< پادىشاھلار 1 8 >

شۇ چاغدا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى زىئوندىن يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنى، قەبىلە بەگلىرىنى ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ بەگلىرىنى يېرۇسالېمغا ئۆز يېنىغا يىغىلىشقا چاقىردى. 1
Na Tokosra Solomon el pangonma mwet kol nukewa lun sruf ac ota lun Israel nu yorol nu Jerusalem, elos in tuh usla Tuptup in Wuleang lun LEUM GOD liki acn Zion, Siti sel David, nu in Tempul.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېتانىم ئېيىدا، يەنى يەتتىنچى ئايدىكى بېكىتىلگەن ھېيتتا سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا يىغىلدى. 2
Elos nukewa fahsreni ke pacl in Kufwen Iwen Aktuktuk ke malem akitkosr, su malem Ethanim.
ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى يېتىپ كەلگەندە لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ [ماڭدى]. 3
Ke mwet kol uh nukewa fahsreni, na mwet tol elos srukak Tuptup in Wuleang
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، جامائەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار مۇشۇلارنى ئېلىپ چىقتى. 4
ac usla nu in Tempul. Mwet Levi ac mwet tol elos oayapa moklela Lohm Nuknuk sin LEUM GOD ac kufwa nukewa kac, nu in Tempul.
سۇلايمان پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۆپلىكىدىن سانىنى ئېلىپ بولمايدىغان سان-ساناقسىز قوي بىلەن كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشاتتى. 5
Tokosra Solomon ac mwet Israel nukewa tukeni nu ye mutun Tuptup in Wuleang, ac kisakin sheep ac cow arulana pus, tia ku in oaoala.
كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «كالامخانا»سىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ، كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى. 6
Na mwet tol elos usla Tuptup in Wuleang nu in Tempul, ac likiya in Acn Mutal Na Mutal ye cherub luo.
چۈنكى كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قانىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئورنى ئۈستىدە بولغاچقا، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. 7
Posohksok lun cherub inge asrosrelik ac sunya tuptup sac ac srenenu usyen tuptup sac.
بۇ بالداقلار ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، كالامخانىنىڭ ئالدىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىكى ئىككى بالداقنىڭ ئۇچلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، بىراق ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايتتى؛ بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا. 8
Mwet se fin tu suwosna nu mutun Acn Mutal Na Mutal, el ac ku in liye pukun srenenu inge, tusruktu el tia ku in liye el fin tu ke kutena acn saya. (Srenenu inge oasr na we nwe misenge.)
ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى). 9
Wangin ma oan in Tuptup in Wuleang sayen eot luo ma Moses el tuh likiya loac Fineol Sinai, ke LEUM GOD El orala wulela se yurin mwet Israel tukun elos illa liki acn Egypt.
ۋە شۇنداق بولدىكى، كاھىنلار مۇقەددەس جايدىن چىقىشىغىلا، بىر بۇلۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قاپلىۋالدى. 10
Ke mwet tol elos illa liki Tempul uh, na kitin pacl ah na pukunyeng se nwakla in Tempul uh,
كاھىنلار بۇلۇت تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشكە ئۆرە تۇرالمايتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇرغانىدى. 11
ac kalem kac sarmelik ke wolana lun LEUM GOD, pwanang elos tia ku in folokyak in oru ma kunalos.
بۇ پەيتتە سۇلايمان: ــ پەرۋەردىگار تۇم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى؛ 12
Na Solomon el pre ac fahk, “LEUM GOD, kom orala faht uh, A kom sulela in muta in acn lohsr matoltol.
لېكىن، [ئى پەرۋەردىگار]، مەن دەرۋەقە سېنىڭ ئۈچۈن بىر ھەيۋەتلىك ماكان بولسۇن دەپ، سەن مەڭگۈ تۇرىدىغان بىر ئۆينى ياسىدىم، دېدى. 13
Inge, nga musaela sie tempul wolana nu sum, Sie acn kom in muta we nwe tok.”
ئاندىن پادىشاھ بۇرۇلۇپ بارلىق ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. 14
Ke mwet uh tu insac, Tokosra Solomon el forang nu selos, ac el siyuk tuh God Elan akinsewowoyalos.
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا ۋەدە قىلغانىدى ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ داۋۇتقا يەنە: ــ 15
El fahk, “Kaksakin LEUM GOD lun Israel! El oru oana wuleang ma El orala nu sel David, papa tumuk, ke El tuh fahk nu sel,
«مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نامىم ئۈچۈن بۇ يەردە بىر ئۆي سالاي دەپ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم؛ بىراق خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دەپ داۋۇتنى تاللىدىم» دېگەنىدى. 16
‘Oe ke pacl se nga tuh use mwet luk liki acn Egypt nwe misenge, nga tiana sulela sie siti in acn Israel nufon in musaela sie tempul, yen mwet uh in alu nu sik we. A nga tuh sulekomla, David, in leum fin mwet luk.’”
ئەمدى ئاتام داۋۇتنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىش ئارزۇ-نىيىتى بار ئىدى. 17
Ac Solomon el tafwela ac fahk, “David, papa tumuk, el tuh nunku elan musai sie tempul tuh in nien alu nu sin LEUM GOD lun Israel,
بىراق پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياساشقا قىلغان نىيىتىڭ ياخشىدۇر؛ 18
tuh pa LEUM GOD El fahk nu sel, ‘Pwaye sum in lungse musaela sie tempul nu sik,
ئەمما شۇ ئۆينى سەن ياسىمايسەن، بەلكى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن بولىدىغان ئوغلۇڭ، ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ شۇ ئۆينى سالىدۇ»، دېگەنىدى. 19
tusruktu kom ac tiana musai, a wen se nutum su ma nutum na pwaye, pa ac musai sie tempul sik.’
مانا ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلدى. مەن پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتامنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇردۇم؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئۆينى سالدىم. 20
“Ac inge LEUM GOD El akpwayeye wulela lal. Nga aolla papa tumuk in tokosra lun Israel, ac nga musaela Tempul uh tuh in nien alu nu sin LEUM GOD lun Israel.
ئۆيدە ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر جاينى راستلىدىم؛ ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدە [تاختىلىرى] باردۇر». 21
Ac nga oayapa akoela sie acn in Tempul nu ke Tuptup in Wuleang, su nein eot luo ma simla wuleang su LEUM GOD El orala yurin mwet matu lasr ke El usalosme liki acn Egypt.”
ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قوللىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ 22
Na Solomon el som ac tu mutun loang sac ye mutun mwet Israel nukewa, ac el sralak paol
مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە يۇقىرىقى ئاسماندا نە تۆۋەنكى يەردە سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكۈچىسەن. 23
ac pre ac fahk, “O LEUM GOD lun Israel, wangin sie god oana kom in kusrao lucng ku fin faclu ten! Kom liyaung wuleang lom nu sin mwet lom, ac akkalemye lungse lom nu selos ke pacl elos akos kom ke insialos nufon.
چۈنكى سەن ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىدە تۇردۇڭ؛ سەن ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېيتقان سۆزۈڭگە مانا بۈگۈنكىدەك ئۆز قولۇڭ بىلەن ئەمەل قىلدىڭ. 24
Kom sruokyana wulela lom nu sel David, papa tumuk, ac misenge kas nukewa akpwayeyuk.
ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا: ــ «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يوللىرىغا سەگەك بولۇپ سەن مېنىڭ ئالدىمدا ماڭغاندەك ماڭىدىغان بولسا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ بەرگەن ۋەدەڭدە تۇرغايسەن. 25
Ac inge, LEUM GOD lun Israel, nga pre tuh kom in oayapa liyaung wulela se saya ma kom tuh orala nu sin papa tumuk ke kom fahk nu sel mu sie sin tulik natul pa ac tokosra fin acn Israel in pacl nukewa, elos fin oaru na in akos kom oana el tuh oru.
ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن قۇلۇڭ داۋۇتقا ئېيتقان سۆزلىرىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي، دەپ ئۆتۈنىمەن! 26
Ouinge, O LEUM GOD lun Israel, lela ma nukewa ma kom tuh wulela nu sin mwet kulansap lom, David papa tumuk, in akpwayeyuk.
لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟! 27
“Tusruktu, LEUM GOD, ya pwaye kom ku in muta fin faclu? Finne yohk acn inkusrao a koflana neinkomyak, na fuka tuh Tempul se nga musaela inge in fal nu sum?
لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ بۈگۈن ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن؛ 28
LEUM GOD luk, nga mwet kulansap lom. Porongo pre luk, ac topuk mwe siyuk luk nu sum misenge.
شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆزلىرىڭنى كېچە-كۈندۈز بۇ ئۆيگە، يەنى سەن: «مېنىڭ نامىم ئۇ يەردە ئايان بولسۇن» دەپ ئېيتقان جايغا كېچە-كۈندۈز تىككەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. 29
Karingin Tempul se inge ke len ac fong, acn se su kom sulela mwet uh in alu nu sum we. Porongeyu ke nga ac forang nu ke Tempul se inge ac pre.
قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجىسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن. 30
Lohng pre luk, ac pre lun mwet lom ke elos ac forang nu ke acn se inge ac pre. Porongekut ke kom muta in acn sum inkusrao, ac nunak munas nu sesr.
ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا گۇناھ قىلسا ۋە شۇنداقلا ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە، 31
“Fin oasr fahkya mu sie mwet el orala ma koluk nu sin sie pac mwet, ac utuku el nu ye mutun loang lom in Tempul se inge tuh elan orala fulahk lal lah wangin mwatal,
سەن قەسەمنى ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئامال قىلىپ ئۆز بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ گۇناھى بار ئادەمنى گۇناھقا تارتىپ، ئۆز يولىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرۇپ، گۇناھسىز ئادەمنى ئاقلاپ، ئۆز ئادىللىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھەققىنى بەرگەيسەن. 32
O LEUM GOD, lohng inkusrao me. Nununku mwet kulansap lom inge. Sang kalyei nu sel su fal in kalyeiyuk ke sripen ma koluk el orala, ac aksukosokyela mwet se su wangin mwatal.
ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىل سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن دۈشمەندىن يېڭىلسە، ساڭا قايتىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ، نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسا، 33
“Ke pacl mwet lom Israel kutangyukla sin mwet lokoalok lalos ke sripen elos oru ma koluk lain kom, na elos fin forla ac auliyak, ac tuku nu ke Tempul se inge ac pre nu sum ke inse pusisel tuh kom in nunak munas nu selos,
سەن ئاسماندا ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن. 34
nga siyuk tuh kom in lohng mwe siyuk lalos inkusrao me. Nunak munas ke ma koluk lun mwet lom, ac folokunulosme nu in acn se ma kom tuh sang nu sin mwet matu lalos.
ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئاسمان ئېتىلىپ يامغۇر ياغمايدىغان قىلىۋېتىلگەن بولسا، لېكىن ئۇلار بۇ جايغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلىپ نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، سېنىڭ ئۇلارنى قىيىنچىلىققا سالغىنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆز گۇناھىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، 35
“Ke pacl kom sruokya af lom mweyen mwet lom oru ma koluk lain kom, na elos fin auliyak ac forma nu ke Tempul se inge ac pre nu sum ke inse pusisel tuh kom in nunak munas nu selos,
سەن ئاسماندا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارغا مېڭىش كېرەك بولغان ياخشى يولنى ئۆگىتىسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرىسەن! 36
lipsre pre lalos inkusrao me. Nunak munas ke ma koluk lun tokosra ac lun mwet Israel, ac luti nu selos in oru ma suwohs. Na kom, O LEUM GOD, fah supwama af nu fin facl se sum inge, su kom sang nu sin mwet lom tuh in mwe usru lalos nwe tok.
ئەگەر زېمىندا ئاچارچىلىق يا ۋابا بولسا، يا زىرائەتلەر دان ئالمىسا يا ھال چۈشسە يا ئۇنى چېكەتكىلەر ياكى چېكەتكە لىچىنكىلىرى بېسىۋالسا، يا دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ زېمىندىكى شەھەرلىرىنىڭ قوۋۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشىۋالسا، يا ھەرقانداق ئاپەت يا كېسەللىك بولسا، 37
“Ke pacl in sracl, ku mas upa sikyak fin acn uh, ku fokin acn uh musalla ke eng ac fol upa ac un locust, ku ke pacl mwet lokoalok elos mweuni mwet lom, ku elos maskin mas keok,
سېنىڭ خەلقىڭ بولغان ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق كىشى ئۆز كۆڭلىدىكى ۋابانى بىلىپ، ئۇلاردىن ھەرقايسى كىشى قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، ھەرقانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلغان بولسا، 38
porongo pre lalos. Fin oasr inmasrlon mwet lom mwet Israel, su pulakunak asor na pwaye, ac asroeot paolos nu ke Tempul se inge ac pre nu sum,
ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن؛ سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، يالغۇز سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛ 39
lohng pre lalos. Porongalos in acn sum inkusrao, ac nunak munas nu selos ac kasrelos. Kom mukena pa etu nunak su oan insien mwet uh. Oru nu sin kais sie mwet fal nu ke orekma lal,
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە سەندىن قورقىدىغان بولىدۇ. 40
tuh mwet lom fah ku in akos kom in pacl nukewa ke elos muta fin facl se su kom sang nu sin mwet matu lasr.
ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدىن بولمىغان، سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ تۈپەيلىدىن يىراق-يىراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر بولسا 41
“Ac oayapa, ke pacl sie mwetsac el tuku liki sie acn loessula ke sripen pweng keim,
(چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ ۋە سوزغان بىلىكىڭ توغرىسىدا ئاڭلىيلايدۇ)، ــ ئۇنداق بىرسى كېلىپ بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلسا، 42
ac el forma nu ke Tempul se inge ac pre nu sum, mweyen el lohng ke Ine kulana lom ac ma sakirik puspis kom oru nu sin mwet lom,
سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇ مۇساپىر ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر نامىڭنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدەك سەندىن قورقىدىغان بولۇپ، مەن ياسىغان بۇ ئۆينىڭ سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغىنىنى بىلىدۇ. 43
lohng pre lal. Lohng mwe siyuk lal yen kom muta we inkusrao, na mwet nukewa faclu fah etekom ac akos kom, oana ke mwet Israel lom elos oru. Na elos fah etu lah Tempul se nga musaela inge pa acn mwet uh in alu nu sum we.
ئەگەر سېنىڭ خەلقىڭ سېنىڭ تاپشۇرۇقۇڭ بىلەن دۈشمىنى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىققاندا، سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە، شۇنداقلا مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ سەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلسا، 44
“Ke pacl kom sapkin nu sin mwet lom in som nu ke mweun lain mwet lokoalok lalos, ac elos pre nu sum in kutena acn elos oasr we, ac elos forma nu ke siti se inge su kom sulela, ac nu ke Tempul se inge su nga musaela nu sum,
سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن. 45
lohng pre lalos. Porongalos inkusrao me, ac sang kutangla nu selos.
ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق-يېقىنغا، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا، 46
“Ke pacl mwet lom oru ma koluk lain kom (aok, wangin sie mwet tia oru ma koluk) na ke sripen kom kasrkusrak selos kom sang mwet lokoalok lalos in kutangulosla ac usalosla in mwet kapir nu in facl saya, facl sac finne oan loesla,
لېكىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتتا ئەس-ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ئۆزى سۈرگۈن بولغان يۇرتتا ساڭا: ــ بىز گۇناھ قىلىپ، قەبىھلىككە بېرىلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتتۇق، دەپ يېلىنسا، 47
porongo pre lun mwet lom. Elos finne muta in acn sacn, a elos fin auliyak ac pre nu sum ac fahkak lupan koluk lalos su arulana yohk, O LEUM GOD, lohng pre lalos.
ــ ئەگەر ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغان دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە يېنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا، سەن تاللىغان شەھەر تەرەپكە ۋە مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ، ساڭا قاراپ دۇئا قىلسا، 48
In facl se ingo, elos fin auliyak ke inse pwaye ac pre nu sum, ac forma nu ke facl se inge su kom sang nu sin mwet matu lasr, aok siti se inge su kom sulela, ac Tempul se su nga musaela nu sum inge,
سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجاسىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ، 49
na lohng pre lalos. Porongalos yen sum inkusrao, ac pakoten nu selos.
ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى، ساڭا ئۆتكۈزگەن ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا رەھىم تاپقۇزغايسەنكى، شۇلار ئۇلارغا رەھىم قىلسۇن 50
Nunak munas nu selos ke ma koluk lalos ac ma nukewa elos oru lain kom, ac oru tuh mwet lokoalok lalos in kulang nu selos.
(چۈنكى ئۇلار ئۆزۈڭ مىسىردىن، يەنى تۆمۈر تاۋلاش پېچىدىن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ ۋە ئۆز مىراسىڭدۇر)؛ 51
Elos mwet na lom, su kom use liki acn Egypt, sie acn su arulana fol, oana sie funyu.
سېنىڭ كۆزلىرىڭ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ئوچۇق بولغاي، ئۇلار ھەر ئىشتا ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىدە ئۇلارغا قۇلاق سالغايسەن؛ 52
“LEUM GOD Fulatlana, lela kom in ngetnget kulang nu sin mwet lom Israel ac tokosra lalos in pacl nukewa, ac lohng pre lalos ke pacl nukewa elos pang nu sum tuh kom in kasrelos.
چۈنكى سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن چىقارغىنىڭدا ئۆز قۇلۇڭ مۇسا ئارقىلىق ئېيتقىنىڭدەك، سەن خەلقىڭنى ئۆزۈڭگە خاس مىراسىڭ بولسۇن دەپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدىن ئۇلارنى ئايرىم ئېلىپ تاللىدىڭ، ئى رەب پەرۋەردىگار!». 53
Kom sulelosla liki inmasrlon mwet nukewa tuh elos in mwet lom sifacna, oana ke kom akkalemye nu selos sel Moses, mwet kulansap lom, in pacl se kom use mwet matu lasr liki acn Egypt.”
سۇلايمان پەرۋەردىگارغا شۇ بارلىق دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىنى قىلىپ بولغاندا، قوللىرىنى ئاسمانغا قاراپ كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرغان يەردىن قوپۇپ، 54
Tukun Solomon el aksafyela pre lal nu sin LEUM GOD, el tuyak mutun loang sac, yen se na ma el tuh sikukmutunte ac sralak paol we.
ئۆرە تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۇقىرى ئاۋازدا بەخت تىلەپ مۇنداق دېدى: ــ 55
El siyuk ke sie pusra lulap tuh God Elan akinsewowoye mwet nukewa su tukeni in acn sac. El fahk,
«ئۇنىڭ بارلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا ئارام بەرگەن پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر! ئۇ ئۆز قۇلى مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ھەممە مېھرىبانە ۋەدىلەرنىڭ ھېچبىرى يەردە قالمىدى! 56
“Kaksakin LEUM GOD, su asang misla nu sin mwet lal oana El tuh wulela kac. El liyaung na wulela wolana lal nukewa su El tuh fahkak nu sel Moses, mwet kulansap lal.
پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن بولغاندەك بىز بىلەن بىللە بولغاي؛ ئۇ نە بىزدىن ۋاز كەچمىسۇن نە بىزنى تاشلىمىسۇن؛ 57
Lela LEUM GOD lasr in wi kut na, oana ke El tuh wi mwet matu lasr. Lela Elan tia fahsr liki kut, ku siskutla.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ قەلبىمىزنى ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۆزى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنى تۇتۇشقا ئۆزىگە مايىل قىلغاي؛ 58
Lela Elan oru kut in aksol, tuh kut in ku in moul fal nu ke ma lungse lal pacl nukewa, ac kut in moulkin ac liyaung ma sap lal ac oakwuk lal su el sang nu sin mwet matu lasr.
مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىلتىجا قىلغان بۇ سۆزلىرىم كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىدا تۇرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، خەلقىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ھەر كۈندىكى دەردىگە يەتكەيسەن؛ 59
Lela tuh LEUM GOD lasr in esam pre se inge, oayapa mwe siyuk luk nu sel inge in pacl nukewa. Lela tuh Elan pakoten nu sin mwet Israel ac nu sin tokosra lalos, fal nu ke mwe enenu lalos len na len.
شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر پەرۋەردىگار ئۆزى خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى ھېچقايسىسى يوقتۇر دەپ بىلگەي، 60
Na mutunfacl uh nufon fah etu lah LEUM GOD mukena pa God pwaye, ac wangin sie sayal.
شۇنداقلا بۈگۈن قىلغىنىڭلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە مېڭىشقا ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا قەلبىڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا مۇكەممەل بولغاي!». 61
Lela kowos, mwet lal, in pwayena nu sin LEUM GOD lasr pacl nukewa, ac akos ma sap ac oakwuk nukewa lal, oana ke kowos oru misenge.”
ۋە پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىل بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى قىلدى. 62
Na Tokosra Solomon ac mwet nukewa su welul, elos orek kisa nu sin LEUM GOD.
سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە يىگىرمە ئىككى مىڭ كالا ۋە بىر يۈز يىگىرمە مىڭ قوي قۇربانلىق قىلدى. پادىشاھ بىلەن بارلىق ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئۇنىڭغا بېغىشلىدى. 63
El kisakin longoul luo tausin cow ac siofok longoul tausin sheep, tuh in mwe kisa in akinsewowo. Ouinge tokosra ac mwet nukewa kisaela Tempul.
شۇ كۈنى پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ مۇقەددەس قىلىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى سۇندى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مىس قۇربانگاھ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى قوبۇل قىلىشقا كىچىك كەلدى. 64
In len sac pacna el oayapa akmutalye ipin acn se infulwen kalkal se ke mutun Tempul, na el kisakin mwe kisa firir, ac mwe kisa wheat, ac kiris ke kosro ma kisakinyuk nu ke kisa in akinsewowo we. El oru ma inge, mweyen loang bronze sac srikla lac nu ke mwe kisa inge nukewa.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاقىتتا سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئىسرائىل، يەنى خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ مىسىر ئېقىنىغىچە ھەممە يەرلەردىن كەلگەن زور بىر جامائەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا يەتتە كۈن ۋە يەنە يەتتە كۈن، جەمئىي ئون تۆت كۈنگىچىلىك ھېيت ئۆتكۈزدى. 65
Ke inkul in Tempul uh, Solomon ac mwet Israel nukewa elos akfulatye Kufwen Iwen Aktuktuk ke len itkosr. Oasr un mwet na lulap se su tuku yen loessula, oe ke Innek In Utyak Nu Hamath epang nwe ke masrol nu Egypt in acn eir.
سەككىزىنچى كۈنىدە ئۇ خەلقنى قايتۇردى؛ ئۇلار پادىشاھنىڭ بەختىنى تىلىدى؛ ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى داۋۇتقا ۋە خەلقى ئىسرائىلغا قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن قەلبىدە شاد-خۇرام بولۇپ ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىگە قايتىپ كەتتى. 66
Ke len se akoalkosr, Solomon el supwalik mwet uh nu yen selos. Elos nukewa kaksakunul ac som nu yen selos ke engan, ke sripen mwe insewowo nukewa ma LEUM GOD El sang nu sel David, mwet kulansap lal, ac nu sin mwet Israel, mwet lal.

< پادىشاھلار 1 8 >