< پادىشاھلار 1 4 >
سۇلايمان پادىشاھ پۈتكۈل ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. | 1 |
所罗门作以色列众人的王。
ئۇنىڭ چوڭ ئەمەلدارلىرى مۇنۇلار: ــ زادوكنىڭ ئوغلى ئازارىيا كاھىن ئىدى؛ | 2 |
他的臣子记在下面:撒督的儿子亚撒利雅作祭司,
شىشانىڭ ئوغۇللىرى ئېلىخورەف ۋە ئاخىياھ كاتىپلار ئىدى؛ ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات دىۋانبېگى ئىدى؛ | 3 |
示沙的两个儿子以利何烈、亚希亚作书记,亚希律的儿子约沙法作史官,
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قوشۇننىڭ باش سەردارى ئىدى. زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلار ئىدى؛ | 4 |
耶何耶大的儿子比拿雅作元帅,撒督和亚比亚他作祭司长,
ناتاننىڭ ئوغلى ئازارىيا نازارەت بېگى، ناتاننىڭ يەنە بىر ئوغلى زابۇد ھەم كاھىن ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. | 5 |
拿单的儿子亚撒利雅作众吏长,王的朋友拿单的儿子撒布得作领袖,
ئاخىشار ئوردىنىڭ غوجىدارى، ئابدانىڭ ئوغلى ئادونىرام باج-ئالۋان بېگى ئىدى. | 6 |
亚希煞作家宰,亚比大的儿子亚多尼兰掌管服苦的人。
پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىدا سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئوردىدىكىلىرى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەيدىغان، ئون ئىككى نازارەتچى تەيىنلەنگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى يىلدا بىر ئايدىن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەشكە مەسئۇل ئىدى. | 7 |
所罗门在以色列全地立了十二个官吏,使他们供给王和王家的食物,每年各人供给一月。
ئۇلارنىڭ ئىسمى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن: ئەفرائىم تاغلىق رايونىغا بەن-خۇر؛ | 8 |
他们的名字记在下面:在以法莲山地有便·户珥;
ماكاز، شائالبىم، بەيت-شەمەش ۋە ئېلون-بەيت-ھانانغا بەن-دەكەر؛ | 9 |
在玛迦斯、沙宾、伯·示麦、以伦·伯·哈南有便·底甲;
ئارۇبوتقا بەن-خەسەد؛ ئۇ يەنە سوكوھ ۋە خەفەر دېگەن بارلىق يۇرتقىمۇ مەسئۇل ئىدى؛ | 10 |
在亚鲁泊有便·希悉,他管理梭哥和希弗全地;
يەنە نافات-دورغا بەن-ئابىناداب (ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى تافاتنى خوتۇنلۇققا ئالغان)؛ | 11 |
在多珥山冈有便·亚比拿达,他娶了所罗门的女儿她法为妻;
تائاناق، مەگىددو ۋە يىزرەئەلنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدىكى زارەتاننىڭ يېنىدا بولغان پۈتكۈل بەيت-شانغا، شۇنداقلا بەيت-شاندىن تارتىپ ئابەل-مەھولاھغىچە، جوكنېئامدىن ئۆتكۈچە بولغان زېمىنلارغا ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا؛ | 12 |
在他纳和米吉多,并靠近撒拉他拿、耶斯列下边的伯·善全地,从伯·善到亚伯·米何拉直到约念之外,有亚希律的儿子巴拿;
راموت-گىلېئادقا بەن-گەبەر؛ ئۇ يەنە گىلېئاد يۇرتىغا جايلاشقان، ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىرغا تەۋە بولغان كەنتلەر ۋە ھەم باشاندىكى يۇرت ئارگوب، جۈملىدىن ئۇ يەردىكى سېپىلى، مىس بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان ئاتمىش چوڭ شەھەرگىمۇ مەسئۇل ئىدى. | 13 |
在基列的拉末有便·基别,他管理在基列的玛拿西子孙睚珥的城邑,巴珊的亚珥歌伯地的大城六十座,都有城墙和铜闩;
ماھانائىمغا ئىددونىڭ ئوغلى ئاھىناداب؛ | 14 |
在玛哈念有易多的儿子亚希拿达;
نافتالىغا ئاخىمائاز (ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى). | 15 |
在拿弗他利有亚希玛斯,他也娶了所罗门的一个女儿巴实抹为妻;
ئاشىر ۋە ئالوتقا ھۇشاينىڭ ئوغلى بائاناھ؛ | 16 |
在亚设和亚禄有户筛的儿子巴拿;
ئىسساكارغا پارۇئاھنىڭ ئوغلى يەھوشافات؛ | 17 |
在以萨迦有帕路亚的儿子约沙法;
بىنيامىن زېمىنىغا ئېلانىڭ ئوغلى شىمەي؛ | 18 |
在便雅悯有以拉的儿子示每;
گىلېئاد زېمىنىغا (ئەسلىدە ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى ئىدى) ئۇرىنىڭ ئوغلى گەبەر. ئۇ شۇ يۇرتقا بىردىنبىر نازارەتچى ئىدى. | 19 |
在基列地,就是从前属亚摩利王西宏和巴珊王噩之地,有乌利的儿子基别一人管理。
يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك نۇرغۇن ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشاللىق قىلاتتى. | 20 |
犹大人和以色列人如同海边的沙那样多,都吃喝快乐。
ۋە سۇلايمان بولسا [ئەفرات] دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ۋە مىسىرنىڭ چېگرالىرىغىچە بولغان ھەممە پادىشاھلىقلارنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلاتتى. ئۇلار ئۇلپان كەلتۈرۈپ سۇلايماننىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. | 21 |
所罗门统管诸国,从大河到非利士地,直到埃及的边界。所罗门在世的日子,这些国都进贡服事他。
سۇلايماننىڭ ئوردىسىغا كېتىدىغان كۈنلۈك تەمىنات ئۈچۈن ئوتتۇز كور تاسقىغان ئاق ئۇن، ئاتمىش كور قارا ئۇن، | 22 |
所罗门每日所用的食物:细面三十歌珥,粗面六十歌珥,
ئون بوردىغان ئۇي، يايلاقتىن كەلتۈرۈلگەن يىگىرمە ئۇي، يۈز قوي كېتەتتى؛ بۇنىڭدىن باشقا بۇغىلار، جەرەنلەر، كىيىكلەر ۋە بوردىغان توخۇلار لازىم ئىدى. | 23 |
肥牛十只,草场的牛二十只,羊一百只,还有鹿、羚羊、狍子,并肥禽。
چۈنكى ئۇ تىفساھدىن تارتىپ گازاغىچە، [ئەفرات] دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى ھەممە يۇرتلارنىڭ ئۈستىدە، يەنى [ئەفرات] دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى بارلىق پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرەتتى؛ ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تىنچ ئىدى. | 24 |
所罗门管理大河西边的诸王,以及从提弗萨直到迦萨的全地,四境尽都平安。
سۇلايماننىڭ پۈتكۈل كۈنلىرىدە داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يەھۇدا بىلەن ئىسرائىل ئادەملىرىنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تېگىدە ئامان-ئېسەن ئولتۇراتتى. | 25 |
所罗门在世的日子,从但到别是巴的犹大人和以色列人都在自己的葡萄树下和无花果树下安然居住。
سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرى ئۈچۈن تۆت مىڭ ئاتخانىسى، ئون ئىككى مىڭ چەۋەندىزى بار ئىدى. | 26 |
所罗门有套车的马四万,还有马兵一万二千。
مەزكۇر نازارەتچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە بېكىتىلگەن ئايدا سۇلايمان پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ داستىخىنىغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى كېمەيتمەي تەمىنلەيتتى. | 27 |
那十二个官吏各按各月供给所罗门王,并一切与他同席之人的食物,一无所缺。
خەلق بولسا ھەربىرى ئۆزىگە بېكىتىلگەن نورما بويىچە ئات-قېچىرلار ئۈچۈن ئارپا بىلەن سامانلارنى [نازارەتىچىلەر بار] يەرگە ئېلىپ كېلەتتى. | 28 |
众人各按各分,将养马与快马的大麦和干草送到官吏那里。
خۇدا سۇلايمانغا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك دانالىق، ئىنتايىن مول پەم-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ قەلبىنى كەڭ قىلىپ زور يورۇتتى. | 29 |
神赐给所罗门极大的智慧聪明和广大的心,如同海沙不可测量。
شۇنىڭ بىلەن سۇلايماننىڭ دانالىقى بارلىق شەرقتىكىلەرنىڭ دانالىقىدىن ۋە مىسىردىكى بارلىق دانالىقتىن ئاشتى. | 30 |
所罗门的智慧超过东方人和埃及人的一切智慧。
چۈنكى ئۇ بارلىق ئادەملەردىن، جۈملىدىن ئەزراھلىق ئېتان بىلەن ماخولنىڭ ئوغۇللىرى ھېمان، كالكول ۋە داردا دېگەنلەردىن دانا ئىدى؛ ۋە ئۇنىڭ شۆھرىتى ئەتراپىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدا يېيىلدى. | 31 |
他的智慧胜过万人,胜过以斯拉人以探,并玛曷的儿子希幔、甲各、达大的智慧。他的名声传扬在四围的列国。
ئۇ ئېيتقان پەند-نەسىھەت ئۈچ مىڭ ئىدى؛ ئۇنىڭ شېئىر-كۈيلىرى بىر مىڭ بەش ئىدى. | 32 |
他作箴言三千句,诗歌一千零五首。
ئۇ لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ تامدا ئۆسىدىغان لېپەكگۈلگىچە دەرەخ-گىياھلارنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىپ خاتىرىلىگەنىدى؛ ئۇ يەنە مال ۋە ھايۋانلار، قۇشلار، ھاشارەت-ئۆمىلىگۈچىلەر ۋە بېلىقلار توغرىسىدا بايان قىلىپ خاتىرىلىگەنىدى. | 33 |
他讲论草木,自黎巴嫩的香柏树直到墙上长的牛膝草,又讲论飞禽走兽、昆虫水族。
سۇلايماننىڭ دانالىقىنى ئاڭلىغىلى كىشىلەر بارلىق ئەللەردىن كېلەتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ دانالىقى توغرۇلۇق خەۋەر تاپقان يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلاردىن كىشىلەر كەلمەكتە ئىدى. | 34 |
天下列王听见所罗门的智慧,就都差人来听他的智慧话。