< پادىشاھلار 1 7 >
سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى بولسا، ئون ئۈچ يىلدا ياساپ پۈتتۈردى. | 1 |
Sulayman öz ordisini bolsa, on üch yilda yasap püttürdi.
ئۇ ياسىغان بۇ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى يۈز گەز، كەڭلىكىنى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكىنى ئوتتۇز گەز قىلدى. كېدىر ياغىچى تۈۋرۈكىدىن تۆت قاتار ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. | 2 |
U yasighan bu «Liwan ormini sariyi»ning uzunluqini yüz gez, kenglikini ellik gez we égizlikini ottuz gez qildi. Kédir yaghichi tüwrükidin töt qatar we tüwrüklerning üstige kédir limliri qoyulghanidi.
تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى لىم كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۆگزىسىمۇ كېدىر ياغىچىدىن ئىدى. لىملار جەمئىي قىرىق بەش بولۇپ ھەر قاتاردا ئون بەشتىن ئىدى. | 3 |
Tüwrüklerning üstidiki lim kötürüp turghan ögzisimu kédir yaghichidin idi. Limlar jemiy qiriq besh bolup her qatarda on beshtin idi.
ئۇنىڭ ئۈچ قەۋەت دېرىزىسى بار ئىدى، ئۈچ قەۋەتتىكى دېرىزىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى. | 4 |
Uning üch qewet dérizisi bar idi, üch qewettiki dériziler bir-birige udulmu’udul idi.
بارلىق ئىشىكلەر ۋە كېشەكلەر تۆت چاسىلىق قىلىنغاندى؛ ئىشىكلەر ئۈچ كۆزنەكلىك بولۇپ، ئىشىكلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى. | 5 |
Barliq ishikler we késhekler töt chasiliq qilin’ghandi; ishikler üch közneklik bolup, ishikler bir-birige udulmu’udul idi.
ئۇ ئۇزۇنلۇقىنى ئەللىك گەز، توغرىسىنى ئوتتۇز گەز قىلىپ، تۈۋرۈكلۈك بىر دەھلىز ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دەھلىز بار ئىدى، ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تۈۋرۈكلۈك ئايۋان بار ئىدى. | 6 |
U uzunluqini ellik gez, toghrisini ottuz gez qilip, tüwrüklük bir dehliz yasidi; uning aldida yene bir dehliz bar idi, we uning aldida yene tüwrüklük aywan bar idi.
ئاندىن كېيىن ئۇ سوراق سورايدىغان تەختى ئۈچۈن «سوراق دەھلىزى» دەپ ئاتالغان يەنە بىر دەھلىزنى ياسىدى. ئۇ دەھلىزنىڭ تېگىدىن تارتىپ تورۇسنىڭ لىملىرىغىچە كېدىر ياغىچى بىلەن قاپلانغانىدى. | 7 |
Andin kéyin u soraq soraydighan texti üchün «Soraq dehlizi» dep atalghan yene bir dehlizni yasidi. U dehlizning tégidin tartip torusning limlirighiche kédir yaghichi bilen qaplan’ghanidi.
[سۇلايمان] ئۆزى ئولتۇرىدىغان ساراي، يەنى دەھلىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا جايلاشاقان ساراينىڭ لايىھىسى «[سوراق] ئۆيى»نىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. سۇلايمان ئۆز ئەمرىگە ئالغان پىرەۋننىڭ قىزى ئۈچۈن شۇ دەھلىزگە ئوخشاش بىر ساراينى ياساتتى. | 8 |
[Sulayman] özi olturidighan saray, yeni dehlizning arqa hoylisigha jaylashaqan sarayning layihisi «[soraq] öyi»ningkige oxshash idi. Sulayman öz emrige alghan Pirewnning qizi üchün shu dehlizge oxshash bir sarayni yasatti.
بۇ ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىكى تاملىرىدىن تارتىپ چوڭ ھويلىنىڭ تاملىرىغىچە، ئۇلىدىن تارتىپ ئۆگزىنىڭ پەۋازىغىچە قىممەت تاشلاردىن، يەنى ئۆلچەم بويىچە ئويۇلۇپ ئاندىن ئىچ-تېشى ھەرە بىلەن كېسىلگەن تاشلاردىن ياسالغانىدى. | 9 |
Bu imaretlerning hemmisi ichkiriki tamliridin tartip chong hoylining tamlirighiche, ulidin tartip ögzining pewazighiche qimmet tashlardin, yeni ölchem boyiche oyulup andin ich-téshi here bilen késilgen tashlardin yasalghanidi.
ئۇللىرى بولسا چوڭ ۋە قىممەت تاشلاردىن، ئۇزۇنلۇقى ئون گەز ۋە سەككىز گەز بولغان تاشلاردىن قىلىنغانىدى. | 10 |
Ulliri bolsa chong we qimmet tashlardin, uzunluqi on gez we sekkiz gez bolghan tashlardin qilin’ghanidi.
ئۇللارنىڭ ئۈستىگە يەنە بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئويۇلغان قىممەت ئېسىل تاشلار ۋە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. | 11 |
Ullarning üstige yene békitilgen ölchem boyiche oyulghan qimmet ésil tashlar we kédir limliri qoyulghanidi.
چوڭ ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى تام ئۈچ قەۋەت ئويۇلغان تاش ۋە بىر قەۋەت يونۇلغان كېدىر لىملىرىدىن ياسالغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنىڭ تېمى ۋە يەنە ئوردىدىكى دەھلىزىنىڭ تېمىمۇ شۇنداق ياسالغانىدى. | 12 |
Chong hoylining chörisidiki tam üch qewet oyulghan tash we bir qewet yonulghan kédir limliridin yasalghanidi. Perwerdigarning ibadetxanisining ichkiriki hoylisining témi we yene ordidiki dehlizining témimu shundaq yasalghanidi.
سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ھىرامنى تۇردىن كەلتۈردى. | 13 |
Sulayman padishah adem ewetip Hiramni turdin keltürdi.
ئۇ كىشى نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى تۇرلۇق بىر مىسكەر ئىدى. ھىرام مىسكەرچىلىكتە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا تولىمۇ ئۇستا، پەم-پاراسەتلىك ۋە بىلىملىك ئىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى. | 14 |
U kishi Naftali qebilisidin bolghan bir tul xotunning oghli bolup, atisi turluq bir misker idi. Hiram miskerchilikte türlük ishlarni qilishqa tolimu usta, pem-parasetlik we bilimlik idi. U Sulayman padishahning qéshigha kélip, uning hemme ishini qildi.
ئۇ ئۆزى ئىككى تۈۋرۈكنى مىستىن ياسىدى. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز بولۇپ، ئايلانمىسى ئون ئىككى گەز ئىدى. | 15 |
U özi ikki tüwrükni mistin yasidi. Herbir tüwrükning égizliki on sekkiz gez bolup, aylanmisi on ikki gez idi.
بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئۈچۈن مىستىن ئىككى تاجنى قۇيۇپ ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قويدى. بىر تاجنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز، ئىككىنچى تاجنىڭ ئېگىزلىكىمۇ بەش گەز ئىدى. | 16 |
Bu tüwrüklerning üstige qoyush üchün mistin ikki tajni quyup yasap, uning üstige qoydi. Bir tajning égizliki besh gez, ikkinchi tajning égizlikimu besh gez idi.
تۈۋرۈكلەرنىڭ تۆپىسىدىكى تاجلار تورلارغا ئوخشاش زىننەتلىنىپ، زەنجىرلەر ۋە تورلانغان ھالقىلار بىلەن توقۇقلۇق ئىدى. بىر تاجنىڭ شۇنداق يەتتە قاتار تور ھالقىلىرى بار ئىدى، ئىككىنچى تاجنىڭمۇ ھەم شۇنداق يەتتە قۇر تور ھالقىلىرى بار ئىدى. | 17 |
Tüwrüklerning töpisidiki tajlar torlargha oxshash zinnetlinip, zenjirler we torlan’ghan halqilar bilen toquqluq idi. Bir tajning shundaq yette qatar tor halqiliri bar idi, ikkinchi tajningmu hem shundaq yette qur tor halqiliri bar idi.
ئۇ يەنە ئانارلارنى، يەنى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى ھەربىر تاجنى يېپىپ تۇرىدىغان تور ھالقىلارنىڭ ئۈستىگە ئىككى قاتار ئانارنى ياسىدى. ئۇ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تاجغىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق قىلدى. | 18 |
U yene anarlarni, yeni tüwrüklerning üstidiki herbir tajni yépip turidighan tor halqilarning üstige ikki qatar anarni yasidi. U birinchi we ikkinchi tajghimu oxshashla shundaq qildi.
ئايۋاندىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى تاجلىرى نىلۇپەر شەكىللىك بولۇپ، ئېگىزلىكى تۆت گەزدىن ئىدى. | 19 |
Aywandiki tüwrüklerning üstidiki tajliri niluper shekillik bolup, égizliki töt gezdin idi.
ئىككى تۈۋرۈكنىڭ تاجلىرىدىكى تور ھالقىلىرىغا يېقىن تومپىيىپ چىققان جاينىڭ ئۈستىدە قەۋەتمۇ-قەۋەت چۆرىدىگەن ئىككى يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى. ئىككىنچى تاجنىڭ چۆرىسىمۇ ئوخشاش ئىدى. | 20 |
Ikki tüwrükning tajliridiki tor halqilirigha yéqin tompiyip chiqqan jayning üstide qewetmu-qewet chöridigen ikki yüz anar nusxisi bar idi. Ikkinchi tajning chörisimu oxshash idi.
ئۇ تۈۋرۈكلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋانغا تىكلىدى. ئوڭ تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ نامىنى «ياقىن»، سول تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ، نامىنى «بوئاز» ئاتىدى. | 21 |
U tüwrüklerni ibadetxanining aldidiki aywan’gha tiklidi. Ong teripige birni tiklep namini «Yaqin», sol teripige birni tiklep, namini «Boaz» atidi.
تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستى نىلۇپەر شەكلىدە ياسالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىشلىرى پۈتكەنىدى. | 22 |
Tüwrüklerning üsti niluper sheklide yasalghanidi. Buning bilen tüwrüklerning ishliri pütkenidi.
ئۇ مىستىن «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يوغان داس ياسىدى. ئۇنىڭ بىر گىرۋىكىدىن يەنە بىر گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى. ئۇنىڭ ئايلامىسى ئوتتۇز گەز ئىدى. | 23 |
U mistin «déngiz» dep atalghan yoghan das yasidi. Uning bir girwikidin yene bir girwikigiche on gez kéletti. Uning aylamisi ottuz gez idi.
داسنىڭ گىرۋىكى ئاستى چۆرىدەپ قاپاق نۇسخىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەنىدى. بۇلار داسنىڭ چۆرىسىنىڭ ھەربىر گېزىگە ئۇندىن، ئىككى قاتار قويۇلغان ئىدى. ئۇلار داس بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇيۇپ چىقىرىلغانىدى. | 24 |
Dasning girwiki asti chöridep qapaq nusxiliri bilen zinnetlen’genidi. Bular dasning chörisining herbir gézige undin, ikki qatar qoyulghan idi. Ular das bilen bir waqitta quyup chiqirilghanidi.
داس ئون ئىككى بۇقا شەكلى ئۈستىدە تۇرغۇزۇلغانىدى. بۇلارنىڭ ئۈچى شىمال تەرەپكە، ئۈچى غەرب تەرەپكە، ئۈچى جەنۇب تەرەپكە، ئۈچى شەرق تەرەپكە يۈزلەنگەنىدى. «دېڭىز» بۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارقىسى ئىچ تەرىپىدە ئىدى. | 25 |
Das on ikki buqa shekli üstide turghuzulghanidi. Bularning üchi shimal terepke, üchi gherb terepke, üchi jenub terepke, üchi sherq terepke yüzlen’genidi. «déngiz» bularning üstide idi; ularning arqisi ich teripide idi.
داسنىڭ قېلىنلىقى ئالىقاننىڭ كەڭلىكىدەك بولۇپ، ئۇنىڭ گىرۋىكى پىيالىنىڭ گىرۋىكىدەك، شەكلى ئېچىلغان نىلۇپەردەك ئىدى. ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ بات سۇ سىغاتتى. | 26 |
Dasning qélinliqi aliqanning kenglikidek bolup, uning girwiki piyalining girwikidek, shekli échilghan niluperdek idi. Uninggha ikki ming bat su sighatti.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ مىستىن ئون تەگلىكنى ياسىدى. ھەربىر تەگلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز ئىدى. | 27 |
Uningdin bashqa u mistin on teglikni yasidi. Herbir teglikning uzunluqi töt gez, kengliki töt gez bolup, égizliki üch gez idi.
بۇ تەگلىكلەر شۇنداق ياسالغانىدىكى، ئۇلارنىڭ [رەسىملىك] تاختىلىرى بار ئىدى؛ تاختىلىرى رامكىلار ئىچىگە ئورنىتىلغانىدى. | 28 |
Bu teglikler shundaq yasalghanidiki, ularning [resimlik] taxtiliri bar idi; taxtiliri ramkilar ichige ornitilghanidi.
رامكىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسىم تاختايلىرىدا ۋە رامكىلارنىڭ ئۆزىدىمۇ شىرلار، بۇقىلار ۋە كېرۇبلارنىڭ سۈرەتلىك زىننەتلىرى بار ئىدى؛ شىرلار ۋە بۇقىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى زەنجىرسىمان گۈل چەمبىرەك شەكلىدە زىننەتلەنگەنىدى. | 29 |
Ramkilarning otturisidiki resim taxtaylirida we ramkilarning özidimu shirlar, buqilar we kérublarning süretlik zinnetliri bar idi; shirlar we buqilarning asti we üsti zenjirsiman gül chembirek sheklide zinnetlen’genidi.
ھەربىر تەگلىكنىڭ مىس ئوقلىرى بىلەن تۆت چاقى بار ئىدى؛ تەگلىكنىڭ داسنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۆت بۇرجىكىدە جازىسى بار ئىدى؛ داس ئاستىدىكى پۇتلىرىنىڭ ھەر تەرىپىدە تورلانغان قۇيما گۈل شاخلىرى ئورنىتىلغانىدى. | 30 |
Herbir teglikning mis oqliri bilen töt chaqi bar idi; teglikning dasni kötürüp turidighan töt burjikide jazisi bar idi; das astidiki putlirining her teripide torlan’ghan quyma gül shaxliri ornitilghanidi.
ھەر تەگلىكنىڭ ئىچىدە چوڭقۇرلۇقى بىر گەز كېلىدىغان «كىچىك تەگلىك» بولۇپ، ئاغزى دۈگىلەك ئىدى؛ كىچىك تەگلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز ئىدى؛ ئاغزىنىڭ ئەتراپىدا نەقىشلەر بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ رامكىلىرى دۈگىلەك ئەمەس، بەلكى تۆت چاسىلىق ئىدى. | 31 |
Her teglikning ichide chongqurluqi bir gez kélidighan «kichik teglik» bolup, aghzi dügilek idi; kichik teglikning uzunluqi bir yérim gez idi; aghzining etrapida neqishler bar idi; ularning ramkiliri dügilek emes, belki töt chasiliq idi.
تۆت چاقى رەسىملىك تاختايلىرى ئاستىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقلىرى تەگلىككە بېكىتىلگەنىدى. ھەربىر چاقنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. | 32 |
Töt chaqi resimlik taxtayliri astida bolup, ularning oqliri teglikke békitilgenidi. Herbir chaqning égizliki bir yérim gez idi.
چاقلارنىڭ قۇرۇلمىسى جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىدەك ئىدى. ئۇلارنىڭ قازانلىرى، قاسقانلىرى، چېتىقلىرى ۋە ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى مىستىن قۇيۇلغانىدى. | 33 |
Chaqlarning qurulmisi jeng harwilirining chaqliridek idi. Ularning qazanliri, qasqanliri, chétiqliri we oqlirining hemmisi mistin quyulghanidi.
ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بىردىن تۆت تۇتقۇچى بار ئىدى؛ ئۇلار تەگلىكتىن چىقىپ تۇراتتى ۋە ئۇلار تەگلىك بىلەن تەڭ قۇيۇلغان. | 34 |
Herbir teglikning töt burjikide birdin töt tutquchi bar idi; ular tegliktin chiqip turatti we ular teglik bilen teng quyulghan.
ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆپىسىدە ئېگىزلىكى يېرىم گەز كېلىدىغان بىر يۇمىلاق جازا بار ئىدى. ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆپىسىدە تىرەك ۋە رەسىملىك تاختايلار بار ئىدى. ئۇلار تەگلىك بىلەن تەڭ قۇيۇلغان. | 35 |
Herbir teglikning töpiside égizliki yérim gez kélidighan bir yumilaq jaza bar idi. Herbir teglikning töpiside tirek we resimlik taxtaylar bar idi. Ular teglik bilen teng quyulghan.
ئۇ مۇشۇ تىرەك ۋە رەسىم تاختايلىرىدىكى بوش ئورۇنلارغا كېرۇب، شىر ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ نۇسخىلىرىنى ۋە چۆرىسىگە تورلانغان گۈل شاخلىرىنى نەقىش قىلدى. | 36 |
U mushu tirek we resim taxtayliridiki bosh orunlargha kérub, shir we xorma derexlirining nusxilirini we chörisige torlan’ghan gül shaxlirini neqish qildi.
شۇ تەرىقىدە ئۇ مۇشۇ ئون تەگلىكنى ياساپ بولدى. ھەممىسى بىر نۇسخىدا قۇيۇلۇپ، ئوخشاش چوڭلۇقتا ۋە شەكىلدە ئىدى. | 37 |
Shu teriqide u mushu on teglikni yasap boldi. Hemmisi bir nusxida quyulup, oxshash chongluqta we shekilde idi.
ئۇ مىستىن ئون داس ياسىغان بولۇپ، ھەربىر داسقا قىرىق بات سۇ سىغاتتى؛ ھەربىر داسنىڭ توغرىسى تۆت گەز ئىدى. ئون تەگلىكنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆپىسىدە بىردىن داس بار ئىدى. | 38 |
U mistin on das yasighan bolup, herbir dasqa qiriq bat su sighatti; herbir dasning toghrisi töt gez idi. On teglikning herbirining töpiside birdin das bar idi.
ئۇ بەش داسنى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە بەشنى ئىبادەتخانىنىڭ سول يېنىدا قويدى؛ مىس دېڭىزنى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنى شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە قويدى. | 39 |
U besh dasni ibadetxanining ong yénida we beshni ibadetxanining sol yénida qoydi; mis déngizni ibadetxanining ong teripige, yeni sherqiy jenub teripige qoydi.
ھىرام شۇلارغا تەئەللۇق داس، كۈرەك ۋە قاچا-قۇچىلارنىمۇ ياساپ تەييار قىلدى. شۇنداق قىلىپ ھىرام سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش خىزمىتىنى پۈتكۈزدى: ــ | 40 |
Hiram shulargha teelluq das, kürek we qacha-quchilarnimu yasap teyyar qildi. Shundaq qilip Hiram Sulayman padishah üchün Perwerdigarning öyining barliq qurulush xizmitini pütküzdi: —
ئىككى تۈۋرۈك، ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باش ۋە بۇ ئىككى باشنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورنى ياسىتىپ پۈتتۈردى، | 41 |
ikki tüwrük, ikki tüwrükning üstidiki apqursiman ikki bash we bu ikki bashni yépip turidighan ikki torni yasitip püttürdi,
شۇ ئىككى تور ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇلغان تۆت يۈز ئانارنى ياساتتى. بىر توردا ئىككى قاتار ئانار بولۇپ، تۈۋرۈك ئۈستىدىكى؛ ئاپقۇرسىمان ئىككى باشنى يېپىپ تۇراتتى. | 42 |
shu ikki tor üstige qaychilashturulghan töt yüz anarni yasatti. Bir torda ikki qatar anar bolup, tüwrük üstidiki; apqursiman ikki bashni yépip turatti.
ئۇ ئون داس تەگلىكى ۋە داس تەگلىكىگە قويۇلىدىغان ئون «يۇيۇش دېسى»نى، | 43 |
U on das tegliki we das teglikige qoyulidighan on «yuyush dési»ni,
«مىس دېڭىز» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى مىس بۇقىنى ياساتقۇزدى، | 44 |
«mis déngiz» we uning astidiki on ikki mis buqini yasatquzdi,
قازانلارنى، كۈرەكلەرنى ۋە قاچا-قۇچىلارنىمۇ تەييار قىلدى. ھىرام پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن ياسىغان بۇ ھەممە نەرسىلەر پارقىرايدىغان مىستىن ئىدى. | 45 |
qazanlarni, küreklerni we qacha-quchilarnimu teyyar qildi. Hiram Perwerdigarning öyi üchün Sulayman padishahning emri bilen yasighan bu hemme nersiler parqiraydighan mistin idi.
پادىشاھ ئۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زارەتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا، [شۇ يەردىكى] سېغىزلايدا قېلىپ ياساپ، قۇيدۇرۇپ چىقتى. | 46 |
Padishah ularni Iordan tüzlenglikide, Sukkot bilen Zaretanning otturisida, [shu yerdiki] séghizlayda qélip yasap, quydurup chiqti.
بۇ نەرسىلەر شۇنچە كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمىدى. شۇنىڭ بىلەن مىسنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم بولمىدى. | 47 |
Bu nersiler shunche köp bolghachqa, Sulayman ularning éghirliqini ölchimidi. Shuning bilen misning éghirliqi melum bolmidi.
سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ياساتتى: ــ يەنى ئالتۇن خۇشبۇيگاھنى، «تەقدىم نان» قويۇلىدىغان ئالتۇن شىرەنى، | 48 |
Sulayman yene Perwerdigarning öyi ichidiki barliq eswablarni yasatti: — yeni altun xushbuygahni, «teqdim nan» qoyulidighan altun shireni,
كالامخانا ئالدىدا تۇرىدىغان ساپ ئالتۇن چىراغدانلارنى (بەشنى ئوڭ يېنىدا، بەشنى سول يېنىدا) ياساتتى؛ ۋە شۇلارنىڭ گۈلسىمان زىننەتلىرىنى، چىراغلىرىنى، چىراغ قىسقۇچلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى؛ | 49 |
Kalamxana aldida turidighan sap altun chiraghdanlarni (beshni ong yénida, beshni sol yénida) yasatti; we shularning gülsiman zinnetlirini, chiraghlirini, chiragh qisquchlirini altundin yasatti;
داس-پىيالىلىرىنى، پىچاقلىرىنى، قاچىلىرىنى، تەخسىلىرىنى ۋە كۈلدانلارنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياساتتى؛ ئۇ ئىچكىرىكى خانىنىڭ، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ قاتلىنىدىغان، قوش قاناتلىق ئىشىكلەرنىڭ گىرەلىرىنى ۋە ئۆيدىكى مۇقەددەس جاينىڭ [ئىشىكلىرىنىڭ] گىرەلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى. | 50 |
das-piyalilirini, pichaqlirini, qachilirini, texsilirini we küldanlarning hemmisini sap altundin yasatti; u ichkiriki xanining, yeni eng muqeddes jayning qatlinidighan, qosh qanatliq ishiklerning girelirini we öydiki muqeddes jayning [ishiklirining] girelirini altundin yasatti.
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن قىلدۇرىدىغان ھەممە قۇرۇلۇشلار تامام بولغاندا، ئۇ ئاتىسى داۋۇت [خۇداغا] ئاتىغان نەرسىلەرنى (يەنى كۈمۈش، ئالتۇن ۋە تۈرلۈك باشقا بۇيۇملارنى) ئەكەلتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدۇردى. | 51 |
Sulayman padishah Perwerdigarning öyi üchün qilduridighan hemme qurulushlar tamam bolghanda, u atisi Dawut [Xudagha] atighan nersilerni (yeni kümüsh, altun we türlük bashqa buyumlarni) ekeltürüp Perwerdigarning öyining xezinilirige qoydurdi.