< پادىشاھلار 1 5 >
تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام سۇلايماننى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلىنغان دەپ ئاڭلاپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى ئۇنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى؛ چۈنكى ھىرام داۋۇتنى ئىزچىل سۆيگۈچى ئىدى. | 1 |
I posłał Hiram, król Tyrski, sługi swe do Salomona, bo usłyszał, że go pomazano za króla miasto ojca jego; albowiem miłował Hiram Dawida po wszystkie dni.
سۇلايمان ھىرامغا ئادەم ئەۋىتىپ مۇنداق ئۇچۇرنى يەتكۈزدى: ــ | 2 |
Salomon też zaś posłał do Hirama, mówiąc:
«ئۆزۈڭ بىلىسەنكى، ئاتام داۋۇتنىڭ دۈشمەنلىرىنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغۇچە، ئۇ ئەتراپىدا ھەر تەرەپتە جەڭ قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار خۇداسنىڭ نامىغا بىر ئىبادەتخانا ياسىيالمىدى. | 3 |
Ty wiesz, że Dawid, ojciec mój, nie mógł budować domu imieniowi Pana, Boga swego, dla wojen, które go były ogarnęły, aż nieprzyjacioły podał Pan pod stopy nóg jego;
ئەمدى ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ھەممە تەرەپتىن ئارام بەردى؛ ھېچبىر دۈشمىنىم يوق، ھېچبىر بالا-قازا يوق. | 4 |
Ale teraz Pan, Bóg mój, dał mi odpoczynienie zewsząd, i niemam żadnego przeciwnika, ani zabiegu złego.
مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئاتام داۋۇتقا: «مەن سېنىڭ ئورنۇڭغا ئۆز تەختىڭگە ئولتۇرغۇزغان ئوغلۇڭ بولسا، ئۇ مېنىڭ نامىمغا بىر ئىبادەتخانا ياسايدۇ» دەپ ئېيتقىنىدەك، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا بىر ئىبادەتخانا ياساي دەپ نىيەت قىلدىم؛ | 5 |
A otom umyślił budować dom imieniowi Pana, Boga mego, jako powiedział Pan do Dawida, ojca mego, mówiąc: Syn twój, któremu dam miasto ciebie osiąść stolicę twoję, ten zbuduje dom ten imieniowi memu.
ئەمدى مەن ئۈچۈن [ئادەملىرىڭگە] لىۋاندىن كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىڭلار، دەپ يارلىق چۈشۈرگىن؛ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭغا ھەمدەمدە بولىدۇ. سېنىڭ بېكىتكىنىڭ بويىچە خىزمەتكارلىرىڭغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققىنى ساڭا تۆلەيمەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭگە ئايانكى، دەرەخ كېسىشتە ئارىمىزدا ھېچكىم زىدوندىكىلەردەك ئۇستا ئەمەس». | 6 |
Przetoż teraz rozkaż, aby mi narąbano ceder na Libanie, a słudzy moi będą z sługami twoimi, a zapłatę sług twoich dam tobie tak, jako rzeczesz; albowiem ty wiesz, że niemasz między nami męża, któryby umiał tak rąbać drzewo, jako Sydończycy.
ھىرام سۇلايماننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: ــ بۈگۈن بۇ ئۇلۇغ خەلق ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە داۋۇتقا شۇنداق دانا بىر ئوغۇل بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىلسۇن! ــ دېدى. | 7 |
A gdy usłyszał Hiram słowa Salomonowe, uradował się bardzo i rzekł: Błogosławiony Pan dzisiaj, który dał Dawidowi syna mądrego nad tym ludem wielkim.
ھىرام سۇلايمانغا ئادەم ئەۋىتىپ: ــ سەن ماڭا قويغان تەلەپلىرىڭنى ئاڭلاپ قوبۇل قىلدىم. مەن سېنىڭ كېدىر ياغىچى ۋە ئارچا ياغىچى توغرۇلۇق ئارزۇ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىمەن؛ | 8 |
I posłał Hiram do Salomona, mówiąc: Słyszałem z czemeś posłał do mnie. Uczynię wszystkę wolą twoję około drzewa cedrowego, i około drzewa jodłowego.
مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم شۇلارنى لىۋاندىن دېڭىزغا ئاپىرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى سال قىلىپ باغلاپ، دېڭىز بىلەن سەن ماڭا بېكىتكەن يەرگە يەتكۈزىمەن، ئاندىن شۇ يەردە ئۇلارنى يەشكۈزىمەن. شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئېلىپ كېتىسەن. بۇنىڭ ھېسابىغا سەن تەلەپلىرىم بويىچە ئوردىدىكىلىرىم ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلىگەيسەن، ــ دېدى. | 9 |
Słudzy moi zwiozą je z Libanu do morza, a ja je każę złożyć w tratwy, i spuścić morzem aż do miejsca, o którem mi dasz znać, i tam je rozwiążę, a ty je pobierzesz. Ty też uczynisz wolą moję, a dasz obrok czeladzi mojej.
شۇنداق قىلىپ، ھىرام سۇلايمانغا بارلىق تەلىپى بويىچە كېدىر ياغاچلىرى ۋە ئارچا ياغاچلىرىنى بەردى. | 10 |
A tak Hiram dodawał Salomonowi drzewa cedrowego, i drzewa jodłowego, jako wiele chciał.
سۇلايمان ھىرامغا ئوردىدىكىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي ۋە يىگىرمە بات ساپ زەيتۇن مېيىنى ئەۋەتىپ بەردى. ھەر يىلى سۇلايمان ھىرامغا شۇنداق بېرەتتى. | 11 |
Salomon także dawał Hiramowi dwadzieścia tysięcy miar pszenicy na żywność czeladzi jego, i dwadzieścia tysięcy miar oliwy wybijanej; to dawał Salomon Hiramowi na każdy rok.
پەرۋەردىگار سۇلايمانغا ۋەدە قىلغاندەك ئۇنىڭغا دانالىق بەرگەنىدى. ھىرام بىلەن سۇلايماننىڭ ئارىسىدا ئىناقلىق بولۇپ، ئىككىسى ئەھدە تۈزۈشتى. | 12 |
A Pan dał mądrość Salomonowi, jako mu był obiecał, i był pokój między Hiramem i między Salomonem, a uczynili przymierze między sobą.
سۇلايمان پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىلدىن ھاشارغا ئىشلەمچىلەرنى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ سانى ئوتتۇز مىڭ ئىدى. | 13 |
Tedy kazał wybierać król Salomon robotniki ze wszystkiego Izraela, a było wybranych trzydzieści tysięcy mężów.
ئۇ بۇلارنى نۆۋەت بىلەن ھەر ئايدا ئون مىڭدىن لىۋانغا ئەۋەتەتتى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىر ئاي لىۋاندا تۇرسا، ئىككى ئاي ئۆيىدە تۇردى. ئادونىرام ھاشارچىلانىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. | 14 |
Które słał do Libanu po dziesięć tysięcy na każdy miesiąc, na przemiany; po miesiącu mieszkali na Libanie, a po dwa miesiące w domu swym; a Adoniram był przełożony nad tymi wybranymi.
سۇلايماننىڭ يەتمىش مىڭ ھاممىلى، تاغلاردا ئىشلەيدىغان سەكسەن مىڭ تاشچىسى بار ئىدى. | 15 |
Miał też Salomon siedmdziesiąt tysięcy tych, którzy nosili ciężary, a ośmdziesiąt tysięcy tych, którzy rąbali na górze;
ئۇنىڭدىن باشقا سۇلايماننىڭ مەنسەپدارلىرىدىن ئىش ئۈستىگە قويۇلغان ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز ئىش بېشى بار ئىدى؛ ئۇلار ئىشلەمچىلەرنى باشقۇراتتى. | 16 |
Oprócz przedniejszych urzędników Salomonowych, których było nad robotą trzy tysiące i trzy sta, którzy byli przełożeni nad ludem odprawującym robotę.
پادىشاھ يارلىق چۈشۈرۈشى بىلەن ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى سېلىشقا يونۇلغان، چوڭ ۋە قىممەتلىك تاشلارنى كېسىپ كەلتۈردى. | 17 |
Rozkazał też król, aby wożono kamienie wielkie, kamienie drogie, i kamienie ciosane, na założenie gruntów domu.
ۋە سۇلايماننىڭ تامچىلىرى بىلەن ھىرامنىڭ تامچىلىرى ۋە گەباللىقلار قوشۇلۇپ تاشلارنى ئويۇپ، ئۆينى ياساش ئۈچۈن ياغاچ ھەم تاشلارنى تەييارلاپ قويدى. | 18 |
Ciosali tedy rzemieślnicy Salomonowi, i rzemieślnicy Hiramowi, i Gimblimczycy. A tak gotowali drzewo i kamienie na budowanie domu.