñca nahi kintvanṛjūnāmapi|
چۈنكى ئەگەر بىرسى خۇدا ئالدىدا پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈن ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە بۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلسا، بۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. | 19 |
yato 'nyāyena duḥkhabhogakāla īśvaracintayā yat kleśasahanaṁ tadeva priyaṁ|
چۈنكى ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، تېگىشلىك ئۇرۇلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نېمىسى بار! لېكىن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار ھەمدە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسەڭلار، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. | 20 |
pāpaṁ kṛtvā yuṣmākaṁ capeṭāghātasahanena kā praśaṁsā? kintu sadācāraṁ kṛtvā yuṣmākaṁ yad duḥkhasahanaṁ tadeveśvarasya priyaṁ|
چۈنكى سىلەر دەل شۇنىڭغا چاقىرىلدىڭلار. چۈنكى مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى؛ | 21 |
tadarthameva yūyam āhūtā yataḥ khrīṣṭo'pi yuṣmannimittaṁ duḥkhaṁ bhuktvā yūyaṁ yat tasya padacihnai rvrajeta tadarthaṁ dṛṣṭāntamekaṁ darśitavān|
«ئۇ گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھېچقانداق ئالدامچىلىق-يالغانچىلىقمۇ تېپىلماس». | 22 |
sa kimapi pāpaṁ na kṛtavān tasya vadane kāpi chalasya kathā nāsīt|
ئۇ ھاقارەتلەنگىنىدە، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ئۇ ھېچ تەھدىت سالمايتتى؛ ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇراتتى. | 23 |
nindito 'pi san sa pratinindāṁ na kṛtavān duḥkhaṁ sahamāno 'pi na bhartsitavān kintu yathārthavicārayituḥ samīpe svaṁ samarpitavān|
ئۇ ئۆزى بىزنىڭ گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلۈپ، ھەققانىيلىققا نىسبەتەن ياشىشىمىز ئۈچۈن ياغاچ تۈۋرۈكتە گۇناھلىرىمىزنى زىممىسىگە ئالدى؛ سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار. | 24 |
vayaṁ yat pāpebhyo nivṛtya dharmmārthaṁ jīvāmastadarthaṁ sa svaśarīreṇāsmākaṁ pāpāni kruśa ūḍhavān tasya prahārai ryūyaṁ svasthā abhavata|
چۈنكى بۇرۇن سىلەر قويلاردەك يولدىن ئېزىپ كەتكەنسىلەر، لېكىن ھازىر جېنىڭلارنىڭ پادىچىسى ھەم يېتەكچىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار. | 25 |
yataḥ pūrvvaṁ yūyaṁ bhramaṇakārimeṣā ivādhvaṁ kintvadhunā yuṣmākam ātmanāṁ pālakasyādhyakṣasya ca samīpaṁ pratyāvarttitāḥ|