< پادىشاھلار 1 6 >
ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى تۆت يۈز سەكسىنىنچى يىلى، سۇلايماننىڭ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىنىڭ ئىككىنچى ئېيىدا، يەنى زىف ئېيىدا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ياساشقا باشلىدى. | 1 |
καὶ ἐγενήθη ἐν τῷ τεσσαρακοστῷ καὶ τετρακοσιοστῷ ἔτει τῆς ἐξόδου υἱῶν Ισραηλ ἐξ Αἰγύπτου τῷ ἔτει τῷ τετάρτῳ ἐν μηνὶ τῷ δευτέρῳ βασιλεύοντος τοῦ βασιλέως Σαλωμων ἐπὶ Ισραηλ καὶ ἐνετείλατο ὁ βασιλεὺς καὶ αἴρουσιν λίθους μεγάλους τιμίους εἰς τὸν θεμέλιον τοῦ οἴκου καὶ λίθους ἀπελεκήτους καὶ ἐπελέκησαν οἱ υἱοὶ Σαλωμων καὶ οἱ υἱοὶ Χιραμ καὶ ἔβαλαν αὐτούς ἐν τῷ ἔτει τῷ τετάρτῳ ἐθεμελίωσεν τὸν οἶκον κυρίου ἐν μηνὶ Νισω τῷ δευτέρῳ μηνί ἐν ἑνδεκάτῳ ἐνιαυτῷ ἐν μηνὶ Βααλ οὗτος ὁ μὴν ὁ ὄγδοος συνετελέσθη ὁ οἶκος εἰς πάντα λόγον αὐτοῦ καὶ εἰς πᾶσαν διάταξιν αὐτοῦ
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارغا ياسىغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز ئىدى. | 2 |
καὶ ὁ οἶκος ὃν ᾠκοδόμησεν ὁ βασιλεὺς Σαλωμων τῷ κυρίῳ τεσσαράκοντα πήχεων μῆκος αὐτοῦ καὶ εἴκοσι ἐν πήχει πλάτος αὐτοῦ καὶ πέντε καὶ εἴκοσι ἐν πήχει τὸ ὕψος αὐτοῦ
ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن باراۋەر بولۇپ، يىگىرمە گەز ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ كەڭلىكى ئون گەز ئىدى. | 3 |
καὶ τὸ αιλαμ κατὰ πρόσωπον τοῦ ναοῦ εἴκοσι ἐν πήχει μῆκος αὐτοῦ εἰς τὸ πλάτος τοῦ οἴκου καὶ δέκα ἐν πήχει τὸ πλάτος αὐτοῦ κατὰ πρόσωπον τοῦ οἴκου καὶ ᾠκοδόμησεν τὸν οἶκον καὶ συνετέλεσεν αὐτόν
ئۇ ئىبادەتخانىغا روجەكلىك دېرىزە-پەنجىرىلەرنى ئورناتتى. | 4 |
καὶ ἐποίησεν τῷ οἴκῳ θυρίδας παρακυπτομένας κρυπτάς
ئىبادەتخانا تېمىغا، يەنى مۇقەددەس جاي ۋە «كالامخانا»نىڭ تېمىغا يانداش [ئۈچ قەۋەتلىك] بىر ئىمارەتنى سالدى ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە ھۇجرىلارنى ياسىدى. | 5 |
καὶ ἔδωκεν ἐπὶ τὸν τοῖχον τοῦ οἴκου μέλαθρα κυκλόθεν τῷ ναῷ καὶ τῷ δαβιρ καὶ ἐποίησεν πλευρὰς κυκλόθεν
[تاشقىرىقى ئىمارەتنىڭ] تۆۋەنكى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى بەش گەز، ئوتتۇرا قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز، ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى يەتتە گەز ئىدى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى تېمىدا لىملارنى ئورناتقان تۆشۈكلەر بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇ تامغا تەكچە چىقىرىلغانىدى. | 6 |
ἡ πλευρὰ ἡ ὑποκάτω πέντε πήχεων τὸ πλάτος αὐτῆς καὶ τὸ μέσον ἕξ καὶ ἡ τρίτη ἑπτὰ ἐν πήχει τὸ πλάτος αὐτῆς ὅτι διάστημα ἔδωκεν τῷ οἴκῳ κυκλόθεν ἔξωθεν τοῦ οἴκου ὅπως μὴ ἐπιλαμβάνωνται τῶν τοίχων τοῦ οἴκου
ئىبادەتخانا پۈتۈنلەي تەييار قىلىپ ئېلىپ كېلىنگەن تاشلاردىن بىنا قىلىنغانىدى. شۇنداق قىلغاندا، ئۇنى ياسىغان ۋاقىتتا نە بولقا نە پالتا نە باشقا تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئۇ يەردە ھېچ ئاڭلانمايتتى. | 7 |
καὶ ὁ οἶκος ἐν τῷ οἰκοδομεῖσθαι αὐτὸν λίθοις ἀκροτόμοις ἀργοῖς ᾠκοδομήθη καὶ σφῦρα καὶ πέλεκυς καὶ πᾶν σκεῦος σιδηροῦν οὐκ ἠκούσθη ἐν τῷ οἴκῳ ἐν τῷ οἰκοδομεῖσθαι αὐτόν
تۆۋەنكى قەۋەتنىڭ ھۇجرىلىرىنىڭ كىرىش ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى؛ بىر ئايلانما پەلەمپەي ئوتتۇرا قەۋەتكە ئاندىن ئوتتۇرا قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقاتتى. | 8 |
καὶ ὁ πυλὼν τῆς πλευρᾶς τῆς ὑποκάτωθεν ὑπὸ τὴν ὠμίαν τοῦ οἴκου τὴν δεξιάν καὶ ἑλικτὴ ἀνάβασις εἰς τὸ μέσον καὶ ἐκ τῆς μέσης ἐπὶ τὰ τριώροφα
شۇنداق قىلىپ [سۇلايمان] ئىبادەتخانىنى ياساپ پۈتتۈردى. ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىگە خار-لىملارنى بېكىتىپ، ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلىدى. | 9 |
καὶ ᾠκοδόμησεν τὸν οἶκον καὶ συνετέλεσεν αὐτόν καὶ ἐκοιλοστάθμησεν τὸν οἶκον κέδροις
ئۇ ئىبادەتخانىغا يانداش ئىمارەتنىڭ قەۋەتلىرىنىڭ ئېگىزلىكىنى بەش گەزدىن قىلدى. شۇ ئىمارەتنىڭ قەۋەتلىرى ئىبادەتخانىغا كېدىر لىملىرى ئارقىلىق تۇتۇشۇقلۇق ئىدى. | 10 |
καὶ ᾠκοδόμησεν τοὺς ἐνδέσμους δῑ ὅλου τοῦ οἴκου πέντε ἐν πήχει τὸ ὕψος αὐτοῦ καὶ συνέσχεν τὸν ἔνδεσμον ἐν ξύλοις κεδρίνοις
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سۇلايمانغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدىكى: ــ | 11 |
«سەن ماڭا ياساۋاتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كەلسەك، ئەگەر سەن بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ھۆكۈملىرىمگە رىئايە قىلىپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلاردا ماڭساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا سەن توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزۈمگە ئەمەل قىلىمەن؛ | 12 |
مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ئەسلا تاشلىمايمەن». | 13 |
سۇلايمان ئىبادەتخانىنى ياساپ پۈتتۈردى. | 14 |
ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ ئىچ تەرىپىنى ئۇ كېدىر تاختايلىرى بىلەن ياساپ، ئىبادەتخانىنىڭ تېگىدىن تارتىپ تورۇسنىڭ لىملىرىغىچە ياغاچ بىلەن قاپلىدى؛ ۋە ئارچا تاختايلىرى بىلەن ئىبادەتخانىغا پول ياتقۇزدى. | 15 |
καὶ ᾠκοδόμησεν τοὺς τοίχους τοῦ οἴκου διὰ ξύλων κεδρίνων ἀπὸ τοῦ ἐδάφους τοῦ οἴκου καὶ ἕως τῶν δοκῶν καὶ ἕως τῶν τοίχων ἐκοιλοστάθμησεν συνεχόμενα ξύλοις ἔσωθεν καὶ περιέσχεν τὸ ἔσω τοῦ οἴκου ἐν πλευραῖς πευκίναις
ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئارقا تېمىدىن يىگىرمە گەز ئۆلچەپ ئارا تام ياساپ، ئىچكىرىكى خانىنى ھاسىل قىلدى؛ ئۇ تېگىدىن تارتىپ تورۇس لىملىرىغىچە كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلىدى. بۇ ئەڭ ئىچكىرىكى خانا بولۇپ، يەنى «كالامخانا»، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئىدى. | 16 |
καὶ ᾠκοδόμησεν τοὺς εἴκοσι πήχεις ἀπ’ ἄκρου τοῦ οἴκου τὸ πλευρὸν τὸ ἓν ἀπὸ τοῦ ἐδάφους ἕως τῶν δοκῶν καὶ ἐποίησεν ἐκ τοῦ δαβιρ εἰς τὸ ἅγιον τῶν ἁγίων
ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۆي، يەنى مۇقەددەس خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز ئىدى. | 17 |
καὶ τεσσαράκοντα πηχῶν ἦν ὁ ναὸς κατὰ πρόσωπον
ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى تاملىرىغا قاپاق ۋە چېچەكنىڭ نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنغانىدى. ئىبادەتخانا پۈتۈنلەي كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلانغانىدى. ھېچ تاش كۆرۈنمەيتتى. | 18 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەردە قويۇش ئۈچۈن، ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىدىكى كالامخانىنى ياسىدى. | 19 |
τοῦ δαβιρ ἐν μέσῳ τοῦ οἴκου ἔσωθεν δοῦναι ἐκεῖ τὴν κιβωτὸν διαθήκης κυρίου
كالامخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، توغرىسى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇندىن قاپلىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغاچلىق قۇربانگاھنىمۇ شۇنداق قاپلىدى. | 20 |
εἴκοσι πήχεις μῆκος καὶ εἴκοσι πήχεις πλάτος καὶ εἴκοσι πήχεις τὸ ὕψος αὐτοῦ καὶ περιέσχεν αὐτὸν χρυσίῳ συγκεκλεισμένῳ καὶ ἐποίησεν θυσιαστήριον
سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇ ئىچكى كالامخانىنىڭ ئالدىنى ئالتۇن زەنجىرلەر بىلەن توسىدى؛ كالامخانىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. | 21 |
κατὰ πρόσωπον τοῦ δαβιρ καὶ περιέσχεν αὐτὸ χρυσίῳ
شۇ تەرىقىدە ئۇ پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى، يەنى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ئالتۇن بىلەن تولۇق قاپلىغانىدى. كالامخانىغا تەئەللۇق بولغان قۇربانگاھنىمۇ پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىغانىدى. | 22 |
καὶ ὅλον τὸν οἶκον περιέσχεν χρυσίῳ ἕως συντελείας παντὸς τοῦ οἴκου
كالامخانىغا ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ئىككى كېرۇبنىڭ شەكلىنى ياسىدى. ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز ئىدى. | 23 |
καὶ ἐποίησεν ἐν τῷ δαβιρ δύο χερουβιν δέκα πήχεων μέγεθος ἐσταθμωμένον
بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز ۋە يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەم بەش گەز بولۇپ، بىر قانىتىنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇچىغىچە ئون گەز ئىدى. | 24 |
καὶ πέντε πήχεων πτερύγιον τοῦ χερουβ τοῦ ἑνός καὶ πέντε πήχεων πτερύγιον αὐτοῦ τὸ δεύτερον ἐν πήχει δέκα ἀπὸ μέρους πτερυγίου αὐτοῦ εἰς μέρος πτερυγίου αὐτοῦ
ئىككىنچى كېرۇبنىڭ ئىككى قانىتى قوشۇلۇپ ئون گەز ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى ئوخشاش ئىدى. | 25 |
οὕτως τῷ χερουβ τῷ δευτέρῳ ἐν μέτρῳ ἑνὶ συντέλεια μία ἀμφοτέροις
بىر كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز بولۇپ، ئىككىنچى كېرۇبنىڭكىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى. | 26 |
καὶ τὸ ὕψος τοῦ χερουβ τοῦ ἑνὸς δέκα ἐν πήχει καὶ οὕτως τὸ χερουβ τὸ δεύτερον
ئۇ كېرۇبلارنى ئىچكىرىكى خانىدا قويدى. كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى يېيىلىپ تۇراتتى. بىرسىنىڭ بىر قانىتى بىر تامغا تېگىپ، ئىككىنچىسىنىڭ قانىتى ئۇدۇلىدىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى قاناتلىرى خانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى. | 27 |
καὶ ἀμφότερα τὰ χερουβιν ἐν μέσῳ τοῦ οἴκου τοῦ ἐσωτάτου καὶ διεπέτασεν τὰς πτέρυγας αὐτῶν καὶ ἥπτετο πτέρυξ μία τοῦ τοίχου καὶ πτέρυξ ἥπτετο τοῦ τοίχου τοῦ δευτέρου καὶ αἱ πτέρυγες αὐτῶν αἱ ἐν μέσῳ τοῦ οἴκου ἥπτοντο πτέρυξ πτέρυγος
ئۇ كېرۇبلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. | 28 |
καὶ περιέσχεν τὰ χερουβιν χρυσίῳ
ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ پۈتكۈل ئىچ چۆرسىنى، يەنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ھەم تاشقىرىقى خانىنىڭ چۆرىسىنى كېرۇب بىلەن خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرى بىلەن نەقىش قىلدى. | 29 |
καὶ πάντας τοὺς τοίχους τοῦ οἴκου κύκλῳ ἐγκολαπτὰ ἔγραψεν γραφίδι χερουβιν καὶ φοίνικες τῷ ἐσωτέρῳ καὶ τῷ ἐξωτέρῳ
ئىبادەتخانىنىڭ پولىنى، يەنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ھەم تاشقىرىقى خانىنىڭكىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. | 30 |
καὶ τὸ ἔδαφος τοῦ οἴκου περιέσχεν χρυσίῳ τοῦ ἐσωτάτου καὶ τοῦ ἐξωτάτου
كالامخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ئېتىلگەن قوش ئىشىكلەرنى ياسىدى. ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى ۋە بېشى ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ئىدى. | 31 |
καὶ τῷ θυρώματι τοῦ δαβιρ ἐποίησεν θύρας ξύλων ἀρκευθίνων καὶ φλιὰς πενταπλᾶς
بۇ قوش ئىشىكلەر زەيتۇن ياغىچىدىن ئېتىلگەنىدى؛ ئۇ ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلار، خورما دەرەخلىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنىپ زىننەتلەنگەنىدى؛ ئۇ ئىشىكلەرنى، جۈملىدىن كېرۇب بىلەن خورما دەرەخلىرىنىڭ نەقىشلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. | 32 |
καὶ δύο θύρας ξύλων πευκίνων καὶ ἐγκολαπτὰ ἐπ’ αὐτῶν ἐγκεκολαμμένα χερουβιν καὶ φοίνικας καὶ πέταλα διαπεπετασμένα καὶ περιέσχεν χρυσίῳ καὶ κατέβαινεν ἐπὶ τὰ χερουβιν καὶ ἐπὶ τοὺς φοίνικας τὸ χρυσίον
ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى خانىسىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشەكلىرىنى زەيتۇن ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇلار ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ئىدى؛ | 33 |
καὶ οὕτως ἐποίησεν τῷ πυλῶνι τοῦ ναοῦ φλιαὶ ξύλων ἀρκευθίνων στοαὶ τετραπλῶς
قوش قاناتلىق ئىشىك بولسا ئارچا ياغىچىدىن ياسالدى. بىر قانىتى يېيىلىپ قاتلىناتتى، ئىككىنچى قانىتىمۇ يېيىلىپ قاتلىناتتى. | 34 |
καὶ ἐν ἀμφοτέραις ταῖς θύραις ξύλα πεύκινα δύο πτυχαὶ ἡ θύρα ἡ μία καὶ στροφεῖς αὐτῶν καὶ δύο πτυχαὶ ἡ θύρα ἡ δευτέρα στρεφόμενα
ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلار، خورما دەرەخلىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرىنى نەقىش قىلدى؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، جۈملىدىن نەقىشلەر ئۈستىگە ئالتۇن قاپلىدى. | 35 |
ἐγκεκολαμμένα χερουβιν καὶ φοίνικες καὶ διαπεπετασμένα πέταλα καὶ περιεχόμενα χρυσίῳ καταγομένῳ ἐπὶ τὴν ἐκτύπωσιν
ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ تېمىنى بولسا ئۇ ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش بىلەن بىر قەۋەت كېدىر ياغىچىدىن ياسىدى. | 36 |
καὶ ᾠκοδόμησεν τὴν αὐλὴν τὴν ἐσωτάτην τρεῖς στίχους ἀπελεκήτων καὶ στίχος κατειργασμένης κέδρου κυκλόθεν καὶ ᾠκοδόμησε καταπέτασμα τῆς αὐλῆς τοῦ αιλαμ τοῦ οἴκου τοῦ κατὰ πρόσωπον τοῦ ναοῦ
[سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ] تۆتىنچى يىلىنىڭ زىف ئېيىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇلى سېلىندى. | 37 |
ۋە ئون بىرىنچى يىلىنىڭ بۇل ئېيىدا، يەنى سەككىزىنچى ئايدا ئىبادەتخانىنىڭ ھېچيېرى قالدۇرۇلماي، لايىھە بويىچە پۈتۈنلەي تامام بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆينى ياسىشىغا يەتتە يىل كەتتى. | 38 |