< پادىشاھلار 1 7 >

سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى بولسا، ئون ئۈچ يىلدا ياساپ پۈتتۈردى. 1
Ancaq Süleyman öz sarayını ətrafdakı bütün evlərlə birlikdə on üç ilə tikib qurtardı.
ئۇ ياسىغان بۇ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى يۈز گەز، كەڭلىكىنى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكىنى ئوتتۇز گەز قىلدى. كېدىر ياغىچى تۈۋرۈكىدىن تۆت قاتار ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. 2
Onun tikdiyi «Livan meşəsi» adlı sarayın uzunluğu yüz, eni əlli, hündürlüyü isə otuz qulac idi. O, dörd cərgə sidr sütunlardan və sütunlar üzərində olan sidr dirəklərdən ibarət idi.
تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى لىم كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۆگزىسىمۇ كېدىر ياغىچىدىن ئىدى. لىملار جەمئىي قىرىق بەش بولۇپ ھەر قاتاردا ئون بەشتىن ئىدى. 3
Sütunlar üzərindəki qırx beş dirəyin üstündə sidrdən olan dam salınmışdı və hər cərgədə on beş dirək var idi.
ئۇنىڭ ئۈچ قەۋەت دېرىزىسى بار ئىدى، ئۈچ قەۋەتتىكى دېرىزىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى. 4
Pəncərə çərçivələri üç cərgə idi və onların içində qarşı-qarşıya üç cərgə pəncərə var idi.
بارلىق ئىشىكلەر ۋە كېشەكلەر تۆت چاسىلىق قىلىنغاندى؛ ئىشىكلەر ئۈچ كۆزنەكلىك بولۇپ، ئىشىكلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىدى. 5
Bütün girişlər və onların çərçivələri dördguşəli idi. Girişlər qarşı-qarşıya olmaqla üç cərgə idi.
ئۇ ئۇزۇنلۇقىنى ئەللىك گەز، توغرىسىنى ئوتتۇز گەز قىلىپ، تۈۋرۈكلۈك بىر دەھلىز ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دەھلىز بار ئىدى، ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە تۈۋرۈكلۈك ئايۋان بار ئىدى. 6
Süleyman uzunluğu əlli, eni otuz qulac olan sütunlu bir eyvan tikdi. Qabağında artırma və sütunlar, onların qabağında isə eşik düzəltdi.
ئاندىن كېيىن ئۇ سوراق سورايدىغان تەختى ئۈچۈن «سوراق دەھلىزى» دەپ ئاتالغان يەنە بىر دەھلىزنى ياسىدى. ئۇ دەھلىزنىڭ تېگىدىن تارتىپ تورۇسنىڭ لىملىرىغىچە كېدىر ياغىچى بىلەن قاپلانغانىدى. 7
O həmçinin hökm verəcəyi taxt eyvanını, yəni məhkəmə otağını tikdi və onu döşəmədən tavana qədər sidr ağacı ilə örtdü.
[سۇلايمان] ئۆزى ئولتۇرىدىغان ساراي، يەنى دەھلىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا جايلاشاقان ساراينىڭ لايىھىسى «[سوراق] ئۆيى»نىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. سۇلايمان ئۆز ئەمرىگە ئالغان پىرەۋننىڭ قىزى ئۈچۈن شۇ دەھلىزگە ئوخشاش بىر ساراينى ياساتتى. 8
Onun yaşadığı ev eyvanın arxasında, o biri həyətdə idi və eyni quruluşda tikilmişdi. Süleyman arvad aldığı firon qızı üçün də bu eyvan kimi bir ev tikdirdi.
بۇ ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىكى تاملىرىدىن تارتىپ چوڭ ھويلىنىڭ تاملىرىغىچە، ئۇلىدىن تارتىپ ئۆگزىنىڭ پەۋازىغىچە قىممەت تاشلاردىن، يەنى ئۆلچەم بويىچە ئويۇلۇپ ئاندىن ئىچ-تېشى ھەرە بىلەن كېسىلگەن تاشلاردىن ياسالغانىدى. 9
Bütün bunlar iç və bayır tərəfdən, bünövrədən dama və bayır tərəfdən böyük həyətə qədər ölçüyə görə yonulmuş, daş mişarı ilə kəsilmiş dəyərli daşlardan düzəldilmişdi.
ئۇللىرى بولسا چوڭ ۋە قىممەت تاشلاردىن، ئۇزۇنلۇقى ئون گەز ۋە سەككىز گەز بولغان تاشلاردىن قىلىنغانىدى. 10
Bünövrə böyük və dəyərli daşlardan – on qulaclıq və səkkiz qulaclıq daşlardan qoyulmuşdu.
ئۇللارنىڭ ئۈستىگە يەنە بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئويۇلغان قىممەت ئېسىل تاشلار ۋە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. 11
Onların üstündə ölçüyə görə yonulmuş dəyərli daşlar və sidr dirəklər var idi.
چوڭ ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى تام ئۈچ قەۋەت ئويۇلغان تاش ۋە بىر قەۋەت يونۇلغان كېدىر لىملىرىدىن ياسالغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنىڭ تېمى ۋە يەنە ئوردىدىكى دەھلىزىنىڭ تېمىمۇ شۇنداق ياسالغانىدى. 12
Rəbbin məbədinin içəri həyəti və məbədin eyvanı kimi böyük həyət də üç cərgə yonulmuş daş və bir cərgə sidr dirəklərlə əhatə olunmuşdu.
سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ھىرامنى تۇردىن كەلتۈردى. 13
Padşah Süleyman Xiram adlı bir nəfəri Surdan gətirtdi.
ئۇ كىشى نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى تۇرلۇق بىر مىسكەر ئىدى. ھىرام مىسكەرچىلىكتە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا تولىمۇ ئۇستا، پەم-پاراسەتلىك ۋە بىلىملىك ئىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى. 14
Onun anası Naftali qəbiləsindən dul bir qadın, atası isə Surlu bir misgər idi. Xiram tuncdan hər cür şey qayırmaq işində hikmətli, dərrakəli və bilikli idi. O, padşah Süleymanın yanına gəldi və onun bütün işlərini gördü.
ئۇ ئۆزى ئىككى تۈۋرۈكنى مىستىن ياسىدى. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز بولۇپ، ئايلانمىسى ئون ئىككى گەز ئىدى. 15
Xiram iki tunc sütun düzəltdi. Hər sütunun hündürlüyü on səkkiz qulac idi və hər birinin ətrafına on iki qulaclıq bir ip dolanmışdı.
بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئۈچۈن مىستىن ئىككى تاجنى قۇيۇپ ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قويدى. بىر تاجنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز، ئىككىنچى تاجنىڭ ئېگىزلىكىمۇ بەش گەز ئىدى. 16
O, sütunların üstünə qoymaq üçün tökmə tuncdan iki başlıq düzəltdi. Hər iki başlığın hündürlüyü beş qulac idi.
تۈۋرۈكلەرنىڭ تۆپىسىدىكى تاجلار تورلارغا ئوخشاش زىننەتلىنىپ، زەنجىرلەر ۋە تورلانغان ھالقىلار بىلەن توقۇقلۇق ئىدى. بىر تاجنىڭ شۇنداق يەتتە قاتار تور ھالقىلىرى بار ئىدى، ئىككىنچى تاجنىڭمۇ ھەم شۇنداق يەتتە قۇر تور ھالقىلىرى بار ئىدى. 17
Sütunların üstündə olan başlıqlarda hörmə torlar və zəncirvari çələnglər var idi. Hər iki başlıqda yeddi dənə var idi.
ئۇ يەنە ئانارلارنى، يەنى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى ھەربىر تاجنى يېپىپ تۇرىدىغان تور ھالقىلارنىڭ ئۈستىگە ئىككى قاتار ئانارنى ياسىدى. ئۇ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تاجغىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق قىلدى. 18
O, sütunları belə düzəltdi. Sütunların üstündəki başlıqları örtmək üçün hörmə torların ətrafında iki cərgə nar düzəltdi və hər başlıq üçün də belə etdi.
ئايۋاندىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى تاجلىرى نىلۇپەر شەكىللىك بولۇپ، ئېگىزلىكى تۆت گەزدىن ئىدى. 19
Eyvanda olan sütunların üstündəki başlıqlar su zanbağı şəklində düzəldilmişdi və hər birinin hündürlüyü dörd qulac idi.
ئىككى تۈۋرۈكنىڭ تاجلىرىدىكى تور ھالقىلىرىغا يېقىن تومپىيىپ چىققان جاينىڭ ئۈستىدە قەۋەتمۇ-قەۋەت چۆرىدىگەن ئىككى يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى. ئىككىنچى تاجنىڭ چۆرىسىمۇ ئوخشاش ئىدى. 20
Hər iki sütunun yuxarısında olan başlıqlar hörmə torların yanındakı girdə çıxıntının üst tərəfində idi. Hər başlığın üzərində dairəvi cərgələrdə iki yüz nar var idi.
ئۇ تۈۋرۈكلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋانغا تىكلىدى. ئوڭ تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ نامىنى «ياقىن»، سول تەرىپىگە بىرنى تىكلەپ، نامىنى «بوئاز» ئاتىدى. 21
Xiram məbədin eyvanında sütunlar qoydu. Sağ tərəfdə olan sütunu Yakin, sol tərəfdəkini isə Boaz adlandırdı.
تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستى نىلۇپەر شەكلىدە ياسالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىشلىرى پۈتكەنىدى. 22
Sütunların üstündəki başlıqlar su zanbağı şəklində idi. Beləcə sütunların işi qurtardı.
ئۇ مىستىن «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يوغان داس ياسىدى. ئۇنىڭ بىر گىرۋىكىدىن يەنە بىر گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى. ئۇنىڭ ئايلامىسى ئوتتۇز گەز ئىدى. 23
Xiram tuncdan tökülmüş dairəvi bir hovuz düzəltdi. Onun hündürlüyü beş qulac idi və bir kənarından digər kənarına qədər on qulac idi, otuz qulaclıq bir ip də onun ətrafına dolanmışdı.
داسنىڭ گىرۋىكى ئاستى چۆرىدەپ قاپاق نۇسخىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەنىدى. بۇلار داسنىڭ چۆرىسىنىڭ ھەربىر گېزىگە ئۇندىن، ئىككى قاتار قويۇلغان ئىدى. ئۇلار داس بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇيۇپ چىقىرىلغانىدى. 24
Hər tərəfdən kənarının altından onu balqabaq təsvirləri əhatə edirdi. Hər qulacda on balqabaq var idi. Balqabaqlar iki cərgə idi və onlar hovuzla birgə tökülmüşdü.
داس ئون ئىككى بۇقا شەكلى ئۈستىدە تۇرغۇزۇلغانىدى. بۇلارنىڭ ئۈچى شىمال تەرەپكە، ئۈچى غەرب تەرەپكە، ئۈچى جەنۇب تەرەپكە، ئۈچى شەرق تەرەپكە يۈزلەنگەنىدى. «دېڭىز» بۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارقىسى ئىچ تەرىپىدە ئىدى. 25
Hovuz on iki tökmə buğanın üstündə dururdu: üçü şimala, üçü qərbə, üçü cənuba, üçü də şərqə baxırdı. Hovuz yuxarıda – onların üzərində idi və buğaların bütün sağrıları içəriyə doğru idi.
داسنىڭ قېلىنلىقى ئالىقاننىڭ كەڭلىكىدەك بولۇپ، ئۇنىڭ گىرۋىكى پىيالىنىڭ گىرۋىكىدەك، شەكلى ئېچىلغان نىلۇپەردەك ئىدى. ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ بات سۇ سىغاتتى. 26
Hovuzun qalınlığı bir ovuc idi, onun kənarı kasa kənarı kimi düzəldilmişdi və açılan zanbağa bənzəyirdi. O, iki min bat su tuturdu.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ مىستىن ئون تەگلىكنى ياسىدى. ھەربىر تەگلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز ئىدى. 27
Xiram tuncdan on dayaq düzəltdi. Hər dayağın uzunluğu dörd, eni dörd və hündürlüyü üç qulac idi.
بۇ تەگلىكلەر شۇنداق ياسالغانىدىكى، ئۇلارنىڭ [رەسىملىك] تاختىلىرى بار ئىدى؛ تاختىلىرى رامكىلار ئىچىگە ئورنىتىلغانىدى. 28
Dayaqlar belə hazırlanmışdı: onların yan lövhələri var idi və yan lövhələr gövdəyə bərkidilmişdi.
رامكىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسىم تاختايلىرىدا ۋە رامكىلارنىڭ ئۆزىدىمۇ شىرلار، بۇقىلار ۋە كېرۇبلارنىڭ سۈرەتلىك زىننەتلىرى بار ئىدى؛ شىرلار ۋە بۇقىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى زەنجىرسىمان گۈل چەمبىرەك شەكلىدە زىننەتلەنگەنىدى. 29
Gövdənin arasında olan yan lövhələr üzərində şir, buğa və keruv təsvirləri var idi. Həmçinin gövdədə, şir və buğa təsvirlərinin yuxarısında və aşağısında asma çələnglər var idi.
ھەربىر تەگلىكنىڭ مىس ئوقلىرى بىلەن تۆت چاقى بار ئىدى؛ تەگلىكنىڭ داسنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۆت بۇرجىكىدە جازىسى بار ئىدى؛ داس ئاستىدىكى پۇتلىرىنىڭ ھەر تەرىپىدە تورلانغان قۇيما گۈل شاخلىرى ئورنىتىلغانىدى. 30
Hər dayağın dörd tunc çarxı, tunc oxları və ləyən üçün dörd tökmə çıxıntısı var idi. Çıxıntılar hər tərəfdən çələnglərlə bəzədilmişdi.
ھەر تەگلىكنىڭ ئىچىدە چوڭقۇرلۇقى بىر گەز كېلىدىغان «كىچىك تەگلىك» بولۇپ، ئاغزى دۈگىلەك ئىدى؛ كىچىك تەگلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز ئىدى؛ ئاغزىنىڭ ئەتراپىدا نەقىشلەر بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ رامكىلىرى دۈگىلەك ئەمەس، بەلكى تۆت چاسىلىق ئىدى. 31
Dayağın başlığında bir oyuq var idi. Başlığın hündürlüyü bir qulac idi, oyuq isə dəyirmi və bir qulac yarım enində idi, üstündə oymalar var idi. Yan lövhələr dairəvi deyil, dördguşəli idi.
تۆت چاقى رەسىملىك تاختايلىرى ئاستىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقلىرى تەگلىككە بېكىتىلگەنىدى. ھەربىر چاقنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. 32
Dörd çarx yan lövhələrin altında idi və çarxların oxları dayaqda idi. Bir çarxın hündürlüyü bir qulac yarım idi.
چاقلارنىڭ قۇرۇلمىسى جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىدەك ئىدى. ئۇلارنىڭ قازانلىرى، قاسقانلىرى، چېتىقلىرى ۋە ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى مىستىن قۇيۇلغانىدى. 33
Çarxların quruluşu döyüş arabalarının çarxlarının quruluşu kimi idi. Onların oxları, sağanaqları, milləri və topları – hər şeyi tökmə idi.
ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بىردىن تۆت تۇتقۇچى بار ئىدى؛ ئۇلار تەگلىكتىن چىقىپ تۇراتتى ۋە ئۇلار تەگلىك بىلەن تەڭ قۇيۇلغان. 34
Hər dayağın dörd küncündə çıxıntı var idi. Çıxıntılar dayağa bitişik idi.
ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆپىسىدە ئېگىزلىكى يېرىم گەز كېلىدىغان بىر يۇمىلاق جازا بار ئىدى. ھەربىر تەگلىكنىڭ تۆپىسىدە تىرەك ۋە رەسىملىك تاختايلار بار ئىدى. ئۇلار تەگلىك بىلەن تەڭ قۇيۇلغان. 35
Dayağın başında yarım qulac hündürlüyündə dəyirmi bir çənbər var idi. Dayağın başında olan dəstəkləri və yan lövhələri özünə bitişik idi.
ئۇ مۇشۇ تىرەك ۋە رەسىم تاختايلىرىدىكى بوش ئورۇنلارغا كېرۇب، شىر ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ نۇسخىلىرىنى ۋە چۆرىسىگە تورلانغان گۈل شاخلىرىنى نەقىش قىلدى. 36
Xiram dəstəklərin və yan lövhələrin üzərində yer çatan qədər keruv, şir, xurma ağacı təsvirləri, ətrafında isə çələnglər oydu.
شۇ تەرىقىدە ئۇ مۇشۇ ئون تەگلىكنى ياساپ بولدى. ھەممىسى بىر نۇسخىدا قۇيۇلۇپ، ئوخشاش چوڭلۇقتا ۋە شەكىلدە ئىدى. 37
Beləcə on dayaq düzəltdi. Onların hamısı bir tökmədə, bir ölçüdə və bir quruluşda idi.
ئۇ مىستىن ئون داس ياسىغان بولۇپ، ھەربىر داسقا قىرىق بات سۇ سىغاتتى؛ ھەربىر داسنىڭ توغرىسى تۆت گەز ئىدى. ئون تەگلىكنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆپىسىدە بىردىن داس بار ئىدى. 38
Xiram on dayağın üstünə qoymaq üçün tuncdan on ləyən düzəltdi. Hər ləyən qırx bat tuturdu və dörd qulac enində idi.
ئۇ بەش داسنى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە بەشنى ئىبادەتخانىنىڭ سول يېنىدا قويدى؛ مىس دېڭىزنى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنى شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە قويدى. 39
Dayaqların beşini məbədin sağ tərəfində, beşini də məbədin sol tərəfində qoydu. Hovuzu isə məbədin cənub-şərq küncündə yerləşdirdi.
ھىرام شۇلارغا تەئەللۇق داس، كۈرەك ۋە قاچا-قۇچىلارنىمۇ ياساپ تەييار قىلدى. شۇنداق قىلىپ ھىرام سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش خىزمىتىنى پۈتكۈزدى: ــ 40
O həmçinin qazanlar, kürəklər, piyalələr düzəltdi. Xiram Rəbbin məbədi üçün padşah Süleymanın əmri ilə bütün bu işləri görüb qurtardı:
ئىككى تۈۋرۈك، ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باش ۋە بۇ ئىككى باشنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورنى ياسىتىپ پۈتتۈردى، 41
iki sütun; sütunların üstündə iki dəyirmi başlıq; sütunların üstündəki başlıqları örtmək üçün iki hörmə tor;
شۇ ئىككى تور ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇلغان تۆت يۈز ئانارنى ياساتتى. بىر توردا ئىككى قاتار ئانار بولۇپ، تۈۋرۈك ئۈستىدىكى؛ ئاپقۇرسىمان ئىككى باشنى يېپىپ تۇراتتى. 42
sütunların üstündə olan dəyirmi başlıqları örtən hər hörmə torun üzərində iki cərgədə dörd yüz nar;
ئۇ ئون داس تەگلىكى ۋە داس تەگلىكىگە قويۇلىدىغان ئون «يۇيۇش دېسى»نى، 43
on dayaq; dayaqların üzərində on ləyən;
«مىس دېڭىز» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى مىس بۇقىنى ياساتقۇزدى، 44
bir hovuz; hovuzun altında on iki tökmə buğa;
قازانلارنى، كۈرەكلەرنى ۋە قاچا-قۇچىلارنىمۇ تەييار قىلدى. ھىرام پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن ياسىغان بۇ ھەممە نەرسىلەر پارقىرايدىغان مىستىن ئىدى. 45
qazanlar, kürəklər və piyalələr. Bütün bu əşyaları Xiram Rəbbin məbədi üçün padşah Süleymanın əmri ilə cilalanmış tuncdan düzəltmişdi.
پادىشاھ ئۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زارەتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا، [شۇ يەردىكى] سېغىزلايدا قېلىپ ياساپ، قۇيدۇرۇپ چىقتى. 46
Padşah bunları İordan çayının kənarındakı düzənlikdə Sukkot ilə Sartan arasındakı gilli torpaqlarda tökmüşdü.
بۇ نەرسىلەر شۇنچە كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمىدى. شۇنىڭ بىلەن مىسنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم بولمىدى. 47
Bütün bu əşyalar həddən artıq çox olduğu üçün Süleyman onlara işlədilən tuncun çəkisini müəyyən etmədi.
سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ياساتتى: ــ يەنى ئالتۇن خۇشبۇيگاھنى، «تەقدىم نان» قويۇلىدىغان ئالتۇن شىرەنى، 48
Süleyman Rəbbin məbədindəki bütün bu əşyaları düzəltdi: qızıl qurbangah; təqdis çörəkləri qoyulan qızıl masa;
كالامخانا ئالدىدا تۇرىدىغان ساپ ئالتۇن چىراغدانلارنى (بەشنى ئوڭ يېنىدا، بەشنى سول يېنىدا) ياساتتى؛ ۋە شۇلارنىڭ گۈلسىمان زىننەتلىرىنى، چىراغلىرىنى، چىراغ قىسقۇچلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى؛ 49
iç otağın önündə beşi sağ tərəfdə, beşi də sol tərəfdə olan xalis qızıldan çıraqdanlar; qızıldan olan qönçə, çıraqlar və maşalar;
داس-پىيالىلىرىنى، پىچاقلىرىنى، قاچىلىرىنى، تەخسىلىرىنى ۋە كۈلدانلارنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياساتتى؛ ئۇ ئىچكىرىكى خانىنىڭ، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ قاتلىنىدىغان، قوش قاناتلىق ئىشىكلەرنىڭ گىرەلىرىنى ۋە ئۆيدىكى مۇقەددەس جاينىڭ [ئىشىكلىرىنىڭ] گىرەلىرىنى ئالتۇندىن ياساتتى. 50
xalis qızıldan kasalar, maqqaşlar, piyalələr, nimçələr və buxurdanlar; iç otağın, yəni Ən Müqəddəs yerin və böyük otağın qapıları üçün qızıldan ilgəklər.
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن قىلدۇرىدىغان ھەممە قۇرۇلۇشلار تامام بولغاندا، ئۇ ئاتىسى داۋۇت [خۇداغا] ئاتىغان نەرسىلەرنى (يەنى كۈمۈش، ئالتۇن ۋە تۈرلۈك باشقا بۇيۇملارنى) ئەكەلتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدۇردى. 51
Padşah Süleymanın Rəbbin məbədində gördüyü bütün işlər qurtardı. Atası Davudun təqdis etdiyi qızıl-gümüşü və əşyaları Süleyman içəri gətirib Rəbbin məbədinin xəzinələrinə qoydu.

< پادىشاھلار 1 7 >