< پادىشاھلار 1 20 >

سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد پۈتكۈل قوشۇنىنى جەم قىلدى؛ ئۇ ئوتتۇز ئىككى پادىشاھنى ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئېلىپ چىقىپ، سامارىيەگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. 1
Now Ben-hadad king of Aram assembled his entire army. Accompanied by thirty-two kings with their horses and chariots, he marched up, besieged Samaria, and waged war against it.
ئۇ ئەلچىلەرنى شەھەرگە كىرگۈزۈپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: ــ 2
Then he sent messengers into the city to Ahab king of Israel,
«بەن-ھاداد مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ كۈمۈش بىلەن ئالتۇنۇڭ، سېنىڭ ئەڭ چىرايلىق خوتۇنلىرىڭ بىلەن بالىلىرىڭمۇ مېنىڭكىدۇر» دەپ يەتكۈزدى. 3
saying, “This is what Ben-hadad says: ‘Your silver and gold are mine, and your best wives and children are mine!’”
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا: ــ ئى غوجام پادىشاھ، سىلى ئېيتقانلىرىدەك مەن ئۆزۈم ۋە بارلىقىم سىلىنىڭكىدۇر، دەپ جاۋاب بەردى. 4
And the king of Israel replied, “Just as you say, my lord the king: I am yours, along with all that I have.”
ئەلچىلەر يەنە كېلىپ: ــ «بەن-ھاداد سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ــ ساڭا دەرۋەقە: ــ سېنىڭ كۈمۈش بىلەن ئالتۇنۇڭنى، سېنىڭ خوتۇنلىرىڭ بىلەن بالىلىرىڭنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىسەن، دېگەن خەۋەرنى ئەۋەتتىم. 5
The messengers came back and said, “This is what Ben-hadad says: ‘I have sent to you to demand your silver, your gold, your wives, and your children.
لېكىن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا خىزمەتكارلىرىمنى يېنىڭغا ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئورداڭ بىلەن خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇپ، سېنىڭ كۆزلىرىڭدە نېمە ئەزىز بولسا، ئۇلار شۇنى قولىغا ئېلىپ كېلىدۇ» ــ دېدى. 6
But about this time tomorrow I will send my servants to search your palace and the houses of your servants. They will seize and carry away all that is precious to you.’”
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى زېمىندىكى ھەممە ئاقساقاللارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ بۇ كىشىنىڭ قانداق ئاۋارىچىلىك چىقارماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ قېلىڭلار. ئۇ ماڭا خەۋەر ئەۋەتىپ مەندىن خوتۇنلىرىم بىلەن بالىلىرىم، كۈمۈش بىلەن ئالتۇنلىرىمنى تەلەپ قىلغىنىدا مەن ئۇنىڭغا ياق دېمىدىم، دېدى. 7
Then the king of Israel summoned all the elders of the land and said, “Please take note and see that this man is looking for trouble, for when he demanded my wives, my children, my silver, and my gold, I did not deny him.”
بارلىق ئاقساقاللار بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا: ــ قۇلاق سالمىغىن، ئۇنىڭغا ماقۇل دېمىگىن، دېدى. 8
And the elders and the people all said, “Do not listen to him or consent to his terms.”
بۇنىڭ بىلەن ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئەلچىلىرىگە: ــ غوجام پادىشاھقا، سىلى ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆز كەمىنىلىرىدىن دەسلەپتە سورىغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىمەن؛ لېكىن كېيىنكىسىگە ماقۇل دېيەلمەيمەن، دەپ بېرىڭلار، ــ دېدى. ئەلچىلەر يېنىپ بېرىپ شۇ سۆزنى يەتكۈزدى. 9
So Ahab answered the messengers of Ben-hadad, “Tell my lord the king, ‘All that you demanded of your servant the first time I will do, but this thing I cannot do.’” So the messengers departed and relayed the message to Ben-hadad.
بەن-ھاداد ئۇنىڭغا يەنە خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ «پۈتكۈل سامارىيە شەھىرىدە ماڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ قوللىرىغا ئوچۇملىغۇدەك توپا قېلىپ قالسا، ئىلاھلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قىلسۇن!» ــ دېدى. 10
Then Ben-hadad sent another message to Ahab: “May the gods deal with me, and ever so severely, if enough dust remains of Samaria for each of my men to have a handful.”
لېكىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى جاۋاب بېرىپ: ــ «ساۋۇت-قوراللار بىلەن جابدۇنغۇچى ساۋۇت-قوراللاردىن يېشىنگۈچىدەك ماختىنىپ كەتمىسۇن!» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى. 11
And the king of Israel replied, “Tell him: ‘The one putting on his armor should not boast like one taking it off.’”
بەن-ھاداد بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا ھەرقايسى پادىشاھلار بىلەن چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىۋاتاتتى. ئۇ خىزمەتكارلىرىغا: ــ سەپكە تىزىلىڭلار، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ئۇلار شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تىزىلىشتى. 12
Ben-hadad received this message while he and the kings were drinking in their tents, and he said to his servants, “Take your positions.” So they stationed themselves against the city.
ئۇ ۋاقىتتا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ زور بىر توپ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ مانا، مەن بۇ كۈنى ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن»، دېدى. 13
Meanwhile a prophet approached Ahab king of Israel and declared, “This is what the LORD says: ‘Do you see this entire great army? Behold, I will deliver it into your hand this very day, and you will know that I am the LORD.’”
ئاھاب: ــ كىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولىدۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرى بىلەن بولىدۇ»، دېدى. ئۇ يەنە: ــ كىم ھۇجۇمنى باشلايدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ سەن ئۆزۈڭ، دېدى. 14
“By whom?” Ahab asked. And the prophet replied, “This is what the LORD says: ‘By the young officers of the district governors.’” “Who will start the battle?” asked Ahab. “You will,” answered the prophet.
ئۇ ۋاقىتتا ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرىنى سانىۋىدى، ئۇلارنىڭ سانى ئىككى يۈز ئوتتۇز ئىككى نەپەر چىقتى. ئاندىن كېيىن ئۇ ھەممە خەلقنى، يەنى بارلىق ئىسرائىللارنى سانىۋىدى، ئۇلارنىڭ سانى يەتتە مىڭ نەپەر چىقتى. 15
So Ahab assembled the young officers of the district governors, and there were 232 men. And after them, he assembled the rest of the Israelite troops, 7,000 in all.
ئىسرائىللار شەھەردىن چۈش ۋاقتىدا چىقتى. بەن-ھاداد بىلەن شۇ پادىشاھلار، يەنى ياردەمگە كەلگەن ئوتتۇز ئىككى پادىشاھ بولسا چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىپ مەست بولۇشقانىدى. 16
They marched out at noon while Ben-hadad and the 32 kings allied with him were in their tents getting drunk.
ۋالىيلارنىڭ غۇلاملىرى يۈرۈشتە ئاۋۋال ماڭدى. بەن-ھاداد ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: ــ «سامارىيەدىن ئادەملەر كېلىۋاتىدۇ» ــ دېدى. 17
And the young officers of the district governors marched out first. Now Ben-hadad had sent out scouts, who reported to him, “Men are marching out of Samaria.”
ئۇ: ــ ئەگەر سۈلھى تۈزۈشكە چىققان بولسا ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار، ئەگەر سوقۇشقىلى چىققان بولسىمۇ ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار، دېدى. 18
“If they have marched out in peace,” he said, “take them alive. Even if they have marched out for war, take them alive.”
ئەمدى ۋالىيلارنىڭ بۇ غۇلاملىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى قوشۇن شەھەردىن چىقىپ، 19
Meanwhile, these young officers of the district governors marched out of the city, with the army behind them,
ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان ئادەمنى چېپىپ ئۆلتۈردى. سۇرىيلەر قاچتى؛ ئىسرائىل ئۇلارنى قوغلىدى. سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد بولسا ئاتقا مىنىپ ئاتلىقلار بىلەن قېچىپ قۇتۇلدى. 20
and each one struck down his opponent. So the Arameans fled, with the Israelites in pursuit. But Ben-hadad king of Aram escaped on horseback with the cavalry.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى چىقىپ ھەم ئاتلىقلارنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى بىتچىت قىلىپ سۇرىيلەرنى قاتتىق قىر-چاپ قىلدى. 21
Then the king of Israel marched out and attacked the horses and chariots, inflicting a great slaughter on the Arameans.
پەيغەمبەر يەنە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزۈڭنى ئوبدان دەڭسەپ، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئويلاپ باققىن. چۈنكى كېلەر يىلى ئەتىيازدا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى سەن بىلەن جەڭ قىلغىلى يەنە چىقىدۇ، دېدى. 22
Afterward, the prophet approached the king of Israel and said, “Go and strengthen your position, and take note what you must do, for in the spring the king of Aram will come up against you.”
سۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «ئۇلارنىڭ ئىلاھى تاغ ئىلاھى بولغاچقا، ئۇلار بىزگە كۈچلۈك كەلدى. لېكىن بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلار بىلەن سوقۇشساق، جەزمەن ئۇلارغا كۈچلۈك كېلىمىز. 23
Meanwhile, the servants of the king of Aram said to him, “Their gods are gods of the hills. That is why they prevailed over us. Instead, we should fight them on the plains; surely then we will prevail.
ئەمدى شۇنداق قىلغايلىكى، پادىشاھلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مەنسىپىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ۋالىيلارنى تىكلىگەيلا. 24
So do this: Dismiss all the kings from their positions and replace them with other officers.
ئاندىن سىلى مەھرۇم بولغان قوشۇنلىرىغا باراۋەر بولغان يەنە بىر قوشۇننى، يەنى ئاتنىڭ ئورنىغا ئات، ھارۋىنىڭ ئورنىغا ھارۋا تەييار قىلدۇرۇپ ئۆزلىرىگە يىغقايلا؛ بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلار بىلەن سوقۇشايلى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا كۈچلۈك كەلمەمدۇق؟». ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ شۇنداق قىلدى. 25
And you must raise an army like the one you have lost—horse for horse and chariot for chariot—so we can fight the Israelites on the plain, where we will surely prevail.” And the king approved their plan and acted accordingly.
كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا بەن-ھاداد سۇرىيلەرنى ئېدىتلاپ تولۇق يىغىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئافەك شەھىرىگە چىقتى. 26
In the spring, Ben-hadad mobilized the Arameans and went up to Aphek to fight against Israel.
ئىسرائىللارمۇ ئۆزلىرىنى ئېدىتلاپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ تىكلىۋىدى، سۇرىيلەرنىڭ ئالدىدا خۇددى ئىككى توپ كىچىك ئوغلاق پادىسىدەك كۆرۈندى. لېكىن سۇرىيلەر پۈتكۈل زېمىننى قاپلىغانىدى. 27
The Israelites also mobilized, gathered supplies, and marched out to meet them. The Israelites camped before them like two small flocks of goats, while the Arameans covered the countryside.
ئەمما خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سۇرىيلەر: پەرۋەردىگار تاغ ئىلاھىدۇر، جىلغىلارنىڭ ئىلاھى ئەمەس، دەپ ئېيتقىنى ئۈچۈن، مەن بۇ زور بىر توپ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر»، دېدى. 28
Then the man of God approached the king of Israel and said, “This is what the LORD says: ‘Because the Arameans think the LORD is a god of the hills and not of the valleys, I will deliver all this great army into your hand. Then you will know that I am the LORD.’”
ئىككى تەرەپ يەتتە كۈن بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھلىرىدا تۇردى. يەتتىنچى كۈنى سوقۇش باشلاندى. ئىسرائىللار بىر كۈندە سۇرىيلەردىن يۈز مىڭ پىيادە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى. 29
For seven days the armies camped opposite each other, and on the seventh day the battle ensued, and the Israelites struck down the Arameans—a hundred thousand foot soldiers in one day.
قالغانلار ئافەك شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالدى؛ لېكىن سېپىلى ئۆرۈلۈپ ئۇلاردىن يىگىرمە يەتتە مىڭ ئادەمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ بېسىپ ئۆلتۈردى. بەن-ھاداد ئۆزى بەدەر قېچىپ شەھەرگە كىرىپ ئىچكىرىدىكى بىر ئۆيگە مۆكۈۋالدى. 30
The rest of them fled into the city of Aphek, where the wall fell on twenty-seven thousand of the remaining men. Ben-hadad also fled to the city and hid in an inner room.
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بىز ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنى رەھىملىك پادىشاھلار دەپ ئاڭلىدۇق؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بەللىرىمىزگە بۆز باغلاپ باشلىرىمىزغا كۇلا يۆگەپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا تەسلىمگە چىقايلى. ئۇ سىلىنىڭ جانلىرىنى ئايارمىكىن؟ ــ دېدى. 31
Then the servants of Ben-hadad said to him, “Look now, we have heard that the kings of the house of Israel are merciful. Let us go out to the king of Israel with sackcloth around our waists and ropes around our heads. Perhaps he will spare your life.”
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەللىرىگە بۆز باغلاپ باشلىرىغا كۇلا يۆگەپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ كەمىنىلىرى بەن-ھاداد: «جېنىمنى ئايىغايلا»، دەپ ئىلتىجا قىلدى، دېدى. ئۇ بولسا: ــ ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ مېنىڭ بۇرادىرىم، دېدى. 32
So with sackcloth around their waists and ropes around their heads, they went to the king of Israel and said, “Your servant Ben-hadad says, ‘Please spare my life.’” And the king answered, “Is he still alive? He is my brother.”
بۇ ئادەملەر بۇ سۆزنى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى، دەپ ئويلاپ، دەرھاللا ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ: ــ بەن-ھاداد سىلىنىڭ بۇرادەرلىرىدۇر! ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بەن-ھاداد ئۇنىڭ قېشىغا چىقتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى قولىدىن تارتىپ جەڭ ھارۋىسىغا چىقاردى. 33
Now the men were looking for a sign of hope, and they quickly grasped at this word and replied, “Yes, your brother Ben-hadad.” “Go and get him!” said the king. Then Ben-hadad came out, and Ahab had him come up into his chariot.
بەن-ھاداد ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ ئاتام سىلىنىڭ ئاتىلىرىدىن ئالغان شەھەرلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ بېرەي. ئاتام سامارىيەدە رەستە-بازارلىرىنى تىكلىگەندەك سىلى ئۆزلىرى ئۈچۈن دەمەشقتە رەستە-بازارلارنى تىكلەيلا، ــ دېدى. ئاھاب: ــ بۇ شەرت بىلەن سېنى قويۇپ بېرەي، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئەھدە قىلىشتى ۋە ئۇ ئۇنى قويۇپ بەردى. 34
Ben-hadad said to him, “I will restore the cities my father took from your father; you may set up your own marketplaces in Damascus, as my father did in Samaria.” “By this treaty I release you,” Ahab replied. So he made a treaty with him and sent him away.
پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە بىرىگە: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، مېنى ئۇرغىن، دېدى. لېكىن ئۇ ئادەم ئۇنى ئۇرغىلى ئۇنىمىدى. 35
Meanwhile, by the word of the LORD, one of the sons of the prophets said to his companion, “Strike me, please!” But the man refused to strike him.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغىنىڭ ئۈچۈن مانا بۇ يەردىن كەتكىنىڭدە بىر شىر سېنى بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭ يېنىدىن چىققاندا، ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ ئۇنى ئۆلتۈردى. 36
Then the prophet said to him, “Because you have not obeyed the voice of the LORD, as soon as you depart from me a lion will kill you.” And when he left, a lion found him and killed him.
ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە بىر ئادەمنى تېپىپ ئۇنىڭغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، مېنى ئۇرغىن، دېدى. ئۇ ئادەم ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ زەخىملەندۈردى. 37
Then the prophet found another man and said, “Strike me, please!” So the man struck him and wounded him,
ئاندىن پەيغەمبەر بېرىپ ئۆز قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، كۆزلىرىنى تېڭىق بىلەن تېڭىپ يول بويىدا پادىشاھنى كۈتۈپ تۇردى. 38
and the prophet went and waited on the road for the king, disguising himself with a bandage over his eyes.
پادىشاھ شۇ يەردىن ئۆتكەندە ئۇ پادىشاھنى چاقىرىپ: ــ كەمىنىلىرى كەسكىن جەڭ مەيدانىغا چىققانىدىم، ۋە مانا، بىر ئادەم ماڭا بۇرۇلۇپ، بىر كىشىنى تاپشۇرۇپ: «بۇ كىشىگە چىڭ قارىغىن، ھەرقانداق سەۋەبتىن ئۇ يوقاپ كەتسە، سەن ئۆز جېنىڭنى ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىغا تۆلەيسەن؛ بولمىسا بىر تالانت كۈمۈش تۆلەيسەن»، دېدى. 39
As the king passed by, he cried out to the king: “Your servant had marched out into the middle of the battle, when suddenly a man came over with a captive and told me, ‘Guard this man! If he goes missing for any reason, your life will be exchanged for his life, or you will weigh out a talent of silver.’
لېكىن مەن كەمىنىلىرى ئۇ-بۇ ئىش بىلەن بەند بولۇپ كېتىپ، ئۇنى يوقىتىپ قويدۇم، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ بېكىتكىنىڭدەك ساڭا ھۆكۈم قىلىنىدۇ! ــ دېدى. 40
But while your servant was busy here and there, the man disappeared.” And the king of Israel said to him, “So shall your judgment be; you have pronounced it on yourself.”
ئۇ دەرھال كۆزلىرىدىن تېڭىقنى ئېلىۋەتتى؛ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇنى تونۇپ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 41
Then the prophet quickly removed the bandage from his eyes, and the king of Israel recognized him as one of the prophets.
پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن ھالاكەتكە بېكىتكەن ئادەمنى قولۇڭدىن قۇتۇلغىلى قويغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جېنىڭ ئۇنىڭ جېنىنىڭ ئورنىدا ئېلىنىدۇ؛ سېنىڭ خەلقىڭ ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئورنىدا ئېلىنىدۇ»، دېدى. 42
And the prophet said to the king, “This is what the LORD says: ‘Because you have let slip from your hand the man I had devoted to destruction, your life will be exchanged for his life, and your people for his people.’”
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خاپا بولۇپ، غەشلىككە چۆمگەن ھالدا سامارىيەگە قايتىپ ئوردىسىغا كىردى. 43
Sullen and angry, the king of Israel went home to Samaria.

< پادىشاھلار 1 20 >