< پادىشاھلار 1 3 >
سۇلايمان مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ پىرەۋننىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۆز ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ۋە يېرۇسالېمنىڭ چۆرىسىدىكى سېپىلنى ياساپ پۈتكۈزگۈچىلىك ئۇ ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە ئاپىرىپ تۇرغۇزدى. | 1 |
所羅門與埃及王法老結親,娶了法老的女兒為妻,接她進入大衛城,直等到造完了自己的宮和耶和華的殿,並耶路撒冷周圍的城牆。
شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارنىڭ نامى ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا ياسالمىغىنى ئۈچۈن خەلق «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىقلىرىنى قىلاتتى. | 2 |
當那些日子,百姓仍在邱壇獻祭,因為還沒有為耶和華的名建殿。
سۇلايمان پەرۋەردىگارنى سۆيۈپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ بەلگىلىگەنلىرىدە ماڭاتتى. پەقەت «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. | 3 |
所羅門愛耶和華,遵行他父親大衛的律例,只是還在邱壇獻祭燒香。
پادىشاھ قۇربانلىق قىلغىلى گىبېئونغا باردى؛ چۈنكى ئۇ يەر «ئۇلۇغ يۇقىرى جاي» ئىدى. سۇلايمان ئۇ يەردىكى قۇربانگاھدا بىر مىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇندى. | 4 |
所羅門王上基遍去獻祭;因為在那裏有極大的邱壇,他在那壇上獻一千犧牲作燔祭。
پەرۋەردىگار گىبېئوندا سۇلايمانغا كېچىسى چۈشىدە كۆرۈندى. خۇدا ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ ساڭا نېمە بېرىشىمنى لايىق تاپساڭ، شۇنى تىلىگىن، دېدى. | 5 |
在基遍,夜間夢中,耶和華向所羅門顯現,對他說:「你願我賜你甚麼?你可以求。」
سۇلايمان جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ قۇلۇڭ ئاتام داۋۇت سېنىڭ ئالدىڭدا ھەقىقەت، ھەققانىيلىق ۋە كۆڭلىنىڭ سەمىمىيلىكى بىلەن ماڭغانلىقى بىلەن سەن ئۇنىڭغا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەنىدىڭ؛ ۋە سەن شۇ زور مېھرىبانلىقنى داۋام قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ئۆز تەختىدە ئولتۇرغىلى ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل بەردىڭ. | 6 |
所羅門說:「你僕人-我父親大衛用誠實、公義、正直的心行在你面前,你就向他大施恩典,又為他存留大恩,賜他一個兒子坐在他的位上,正如今日一樣。
ئەمدى ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدىڭ. ئەمما مەن پەقەت بىر گۆدەك بالا خالاس، چىقىش-كىرىشنىمۇ بىلمەيمەن. | 7 |
耶和華-我的上帝啊,如今你使僕人接續我父親大衛作王;但我是幼童,不知道應當怎樣出入。
ئۆز قۇلۇڭ سەن تاللىغان خەلقىڭ، كۆپلۈكىدىن ساناپ بولمايدىغان ھېسابسىز ئۇلۇغ بىر خەلق ئارىسىدا تۇرىدۇ. | 8 |
僕人住在你所揀選的民中,這民多得不可勝數。
شۇڭا ئۆز قۇلۇڭغا خەلقىڭنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم قىلىشقا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىدىغان ئويغاق بىر قەلبنى بەرگەيسەن؛ بولمىسا، كىم بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلالىسۇن؟ ــ دېدى. | 9 |
所以求你賜我智慧,可以判斷你的民,能辨別是非。不然,誰能判斷這眾多的民呢?」
سۇلايماننىڭ شۇنى تىلىكىنى رەبنى خۇش قىلدى. | 10 |
所羅門因為求這事,就蒙主喜悅。
خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن شۇنى تىلىگىنىڭ ئۈچۈن ــ يا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىمەي، يا ئۆزۈڭ ئۈچۈن دۆلەت-بايلىق تىلىمەي، يا دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى تىلىمەي، بەلكى توغرا ھۆكۈم قىلغىلى ئويغاق بولۇشقا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەتنى تىلىگىنىڭ ئۈچۈن، | 11 |
上帝對他說:「你既然求這事,不為自己求壽、求富,也不求滅絕你仇敵的性命,單求智慧可以聽訟,
مانا، سۆزۈڭ بويىچە شۇنداق قىلدىم. مانا ساڭا شۇنداق دانا ۋە يورۇتۇلغان قەلبنى بەردىمكى، سەندىن ئىلگىرى ساڭا ئوخشايدىغىنى بولمىغان، سەندىن كېيىنمۇ ساڭا ئوخشايدىغىنى بولمايدۇ. | 12 |
我就應允你所求的,賜你聰明智慧,甚至在你以前沒有像你的,在你以後也沒有像你的。
مەن سەن تىلىمىگەن نەرسىنىمۇ، يەنى دۆلەت-بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنى ساڭا بەردىم. شۇنىڭ بىلەن بارلىق كۈنلىرىڭدە پادىشاھلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش بولىدىغىنى چىقمايدۇ. | 13 |
你所沒有求的,我也賜給你,就是富足、尊榮,使你在世的日子,列王中沒有一個能比你的。
ئەگەر ئاتاڭ داۋۇت ماڭغاندەك مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، بەلگىلىمىلىرىم ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتساڭ كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، دېدى. | 14 |
你若效法你父親大衛,遵行我的道,謹守我的律例、誡命,我必使你長壽。」
سۇلايمان ئويغانغاندا، مانا بۇ بىر چۈش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆرە تۇرۇپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىپ، تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىغا زىياپەت قىلىپ بەردى. | 15 |
所羅門醒了,不料是個夢。他就回到耶路撒冷,站在耶和華的約櫃前,獻燔祭和平安祭,又為他眾臣僕設擺筵席。
شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پاھىشە ئايال پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. | 16 |
一日,有兩個妓女來,站在王面前。
بىرىنچى ئايال: ــ ئى غوجام! مەن ۋە بۇ خوتۇن بىر ئۆيدە ئولتۇرىمىز؛ ئۇ مەن بىلەن ئۆيدە تۇرغىنىدا بىر بالىنى تۇغدۇم. | 17 |
一個說:「我主啊,我和這婦人同住一房;她在房中的時候,我生了一個男孩。
مەن بالىنى تۇغۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ خوتۇنمۇ بىر بالا تۇغدى. بىز ئىككىيلەن ئۇ يەردە ئولتۇردۇق؛ ئۆيدە بىزدىن باشقا ھېچ يات ئادەم يوق ئىدى، يالغۇز بىز ئىككىيلەن ئۆيدە ئىدۇق. | 18 |
我生孩子後第三日,這婦人也生了孩子。我們是同住的,除了我們二人之外,房中再沒有別人。
شۇ كېچىدە بۇ خوتۇننىڭ بالىسى ئۆلدى؛ چۈنكى ئۇ بالىسىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانىدى. | 19 |
夜間,這婦人睡着的時候,壓死了她的孩子。
ئۇ يېرىم كېچىدە قوپۇپ دېدەكلىرى ئۇخلاپ قالغاندا، يېنىمدىن ئوغلۇمنى ئېلىپ ئۆز قۇچىقىغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئوغلىنى مېنىڭ قۇچىقىمغا سېلىپ قويۇپتۇ. | 20 |
她半夜起來,趁我睡着,從我旁邊把我的孩子抱去,放在她懷裏,將她的死孩子放在我懷裏。
ئەتىسى قوپۇپ بالامنى ئېمىتەي دېسەم مانا ئۆلۈك تۇرىدۇ. لېكىن ئەتىگەندە قارىسام، ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىدى، دېدى. | 21 |
天要亮的時候,我起來要給我的孩子吃奶,不料,孩子死了;及至天亮,我細細地察看,不是我所生的孩子。」
ئىككىنچى ئايال: ــ ياق، ئۇنداق ئەمەس. تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، دېدى. لېكىن بىرىنچى ئايال: ــ ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، دېدى. ئۇلار شۇ ھالەتتە پادىشاھنىڭ ئالدىدا تالىشىپ تۇراتتى. | 22 |
那婦人說:「不然,活孩子是我的,死孩子是你的。」這婦人說:「不然,死孩子是你的,活孩子是我的。」她們在王面前如此爭論。
پادىشاھ: ــ بىرى: «تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ» دەيدۇ. ئەمما يەنە بىرى: «ياق، ئۆلگىنى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىك قالغىنى مېنىڭ ئوغلۇم» دەيدۇ، دېدى. | 23 |
王說:「這婦人說『活孩子是我的,死孩子是你的』,那婦人說『不然,死孩子是你的,活孩子是我的』」,
پادىشاھ: ماڭا بىر قىلىچ ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇلار قىلىچنى پادىشاھقا ئېلىپ كەلگەندە | 24 |
就吩咐說:「拿刀來!」人就拿刀來。
پادىشاھ: تىرىك بالىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ يېرىمىنى بىرىگە، يەنە بىر يېرىمنى ئىككىنچىسىگە بېرىڭلار، دېدى. | 25 |
王說:「將活孩子劈成兩半,一半給那婦人,一半給這婦人。」
ئۇ ۋاقىتتا تىرىك بالىنىڭ ئانىسى ئۆز بالىسىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ پادىشاھقا: ــ ئاھ غوجام! تىرىك بالىنى ئۇنىڭغا بەرسىلە، ھەرگىز ئۇنى ئۆلتۈرمىگەيلە! ــ دەپ يالۋۇردى. لېكىن ئىككىنچىسى: ــ ئۇنى نە مېنىڭكى نە سېنىڭكى قىلماي، ئوتتۇرىدىن كېسىڭلار، دېدى. | 26 |
活孩子的母親為自己的孩子心裏急痛,就說:「求我主將活孩子給那婦人吧,萬不可殺他!」那婦人說:「這孩子也不歸我,也不歸你,把他劈了吧!」
پادىشاھ جاۋابەن: ــ تىرىك بالىنى ئۇنىڭغا بېرىڭلار، ئۇنى ھېچ ئۆلتۈرمەڭلار؛ چۈنكى بۇ بالىنىڭ ئانىسى شۇدۇر، دېدى. | 27 |
王說:「將活孩子給這婦人,萬不可殺他;這婦人實在是他的母親。」
پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ قىلغان ھۆكۈمى توغرىسىدا ئاڭلىدى ۋە ئۇلار پادىشاھتىن قورقتى، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىش دانالىقىنىڭ ئۇنىڭدا بارلىقىنى كۆردى. | 28 |
以色列眾人聽見王這樣判斷,就都敬畏他;因為見他心裏有上帝的智慧,能以斷案。