< پادىشاھلار 1 9 >
سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، پادىشاھ ئوردىسى ۋە شۇنداقلا قۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان باشقا قۇرۇلۇشلارنى كۆڭلىدىكىدەك پۈتكۈزۈپ بولغاندا، | 1 |
所罗门建造耶和华殿和王宫,并一切所愿意建造的都完毕了,
پەرۋەردىگار سۇلايمانغا گىبېئوندا كۆرۈنگەندەك ئەمدى ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭغا كۆرۈندى. | 2 |
耶和华就二次向所罗门显现,如先前在基遍向他显现一样,
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن مېنىڭ ئالدىمدا قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم؛ مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدا ئەبەدگىچە ئايان قىلىنىشى ئۈچۈن، سەن ياسىغان بۇ ئۆينى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلدىم. مېنىڭ كۆزلىرىم ۋە كۆڭلۈم شۇ يەردە ھەمىشە بولىدۇ. | 3 |
对他说:“你向我所祷告祈求的,我都应允了。我已将你所建的这殿分别为圣,使我的名永远在其中;我的眼、我的心也必常在那里。
سەن بولساڭ، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ئالدىمدا ماڭغىنىدەك، سەنمۇ ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، بەلگىلىمىلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، پاك كۆڭۈل ۋە دۇرۇسلۇق بىلەن ئالدىمدا ماڭساڭ، | 4 |
你若效法你父大卫,存诚实正直的心行在我面前,遵行我一切所吩咐你的,谨守我的律例典章,
مەن ئەمدى ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ۋەدە قىلغىنىمدەك، مەن پادىشاھلىق تەختىڭنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئەبەدگىچە مەھكەم قىلىمەن. | 5 |
我就必坚固你的国位在以色列中,直到永远,正如我应许你父大卫说:‘你的子孙必不断人坐以色列的国位。’
لېكىن ئۆزۈڭ يا ئوغۇللىرىڭ ماڭا ئەگىشىشتىن ۋاز كېچىپ مەن ئالدىڭلاردا قويغان ئەمرلىرىم بىلەن بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتماي، بەلكى باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، | 6 |
倘若你们和你们的子孙转去不跟从我,不守我指示你们的诫命律例,去事奉敬拜别神,
شۇ چاغدا مەن ئىسرائىلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىنىدىن ئۈزۈپ چىقىرىمەن؛ ۋە ئۆز نامىمنى كۆرسىتىشكە ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلغان بۇ ئۆينى نەزىرىمدىن تاشلايمەن ۋە ئىسرائىل ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ؛ | 7 |
我就必将以色列人从我赐给他们的地上剪除,并且我为己名所分别为圣的殿也必舍弃不顾,使以色列人在万民中作笑谈,被讥诮。
بۇ ئۆي گەرچە ھازىر كۆركەم كۆرۈنسىمۇ، شۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى زور ھەيران قېلىشىپ ئۈشقىرتىپ: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا ۋە بۇ ئۆيگە نېمىشقا شۇنداق قىلدى؟» دەپ سورايدۇ. | 8 |
这殿虽然甚高,将来经过的人必惊讶、嗤笑,说:‘耶和华为何向这地和这殿如此行呢?’
كىشىلەر: ــ چۈنكى [زېمىندىكى خەلقلەر] ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگار خۇداسىنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى باشقا ئىلاھلارغا باغلاپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ قۇللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار بۇ پۈتكۈل كۈلپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈپتۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. | 9 |
人必回答说:‘是因此地的人离弃领他们列祖出埃及地之耶和华—他们的 神,去亲近别神,事奉敬拜他,所以耶和华使这一切灾祸临到他们。’”
شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان ئۇ ئىككى ئۆينى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، | 10 |
所罗门建造耶和华殿和王宫,这两所二十年才完毕了。
تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام سۇلايمانغا بارلىق تەلەپلىرى بويىچە كېدىر دەرەخلىرى، ئارچا دەرەخلىرى ۋە ئالتۇن تەمىنلىگىنى ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭغا گالىلىيە ئۆلكىسىدىن يىگىرمە شەھەرنى بەردى. | 11 |
泰尔王希兰曾照所罗门所要的,资助他香柏木、松木,和金子;所罗门王就把加利利地的二十座城给了希兰。
ھىرام سۇلايمان ئۇنىڭغا بەرگەن شەھەرلەرنى كۆرۈشكە تۇردىن چىقىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ھېچ ياقمىدى. | 12 |
希兰从泰尔出来,察看所罗门给他的城邑,就不喜悦,
ئۇ: ــ ھەي بۇرادىرىم، سەن مۇشۇ ماڭا بەرگىنىڭ زادى قانداق شەھەرلەر؟! ــ دېدى. ئۇ ئۇلارنى «كابۇلنىڭ يۇرتى» دەپ ئاتىدى، ۋە ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىدۇ. | 13 |
说:“我兄啊,你给我的是什么城邑呢?”他就给这城邑之地起名叫迦步勒,直到今日。
ھىرام بولسا پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن ئەۋەتكەنىدى. | 14 |
希兰给所罗门一百二十他连得金子。
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، ئۆز ئۆيىنى، مىللونى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى، ھازورنى، مەگىددونى ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى ياساش ئۈچۈن ھاشارغا تۇتقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىشلىرى مۇنداق: ــ | 15 |
所罗门王挑取服苦的人,是为建造耶和华的殿、自己的宫、米罗、耶路撒冷的城墙、夏琐、米吉多,并基 色。
(مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن چىقىپ گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شەھەردە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى قىرىپ، شەھەرنى توي سوۋغىسى سۈپىتىدە سۇلايماننىڭ خوتۇنى بولغان ئۆز قىزىغا بەرگەنىدى) | 16 |
先前埃及王法老上来攻取基色,用火焚烧,杀了城内居住的迦南人,将城赐给他女儿所罗门的妻作妆奁。
سۇلايمان گەزەر بىلەن تۆۋەنكى بەيت-ھوروننى بىنا قىلدى؛ | 17 |
所罗门建造基色、下伯·和 、
ئۇ بائالات بىلەن ئۆز زېمىنىدىكى چۆلگە جايلاشقان تادمورنىمۇ يېڭىدىن ياسىدى، | 18 |
巴拉,并国中旷野里的达莫,
شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە ئامبار شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، «ئاتلىقلار شەھەرلىرى»نى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى. | 19 |
又建造所有的积货城,并屯车和马兵的城,与耶路撒冷、黎巴嫩,以及自己治理的全国中所愿建造的。
ئىسرائىللاردىن بولمىغان ئامورىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن [ئىسرائىل] زېمىنىدا قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، | 20 |
至于国中所剩下不属以色列人的亚摩利人、赫人、比利洗人、希未人、耶布斯人,
سۇلايمان بۇلارنى، يەنى ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقىتالمىغان ئەللەرنىڭ قالدۇق ئەۋلادلىرىنى قۇللۇق ھاشارغا تۇتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى. | 21 |
就是以色列人不能灭尽的,所罗门挑取他们的后裔作服苦的奴仆,直到今日。
لېكىن سۇلايمان ئىسرائىللاردىن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى لەشكەر، خىزمەتكار، ھۆكۈمدار-ئەمەلدار، ھارۋا بىلەن ئاتلىقلارنىڭ سەردارلىرى قىلدى. | 22 |
惟有以色列人,所罗门不使他们作奴仆,乃是作他的战士、臣仆、统领、军长、车兵长、马兵长。
بۇلاردىن سۇلايماننىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان، يەنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان چوڭ نازارەتچىلەر بەش يۈز ئەللىك ئىدى. | 23 |
所罗门有五百五十督工的,监管工人。
پىرەۋننىڭ قىزى داۋۇتنىڭ شەھىرىدىن كۆچۈپ سۇلايمان ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسىغان ئۆيدە ئولتۇرغىنىدا، ئۇ مىللو قەلئەسىنى ياسىدى. | 24 |
法老的女儿从大卫城搬到所罗门为她建造的宫里。那时,所罗门才建造米罗。
سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ياسىغان قۇربانگاھدا يىلدا ئۈچ قېتىم كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇناتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى [خۇشبۇيگاھتا] خۇشبۇي ياقاتتى. شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشلىرىنى پۈتكۈزدى. | 25 |
所罗门每年三次在他为耶和华所筑的坛上献燔祭和平安祭,又在耶和华面前的坛上烧香。这样,他建造殿的工程完毕了。
سۇلايمان پادىشاھ ئېزىئون-گەبەردە بىر تۈركۈم كېمىلەرنى ياسىدى. ئۇ يەر بولسا ئېدوم زېمىنىدا، قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئېلوتنىڭ يېنىدا ئىدى. | 26 |
所罗门王在以东地红海边,靠近以禄的以旬·迦别制造船只。
ھىرام ئۆز خىزمەتكارلىرى، يەنى دېڭىزچىلىقنى ئوبدان بىلىدىغان نەچچە كېمىچىلەرنى سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىغا قوشۇلۇپ كېمىلەردە ئىشلەشكە ئەۋەتتى. | 27 |
希兰差遣他的仆人,就是熟悉泛海的船家,与所罗门的仆人一同坐船航海。
ئۇلار ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن تۆت يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇننى ئېلىپ كېلىپ، سۇلايمان پادىشاھقا ئاپاردى. | 28 |
他们到了俄斐,从那里得了四百二十他连得金子,运到所罗门王那里。