< پادىشاھلار 1 20 >
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد پۈتكۈل قوشۇنىنى جەم قىلدى؛ ئۇ ئوتتۇز ئىككى پادىشاھنى ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئېلىپ چىقىپ، سامارىيەگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. | 1 |
UBenihadadi inkosi yeSiriya wasebutha ibutho lakhe lonke, elamakhosi angamatshumi amathathu lambili, lamabhiza lezinqola. Wenyuka wayavimbezela iSamariya, walwa layo.
ئۇ ئەلچىلەرنى شەھەرگە كىرگۈزۈپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: ــ | 2 |
Wathuma izithunywa kuAhabi inkosi yakoIsrayeli, emzini, wathi kuye: Utsho njalo uBenihadadi:
«بەن-ھاداد مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ كۈمۈش بىلەن ئالتۇنۇڭ، سېنىڭ ئەڭ چىرايلىق خوتۇنلىرىڭ بىلەن بالىلىرىڭمۇ مېنىڭكىدۇر» دەپ يەتكۈزدى. | 3 |
Isiliva sakho legolide lakho ngokwami, labafazi bakho labantwana bakho abahle ngabami.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا: ــ ئى غوجام پادىشاھ، سىلى ئېيتقانلىرىدەك مەن ئۆزۈم ۋە بارلىقىم سىلىنىڭكىدۇر، دەپ جاۋاب بەردى. | 4 |
Inkosi yakoIsrayeli yasiphendula yathi: Njengokwelizwi lakho, nkosi yami, nkosi, ngingowakho, lakho konke engilakho.
ئەلچىلەر يەنە كېلىپ: ــ «بەن-ھاداد سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ــ ساڭا دەرۋەقە: ــ سېنىڭ كۈمۈش بىلەن ئالتۇنۇڭنى، سېنىڭ خوتۇنلىرىڭ بىلەن بالىلىرىڭنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىسەن، دېگەن خەۋەرنى ئەۋەتتىم. | 5 |
Izithunywa zasezibuyela zathi: Utsho njalo uBenihadadi uthi: Lanxa ngithumele kuwe ngisithi: Isiliva sakho legolide lakho labafazi bakho labantwana bakho, kunike mina;
لېكىن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا خىزمەتكارلىرىمنى يېنىڭغا ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئورداڭ بىلەن خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇپ، سېنىڭ كۆزلىرىڭدە نېمە ئەزىز بولسا، ئۇلار شۇنى قولىغا ئېلىپ كېلىدۇ» ــ دېدى. | 6 |
kube kanti phose ngalesisikhathi kusasa ngizathuma kuwe izinceku zami, zizaguduza indlu yakho lezindlu zezinceku zakho; kuzakuthi-ke, yonke into ethandekayo emehlweni akho, zizayifaka esandleni sazo ziyithathe.
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى زېمىندىكى ھەممە ئاقساقاللارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ بۇ كىشىنىڭ قانداق ئاۋارىچىلىك چىقارماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ قېلىڭلار. ئۇ ماڭا خەۋەر ئەۋەتىپ مەندىن خوتۇنلىرىم بىلەن بالىلىرىم، كۈمۈش بىلەن ئالتۇنلىرىمنى تەلەپ قىلغىنىدا مەن ئۇنىڭغا ياق دېمىدىم، دېدى. | 7 |
Ngakho inkosi yakoIsrayeli yabiza bonke abadala belizwe yathi: Ake linanzelele libone ukuthi lo udinga ububi, ngoba uthumele kimi ngabafazi bami langabantwana bami langesiliva sami langegolide lami, njalo kangimalelanga.
بارلىق ئاقساقاللار بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا: ــ قۇلاق سالمىغىن، ئۇنىڭغا ماقۇل دېمىگىن، دېدى. | 8 |
Bonke abadala labo bonke abantu basebesithi kuyo: Ungalaleli, njalo ungavumi.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئەلچىلىرىگە: ــ غوجام پادىشاھقا، سىلى ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆز كەمىنىلىرىدىن دەسلەپتە سورىغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىمەن؛ لېكىن كېيىنكىسىگە ماقۇل دېيەلمەيمەن، دەپ بېرىڭلار، ــ دېدى. ئەلچىلەر يېنىپ بېرىپ شۇ سۆزنى يەتكۈزدى. | 9 |
Wasesithi kuzo izithunywa zikaBenihadadi: Tshelani inkosi yami, inkosi ukuthi: Konke eyakuthumela encekwini yayo kuqala ngizakwenza; kodwa linto kangilamandla okuyenza. Izithunywa zasezihamba, zayibuyisela ilizwi.
بەن-ھاداد ئۇنىڭغا يەنە خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ «پۈتكۈل سامارىيە شەھىرىدە ماڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ قوللىرىغا ئوچۇملىغۇدەك توپا قېلىپ قالسا، ئىلاھلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قىلسۇن!» ــ دېدى. | 10 |
UBenihadadi wasethumela kuye wathi: Kabenze njalo onkulunkulu kimi, bengezelele njalo, uba ubhuqu lweSamariya lungenela izandla ezigcweleyo zabo bonke abantu abangilandelayo.
لېكىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى جاۋاب بېرىپ: ــ «ساۋۇت-قوراللار بىلەن جابدۇنغۇچى ساۋۇت-قوراللاردىن يېشىنگۈچىدەك ماختىنىپ كەتمىسۇن!» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى. | 11 |
Inkosi yakoIsrayeli yasiphendula yathi: Mtsheleni: Lowo obhinca izikhali kangaziqakisi njengozikhululayo.
بەن-ھاداد بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا ھەرقايسى پادىشاھلار بىلەن چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىۋاتاتتى. ئۇ خىزمەتكارلىرىغا: ــ سەپكە تىزىلىڭلار، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ئۇلار شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تىزىلىشتى. | 12 |
Kwasekusithi esizwa lelilizwi esanatha, yena lamakhosi emadumbeni, wathi ezincekwini zakhe: Zimiseni! Zasezizimisa ukumelana lomuzi.
ئۇ ۋاقىتتا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ زور بىر توپ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ مانا، مەن بۇ كۈنى ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن»، دېدى. | 13 |
Khangela-ke, umprofethi othile wasondela kuAhabi inkosi yakoIsrayeli, wathi: Itsho njalo iNkosi: Uyalibona lelixuku lonke elikhulu yini? Khangela, ngizalinikela esandleni sakho lamuhla, njalo uzakwazi ukuthi mina ngiyiNkosi.
ئاھاب: ــ كىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولىدۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرى بىلەن بولىدۇ»، دېدى. ئۇ يەنە: ــ كىم ھۇجۇمنى باشلايدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ سەن ئۆزۈڭ، دېدى. | 14 |
UAhabi wasesithi: Ngobani? Wasesithi: Itsho njalo iNkosi: Ngamajaha abaphathi bezabelo. Wasesithi: Ngubani ozaqalisa impi? Wasesithi: Wena.
ئۇ ۋاقىتتا ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرىنى سانىۋىدى، ئۇلارنىڭ سانى ئىككى يۈز ئوتتۇز ئىككى نەپەر چىقتى. ئاندىن كېيىن ئۇ ھەممە خەلقنى، يەنى بارلىق ئىسرائىللارنى سانىۋىدى، ئۇلارنىڭ سانى يەتتە مىڭ نەپەر چىقتى. | 15 |
Wasebala amajaha abaphathi bezabelo, ayengamakhulu amabili lamatshumi amathathu lambili; lemva kwawo wabala bonke abantu, bonke abantwana bakoIsrayeli, izinkulungwane eziyisikhombisa.
ئىسرائىللار شەھەردىن چۈش ۋاقتىدا چىقتى. بەن-ھاداد بىلەن شۇ پادىشاھلار، يەنى ياردەمگە كەلگەن ئوتتۇز ئىككى پادىشاھ بولسا چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىپ مەست بولۇشقانىدى. | 16 |
Basebephuma emini, uBenihadadi esenathe wadakwa emadumbeni, yena lamakhosi, amakhosi angamatshumi amathathu lambili ayemsiza.
ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرى يۈرۈشتە ئاۋۋال ماڭدى. بەن-ھاداد ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: ــ «سامارىيەدىن ئادەملەر كېلىۋاتىدۇ» ــ دېدى. | 17 |
Amajaha abaphathi bezabelo asephuma kuqala. UBenihadadi wasethuma, basebemtshela besithi: Kuphume amadoda eSamariya.
ئۇ: ــ ئەگەر سۈلھى تۈزۈشكە چىققان بولسا ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار، ئەگەر سوقۇشقىلى چىققان بولسىمۇ ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار، دېدى. | 18 |
Wasesithi: Loba ephumele ukuthula, abambeni ephila; loba-ke ephumele impi, abambeni ephila.
ئەمدى ۋالىيلارنىڭ بۇ غۇلاملىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى قوشۇن شەھەردىن چىقىپ، | 19 |
Lala aphuma emzini, amajaha abaphathi bezabelo, lebutho elawalandelayo.
ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان ئادەمنى چېپىپ ئۆلتۈردى. سۇرىيلەر قاچتى؛ ئىسرائىل ئۇلارنى قوغلىدى. سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد بولسا ئاتقا مىنىپ ئاتلىقلار بىلەن قېچىپ قۇتۇلدى. | 20 |
Babulala, ngulowo lalowo umuntu wakhe. AmaSamariya asebaleka, uIsrayeli wasexotshana lawo, kodwa uBenihadadi inkosi yeSiriya waphunyuka ngebhiza kanye labagadi bamabhiza.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى چىقىپ ھەم ئاتلىقلارنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى بىتچىت قىلىپ سۇرىيلەرنى قاتتىق قىر-چاپ قىلدى. | 21 |
Inkosi yakoIsrayeli yasiphuma, yatshaya amabhiza lenqola, yatshaya phakathi kwamaSiriya ngokubulala okukhulu.
پەيغەمبەر يەنە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزۈڭنى ئوبدان دەڭسەپ، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئويلاپ باققىن. چۈنكى كېلەر يىلى ئەتىيازدا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى سەن بىلەن جەڭ قىلغىلى يەنە چىقىدۇ، دېدى. | 22 |
Lowomprofethi wasesondela enkosini yakoIsrayeli wathi kuyo: Hamba, uziqinise, unanzelele njalo ubone okwenzayo; ngoba ekuthwaseni komnyaka inkosi yeSiriya izakwenyuka imelane lawe.
سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «ئۇلارنىڭ ئىلاھى تاغ ئىلاھى بولغاچقا، ئۇلار بىزگە كۈچلۈك كەلدى. لېكىن بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلار بىلەن سوقۇشساق، جەزمەن ئۇلارغا كۈچلۈك كېلىمىز. | 23 |
Lezinceku zenkosi yeSiriya zathi kuyo: Onkulunkulu babo bangonkulunkulu bezintaba, yikho belamandla kulathi; kube kanti asilwe labo emagcekeni, sibili sizabehlula.
ئەمدى شۇنداق قىلغايلىكى، پادىشاھلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مەنسىپىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ۋالىيلارنى تىكلىگەيلا. | 24 |
Ngakho yenza linto: Susa amakhosi, ngulowo lalowo endaweni yakhe, ubeke izinduna esikhundleni sawo;
ئاندىن سىلى مەھرۇم بولغان قوشۇنلىرىغا باراۋەر بولغان يەنە بىر قوشۇننى، يەنى ئاتنىڭ ئورنىغا ئات، ھارۋىنىڭ ئورنىغا ھارۋا تەييار قىلدۇرۇپ ئۆزلىرىگە يىغقايلا؛ بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلار بىلەن سوقۇشايلى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا كۈچلۈك كەلمەمدۇق؟». ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ شۇنداق قىلدى. | 25 |
njalo wena zibalele ibutho njengebutho eliwileyo kuwe, lebhiza njengebhiza, lenqola njengenqola; njalo sizakulwa labo emagcekeni, isibili sizabehlula. Yasilalela ilizwi labo, yenza njalo.
كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا بەن-ھاداد سۇرىيلەرنى ئېدىتلاپ تولۇق يىغىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئافەك شەھىرىگە چىقتى. | 26 |
Kwasekusithi ekuthwaseni komnyaka uBenihadadi wabala amaSiriya, wenyukela eAfeki ekulweni loIsrayeli.
ئىسرائىللارمۇ ئۆزلىرىنى ئېدىتلاپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ تىكلىۋىدى، سۇرىيلەرنىڭ ئالدىدا خۇددى ئىككى توپ كىچىك ئوغلاق پادىسىدەك كۆرۈندى. لېكىن سۇرىيلەر پۈتكۈل زېمىننى قاپلىغانىدى. | 27 |
Abantwana bakoIsrayeli babalwa-ke, banikwa imiphako, basebephuma ukumelana lawo; abantwana bakoIsrayeli bamisa inkamba phambi kwawo njengemihlanjana yembuzi emibili, kodwa amaSiriya agcwala ilizwe.
ئەمما خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سۇرىيلەر: پەرۋەردىگار تاغ ئىلاھىدۇر، جىلغىلارنىڭ ئىلاھى ئەمەس، دەپ ئېيتقىنى ئۈچۈن، مەن بۇ زور بىر توپ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر»، دېدى. | 28 |
Kwasekusondela umuntu kaNkulunkulu, wakhuluma enkosini yakoIsrayeli wathi: Itsho njalo iNkosi: Ngenxa yokuthi amaSiriya athe: INkosi inguNkulunkulu wezintaba, kodwa kayisuye uNkulunkulu wezihotsha, ngakho ngizanikela esandleni sakho lelixuku lonke elikhulu, njalo lizakwazi ukuthi mina ngiyiNkosi.
ئىككى تەرەپ يەتتە كۈن بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھلىرىدا تۇردى. يەتتىنچى كۈنى سوقۇش باشلاندى. ئىسرائىللار بىر كۈندە سۇرىيلەردىن يۈز مىڭ پىيادە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى. | 29 |
Basebemisa inkamba, enye iqondene lenye, insuku eziyisikhombisa. Kwasekusithi ngosuku lwesikhombisa impi yadibana; abantwana bakoIsrayeli basebetshaya ngosuku lunye amaSiriya azinkulungwane ezilikhulu ahamba ngenyawo.
قالغانلار ئافەك شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالدى؛ لېكىن سېپىلى ئۆرۈلۈپ ئۇلاردىن يىگىرمە يەتتە مىڭ ئادەمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ بېسىپ ئۆلتۈردى. بەن-ھاداد ئۆزى بەدەر قېچىپ شەھەرگە كىرىپ ئىچكىرىدىكى بىر ئۆيگە مۆكۈۋالدى. | 30 |
Labaseleyo babalekela eAfeki emzini; lomduli wawela phezu kwamadoda ayizinkulungwane ezingamatshumi amabili lesikhombisa ayesele. UBenihadadi laye wabaleka, wangena emzini ekamelweni elingaphakathi.
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بىز ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنى رەھىملىك پادىشاھلار دەپ ئاڭلىدۇق؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بەللىرىمىزگە بۆز باغلاپ باشلىرىمىزغا كۇلا يۆگەپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا تەسلىمگە چىقايلى. ئۇ سىلىنىڭ جانلىرىنى ئايارمىكىن؟ ــ دېدى. | 31 |
Lezinceku zakhe zathi kuye: Khangela-ke, sizwile ukuthi amakhosi endlu yakoIsrayeli angamakhosi alesihawu; ake sifake amasaka enkalweni zethu, lamagoda emakhanda ethu, siphumele enkosini yakoIsrayeli; mhlawumbe izagcina umphefumulo wakho uphile.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەللىرىگە بۆز باغلاپ باشلىرىغا كۇلا يۆگەپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ كەمىنىلىرى بەن-ھاداد: «جېنىمنى ئايىغايلا»، دەپ ئىلتىجا قىلدى، دېدى. ئۇ بولسا: ــ ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ مېنىڭ بۇرادىرىم، دېدى. | 32 |
Basebethandela amasaka enkalweni zabo, lamagoda emakhanda abo, bafika enkosini yakoIsrayeli, bathi: Inceku yakho uBenihadadi ithi: Ake ungiyekele ngiphile. Yasisithi: Usaphila yini? Ungumfowethu.
بۇ ئادەملەر بۇ سۆزنى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى، دەپ ئويلاپ، دەرھاللا ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ: ــ بەن-ھاداد سىلىنىڭ بۇرادەرلىرىدۇر! ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بەن-ھاداد ئۇنىڭ قېشىغا چىقتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى قولىدىن تارتىپ جەڭ ھارۋىسىغا چىقاردى. | 33 |
Lamadoda aqaphela ngokukhuthala aphangisa ukukuhluthuna kuyo, athi: Umfowenu uBenihadadi. Yasisithi: Hambani liyemthatha. UBenihadadi wasephumela kuyo, yamkhweza enqoleni.
بەن-ھاداد ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ ئاتام سىلىنىڭ ئاتىلىرىدىن ئالغان شەھەرلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ بېرەي. ئاتام سامارىيەدە رەستە-بازارلىرىنى تىكلىگەندەك سىلى ئۆزلىرى ئۈچۈن دەمەشقتە رەستە-بازارلارنى تىكلەيلا، ــ دېدى. ئاھاب: ــ بۇ شەرت بىلەن سېنى قويۇپ بېرەي، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئەھدە قىلىشتى ۋە ئۇ ئۇنى قويۇپ بەردى. | 34 |
Wasesithi kuyo: Imizi ubaba ayithatha kuyihlo ngizayibuyisela; futhi ungazenzela izitalada eDamaseko njengokwenza kukababa eSamariya. Khona uAhabi wathi: Mina ngizakuyekela uhambe ngalesisivumelwano. Yasisenza laye isivumelwano yamyekela ehamba.
پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە بىرىگە: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، مېنى ئۇرغىن، دېدى. لېكىن ئۇ ئادەم ئۇنى ئۇرغىلى ئۇنىمىدى. | 35 |
Umuntu othile wamadodana abaprofethi wasesithi kumakhelwane wakhe ngelizwi leNkosi uNkulunkulu: Ake ungitshaye. Kodwa lowomuntu wala ukumtshaya.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغىنىڭ ئۈچۈن مانا بۇ يەردىن كەتكىنىڭدە بىر شىر سېنى بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭ يېنىدىن چىققاندا، ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ ئۇنى ئۆلتۈردى. | 36 |
Wasesithi kuye: Ngenxa yokuthi ungalilalelanga ilizwi leNkosi, khangela, ekusukeni kwakho kimi isilwane sizakutshaya. Wasesuka kuye, lesilwane samfica, sambulala.
ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە بىر ئادەمنى تېپىپ ئۇنىڭغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، مېنى ئۇرغىن، دېدى. ئۇ ئادەم ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ زەخىملەندۈردى. | 37 |
Wasethola omunye umuntu wathi: Ake ungitshaye. Lalowomuntu wamtshaya lokumtshaya emlimaza.
ئاندىن پەيغەمبەر بېرىپ ئۆز قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، كۆزلىرىنى تېڭىق بىلەن تېڭىپ يول بويىدا پادىشاھنى كۈتۈپ تۇردى. | 38 |
Ngakho umprofethi wasuka, wamelela inkosi endleleni, ezifihle isimo ngelembu emehlweni.
پادىشاھ شۇ يەردىن ئۆتكەندە ئۇ پادىشاھنى چاقىرىپ: ــ كەمىنىلىرى كەسكىن جەڭ مەيدانىغا چىققانىدىم، ۋە مانا، بىر ئادەم ماڭا بۇرۇلۇپ، بىر كىشىنى تاپشۇرۇپ: «بۇ كىشىگە چىڭ قارىغىن، ھەرقانداق سەۋەبتىن ئۇ يوقاپ كەتسە، سەن ئۆز جېنىڭنى ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىغا تۆلەيسەن؛ بولمىسا بىر تالانت كۈمۈش تۆلەيسەن»، دېدى. | 39 |
Kwasekusithi inkosi idlula, yena wamemeza enkosini wathi: Inceku yakho yaphuma phakathi kwempi; khangela-ke, umuntu waphambuka, waletha umuntu kimi, wathi: Londoloza lumuntu; uba elahleka lokulahleka, khona impilo yakho izakuba sesikhundleni sempilo yakhe, kumbe uhlawule ngethalenta lesiliva.
لېكىن مەن كەمىنىلىرى ئۇ-بۇ ئىش بىلەن بەند بولۇپ كېتىپ، ئۇنى يوقىتىپ قويدۇم، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ بېكىتكىنىڭدەك ساڭا ھۆكۈم قىلىنىدۇ! ــ دېدى. | 40 |
Kwasekusithi inceku yakho isaphathekile lapha lalaphaya, yena wayengekho. Inkosi yakoIsrayeli yasisithi kuye: Sinjalo isahlulelo sakho, ususiqumile wena.
ئۇ دەرھال كۆزلىرىدىن تېڭىقنى ئېلىۋەتتى؛ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنى تونۇپ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆردى. | 41 |
Wasephangisa walisusa ilembu emehlweni akhe. Inkosi yakoIsrayeli yasimazi ukuthi ungowabaprofethi.
پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن ھالاكەتكە بېكىتكەن ئادەمنى قولۇڭدىن قۇتۇلغىلى قويغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جېنىڭ ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىدا ئېلىنىدۇ؛ سېنىڭ خەلقىڭ ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئورنىدا ئېلىنىدۇ»، دېدى. | 42 |
Wasesithi kuyo: Itsho njalo iNkosi: Ngoba umyekele ukuthi aphume esandleni umuntu engimmisele ukumtshabalalisa, ngakho impilo yakho izakuba sesikhundleni sempilo yakhe, labantu bakho esikhundleni sabantu bakhe.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خاپا بولۇپ، غەشلىككە چۆمگەن ھالدا سامارىيەگە قايتىپ ئوردىسىغا كىردى. | 43 |
Inkosi yakoIsrayeli yasisiya endlini yayo inyukumele, ithukuthele, yafika eSamariya.