داۋۇت پادىشاھ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى؛ ئۇنى يوتقان-ئەدىيال بىلەن ياپسىمۇ، ئۇ ئىسسىمايتتى. | 1 |
داوود پادشاه بسیار پیر شده بود و هر چند او را با لحاف میپوشاندند، ولی گرم نمیشد. |
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى ئۈچۈن، ئالدىلىرىدا تۇرىدىغان بىر پاك قىز تاپقۇزايلى؛ ئۇ پادىشاھتىن خەۋەر ئېلىپ، سىلىنىڭ قۇچاقلىرىدا ياتسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن غوجام پادىشاھ ئىسسىيلا ــ دېدى. | 2 |
مشاورانش به او گفتند: «درمان تو در این است که یک دختر جوان از تو پرستاری کند و در آغوشت بخوابد تا گرم بشوی.» |
ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىنى كېزىپ گۈزەل بىر قىزنى ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىرى شۇناملىق ئابىشاگنى تېپىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. | 3 |
پس در سراسر کشور اسرائیل گشتند تا زیباترین دختر را برای او پیدا کنند. سرانجام دختری بسیار زیبا به نام ابیشگ از اهالی شونم انتخاب شد. او را نزد پادشاه آوردند و او مشغول پرستاری از پادشاه شد، ولی پادشاه با او نزدیکی نکرد. |
قىز ئىنتايىن گۈزەل ئىدى؛ ئۇ پادىشاھتىن خەۋەر ئېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى، ئەمما پادىشاھ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلمايتتى. | 4 |
ئەمما ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا مەرتىۋىسىنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ: «مەن پادىشاھ بولىمەن» دېدى. ئۇ ئۆزىگە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىقلارنى ۋە ئالدىدا يۈرىدىغان ئەللىك ئەسكەرنى تەييار قىلدى | 5 |
پس از مرگ ابشالوم، پسر بعدی پادشاه به نام ادونیا که مادرش حجیت بود، به این فکر افتاد تا بر تخت سلطنت بنشیند. از این رو ارابهها و ارابهرانان و یک گارد پنجاه نفره برای خود گرفت. ادونیا جوانی بود خوشاندام، و پدرش داوود پادشاه در تمام عمرش هرگز برای هیچ کاری او را سرزنش نکرده بود. |
(ئۇنىڭ ئاتىسى ھېچقاچان: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ، ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىپمۇ باقمىغانىدى ھەم ئۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئانىسى ئۇنى ئابشالومدىن كېيىن تۇغقانىدى). | 6 |
ئۇ زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ۋە كاھىن ئابىياتار بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ تۇردى. ئۇلار بولسا ئادونىياغا ئەگىشىپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرەتتى. | 7 |
ادونیا نقشهٔ خود را به اطلاع یوآب و اَبیّاتار کاهن رساند و آنها نیز قول دادند از او حمایت کنند. |
لېكىن كاھىن زادوك ۋە يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمەي، رەي ۋە داۋۇتنىڭ ئۆز پالۋانلىرى ئادونىياغا ئەگەشمىدى. | 8 |
اما صادوق کاهن، بنایا، ناتان نبی، شمعی، ریعی و محافظان داوود از ادونیا حمایت نکردند. |
ئادونىيا قوي، كالا ۋە بوردىغان تورپاقلارنى ئەن-روگەلنىڭ يېنىدىكى زوھەلەت دېگەن تاشتا سويدۇرۇپ، ھەممە ئاكا-ئۇكىلىرىنى، يەنى پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان ھەممە يەھۇدالارنى چاقىردى. | 9 |
یک روز ادونیا به عین روجل رفت و در محلی به نام «سنگِ مار» مهمانی مفصلی ترتیب داد و گاوان و گوسفندان ذبح کردند. او پسران دیگر پادشاه و مقامات دربار را که از یهودا بودند دعوت کرد تا در جشن شرکت کنند. |
لېكىن ناتان پەيغەمبەر، بىنايا، پالۋانلار ۋە ئۆز ئىنىسى سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى. | 10 |
اما او ناتان نبی و بنایا و محافظان دربار و برادر ناتنی خود سلیمان را به آن مهمانی دعوت نکرد. |
ناتان بولسا سۇلايماننىڭ ئانىسى بات-شېباغا: ــ «ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا پادىشاھ بولدى، لېكىن غوجىمىز داۋۇت ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز. | 11 |
پس ناتان نبی نزد بَتشِبَع مادر سلیمان رفت و به او گفت: «آیا میدانی که ادونیا پسر حجیت، خود را پادشاه نامیده و پادشاه ما داوود از این موضوع بیخبر است؟ |
ئەمدى مانا، ئۆز جېنىڭ ۋە ئوغلۇڭ سۇلايماننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشقا مېنىڭ ساڭا بىر مەسلىھەت بېرىشىمكە ئىجازەت بەرگەيسەن. | 12 |
اگر میخواهی جان خودت و پسرت سلیمان را نجات بدهی، آنچه میگویم، انجام بده. |
داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى قەسەم قىلىپ ئۆز كەمىنىلىرىگە ۋەدە قىلىپ: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىلە؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئادونىيا پادىشاھ بولىدۇ؟ ــ دېگىن. | 13 |
پیش داوود پادشاه برو و به او بگو:”ای پادشاه، مگر قسم نخوردی که پسر من سلیمان بعد از تو پادشاه بشود؟ پس چرا حالا ادونیا پادشاه شده است؟“ |
مانا، پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغىنىڭدا، مەنمۇ سېنىڭ كەينىڭدىن كىرىپ سۆزۈڭنى ئىسپاتلايمەن، ــ دېدى. | 14 |
همان وقت که تو مشغول صحبت کردن با داوود هستی، من هم میآیم و حرف تو را تأیید میکنم.» |
بات-شېبا ئىچكىرى ئۆيگە پادىشاھنىڭ قېشىغا كىردى (پادىشاھ تولىمۇ قېرىپ كەتكەنىدى، شۇناملىق ئابىشاگ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتاتتى). | 15 |
پس بَتشِبَع به اتاق پادشاه رفت. داوود پادشاه خیلی پیر شده بود و ابیشگ از او پرستاری میکرد. |
بات-شېبا پادىشاھقا ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ: ــ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. | 16 |
بَتشِبَع جلو رفت و تعظیم کرد. پادشاه پرسید: «چه میخواهی؟» |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئى غوجام، سىلى پەرۋەردىگار خۇدالىرى بىلەن ئۆز دېدەكلىرىگە: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دەپ قەسەم قىلغانىدىلا. | 17 |
بَتشِبَع جواب داد: «ای پادشاه، برای این کنیزتان به خداوند، خدای خود قسم خوردید که بعد از شما پسرم سلیمان بر تختتان بنشیند؛ |
ئەمدى مانا، ئادونىيا پادىشاھ بولدى! لېكىن ئى غوجام پادىشاھ، سىلىنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋەرلىرى يوق. | 18 |
ولی حالا ادونیا به جای او پادشاه شده است و شما از این موضوع بیخبرید. |
ئۇ كۆپ كالىلارنى، بورداق تورپاقلار بىلەن قويلارنى سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى، ئابىياتار كاھىننى ۋە قوشۇننىڭ سەردارى يوئابنى چاقىردى. لېكىن قۇللىرى سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى. | 19 |
ادونیا جشن بزرگی گرفته و گاوان و گوسفندان زیادی قربانی کرده و تمام پسرانتان را با اَبیّاتار کاهن و یوآب فرماندهٔ سپاهتان به این جشن دعوت کرده اما خدمتگزارت سلیمان را دعوت نکرده است. |
ئەمدى، ئى غوجام پادىشاھ، پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى سىلىگە تىكىلمەكتە، ئۇلار غوجام پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىدىن كېيىن تەختلىرىدە كىمنىڭ ئولتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلارغا خەۋەر بېرىشلىرىنى كۈتىشىۋاتىدۇ؛ | 20 |
حال ای پادشاه، تمام قوم اسرائیل منتظرند تا ببینند شما چه کسی را به جانشینی خود انتخاب میکنید. |
بىر قارارغا كەلمىسىلە، غوجام پادىشاھ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن بىللە ئۇخلاشقا كەتكەندىن كېيىن، مەن بىلەن ئوغلۇم سۇلايمان گۇناھكار سانىلىپ قالارمىزمىكىن، ــ دېدى. | 21 |
اگر زودتر تصمیم نگیرید، هنگامی که سرورم پادشاه نزد پدران خود بیارامد، با من و پسرم سلیمان مثل یک خطاکار رفتار خواهند کرد.» |
مانا، ئۇ تېخى پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا ناتان پەيغەمبەرمۇ كىرىپ كەلدى. | 22 |
وقتی بَتشِبَع مشغول صحبت بود، به پادشاه خبر دادند که ناتان نبی میخواهد به حضور پادشاه شرفیاب شود. ناتان داخل شد و به پادشاه تعظیم کرد |
ئۇلار پادىشاھقا: ــ ناتان پەيغەمبەر كەلدى، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپلا، يۈزىنى يەرگە يېقىپ تۇرۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلدى. | 23 |
ناتان: ــ ئى غوجام پادىشاھ، سىلى ئادونىيا مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىلىمۇ؟ | 24 |
و گفت: «ای سرور من، آیا شما ادونیا را جانشین خود کردهاید تا بر تخت سلطنت بنشیند؟ |
چۈنكى ئۇ بۈگۈن چۈشۈپ، كۆپ بۇقا، بوردىغان تورپاقلار بىلەن قويلارنى سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى، قوشۇننىڭ سەردارلىرىنى، ئابىياتار كاھىننى چاقىردى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا يەپ-ئىچىپ: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» ــ دەپ توۋلاشماقتا. | 25 |
زیرا امروز ادونیا جشن بزرگی بر پا کرده و گاوان و گوسفندان بسیاری قربانی کرده و پسرانتان را با اَبیّاتار کاهن و فرماندهان سپاهتان به این جشن دعوت کرده است. هم اکنون ایشان میخورند و مینوشند و خوش میگذرانند و فریاد میزنند: زنده باد ادونیای پادشاه! |
لېكىن قۇللىرى بولغان مېنى، زادوك كاھىننى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ۋە قۇللىرى بولغان سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى. | 26 |
اما من و صادوق کاهن و بنایا و خدمتگزارت سلیمان به آن جشن دعوت نشدهایم! |
غوجام پادىشاھ كىمنىڭ ئۆزلىرىدىن كېيىن غوجام پادىشاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئۆز قۇللىرىغا ئۇقتۇرماي ئۇ ئىشنى بۇيرۇدىلىمۇ؟ ــ دېدى. | 27 |
آیا این کار با اطلاع پادشاه انجام گرفته است؟ پس چرا پادشاه به ما نگفتهاند که چه کسی را به جانشینی خود برگزیدهاند؟» |
داۋۇت پادىشاھ: ــ بات-شېبانى ئالدىمغا قىچقىرىڭلار، دېدى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. | 28 |
با شنیدن این حرفها، پادشاه دستور داد بَتشِبَع را احضار کنند. پس بَتشِبَع به اتاق برگشت و در حضور پادشاه ایستاد. |
پادىشاھ بولسا: ــ جېنىمنى ھەممە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، | 29 |
آنگاه پادشاه چنین گفت: «به خداوند زنده که مرا از تمام خطرات نجات داده، قسم میخورم که |
مەن ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىلەن ساڭا قەسەم قىلىپ: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ ئورنۇمدا مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۈگۈنكى كۈندە مەن بۇ ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن، ــ دېدى. | 30 |
همانطور که قبلاً در حضور خداوند، خدای اسرائیل برایت قسم خوردم، امروز کاری میکنم که پسرت سلیمان بعد از من پادشاه شود و بر تخت سلطنت من بنشیند!» |
ۋە بات-شېبا يۈزىنى يەرگە يېقىپ تۇرۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلىپ: ــ غوجام داۋۇت پادىشاھ ئەبەدىي ياشىسۇن! ــ دېدى. | 31 |
آنگاه بَتشِبَع در حضور پادشاه تعظیم کرد و گفت: «پادشاه همیشه زنده بماند!» |
داۋۇت پادىشاھ: ــ زادوك كاھىننى، ناتان پەيغەمبەرنى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئالدىمغا چاقىرىڭلار، دېدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. | 32 |
سپس پادشاه گفت: «صادوق کاهن و ناتان نبی و بنایا پسر یهویاداع را پیش من بیاورید.» وقتی آنها به حضور پادشاه شرفیاب شدند، |
پادىشاھ ئۇلارغا: ــ غوجاڭلارنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ئۆزۈڭلارغا قوشۇپ، سۇلايماننى ئۆز قېچىرىمگە مىندۈرۈپ، گىھونغا ئېلىپ بېرىڭلار؛ | 33 |
پادشاه به ایشان گفت: «همراه درباریان من، سلیمان را به جیحون ببرید. او را بر قاطر مخصوص من سوار کنید |
ئۇ يەردە زادوك كاھىن بىلەن ناتان پەيغەمبەر ئۇنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلسۇن. ئاندىن كاناي چېلىپ: ــ سۇلايمان پادىشاھ ياشىسۇن! دەپ توۋلاڭلار. | 34 |
و صادوق کاهن و ناتان نبی وی را در آن شهر به عنوان پادشاه اسرائیل تدهین کنند. بعد شیپورها را به صدا درآورید و با صدای بلند بگویید: زنده باد سلیمان پادشاه! |
ئاندىن ئۇ تەختىمدە ئولتۇرۇشقا بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار؛ ئۇ مېنىڭ ئورنۇمدا پادىشاھ بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا تەيىنلىدىم، ــ دېدى. | 35 |
سپس سلیمان را همراه خود به اینجا برگردانید و او را به نام پادشاه جدید بر تخت سلطنت من بنشانید، چون من وی را رهبر قوم اسرائیل و یهودا تعیین کردهام.» |
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ ئامىن! غوجام پادىشاھنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارمۇ شۇنداق بۇيرۇسۇن! | 36 |
بنایا پسر یهویاداع جواب داد: «آمین! باشد که خداوند، خدایت برای این کار به ما توفیق دهد. |
پەرۋەردىگار غوجام پادىشاھ بىلەن بىللە بولغاندەك، سۇلايمان بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ تەختىنى غوجام داۋۇت پادىشاھنىڭكىدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ قىلغاي! ــ دېدى. | 37 |
همانطور که خداوند با تو بوده است، با سلیمان پادشاه هم باشد و سلطنت او را از سلطنت تو شکوهمندتر کند.» |
زادوك كاھىن، ناتان پەيغەمبەر، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ۋە كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەر چۈشۈپ، سۇلايماننى داۋۇت پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈرۈپ، گىھونغا ئېلىپ باردى. | 38 |
پس صادوق کاهن، ناتان نبی و بنایا با محافظان دربار، سلیمان را بر قاطر داوود پادشاه سوار کردند و به جیحون بردند. |
زادوك كاھىن ئىبادەت چېدىرىدىن ماي بىلەن تولغان بىر مۈڭگۈزنى ئېلىپ، سۇلايماننى مەسىھ قىلدى. ئاندىن ئۇلار كاناي چالدى. خەلقنىڭ ھەممىسى: ــ سۇلايمان پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دەپ توۋلاشتى. | 39 |
در آنجا صادوق کاهن، ظرف روغن مقدّس را که از خیمهٔ عبادت آورده بود، گرفته و روغن آن را بر سر سلیمان ریخته، او را تدهین نمود. بعد شیپورها را نواختند و تمام مردم فریاد برآوردند: «زنده باد سلیمان پادشاه!» |
خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، سۇناي چېلىپ زور شادلىق بىلەن يەر يېرىلغۇدەك تەنتەنە قىلىشتى. | 40 |
سپس همه با هم شادیکنان به اورشلیم برگشتند. صدای ساز و آواز آنها چنان بلند بود که زمین زیر پایشان میلرزید! |
ئەمدى ئادونىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن جەم بولغان مېھمانلار غىزالىنىپ چىققاندا، شۇنى ئاڭلىدى. يوئاب كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا: ــ نېمىشقا شەھەردە شۇنچە قىيقاس-سۈرەن سېلىنىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 41 |
ادونیا و مهمانانش به آخر جشن نزدیک میشدند که این سر و صدا به گوششان رسید. وقتی یوآب صدای شیپورها را شنید پرسید: «چه خبر است؟ این چه غوغایی است که در شهر بر پا شده؟» |
ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەيلا، مانا ئابىياتار كاھىننىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا ئۇنىڭغا: ــ كىرگىن، قەيسەر ئادەمسەن، چوقۇم بىزگە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، ــ دېدى. | 42 |
حرف او هنوز تمام نشده بود که یوناتان پسر اَبیّاتار کاهن از راه رسید. ادونیا به او گفت: «داخل شو! تو جوان خوبی هستی و بیشک خبری خوش برایم آوردهای!» |
يوناتان ئادونىياغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنداق ئەمەس! غوجىمىز داۋۇت پادىشاھ سۇلايماننى پادىشاھ قىلدى! | 43 |
یوناتان گفت: «خیر! سرورمان داوود پادشاه، سلیمان را جانشین خود کرده است! |
ۋە پادىشاھ ئۆزى ئۇنىڭغا زادوك كاھىننى، ناتان پەيغەمبەرنى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ۋە كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنى ھەمراھ قىلىپ ئەۋىتىپ، ئۇنى پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈردى؛ | 44 |
او سلیمان را بر قاطر مخصوص خود سوار کرده، همراه صادوق کاهن، ناتان نبی، بنایا و محافظان پادشاه به جیحون فرستاده است. صادوق و ناتان، سلیمان را به عنوان پادشاه جدید تدهین کردهاند! اینک آنها برگشتهاند و از این جهت تمام شهر جشن گرفتهاند و شادی میکنند. این هلهلهٔ شادی از خوشحالی مردم است! |
ئاندىن زادوك كاھىن بىلەن ناتان پەيغەمبەر ئۇنى پادىشاھ بولۇشقا گىھوندا مەسىھ قىلدى. ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ شادلىق قىلىپ، پۈتكۈل شەھەرنى قىيقاس-سۈرەن بىلەن لەرزىگە سالدى. سىز ئاڭلاۋاتقان سادا دەل شۇدۇر. | 45 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇلايمان ھازىر پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىۋاتىدۇ. | 46 |
سلیمان بر تخت سلطنت نشسته است |
يەنە كېلىپ پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى كېلىپ غوجىمىز داۋۇت پادىشاھقا: «خۇدالىرى سۇلايماننىڭ نامىنى سىلىنىڭكىدىن ئەۋزەل قىلىپ، تەختىنى سىلىنىڭكىدىن ئۇلۇغ قىلغاي!» دەپ بەخت تىلەپ مۇبارەكلەشكە كېلىشتى. پادىشاھ ئۆزى ياتقان ئورۇندا سەجدە قىلدى | 47 |
و درباریان برای عرض تبریک نزد داوود پادشاه میروند و میگویند: خدای تو سلیمان را مشهورتر از تو بگرداند و سلطنت او را بزرگتر و باشکوهتر از سلطنت تو بسازد؛ و داوود پادشاه نیز در بستر خود سجده کرده |
ۋە پادىشاھ: ــ «بۈگۈن مېنىڭ تەختىمگە ئولتۇرغۇچى بىرسىنى تەيىنلىگەن، ئۆز كۆزلىرىمگە شۇنى كۆرگۈزگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇبارەكلەنسۇن!» ــ دېدى ــ دېدى. | 48 |
به دعاهای خیر ایشان اینطور جواب میدهد: سپاس بر خداوند، خدای اسرائیل که به من طول عمر داده است تا با چشمان خود ببینم که خدا پسرم را برگزیده است تا بر تخت سلطنت من بنشیند و به جای من پادشاه شود!» |
شۇنى ئاڭلاپ ئادونىيانىڭ بارلىق مېھمانلىرى ھودۇقۇپ، ئورنىدىن قوپۇپ ھەربىرى ئۆز يولىغا كەتتى. | 49 |
میهمانان ادونیا وقتی این خبر را شنیدند، ترسیدند و پا به فرار گذاشتند. |
ئادونىيا بولسا سۇلايماندىن قورقۇپ، ئورنىدىن قوپۇپ، [ئىبادەت چېدىرىغا] بېرىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتتى. | 50 |
ادونیا از ترس سلیمان به خیمهٔ عبادت پناه برد و شاخهای مذبح را به دست گرفت. |
سۇلايمانغا شۇنداق خەۋەر بېرىلىپ: ــ «ئادونىيا سۇلايمان پادىشاھتىن قورقىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ــ «سۇلايمان پادىشاھ بۈگۈن ماڭا شۇنى قەسەم قىلسۇنكى، ئۇ ئۆز قۇلىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەسلىككە ۋەدە قىلغاي» دېدى»، ــ دېيىلدى. | 51 |
به سلیمان خبر دادند که ادونیا از ترس او به عبادتگاه پناه برده و شاخهای مذبح را به دست گرفته است و میگوید: «سلیمان برای من قسم بخورد که مرا نخواهد کشت.» |
سۇلايمان: ــ ئۇ دۇرۇس ئادەم بولسا بېشىدىن بىر تال چاچ يەرگە چۈشمەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭدا رەزىللىك تېپىلسا، ئۆلىدۇ، دېدى. | 52 |
سلیمان گفت: «اگر ادونیا رفتار خود را عوض کند، مویی از سرش کم نخواهد شد. در غیر این صورت سزای او مرگ است.» |
سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋىتىپ ئۇنى قۇربانگاھدىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى. سۇلايمان ئۇنىڭغا: ــ ئۆز ئۆيۈڭگە كەتكىن، ــ دېدى. | 53 |
سپس سلیمان افرادی را فرستاد تا ادونیا را از عبادتگاه بیرون بیاورند. ادونیا آمد و در حضور سلیمان پادشاه تعظیم کرد. سلیمان به او گفت: «میتوانی به خانهات برگردی.» |