< پادىشاھلار 1 21 >
بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ يىزرەئەلدە، سامارىيەنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. | 1 |
Bu ixlardin keyin xundaⱪ boldiki, Yizrǝǝllik Nabotning Yizrǝǝldǝ, Samariyǝning padixaⱨi Aⱨabning ordisining yenida bir üzümzarliⱪi bar idi.
ئاھاب نابوتقا سۆز قىلىپ: ــ ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا بەرگىن، مېنىڭ ئۆيۈمگە يېقىن بولغاچ، ئۇنى بىر سەي-كۆكتاتلىق باغ قىلاي. ئۇنىڭ ئورنىدا ساڭا ئوبدانراق بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي ياكى لايىق كۆرسەڭ باھاسىنى نەق بېرىمەن، دېدى. | 2 |
Aⱨab Nabotⱪa sɵz ⱪilip: — Ɵz üzümzarliⱪingni manga bǝrgin, mening ɵyümgǝ yeⱪin bolƣaq, uni bir sǝy-kɵktatliⱪ baƣ ⱪilay. Uning ornida sanga obdanraⱪ bir üzümzarliⱪ berǝy yaki layiⱪ kɵrsǝng baⱨasini nǝⱪ berimǝn, dedi.
ئەمما نابوت ئاھابقا: ــ پەرۋەردىگار مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى ساڭا سېتىشنى مەندىن نېرى قىلسۇن، دېدى. | 3 |
Əmma Nabot Aⱨabⱪa: — Pǝrwǝrdigar meni ata-bowilirimning mirasini sanga setixni mǝndin neri ⱪilsun, dedi.
ئاھاب يىزرەئەللىك نابوتنىڭ: «ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى ساڭا بەرمەيمەن» دەپ ئېيتقان سۆزىدىن خاپا بولۇپ غەشلىككە چۆمگەن ھالدا ئوردىسىغا قايتتى؛ ئۇ كارىۋاتتا يېتىپ يۈزىنى [تام] تەرەپكە ئۆرۈپ نانمۇ يېمىدى. | 4 |
Aⱨab Yizrǝǝllik Nabotning: «Ata-bowilirimning mirasini sanga bǝrmǝymǝn» dǝp eytⱪan sɵzidin hapa bolup ƣǝxlikkǝ qɵmgǝn ⱨalda ordisiƣa ⱪaytti; u kariwatta yetip yüzini [tam] tǝrǝpkǝ ɵrüp nanmu yemidi.
خوتۇنى يىزەبەل ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: روھىي كەيپىياتىڭ نېمىشقا شۇنچە تۆۋەن، نېمىشقا نان يېمەيسەن؟ ــ دېدى. | 5 |
Hotuni Yizǝbǝl uning ⱪexiƣa kelip: Roⱨiy kǝypiyating nemixⱪa xunqǝ tɵwǝn, nemixⱪa nan yemǝysǝn? — dedi.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مەن يىزرەئەللىك نابوتقا سۆز قىلىپ: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا پۇلغا بەرسەڭ، ياكى لايىق كۆرسەڭ ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېدىم. لېكىن ئۇ: «ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دېدى، ــ دېدى. | 6 |
U uningƣa: — Mǝn Yizrǝǝllik Nabotⱪa sɵz ⱪilip: «Üzümzarliⱪingni manga pulƣa bǝrsǝng, yaki layiⱪ kɵrsǝng uning orniƣa baxⱪa üzümzarliⱪ berǝy» dedim. Lekin u: «Sanga üzümzarliⱪimni bǝrmǝymǝn» dedi, — dedi.
خوتۇنى يىزەبەل ئۇنىڭغا: ــ سەن ھازىر ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە سەلتەنەت قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ قوپۇپ نان يەپ، كۆڭلۈڭنى خۇش قىلغىن؛ مەن ساڭا يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئېرىشتۈرىمەن، دېدى. | 7 |
Hotuni Yizǝbǝl uningƣa: — Sǝn ⱨazir Israilning üstigǝ sǝltǝnǝt ⱪilƣuqi ǝmǝsmu? Ⱪopup nan yǝp, kɵnglüngni hux ⱪilƣin; mǝn sanga Yizrǝǝllik Nabotning üzümzarliⱪini erixtürimǝn, dedi.
ئاندىن ئۇ ئاھابنىڭ نامىدا بىر خەت يېزىپ، ئۈستىگە ئۇنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپ، خەتنى نابوتنىڭ شەھىرىدە ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋاتقان ئاقساقاللار ۋە مۆتىۋەرلەرگە ئەۋەتتى. | 8 |
Andin u Aⱨabning namida bir hǝt yezip, üstigǝ uning mɵⱨürini besip, hǝtni Nabotning xǝⱨiridǝ uning bilǝn turuwatⱪan aⱪsaⱪallar wǝ mɵtiwǝrlǝrgǝ ǝwǝtti.
خەتتە ئۇ مۇنداق يازغانىدى: ــ «روزا تۇتۇش كېرەك دەپ بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزغىن؛ | 9 |
Hǝttǝ u mundaⱪ yazƣanidi: — «Roza tutux kerǝk dǝp buyrup, hǝlⱪning arisida Nabotni tɵrdǝ olturƣuzƣin;
ئىككى ئادەمنى، يەنى بېلىيالنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى نابوتنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇزۇپ: «سەن خۇداغا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئوقۇدۇڭ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈڭلار. ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار». | 10 |
ikki adǝmni, yǝni Beliyalning balisini uning udulida olturƣuzup, ularni Nabotning üstidin ǝrz ⱪilƣuzup: «Sǝn Hudaƣa wǝ padixaⱨⱪa lǝnǝt oⱪudung» dǝp guwaⱨliⱪ bǝrgüzünglar. Andin uni elip qiⱪip qalma-kesǝk ⱪilip ɵltürünglar».
شەھەرنىڭ ئادەملىرى، يەنى ئۇنىڭ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئاقساقالار بىلەن مۆتىۋەرلەر يىزەبەلنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتكەن خېتىدە پۈتۈلگەندەك قىلدى؛ | 11 |
Xǝⱨǝrning adǝmliri, yǝni uning xǝⱨiridǝ turuwatⱪan aⱪsaⱪalar bilǝn mɵtiwǝrlǝr Yizǝbǝlning ularƣa ǝwǝtkǝn hetidǝ pütülgǝndǝk ⱪildi;
ئۇلار روزىنى بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزدى. | 12 |
ular rozini buyrup, hǝlⱪning arisida Nabotni tɵrdǝ olturƣuzdi.
ئاندىن ئۇ ئىككى ئادەم، يەنى بېلىيالنىڭ بالىلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا نابوت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ: «نابوت خۇداغا ۋە پادىشاھقا دەشنەم قىلدى» دەپ گۇۋاھلىق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نابوتنى شەھەرنىڭ تاشقىرىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ، تاشلار بىلەن چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. | 13 |
Andin u ikki adǝm, yǝni Beliyalning baliliri hǝlⱪning aldida Nabot üstidin ǝrz ⱪilip: «Nabot Hudaƣa wǝ padixaⱨⱪa dǝxnǝm ⱪildi» dǝp guwaⱨliⱪ bǝrdi. Xuning bilǝn ular Nabotni xǝⱨǝrning taxⱪiriƣa sɵrǝp elip qiⱪip, taxlar bilǝn qalma-kesǝk ⱪilip ɵltürdi.
ئاندىن ئۇلار يىزەبەلگە ئادەم ئەۋەتىپ: «نابوت چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى» دەپ خەۋەر بەردى. | 14 |
Andin ular Yizǝbǝlgǝ adǝm ǝwǝtip: «Nabot qalma-kesǝk ⱪilip ɵltürüldi» dǝp hǝwǝr bǝrdi.
يىزەبەل نابوتنىڭ چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئاھابقا: قوپۇپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ساڭا پۇلغا بەرگىلى ئۇنىمىغان ئۈزۈمزارلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغىن؛ چۈنكى نابوت ھايات ئەمەس، بەلكى ئۆلدى، دېدى. | 15 |
Yizǝbǝl Nabotning qalma-kesǝk ⱪilinip ɵltürülgǝnlikini angliƣanda Aⱨabⱪa: Ⱪopup, Yizrǝǝllik Nabotning sanga pulƣa bǝrgili unimiƣan üzümzarliⱪini tapxurup alƣin; qünki Nabot ⱨayat ǝmǝs, bǝlki ɵldi, dedi.
شۇنداق بولدىكى، ئاھاب نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن شۇ يەرگە باردى. | 16 |
Xundaⱪ boldiki, Aⱨab Nabotning ɵlgǝnlikini anglap, Yizrǝǝllik Nabotning üzümzarliⱪini igilǝx üqün xu yǝrgǝ bardi.
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبىلىق ئىلىياسقا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 17 |
Lekin Pǝrwǝrdigarning sɵzi Tixbiliⱪ Iliyasⱪa kelip mundaⱪ deyildi: —
«قوپۇپ بېرىپ، سامارىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئىسرائىل پادىشاھى ئاھاب بىلەن ئۇچراشقىن؛ مانا ئۇ نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى. | 18 |
«Ⱪopup berip, Samariyǝdǝ olturuxluⱪ Israil padixaⱨi Aⱨab bilǝn uqraxⱪin; mana u Nabotning üzümzarliⱪida turidu; qünki uni igiliwelix üqün u yǝrgǝ bardi.
ئۇنىڭغا: ــ «ئادەم ئۆلتۈردۈڭمۇ، يېرىنى ئىگىلىۋالدىڭمۇ؟» ــ دېگىن. ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «نابوتنىڭ قېنىنى ئىتلار يالىغان جايدا سېنىڭ قېنىڭنىمۇ ئىتلار يالايدۇ» ــ دېگىن». | 19 |
Uningƣa: — «Adǝm ɵltürdüngmu, yerini igiliwaldingmu?» — degin. Andin uningƣa yǝnǝ sɵz ⱪilip: — Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Nabotning ⱪenini itlar yaliƣan jayda sening ⱪeningnimu itlar yalaydu» — degin».
ئاھاب ئىلىياسقا: ــ ئى دۈشمىنىم، مېنى تاپتىڭمۇ؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ راست، مەن سېنى تاپتىم؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى سېتىۋەتتىڭ. | 20 |
Aⱨab Iliyasⱪa: — I düxminim, meni taptingmu? — dedi. U jawabǝn mundaⱪ dedi: — Rast, mǝn seni taptim; qünki sǝn Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ rǝzillik ⱪilix üqün ɵzüngni setiwǝtting.
پەرۋەردىگار: «مانا، مەن ئۈستۈڭگە بالا چۈشۈرۈپ نەسلىڭنى يوقىتىپ، سەن ئاھابنىڭ ئىسرائىلدا قالغان جەمەتىدىكى ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۈزۈپ يوقىتىمەن؛ | 21 |
Pǝrwǝrdigar: «Mana, Mǝn üstünggǝ bala qüxürüp nǝslingni yoⱪitip, sǝn Aⱨabning Israilda ⱪalƣan jǝmǝtidiki ⱨǝmmǝ ǝrkǝkni, ⱨǝtta ajiz yaki meyip bolsun, ⱨǝmmisini üzüp yoⱪitimǝn;
ۋە سەن مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ ئىسرائىلنى گۇناھقا ئازدۇرغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن» ــ دەيدۇ، ــ دېدى. | 22 |
wǝ sǝn Mening ƣǝzipimni ⱪozƣap Israilni gunaⱨⱪa azdurƣining üqün sening jǝmǝtingni Nibatning oƣli Yǝroboamning jǝmǝti wǝ Ahiyaⱨning oƣli Baaxaning jǝmǝtigǝ ohxax ⱪilimǝn» — dǝydu, — dedi.
ــ يىزەبەل توغرىسىدىمۇ پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «يىزرەئەلنىڭ سېپىلىنىڭ تېشىدا ئىتلار يىزەبەلنى يەيدۇ. | 23 |
— Yizǝbǝl toƣrisidimu Pǝrwǝrdigar sɵz ⱪilip: «Yizrǝǝlning sepilining texida itlar Yizǝbǝlni yǝydu.
ئاھابنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن شەھەردە ئۆلگەنلەرنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگەنلەرنى بولسا ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ» دېدى | 24 |
Aⱨabning jǝmǝtidikilǝrdin xǝⱨǝrdǝ ɵlgǝnlǝrni itlar yǝydu; sǝⱨrada ɵlgǝnlǝrni bolsa asmandiki ⱪuxlar yǝydu» dedi
(بەرھەق، خوتۇنى يىزەبەلنىڭ قۇترىتىشلىرى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلغىلى ئۆزىنى ساتقان ئاھابدەك ھېچكىم يوق ئىدى. | 25 |
(Bǝrⱨǝⱪ, hotuni Yizǝbǝlning ⱪutritixliri bilǝn Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ rǝzillik ⱪilƣili ɵzini satⱪan Aⱨabdǝk ⱨeqkim yoⱪ idi.
ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ قوغلىۋەتكەن ئامورىيلارنىڭ قىلغىنىدەك قىلىپ، يىرگىنچلىك بۇتلارغا تايىنىپ ئەگىشىپ، لەنەتلىك ئىشلارنى قىلاتتى). | 26 |
U Pǝrwǝrdigar Israillarning aldidin ⱨǝydǝp ⱪoƣliwǝtkǝn Amoriylarning ⱪilƣinidǝk ⱪilip, yirginqlik butlarƣa tayinip ǝgixip, lǝnǝtlik ixlarni ⱪilatti).
لېكىن ئاھاب بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ بەدىنىگە بۆز يۆگەپ، روزا تۇتتى. ئۇ بۆز رەختتە ياتاتتى، جىمجىت ماڭاتتى. | 27 |
Lekin Aⱨab bu sɵzlǝrni angliƣanda ɵz kiyimlirini yirtip bǝdinigǝ bɵz yɵgǝp, roza tutti. U bɵz rǝhttǝ yatatti, jimjit mangatti.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبىلىق ئىلىياسقا كېلىپ: ــ | 28 |
U waⱪitta Pǝrwǝrdigarning sɵzi Tixbiliⱪ Iliyasⱪa kelip: —
«ئاھابنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى قانداق تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ ئۆزىنى مېنىڭ ئالدىمدا تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ بالانى ئۇنىڭ كۈنلىرىدە كەلتۈرمەيمەن، بەلكى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ئۇنىڭ جەمەتىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېيىلدى. | 29 |
«Aⱨabning Mening aldimda ɵzini ⱪandaⱪ tɵwǝn tutuwatⱪanliⱪini kɵrdüngmu? U ɵzini Mening aldimda tɵwǝn tutuwatⱪanliⱪi tüpǝylidin, bu balani uning künliridǝ kǝltürmǝymǝn, bǝlki uning oƣlining künliridǝ uning jǝmǝtigǝ kǝltürimǝn» — deyildi.