< پادىشاھلار 1 2 >
داۋۇتنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، ئوغلى سۇلايمانغا تاپىلاپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Když se pak čas smrti Davidovy přiblížil, dával přikázaní Šalomounovi synu svému, řka:
«ئەمدى يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بارىدىغان يول بىلەن كېتىمەن. يۈرەكلىك بولۇپ، ئەركەكتەك بولغىن! | 2 |
Jáť již odcházím podlé způsobu všech lidí. Proto posilniž se a měj se zmužile,
سەن بارلىق قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭدا ھەمدە بارلىق نىيەت قىلغان ئىشلىرىڭدا راۋاج تېپىشىڭ ئۈچۈن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇندا پۈتۈلگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى، ئۇنىڭ ئەمرلىرى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى چىڭ تۇتقىن. | 3 |
A ostříhej přikázaní Hospodina Boha svého, chodě po cestách jeho, a zachovávaje ustanovení jeho, rozkázaní jeho, i soudy jeho i svědectví jeho, jakož psáno jest v zákoně Mojžíšově, ať by se šťastně vedlo, což bys koli činil, i všecko, k čemuž bys se obrátil,
شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يولىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنى بىلەن ھەقىقەتتە ماڭسا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقان سۆزىگە ئەمەل قىلىدۇ. | 4 |
A aby naplnil Hospodin slovo své, kteréž mi zaslíbil, mluvě: Budou-li ostříhati synové tvoji cesty své, chodíce přede mnou v pravdě z celého srdce svého a z celé duše své, tak mluvě: Že nebude vypléněn po tobě muž z stolice Izraelské.
ئەمما زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ماڭا قىلغىنىنى، يەنى ئۇنىڭ ئۆزى قانداق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىدىكى ئىككى سەردارنى، يەنى نېرىيانىڭ ئوغلى ئابنەر بىلەن يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، تىنچ مەزگىلدە جەڭدە تۆكۈلگەندەك قان تۆكۈپ، بېلىگە باغلىغان كەمەرگە ۋە پۇتىغا كىيگەن كەشىگە جەڭدە تۆكۈلگەندەك قان چېچىپ، داغ قىلغانلىقىنى بىلىسەن. | 5 |
Také i tom víš, co jest mi učinil Joáb syn Sarvie, totiž, co učinil dvěma hejtmanům vojsk Izraelských, Abnerovi synu Ner, a Amazovi synu Jeter, že je zamordoval, dopustiv se vraždy lstivé v čas pokoje, a zmazal krví zrádně vylitou pás svůj rytířský, kterýž měl na bedrách svých, a obuv svou, kterouž měl na nohách svých.
سەن ئۇنى دانالىقىڭغا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئاق بېشىنىڭ گۆرگە سالامەت چۈشۈشىگە يول قويمىغايسەن. (Sheol ) | 6 |
Protož zachováš se podlé moudrosti své, a nedáš sstoupiti šedinám jeho v pokoji do hrobu. (Sheol )
لېكىن گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ ئوغۇللىرىغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، داستىخىنىڭدىن نان يېگۈزگىن؛ چۈنكى مەن ئاكاڭ ئابشالومدىن قاچقىنىمدا، ئۇلار يېنىمغا كېلىپ ماڭا شۇنداق قىلغان. | 7 |
S syny pak Barzillai Galádského učiníš milosrdenství, tak aby jídali spolu s jinými při stole tvém; nebo tak podobně ke mně přišli, když jsem utíkal před Absolonem bratrem tvým.
ۋە مانا باھۇرىمدىن كەلگەن بىنيامىن قەبىلىسىدىن گېرانىڭ ئوغلى شىمەي يېنىڭدا تۇرىدۇ. ئۇ مەن ماھانائىمغا بارىدىغاندا، ئەشەددىي لەنەت بىلەن مېنى قارغىدى. كېيىن ئۇ ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگارنىڭ [نامى] بىلەن ئۇنىڭغا: «سېنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەيمەن» دەپ قەسەم قىلدىم. | 8 |
Hle, máš také v moci své Semei syna Gery Beniaminského z Bahurim, kterýž mi zlořečil zlořečením velikým v ten den, když jsem šel do Mahanaim, ačkoli potom vyšel mi vstříc k Jordánu, jemuž jsem přisáhl skrze Hospodina, řka: Nezabiji tě mečem.
ئەمما ھازىر ئۇنى گۇناھسىز دەپ سانىمىغىن. ئۆزۈڭ دانا كىشى بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قانداق قىلىشنى بىلىسەن؛ ھەرھالدا ئۇنىڭ ئاق بېشىنى قانىتىپ گۆرگە چۈشۈرگىن». (Sheol ) | 9 |
Nyní však neodpouštěj jemu. A poněvadž jsi muž opatrný, víš, jak bys k němu přistoupiti měl, abys uvedl šediny jeho se krví do hrobu. (Sheol )
داۋۇت ئۆز ئاتا-بوۋلىرى بىلەن بىر يەردە ئۇخلىدى. ئۇ «داۋۇتنىڭ شەھىرى» [دېگەن جايدا] دەپنە قىلىندى. | 10 |
A tak usnul David s otci svými, a pohřben jest v městě Davidově.
داۋۇتنىڭ ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى قىرىق يىل ئىدى؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل سەلتەنەت قىلىپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. | 11 |
Dnů pak, v nichž kraloval David nad Izraelem, bylo čtyřidceti let. V Hebronu kraloval sedm let, a v Jeruzalémě kraloval třidceti a tři léta.
سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇردى؛ ئۇنىڭ سەلتەنىتى خېلى مۇستەھكەملەندى. | 12 |
I dosedl Šalomoun na stolici Davida otce svého, a utvrzeno jest království jeho velmi.
ئەمما ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا سۇلايماننىڭ ئانىسى بات-شېبانىڭ قېشىغا باردى. ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ تىنچلىق مەقسىتىدە كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ شۇنداق، تىنچلىق مەقسىتىدە، دېدى. | 13 |
Tedy přišel Adoniáš syn Haggity k Betsabé matce Šalomounově. Kterážto řekla: Pokojný-li jest příchod tvůj? I odpověděl: Pokojný.
ئۇ يەنە: ــ ساڭا بىر سۆزۈم بار ئىدى، دېدى. ئۇ: ــ سۆزۈڭنى ئېيتقىن، دېدى. | 14 |
Řekl dále: Mám k tobě řeč. I řekla: Mluv.
ئۇ: ــ بىلىسەنكى، پادىشاھلىق ئەسلىدە مېنىڭكى ئىدى، ۋە پۈتۈن ئىسرائىل مېنى پادىشاھ بولىدۇ دەپ، ماڭا قارايتتى. لېكىن پادىشاھلىق مەندىن كېتىپ، ئىنىمنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ ئۇنىڭكى بولدى. | 15 |
Tedy řekl: Ty víš, že mé bylo království, a na mne obrátili všickni Izraelští tvář svou, abych kraloval, ale přeneseno jest království na bratra mého, nebo od Hospodina usouzeno mu bylo.
ئەمدى ساڭا بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن، دېدى. ئۇ: ــ ئېيتقىن، دېدى. | 16 |
Nyní pak jediné věci žádám od tebe, nechť nejsem oslyšán. Kteráž řekla jemu: Mluv.
ئۇ: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، سۇلايمان پادىشاھقا مەن ئۈچۈن ئېيتقىنكى ــ چۈنكى ئۇ ساڭا ياق دېمەيدۇ! ــ ئۇ شۇناملىق ئابىشاگنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسۇن، دېدى. | 17 |
A on řekl: Rci, prosím, Šalomounovi králi, (neboť neoslyší tebe), ať mi dá Abizag Sunamitskou za manželku.
بات-شېبا: ــ ماقۇل؛ سەن ئۈچۈن پادىشاھقا سۆز قىلاي، دېدى. | 18 |
Odpověděla Betsabé: Dobře, jáť budu mluviti o tebe s králem.
بات-شېبا ئادونىيا ئۈچۈن سۆز قىلغىلى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردى. پادىشاھ قوپۇپ ئالدىغا بېرىپ، ئانىسىغا تەزىم قىلدى. ئاندىن تەختىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ پادىشاھنىڭ ئانىسىغا بىر تەختنى كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا: ــ | 19 |
Protož vešla Betsabé k králi Šalomounovi, aby mluvila s ním o Adoniáše. I povstal král proti ní, a pokloniv se jí, posadil se na stolici své; rozkázal také postaviti stolici matce své. I posadila se po pravici jeho,
ساڭا كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن، دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئانا، سوراۋەرگىن، مەن سېنى ياندۇرمايمەن، دېدى. | 20 |
A řekla: Jediné věci neveliké já žádám od tebe, nechť nejsem oslyšána. I řekl jí král: Žádej, matko má, neboť neoslyším tebe.
ئۇ: ــ ئاكاڭ ئادونىياغا شۇناملىق ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بەرگۈزگىن، دېدى. | 21 |
Kteráž řekla: Nechť jest dána Abizag Sunamitská Adoniášovi bratru tvému za manželku.
سۇلايمان پادىشاھ جاۋاب بېرىپ ئانىسىغا: ــ نېمىشقا ئادونىيا ئۈچۈن شۇناملىق ئابىشاگنى سورايسەن؟ ئۇ ئاكام بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئابىياتار كاھىن ئۈچۈن ۋە زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئۈچۈن پادىشاھلىقنىمۇ سورىمامسەن! ــ دېدى. | 22 |
A odpovídaje král Šalomoun, řekl matce své: Proč ty jen žádáš za Abizag Sunamitskou Adoniášovi? Žádej jemu království, poněvadž on jest bratr můj starší nežli já, a má po sobě Abiatara kněze a Joába syna Sarvie.
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئادونىيا شۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلمىسە، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن! | 23 |
I přisáhl král Šalomoun skrze Hospodina, řka: Toto ať mi učiní Bůh a toto přidá, že sám proti sobě mluvil Adoniáš řeč tuto.
مېنىڭ ئورنۇمنى مۇستەھكەم قىلغان، ئاتامنىڭ تەختىدە ئولتۇرغۇزغان، ئۆز ۋەدىسى بويىچە ماڭا بىر ئۆينى قۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنىدۇ، دېدى. | 24 |
Protož nyní, živť jest Hospodin, kterýž mne utvrdil, a posadil na stolici Davida otce mého, a kterýž mi vzdělal dům, jakož byl mluvil, že dnes umříti musí Adoniáš.
شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى بۇ ئىشقا ئەۋەتتى؛ ئۇ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. | 25 |
A tak poslal král Šalomoun Banaiáše syna Joiadova, kterýž udeřil na něj, tak že umřel.
پادىشاھ ئابىياتار كاھىنغا: ــ ماڭ، ئاناتوتتىكى ئۆز ئېتىزلىقىڭغا بارغىن. سەن ئۆلۈمگە لايىقسەن، لېكىن سەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئالدىدا كۆتۈرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ۋە ئاتامنىڭ تارتقان ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمدەرد بولغىنىڭ ئۈچۈن، مەن ھازىر سېنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمەن، دېدى. | 26 |
Abiatarovi knězi také řekl král: Jdi do Anatot k rolí své, nebo jsi hoden smrti. Ale nyní nezabiji tebe, poněvadž jsi nosil truhlu Hospodinovu před Davidem otcem mým, a snášel jsi všecka ta ssoužení, kteráž snášel otec můj.
ئاندىن سۇلايمان ئابىياتارنى پەرۋەردىگارغا كاھىن بولۇشتىن جۇدا قىلىپ ھەيدىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق شىلوھدا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. | 27 |
I svrhl Šalomoun Abiatara s kněžství Hospodinova, aby naplnil řeč Hospodinovu, kterouž byl mluvil proti domu Elí v Sílo.
بۇنىڭ خەۋىرى يوئابقا يەتكەندە (چۈنكى يوئاب ئابشالومغا ئەگەشمىگەن بولسىمۇ، ئادونىياغا ئەگەشكەنىدى) يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتتى. | 28 |
Donesla se pak pověst ta Joába, (nebo Joáb postoupil po Adoniášovi, ačkoli po Absolonovi byl nepostoupil). Protož utekl Joáb k stánku Hospodinovu, a chytil se rohů oltáře.
سۇلايمان پادىشاھقا: «مانا، يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىپ، قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ» دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. سۇلايمان يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى شۇ يەرگە ئەۋەتىپ: ــ ماڭ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى. | 29 |
I oznámeno králi Šalomounovi, že utekl Joáb k stánku Hospodinovu, a že jest u oltáře. Tedy poslal Šalomoun Banaiáše syna Joiadova, řka: Jdi, oboř se na něj.
بىنايا پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ «پادىشاھ سېنى بۇياققا چىقسۇن!» دېدى، دېدى. ئۇ: ــ ياق، مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن، دېدى. بىنايا پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: ــ يوئاب مۇنداق-مۇنداق دېدى، ماڭا شۇنداق جاۋاب بەردى، دېدى. | 30 |
A když přišel Banaiáš k stánku Hospodinovu a řekl jemu: Takto praví král: Vyjdi, odpověděl jemu: Nikoli, ale tuto umru. V tom oznámil zase Banaiáš králi řeč tu, řka: Takto mluvil Joáb, a tak mi odpověděl.
پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ ئۇ ئۆزى دېگەندەك قىلىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈرگىن ۋە ئۇنى دەپنە قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن يوئاب تۆككەن ناھەق قان مەندىن ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەي. | 31 |
Na to řekl jemu král: Učiň, jakž mluvil, a udeř na něj, a pochovej jej, a odejmeš krev nevinnou, kterouž vylil Joáb, ode mne i od domu otce mého.
شۇنداق قىلىپ ئاتام داۋۇت بىخەۋەر ئەھۋالدا ئۇ ئۆزىدىن ئادىل ۋە ئېسىل ئىككى ئادەمنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر بىلەن يەھۇدانىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلىغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇ تۆككەن قاننى ئۆز بېشىغا ياندۇرىدۇ. | 32 |
A navrátí Hospodin krev jeho na hlavu jeho; nebo obořiv se na dva muže spravedlivější a lepší, než jest sám, zamordoval je mečem bez vědomí otce mého Davida, Abnera syna Ner, hejtmana vojska Izraelského, a Amazu syna Jeter, hejtmana vojska Judského.
ئۇلارنىڭ قېنى يوئابنىڭ بېشى ۋە نەسلىنىڭ بېشىغا مەڭگۈ يانغاي؛ لېكىن داۋۇت، ئۇنىڭ نەسلى، جەمەتى ۋە تەختىگە ئەبەدىلئەبەدگىچە پەرۋەردىگاردىن تىنچ-خاتىرجەملىك بولغاي، دېدى. | 33 |
A tak navrátí se krev jejich na hlavu Joábovu, a na hlavu semene jeho na věky, Davidovi pak a semeni jeho, domu jeho a stolici jeho buď pokoj až na věky od Hospodina.
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا چىقىپ ئۇنى چېپىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. ئاندىن ئۇ چۆلدىكى ئۆز ئۆيىدە دەپنە قىلىندى. | 34 |
A protož vyšed Banaiáš syn Joiadův, obořil se na něj, a zabil jej. A pochován jest v domě svém na poušti.
پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئۇنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ سەردارى قىلدى؛ پادىشاھ ئابىياتارنىڭ ئورنىغا زادوكنى كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى. | 35 |
I ustanovil král Banaiáše syna Joiadova místo něho nad vojskem, a Sádocha kněze ustanovil král místo Abiatara.
ئاندىن كېيىن پادىشاھ شىمەينى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭگە بىر ئۆي سېلىپ ئۇ يەردە ئولتۇرغىن. باشقا ھېچ يەرگە چىقما. | 36 |
Zatím poslav král, povolal Semei, a řekl jemu: Ustavěj sobě dům v Jeruzalémě, a tu zůstávej a nevycházej odtud ani sem ani tam.
ئەگەر سەن چىقىپ كىدرون جىلغىسىدىن ئۆتسەڭ، شۇنى ئېنىق بىلىپ قويكى، شۇ كۈندە سەن شەكسىز ئۆلىسەن. سېنىڭ قېنىڭ ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ، دېدى. | 37 |
Nebo v kterýkoli den vyjdeš, a přejdeš přes potok Cedron, věz jistotně, že umřeš; krev tvá bude na hlavu tvou.
شىمەي پادىشاھقا: ــ غوجامنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر. غوجام پادىشاھ ئېيتقاندەك قۇللىرى شۇنداق قىلىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمەي ئۇزۇن ۋاقىتقىچە يېرۇسالېمدا تۇردى. | 38 |
I dí Semei k králi: Dobráť jest ta řeč. Jakož mluvil pán můj král, takť učiní služebník tvůj. A tak bydlil Semei v Jeruzalémě po mnohé dny.
ئۈچ يىلدىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، شىمەينىڭ قۇللىرىدىن ئىككىسى قېچىپ مائاكاھنىڭ ئوغلى، گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. شىمەيگە: ــ مانا قۇللىرىڭ گات شەھىرىدە تۇرىدۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. | 39 |
Stalo se pak po třech letech, že utekli dva služebníci Semei k Achisovi synu Maachy, králi Gát. I pověděli to Semei, řkouce: Hle, služebníci tvoji jsou v Gát.
شىمەي ئېشىكىنى توقۇپ قۇللىرىنى ئىزدىگىلى گاتقا، ئاقىشنىڭ يېنىغا باردى. ئاندىن ئۇ يېنىپ ئۆز قۇللىرىنى گاتتىن ئېلىپ كەلدى. | 40 |
Pročež vstav Semei, osedlal osla svého, a jel do Gát k Achisovi, aby hledal služebníků svých. I navrátil se Semei, a přivedl zase služebníky své z Gát.
سۇلايمانغا: ــ شىمەي يېرۇسالېمدىن گاتقا بېرىپ كەلدى، دەپ خەۋەر يەتكۈزۈلدى. | 41 |
Povědíno pak Šalomounovi, že odšel Semei z Jeruzaléma do Gát, a že se navrátil.
پادىشاھ شىمەينى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ مەن سېنى پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلدۇرۇپ: ــ شۇنى ئېنىق بىلىپ قويكى، سەن قايسى كۈنى چىقىپ بىرەر يەرگە بارغان بولساڭ، سەن شۇ كۈنىدە شەكسىز ئۆلىسەن، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتمىغانمىدىم؟ ئۆزۈڭمۇ، مەن ئاڭلىغان سۆز بەرھەق، دېگەنىدىڭغۇ؟ | 42 |
Tedy poslav král, povolal Semei a řekl jemu: Zdaliž jsem tě přísahou nezavázal skrze Hospodina, a osvědčil jsem proti tobě, řka: V kterýkoli den vyjdeš, a sem i tam choditi budeš, věz jistotně, že smrtí umřeš? A řekl jsi mi: Dobrá jest ta řeč, kterouž jsem slyšel.
شۇنداق بولغانىكەن، نېمىشقا ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان قەسىمىڭنى بۇزۇپ، مەن ساڭا بۇيرۇغان بۇيرۇقۇمنىمۇ تۇتمىدىڭ؟ ــ دېدى. | 43 |
Pročež jsi tedy neostříhal přísahy Hospodinovy a přikázaní, kteréž jsem přikázal tobě?
پادىشاھ شىمەيگە يەنە: سەن ئاتام داۋۇتقا قىلغان ھەممە رەزىللىكنى ئوبدان بىلىسەن، ئۇ كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر. مانا پەرۋەردىگار رەزىللىكىڭنى ئۆز بېشىڭغا ياندۇرىدۇ. | 44 |
Řekl také král k Semei: Ty víš všecko zlé, kteréhož povědomo jest srdce tvé, co jsi učinil Davidovi otci mému, ale Hospodin uvedl zase to tvé zlé na hlavu tvou.
لېكىن سۇلايمان پادىشاھ بولسا بەرىكەتلىنىپ، داۋۇتنىڭ تەختى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىنىدۇ، دېدى. | 45 |
Král pak Šalomoun bude požehnaný, a stolice Davidova stálá před Hospodinem až na věky.
ئاندىن پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا چىقىپ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. پادىشاھلىق بولسا سۇلايماننىڭ قولىدا مۇستەھكەم قىلىندى. | 46 |
I přikázal král Banaiášovi synu Joiadovu, kterýž vyšed, obořil se na něj, tak že umřel. A tak utvrzeno jest království v ruce Šalomounově.