< پادىشاھلار 1 22 >
ئۈچ يىلغىچە سۇرىيە بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولمىغاچقا، ئۇلار تىنچلىقتا ئۆتتى. | 1 |
Fún ọdún mẹ́ta kò sì sí ogun láàrín Aramu àti Israẹli.
ئۈچىنچى يىلدا بولسا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنى يوقلاپ باردى. | 2 |
Ṣùgbọ́n ní ọdún kẹta, Jehoṣafati ọba Juda sọ̀kalẹ̀ lọ láti rí ọba Israẹli.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: ــ گىلېئادتىكى راموت بىزنىڭكى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەرغۇ؟ شۇنداق ئىكەن، نېمىشقا بىز جىم ئولتۇرۇپ، تېخىچە سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىدىن ئۇنى ئالمايمىز؟ ــ دېدى. | 3 |
Ọba Israẹli sì ti wí fún àwọn ìránṣẹ́ rẹ̀ pé, “Ǹjẹ́ ẹ̀yin mọ̀ pé ti wa ni Ramoti Gileadi, àwa sì dákẹ́ síbẹ̀, a kò sì gbà á padà lọ́wọ́ ọba Aramu?”
ئۇ يەھوشافاتقا: ــ جەڭ قىلغىلى مېنىڭ بىلەن گىلېئادتىكى راموتقا بېرىشقا ماقۇل بولامدىلا؟ ــ دەپ سورىدى. يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز سىلىنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز؛ مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ خەلقىدۇر، مېنىڭ ئاتلىرىم سىلىنىڭ ئاتلىرىدۇر، دېدى. | 4 |
Ó sì béèrè lọ́wọ́ Jehoṣafati pé, “Ṣé ìwọ yóò bá mi lọ láti lọ bá Ramoti Gileadi jà?” Jehoṣafati sì dá ọba Israẹli lóhùn pé, “Èmi bí ìwọ, ènìyàn mi bí ènìyàn rẹ, ẹṣin mi bí ẹṣin rẹ.”
لېكىن يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى سوراپ كۆرگەيلا، دېدى. | 5 |
Ṣùgbọ́n Jehoṣafati sì tún wí fún ọba Israẹli pé, “Kọ́kọ́ béèrè lọ́wọ́ Olúwa.”
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەيغەمبەرلەرنى، يەنى تۆت يۈزچە ئادەمنى يىغدۇرۇپ ئۇلاردىن: ــ سوقۇشقىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقسام بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: ــ چىققىن، رەب ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېيىشتى. | 6 |
Nígbà náà ni ọba Israẹli kó àwọn wòlíì jọ, bí irinwó ọkùnrin. Ó sì béèrè lọ́wọ́ wọn pé, “Ṣé kí n lọ sí Ramoti Gileadi lọ jagun, tàbí kí èmi kí ó jọ̀wọ́ rẹ̀?” Wọ́n sì dáhùn pé, “Lọ, nítorí tí Olúwa yóò fi lé ọba lọ́wọ́.”
لېكىن يەھوشافات بولسا: ــ بۇلاردىن باشقا، يول سورىغۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 7 |
Ṣùgbọ́n Jehoṣafati béèrè pé, “Ǹjẹ́ wòlíì Olúwa kan kò sí níhìn-ín, tí àwa ìbá béèrè lọ́wọ́ rẹ̀?”
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگاردىن يول سورايدىغان يەنە بىر ئادەم بار؛ لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بەرگەچكە، مەن ئۇنى ئۆچ كۆرىمەن. ئۇ بولسا ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر، دېدى. يەھوشافات: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇنداق دېمىگەيلا، دېدى. | 8 |
Ọba Israẹli dá Jehoṣafati lóhùn pé, “Ọkùnrin kan ṣì wà, lọ́dọ̀ ẹni tí àwa lè béèrè lọ́wọ́ Olúwa, ṣùgbọ́n mo kórìíra rẹ̀ nítorí kì í sọ àsọtẹ́lẹ̀ rere kan nípa mi, bí kò ṣe ibi. Mikaiah ọmọ Imla ni.” Jehoṣafati sì wí pé, “Kí ọba má ṣe sọ bẹ́ẹ̀.”
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر چاكىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ چاققان بېرىپ، ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى چاقىرتىپ كەل، دەپ بۇيرۇدى. | 9 |
Bẹ́ẹ̀ ni ọba Israẹli sì pe ìránṣẹ́ kan, ó sì wí pé, “Lọ yára mú Mikaiah, ọmọ Imla wá.”
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات شاھانە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى خاماندا ھەربىرى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشارەت بەرمەكتە ئىدى. | 10 |
Ọba Israẹli àti Jehoṣafati ọba Juda jókòó lórí ìtẹ́ wọn, wọ́n wọ aṣọ ìgúnwà wọn ní ìta ẹnu ibodè Samaria, gbogbo àwọn wòlíì náà sì ń sọtẹ́lẹ̀ níwájú wọn.
كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا بولسا ئۆزى تۆمۈردىن مۈڭگۈزلەرنى ياساپ چىقىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئۈسۈپ ئۇرسىلا»، دېدى. | 11 |
Sedekiah ọmọ Kenaana sì ṣe ìwo irin fún ara rẹ̀, ó sì wí pé, “Báyìí ni Olúwa wí: ‘Wọ̀nyí ni ìwọ yóò fi kan àwọn ará Aramu títí ìwọ yóò fi run wọ́n.’”
ھەممە پەيغەمبەرلەر شۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەت بېرىپ: «گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ سۆزسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىكەن»، دېيىشتى. | 12 |
Gbogbo àwọn wòlíì tókù sì ń sọtẹ́lẹ̀ ohun kan náà wí pé, “Kọlu Ramoti Gileadi, kí o sì ṣẹ́gun.” Wọ́n sì wí pé, “Nítorí tí Olúwa yóò fi lé ọba lọ́wọ́.”
مىكايانى قىچقىرغىلى بارغان خەۋەرچى ئۇنىڭغا: ــ مانا، ھەممە پەيغەمبەرلەر بىردەك پادىشاھقا ياخشى خەۋەر بەرمەكتە؛ ئەمدى ئۆتۈنىمەن، سېنىڭ سۆزۈڭمۇ ئۇلارنىڭ سۆزى بىلەن بىردەك بولۇپ، ياخشى بىر خەۋەرنى بەرگىن، دېدى. | 13 |
Ìránṣẹ́ tí ó lọ pe Mikaiah wí fún un pé, “Wò ó, ẹnu kan náà ni ọ̀rọ̀ àwọn wòlíì fi jẹ́ rere fún ọba. Jẹ́ kí ọ̀rọ̀ rẹ bá ti àwọn tókù mu, kí o sì sọ rere.”
ئەمما مىكايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە ئېيتسا، مەن شۇنى ئېيتىمەن، دېدى. | 14 |
Ṣùgbọ́n Mikaiah wí pé, “Bí Olúwa ti wà, ohun tí Olúwa bá sọ fún mi ni èmi yóò sọ fún un.”
ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئى مىكايا، جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېدى. | 15 |
Nígbà tí ó sì dé, ọba sì béèrè lọ́wọ́ rẹ̀ pé, “Mikaiah, ṣé kí a lọ bá Ramoti Gileadi jagun, tàbí kí a jọ̀wọ́ rẹ̀?” Ó sì dáhùn wí pé, “Lọ, kí o sì ṣẹ́gun, nítorí Olúwa yóò fi lé ọba lọ́wọ́.”
لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى. | 16 |
Ọba sì wí fún un pé, “Ìgbà mélòó ni èmi yóò fi ọ bú pé kí o má ṣe sọ ohun kan fún mi bí kò ṣe òtítọ́ ní orúkọ Olúwa?”
مىكايا: ــ مەن پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ تاغلاردا پادىچىسىز قويلاردەك تارىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار: «بۇلارنىڭ ئىگىسى يوق؛ بۇلارنىڭ ھەربىرى تىنچ-ئامان ئۆز ئۆيىگە قايتسۇن»، دېدى، ــ دېدى. | 17 |
Mikaiah sì dáhùn pé, “Mo rí gbogbo Israẹli túká kiri lórí àwọn òkè bí àgùntàn tí kò ní olùṣọ́, Olúwa sì wí pé, ‘Àwọn wọ̀nyí kò ní olúwa. Jẹ́ kí olúkúlùkù padà sí ilé rẹ̀ ní àlàáfíà.’”
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مانا، مەن سىلىگە «ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى ھامان بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بېرىدۇ»، دېمىگەنمىدىم؟ ــ دېدى. | 18 |
Ọba Israẹli sì wí fún Jehoṣafati pé, “Ǹjẹ́ èmi kò sọ fún ọ pé kò sọ àsọtẹ́lẹ̀ ìre kan sí mi rí bí kò ṣe ibi?”
مىكايا يەنە: ــ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن؛ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى، ئاسماننىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئۇنىڭ يېنىدا، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. | 19 |
Mikaiah sì tún wí pé, “Nítorí náà gbọ́ ọ̀rọ̀ Olúwa. Mo rí Olúwa jókòó lórí ìtẹ́ rẹ̀ pẹ̀lú gbogbo ogun ọ̀run dúró ní apá ọ̀tún àti ní apá òsì rẹ̀.
پەرۋەردىگار: «كىم ئاھابنى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ، شۇ يەردە ھالاك بولۇشقا ئالدايدۇ؟» ــ دېدى. بىرسى ئۇنداق، بىرسى مۇنداق دېيىشتى؛ | 20 |
Olúwa sì wí pé, ‘Ta ni yóò tan Ahabu láti kọlu Ramoti Gileadi? Kí ó sì tọ ikú rẹ̀ lọ níbẹ̀?’ “Ẹnìkan wí báyìí, ẹlòmíràn sì sọ òmíràn.
شۇ ۋاقىتتا بىر روھ چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن بېرىپ ئالداي»، دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئالدايسەن؟» ــ دەپ سورىۋىدى، | 21 |
Ẹ̀mí kan sì jáde wá, ó sì dúró níwájú Olúwa, ó sì wí pé, ‘Èmi yóò tàn án.’
ئۇ: ــ «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» ــ دېدى. | 22 |
“Olúwa sì béèrè pé, ‘Báwo?’ “Ó sì wí pé, ‘Èmi yóò jáde lọ, èmi yóò sì di ẹ̀mí èké ní ẹnu gbogbo àwọn wòlíì rẹ̀.’ “Olúwa sì wí pé, ‘Ìwọ yóò tàn án, ìwọ yóò sì borí, jáde lọ, kí o sì ṣe bẹ́ẹ̀.’
مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بۇ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا يالغانچى بىر روھنى سالدى؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ توغراڭدا بالايىئاپەت كۆرسىتىپ سۆزلىدى» ــ دېدى. | 23 |
“Bẹ́ẹ̀ ni Olúwa ti fi ẹ̀mí èké sí ẹnu gbogbo àwọn wòlíì rẹ wọ̀nyí. Olúwa sì ti sọ ibi sí ọ.”
شۇنى ئاڭلاپ كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا كېلىپ مىكايانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قايسى يول بىلەن مەندىن ئۆتۈپ، ساڭا سۆز قىلىشقا باردى؟! ــ دېدى. | 24 |
Nígbà náà ni Sedekiah ọmọ Kenaana sì dìde, ó sì gbá Mikaiah lójú, ó sì wí pé, “Ọ̀nà wo ni ẹ̀mí Olúwa gbà lọ kúrò lọ́dọ̀ mi láti bá ọ sọ̀rọ̀?”
مىكايا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى ئۆيگە يۈگۈرگەن كۈنىدە شۇنى كۆرىسەن، دېدى. | 25 |
Mikaiah sì dáhùn pé, “Ìwọ yóò ṣe ìwádìí ní ọjọ́ tí ìwọ yóò sá pamọ́ sínú ìyẹ̀wù.”
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمدى: ــ مىكايانى ئېلىپ قايتۇرۇپ بېرىپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشقا تاپشۇرۇپ، | 26 |
Ọba Israẹli sì pàṣẹ pé, “Ẹ mú Mikaiah, kí ẹ sì mú un padà sọ́dọ̀ Amoni, olórí ìlú, àti sọ́dọ̀ Joaṣi ọmọ ọba
ئۇلارغا تاپىلاپ: «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنى زىندانغا سولاپ مەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگۈچىلىك قىيناپ نان بىلەن سۇنى ئاز-ئاز بېرىپ تۇرۇڭلار» ــ دېگىن، دەپ بۇيرۇدى. | 27 |
kí ẹ sì wí pé, ‘Báyìí ni ọba wí: Ẹ fi eléyìí sínú túbú, kí ẹ sì fi oúnjẹ ìpọ́njú àti omi ìpọ́njú bọ́ ọ, títí èmi yóò fi padà bọ̀ ní àlàáfíà.’”
مىكايا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلسەڭ، پەرۋەردىگار مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن سۆز قىلمىغان بولىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە: ــ ئەي جامائەت، ھەربىرىڭلار ئاڭلاڭلار، دېدى. | 28 |
Mikaiah sì wí pé, “Bí ìwọ bá padà bọ̀ ní àlàáfíà, Olúwa kò ti ipa mi sọ̀rọ̀.” Ó sì tún wí pé, “Ẹ kíyèsi ọ̀rọ̀ mi, ẹ̀yin ènìyàn gbogbo!”
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات گىلېئادتىكى راموتقا چىقتى. | 29 |
Bẹ́ẹ̀ ni ọba Israẹli àti Jehoṣafati ọba Juda gòkè lọ sí Ramoti Gileadi.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مەن باشقا قىياپەتكە كىرىپ جەڭگە چىقاي؛ سىلى بولسىلا ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ چىققايلا، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشقا قىياپەت بىلەن جەڭگە چىقتى. | 30 |
Ọba Israẹli sì wí fún Jehoṣafati pé, “Èmi yóò pa aṣọ dà, èmi yóò sì lọ sí ojú ìjà, ṣùgbọ́n ìwọ yóò wọ aṣọ ìgúnwà rẹ.” Bẹ́ẹ̀ ni ọba Israẹli pa aṣọ dà, ó sì lọ sí ojú ìjà.
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىدىكى ئوتتۇز ئىككى سەردارغا: ــ چوڭلىرى ياكى كىچىكلىرى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن سوقۇشۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. | 31 |
Ọba Aramu ti pàṣẹ fún àwọn olórí kẹ̀kẹ́ rẹ̀ méjìlélọ́gbọ̀n wí pé, “Ẹ má ṣe bá ẹnìkankan jà, ẹni kékeré tàbí ẹni ńlá, bí kò ṣe ọba Israẹli nìkan.”
ۋە شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە: ــ ئۇنى چوقۇم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى دەپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى بۇرۇلدى. لېكىن يەھوشافات پەرياد كۆتۈردى. | 32 |
Nígbà tí àwọn olórí kẹ̀kẹ́ sì rí Jehoṣafati, wọ́n sì wí pé, “Dájúdájú ọba Israẹli ni èyí.” Bẹ́ẹ̀ ni wọ́n yípadà láti bá a jà, ṣùgbọ́n nígbà tí Jehoṣafati sì kígbe sókè,
جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قوغلىماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى. | 33 |
àwọn olórí kẹ̀kẹ́ sì rí i pé kì í ṣe ọba Israẹli, wọ́n sì padà kúrò lẹ́yìn rẹ̀.
ئەمما بىرەيلەن قارىسىغىلا بىر ئوقيا ئېتىۋىدى، ئوق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ساۋۇتىنىڭ مۈرىسىدىن تۆۋەنكى ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ تەگدى. ئۇ ھارۋىكېشىگە: ھارۋىنى ياندۇرۇپ مېنى سەپتىن چىقارغىن؛ چۈنكى مەن يارىدار بولدۇم، دېدى. | 34 |
Ṣùgbọ́n ẹnìkan sì fa ọrun rẹ̀ láìròtẹ́lẹ̀, ó sì ta ọba Israẹli láàrín ìpàdé ẹ̀wù irin. Ọba Israẹli sì wí fún olùtọ́jú kẹ̀kẹ́ rẹ̀ pé, “Yí ọwọ́ rẹ dà, kí o sì mú mi jáde kúrò nínú ogun. Èmi ti gbọgbẹ́.”
ئۇ كۈنى جەڭ بارغانسېرى قاتتىق بولدى. پادىشاھ بولسا سۇرىيلەرنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇردى. زەخمىدىن قېنى ھارۋىنىڭ تېگىگىچە ئېقىپ، كەچ كىرگەندە ئۇ ئۆلدى. | 35 |
Ogun náà sì le ní ọjọ́ náà, a sì dá ọba dúró nínú kẹ̀kẹ́ kọjú sí àwọn ará Aramu. Ẹ̀jẹ̀ sì sàn jáde láti inú ọgbẹ́ rẹ̀ sí àárín kẹ̀kẹ́ náà, ó sì kú ní àṣálẹ́.
كۈن پاتاردا قوشۇن ئارىسىدا بىر قاتتىق سادا ئاڭلىنىپ: ــ ھەر ئادەم ئۆز شەھىرىگە يانسۇن! ھەربىرى ئۆز يۇرتىغا يېنىپ كەتسۇن! ــ دېيىلدى. | 36 |
A sì kéde la ibùdó já ní àkókò ìwọ̀-oòrùn wí pé, “Olúkúlùkù sí ìlú rẹ̀ àti olúkúlùkù sí ilẹ̀ rẹ̀!”
پادىشاھ ئۆلدى، كىشىلەر ئۇنى سامارىيەگە ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار پادىشاھنى سامارىيەدە دەپنە قىلدى. | 37 |
Bẹ́ẹ̀ ni ọba kú, a sì gbé e wá sí Samaria, wọ́n sì sin ín ní Samaria.
بىرسى پادىشاھنىڭ ھارۋىسىنى سامارىيەنىڭ كۆلىدە [يۇغاندا] (بۇ كۆل پاھىشە ئاياللار يۇيۇنىدىغان جاي ئىدى)، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئىتلار ئۇنىڭ قېنىنى يالىدى. | 38 |
Wọ́n sì wẹ kẹ̀kẹ́ náà ní adágún Samaria, àwọn ajá sì lá ẹ̀jẹ̀ rẹ̀, àwọn àgbèrè sì wẹ ara wọn nínú rẹ̀ gẹ́gẹ́ bí ọ̀rọ̀ Olúwa ti sọ.
ئاھابنىڭ باشقا ئىشلىرى، قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ياسىغان «پىل چىش سارىيى» ۋە بىنا قىلغان ھەممە شەھەرلەر توغرۇلۇق «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 39 |
Ní ti ìyókù ìṣe Ahabu, àti gbogbo èyí tí ó ṣe, àti ilé eyín erin tí ó kọ́, àti gbogbo ìlú tí ó tẹ̀dó, a kò ha kọ wọ́n sínú ìwé ọ̀rọ̀ ọjọ́ àwọn ọba Israẹli?
ئاھاب ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئاھازىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 40 |
Ahabu sì sùn pẹ̀lú àwọn baba rẹ̀. Ahasiah ọmọ rẹ̀ sì jẹ ọba ní ipò rẹ̀.
ئاسانىڭ ئوغلى يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىدا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. | 41 |
Jehoṣafati ọmọ Asa, sì bẹ̀rẹ̀ sí ní jẹ ọba lórí Juda ní ọdún kẹrin Ahabu ọba Israẹli.
يەھوشافات پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز بەش ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئازۇباھ بولۇپ، ئۇ شىلھىنىڭ قىزى ئىدى. | 42 |
Jehoṣafati sì jẹ́ ẹni ọdún márùndínlógójì nígbà tí ó bẹ̀rẹ̀ sí ń jẹ ọba ní ọdún mẹ́ẹ̀ẹ́dọ́gbọ̀n ní Jerusalẹmu. Orúkọ ìyá rẹ̀ ni Asuba ọmọbìnrin Silihi.
ئۇ ھەر ئىشتا ئاتىسى ئاسانىڭ بارلىق يوللىرىدا يۈرۈپ، ئۇلاردىن چىقماي پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىغانىدى؛ خالايىق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. | 43 |
Ó sì rìn nínú gbogbo ọ̀nà Asa baba rẹ̀, kò sì yípadà kúrò nínú rẹ̀; ó sì ṣe èyí tí ó tọ́ ní ojú Olúwa. Kìkì àwọn ibi gíga ni a kò mú kúrò, àwọn ènìyàn sì ń rú ẹbọ, wọ́n sì ń sun tùràrí níbẹ̀.
ۋە يەھوشافات بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بولدى. | 44 |
Jehoṣafati sì wà ní àlàáfíà pẹ̀lú ọba Israẹli.
يەھوشافاتنىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن قۇدرىتى، قانداق جەڭ قىلغانلىرى توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 45 |
Ní ti ìyókù ìṣe Jehoṣafati àti ìṣe agbára rẹ̀ tí ó ṣe, àti bí ó ti jagun sí, a kò ha kọ wọ́n sínú ìwé ọ̀rọ̀ ọjọ́ àwọn ọba Juda?
ئۇ ئاتىسى ئاسانىڭ كۈنلىرىدە زېمىندىن قوغلىۋېتىلمىگەن كەسپىي بەچچىۋازلارنى زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقاردى. | 46 |
Ó pa ìyókù àwọn ọkùnrin alágbèrè ojúbọ òrìṣà ní ọjọ́ Asa baba rẹ̀ run kúrò ní ilẹ̀ náà.
ئۇ ۋاقىتتا ئېدومنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى، بەلكى بىر ۋالىي ھۆكۈم سۈرەتتى. | 47 |
Nígbà náà kò sí ọba ní Edomu; adelé kan ni ọba.
يەھوشافات ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بىر «تارشىش كېمە» ئەترىتىنى قۇردى. لېكىن كېمىلەر ھېچيەرگە بارالمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئەزىئون-گەبەردە ئۇرۇلۇپ ۋەيران بولغانىدى. | 48 |
Jehoṣafati kan ọkọ̀ Tarṣiṣi láti lọ sí Ofiri fún wúrà, ṣùgbọ́n wọn kò lọ, nítorí àwọn ọkọ̀ náà fọ́ ní Esioni-Geberi.
ئۇ ۋاقىتتا ئاھابنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھوشافاتقا: ــ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بىلەن كېمىلەردە بارسۇن، دېدى. لېكىن يەھوشافات ئۇنىمىدى. | 49 |
Ní ìgbà náà Ahasiah ọmọ Ahabu wí fún Jehoṣafati pé, “Jẹ́ kí àwọn ìránṣẹ́ mi bá àwọn ìránṣẹ́ rẹ lọ nínú ọkọ̀,” ṣùgbọ́n Jehoṣafati kọ̀.
يەھوشافات ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يەھورام ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 50 |
Nígbà náà ni Jehoṣafati sùn pẹ̀lú àwọn baba rẹ̀, a sì sin ín pẹ̀lú àwọn baba rẹ̀ ní ìlú Dafidi, baba rẹ. Jehoramu ọmọ rẹ̀ sì jẹ ọba ní ipò rẹ̀.
ئاھابنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون يەتتىنچى يىلىدا سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولۇپ ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. | 51 |
Ahasiah ọmọ Ahabu bẹ̀rẹ̀ sí jẹ ọba lórí Israẹli ní Samaria ní ọdún kẹtàdínlógún Jehoṣafati ọba Juda, ó sì jẹ ọba ní ọdún méjì lórí Israẹli.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئاتىسىنىڭ يولىدا ۋە ئانىسىنىڭ يولىدا يۈرۈپ، شۇنداقلا ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ يولىدا ماڭدى؛ | 52 |
Ó sì ṣe búburú níwájú Olúwa, nítorí tí ó rìn ní ọ̀nà baba rẹ̀, àti ní ọ̀nà ìyá rẹ̀, àti ní ọ̀nà Jeroboamu ọmọ Nebati, tí ó mú Israẹli dẹ́ṣẹ̀.
ئۇ ئاتىسى قىلغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، بائالنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. | 53 |
Ó sì sin Baali, ó sì ń bọ Baali, ó sì mú Olúwa, Ọlọ́run Israẹli bínú, gẹ́gẹ́ bí i baba rẹ̀ ti ṣe.