< پادىشاھلار 1 6 >

ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى تۆت يۈز سەكسىنىنچى يىلى، سۇلايماننىڭ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىنىڭ ئىككىنچى ئېيىدا، يەنى زىف ئېيىدا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ياساشقا باشلىدى. 1
Israillar Misirdin chiqqandin kéyinki töt yüz seksininchi yili, Sulaymanning Israilning üstidiki seltenitining tötinchi yilining ikkinchi éyida, yeni Zif éyida u Perwerdigarning öyini yasashqa bashlidi.
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارغا ياسىغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز ئىدى. 2
Sulayman padishah Perwerdigargha yasighan ibadetxanining uzunluqi atmish gez, kengliki yigirme gez we égizliki ottuz gez idi.
ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن باراۋەر بولۇپ، يىگىرمە گەز ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ كەڭلىكى ئون گەز ئىدى. 3
Ibadetxanidiki «muqeddes jay»ning aldidiki aywanning uzunluqi ibadetxanining kengliki bilen barawer bolup, yigirme gez idi. Ibadetxanining aldidiki aywanning kengliki on gez idi.
ئۇ ئىبادەتخانىغا روجەكلىك دېرىزە-پەنجىرىلەرنى ئورناتتى. 4
U ibadetxanigha rojeklik dérize-penjirilerni ornatti.
ئىبادەتخانا تېمىغا، يەنى مۇقەددەس جاي ۋە «كالامخانا»نىڭ تېمىغا يانداش [ئۈچ قەۋەتلىك] بىر ئىمارەتنى سالدى ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە ھۇجرىلارنى ياسىدى. 5
Ibadetxana témigha, yeni muqeddes jay we «kalamxana»ning témigha yandash [üch qewetlik] bir imaretni saldi we uning ichige hujrilarni yasidi.
[تاشقىرىقى ئىمارەتنىڭ] تۆۋەنكى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى بەش گەز، ئوتتۇرا قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز، ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى يەتتە گەز ئىدى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى تېمىدا لىملارنى ئورناتقان تۆشۈكلەر بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇ تامغا تەكچە چىقىرىلغانىدى. 6
[Tashqiriqi imaretning] töwenki qewitining kengliki besh gez, ottura qewitining kengliki alte gez, üchinchi qewitining kengliki yette gez idi. Chünki ibadetxanining tashqi témida limlarni ornatqan töshükler bolmasliqi üchün u tamgha tekche chiqirilghanidi.
ئىبادەتخانا پۈتۈنلەي تەييار قىلىپ ئېلىپ كېلىنگەن تاشلاردىن بىنا قىلىنغانىدى. شۇنداق قىلغاندا، ئۇنى ياسىغان ۋاقىتتا نە بولقا نە پالتا نە باشقا تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئۇ يەردە ھېچ ئاڭلانمايتتى. 7
Ibadetxana pütünley teyyar qilip élip kélin’gen tashlardin bina qilin’ghanidi. Shundaq qilghanda, uni yasighan waqitta ne bolqa ne palta ne bashqa tömür eswablarning awazi u yerde héch anglanmaytti.
تۆۋەنكى قەۋەتنىڭ ھۇجرىلىرىنىڭ كىرىش ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى؛ بىر ئايلانما پەلەمپەي ئوتتۇرا قەۋەتكە ئاندىن ئوتتۇرا قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقاتتى. 8
Töwenki qewetning hujrilirining kirish ishiki ibadetxanining ong teripide idi; bir aylanma pelempey ottura qewetke andin ottura qewettin üchinchi qewetke chiqatti.
شۇنداق قىلىپ [سۇلايمان] ئىبادەتخانىنى ياساپ پۈتتۈردى. ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىگە خار-لىملارنى بېكىتىپ، ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلىدى. 9
Shundaq qilip [Sulayman] ibadetxanini yasap püttürdi. Ibadetxanining üstige xar-limlarni békitip, uni kédir taxtaylar bilen qaplidi.
ئۇ ئىبادەتخانىغا يانداش ئىمارەتنىڭ قەۋەتلىرىنىڭ ئېگىزلىكىنى بەش گەزدىن قىلدى. شۇ ئىمارەتنىڭ قەۋەتلىرى ئىبادەتخانىغا كېدىر لىملىرى ئارقىلىق تۇتۇشۇقلۇق ئىدى. 10
U ibadetxanigha yandash imaretning qewetlirining égizlikini besh gezdin qildi. Shu imaretning qewetliri ibadetxanigha kédir limliri arqiliq tutushuqluq idi.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سۇلايمانغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدىكى: ــ 11
Perwerdigarning sözi Sulayman’gha kélip mundaq déyildiki: —
«سەن ماڭا ياساۋاتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كەلسەك، ئەگەر سەن بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ھۆكۈملىرىمگە رىئايە قىلىپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلاردا ماڭساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا سەن توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزۈمگە ئەمەل قىلىمەن؛ 12
«Sen Manga yasawatqan bu ibadetxanigha kelsek, eger sen belgilimilirimde méngip, hökümlirimge riaye qilip, barliq emrlirimni tutup ularda mangsang, Men atang Dawutqa sen toghruluq éytqan sözümge emel qilimen;
مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ئەسلا تاشلىمايمەن». 13
Men Israillarning arisida makan qilip öz xelqim Israilni esla tashlimaymen».
سۇلايمان ئىبادەتخانىنى ياساپ پۈتتۈردى. 14
Sulayman ibadetxanini yasap püttürdi.
ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ ئىچ تەرىپىنى ئۇ كېدىر تاختايلىرى بىلەن ياساپ، ئىبادەتخانىنىڭ تېگىدىن تارتىپ تورۇسنىڭ لىملىرىغىچە ياغاچ بىلەن قاپلىدى؛ ۋە ئارچا تاختايلىرى بىلەن ئىبادەتخانىغا پول ياتقۇزدى. 15
Ibadetxanining tamlirining ich teripini u kédir taxtayliri bilen yasap, ibadetxanining tégidin tartip torusning limlirighiche yaghach bilen qaplidi; we archa taxtayliri bilen ibadetxanigha pol yatquzdi.
ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئارقا تېمىدىن يىگىرمە گەز ئۆلچەپ ئارا تام ياساپ، ئىچكىرىكى خانىنى ھاسىل قىلدى؛ ئۇ تېگىدىن تارتىپ تورۇس لىملىرىغىچە كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلىدى. بۇ ئەڭ ئىچكىرىكى خانا بولۇپ، يەنى «كالامخانا»، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئىدى. 16
U ibadetxanining arqa témidin yigirme gez ölchep ara tam yasap, ichkiriki xanini hasil qildi; u tégidin tartip torus limlirighiche kédir taxtayliri bilen qaplidi. Bu eng ichkiriki xana bolup, yeni «kalamxana», «eng muqeddes jay» idi.
ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۆي، يەنى مۇقەددەس خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز ئىدى. 17
Uning aldidiki öy, yeni muqeddes xanining uzunluqi qiriq gez idi.
ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى تاملىرىغا قاپاق ۋە چېچەكنىڭ نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنغانىدى. ئىبادەتخانا پۈتۈنلەي كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلانغانىدى. ھېچ تاش كۆرۈنمەيتتى. 18
Ibadetxanining ichki tamlirigha qapaq we chéchekning nusxiliri neqish qilin’ghanidi. Ibadetxana pütünley kédir taxtaylar bilen qaplan’ghanidi. Héch tash körünmeytti.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەردە قويۇش ئۈچۈن، ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىدىكى كالامخانىنى ياسىدى. 19
Perwerdigarning ehde sanduqini u yerde qoyush üchün, u ibadetxanining ichkiridiki kalamxanini yasidi.
كالامخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، توغرىسى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇندىن قاپلىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغاچلىق قۇربانگاھنىمۇ شۇنداق قاپلىدى. 20
Kalamxanining uzunluqi yigirme gez, toghrisi yigirme gez, égizliki yigirme gez idi; u uni sap altundin qaplidi, shundaqla uning aldidiki kédir yaghachliq qurban’gahnimu shundaq qaplidi.
سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇ ئىچكى كالامخانىنىڭ ئالدىنى ئالتۇن زەنجىرلەر بىلەن توسىدى؛ كالامخانىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 21
Sulayman ibadetxanining ichini sap altun bilen qaplidi; u ichki kalamxanining aldini altun zenjirler bilen tosidi; kalamxanini altun bilen qaplidi.
شۇ تەرىقىدە ئۇ پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى، يەنى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ئالتۇن بىلەن تولۇق قاپلىغانىدى. كالامخانىغا تەئەللۇق بولغان قۇربانگاھنىمۇ پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىغانىدى. 22
Shu teriqide u pütkül ibadetxanini, yeni pütkül ibadetxanining ichini altun bilen toluq qaplighanidi. Kalamxanigha teelluq bolghan qurban’gahnimu pütünley altun bilen qaplighanidi.
كالامخانىغا ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ئىككى كېرۇبنىڭ شەكلىنى ياسىدى. ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز ئىدى. 23
Kalamxanigha u zeytun yaghichidin ikki kérubning sheklini yasidi. Herbirining égizliki on gez idi.
بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز ۋە يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەم بەش گەز بولۇپ، بىر قانىتىنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇچىغىچە ئون گەز ئىدى. 24
Bir kérubning bir qanitining uzunluqi besh gez we yene bir qanitining uzunluqi hem besh gez bolup, bir qanitining uchidin yene bir qanitining uchighiche on gez idi.
ئىككىنچى كېرۇبنىڭ ئىككى قانىتى قوشۇلۇپ ئون گەز ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى ئوخشاش ئىدى. 25
Ikkinchi kérubning ikki qaniti qoshulup on gez idi. Ikki kérubning chong-kichikliki we shekli oxshash idi.
بىر كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز بولۇپ، ئىككىنچى كېرۇبنىڭكىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى. 26
Bir kérubning égizliki on gez bolup, ikkinchi kérubningkimu hem shundaq idi.
ئۇ كېرۇبلارنى ئىچكىرىكى خانىدا قويدى. كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى يېيىلىپ تۇراتتى. بىرسىنىڭ بىر قانىتى بىر تامغا تېگىپ، ئىككىنچىسىنىڭ قانىتى ئۇدۇلىدىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى قاناتلىرى خانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى. 27
U kérublarni ichkiriki xanida qoydi. Kérublarning qanatliri yéyilip turatti. Birsining bir qaniti bir tamgha tégip, ikkinchisining qaniti udulidiki tamgha tégip turatti; ikkisining ichidiki qanatliri xanining otturisida bir-birige tégiship turatti.
ئۇ كېرۇبلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 28
U kérublarni altun bilen qaplidi.
ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ پۈتكۈل ئىچ چۆرسىنى، يەنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ھەم تاشقىرىقى خانىنىڭ چۆرىسىنى كېرۇب بىلەن خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرى بىلەن نەقىش قىلدى. 29
U ibadetxanining tamlirining pütkül ich chörsini, yeni ichkiriki xanining we hem tashqiriqi xanining chörisini kérub bilen xorma derexlirining shekilliri we chéchek nusxiliri bilen neqish qildi.
ئىبادەتخانىنىڭ پولىنى، يەنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ھەم تاشقىرىقى خانىنىڭكىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 30
Ibadetxanining polini, yeni ichkiriki xanining hem tashqiriqi xaniningkini altun bilen qaplidi.
كالامخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ئېتىلگەن قوش ئىشىكلەرنى ياسىدى. ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى ۋە بېشى ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ئىدى. 31
Kalamxanining kirish éghizigha u zeytun yaghichidin étilgen qosh ishiklerni yasidi. Ishiklerning késhekliri we béshi öyning toghrisining beshtin bir qismi idi.
بۇ قوش ئىشىكلەر زەيتۇن ياغىچىدىن ئېتىلگەنىدى؛ ئۇ ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلار، خورما دەرەخلىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنىپ زىننەتلەنگەنىدى؛ ئۇ ئىشىكلەرنى، جۈملىدىن كېرۇب بىلەن خورما دەرەخلىرىنىڭ نەقىشلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 32
Bu qosh ishikler zeytun yaghichidin étilgenidi; u ishiklerning üstige kérublar, xorma derexliri we chéchek nusxiliri neqish qilinip zinnetlen’genidi; u ishiklerni, jümlidin kérub bilen xorma derexlirining neqishlirini altun bilen qaplidi.
ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى خانىسىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشەكلىرىنى زەيتۇن ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇلار ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ئىدى؛ 33
Ibadetxanining tashqi xanisining ishikining késheklirini zeytun yaghichidin yasidi; ular öyning toghrisining töttin bir qismi idi;
قوش قاناتلىق ئىشىك بولسا ئارچا ياغىچىدىن ياسالدى. بىر قانىتى يېيىلىپ قاتلىناتتى، ئىككىنچى قانىتىمۇ يېيىلىپ قاتلىناتتى. 34
qosh qanatliq ishik bolsa archa yaghichidin yasaldi. Bir qaniti yéyilip qatlinatti, ikkinchi qanitimu yéyilip qatlinatti.
ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلار، خورما دەرەخلىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرىنى نەقىش قىلدى؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، جۈملىدىن نەقىشلەر ئۈستىگە ئالتۇن قاپلىدى. 35
U ularning üstige kérublar, xorma derexliri we chéchek nusxilirini neqish qildi; andin ularning üstige, jümlidin neqishler üstige altun qaplidi.
ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ تېمىنى بولسا ئۇ ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش بىلەن بىر قەۋەت كېدىر ياغىچىدىن ياسىدى. 36
Ichkiriki hoylining témini bolsa u üch qewet yonulghan tash bilen bir qewet kédir yaghichidin yasidi.
[سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ] تۆتىنچى يىلىنىڭ زىف ئېيىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇلى سېلىندى. 37
[Sulaymanning seltenitining] tötinchi yilining Zif éyida Perwerdigarning ibadetxanisining uli sélindi.
ۋە ئون بىرىنچى يىلىنىڭ بۇل ئېيىدا، يەنى سەككىزىنچى ئايدا ئىبادەتخانىنىڭ ھېچيېرى قالدۇرۇلماي، لايىھە بويىچە پۈتۈنلەي تامام بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆينى ياسىشىغا يەتتە يىل كەتتى. 38
We on birinchi yilining Bul éyida, yeni sekkizinchi ayda ibadetxanining héchyéri qaldurulmay, layihe boyiche pütünley tamam boldi. Shundaq qilip uning öyni yasishigha yette yil ketti.

< پادىشاھلار 1 6 >