< پادىشاھلار 1 19 >

لېكىن ئاھاب ئىلىياسنىڭ ھەممە قىلغىنىنى، جۈملىدىن ھەممە پەيغەمبەرلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگىنىنى يىزەبەلگە ئېيتىپ بەردى. 1
Lékin Ahab Iliyasning hemme qilghinini, jümlidin hemme peyghemberlerni qilichlap öltürginini Yizebelge éytip berdi.
يىزەبەل بولسا ئىلىياسقا بىر خەۋەرچى ئەۋەتىپ: ــ ئەگەر ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە سەن شۇلارنىڭ جانلىرىغا قىلغىنىڭدەك مەن سېنىڭ جېنىڭنى ئوخشاش قىلمىسام، ئىلاھلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ھەمدە ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە قىلسۇن! ــ دەپ ئېيتقۇزدى. 2
Yizebel bolsa Iliyasqa bir xewerchi ewetip: — Eger ete mushu waqitqiche sen shularning janlirigha qilghiningdek men séning jéningni oxshash qilmisam, ilahlar mangimu shundaq qilsun hemde uningdinmu ziyade qilsun! — dep éytquzdi.
ئۇ بۇنى بىلگەندە، ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماق ئۈچۈن قېچىپ يەھۇدا تەۋەسىدىكى بەئەر-شېباغا باردى. ئۇ ئۇ يەردە ئۆز خىزمەتكارىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، 3
U buni bilgende, öz jénini qutquzmaq üchün qéchip Yehuda tewesidiki Beer-Shébagha bardi. U u yerde öz xizmetkarini qaldurup qoyup,
ئۆزى چۆلنىڭ ئىچىگە قاراپ بىر كۈن يول ماڭدى. ئۇ ئۇ يەردىكى بىر شىۋاقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە تىلەك تىلەپ: ــ ئى پەرۋەردىگار ئەمدى بولدى، جېنىمنى ئالغىن؛ نېمىلا دېگەنبىلەن مەن ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق ئەمەسمەن، ــ دېدى. 4
Özi chölning ichige qarap bir kün yol mangdi. U u yerdiki bir shiwaqning qéshigha kélip uning astida olturup, özining ölümige tilek tilep: — I Perwerdigar emdi boldi, jénimni alghin; némila dégenbilen men ata-bowilirimdin artuq emesmen, — dédi.
ئۇ شۇ شىۋاق ئاستىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. مانا بىر پەرىشتە ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: ــ قوپۇپ، نان يېگىن، دېدى. 5
U shu shiwaq astida yétip uxlap qaldi. Mana bir perishte uni noqup uninggha: — Qopup, nan yégin, dédi.
ئۇ قارىسا بېشىدا قىزىق چوغلاردا پىشىۋاتقان بىر پوشكال ۋە بىر كوزا سۇ تۇراتتى. ئۇ يەپ-ئىچىپ يەنە ئۇخلىغىلى ياتتى. 6
U qarisa béshida qiziq choghlarda pishiwatqan bir poshkal we bir koza su turatti. U yep-ichip yene uxlighili yatti.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەنە كېلىپ ئىككىنچى قېتىم ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: ــ قوپۇپ نان يېگىن. بولمىسا يولۇڭنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرەلمەيسەن، دېدى. 7
Andin Perwerdigarning perishtisi yene kélip ikkinchi qétim uni noqup uninggha: — Qopup nan yégin. Bolmisa yolungning éghirini kötürelmeysen, dédi.
ئۇ قوپۇپ يەپ-ئىچتى. شۇ تائامدىن ئالغان قۇۋۋەت بىلەن ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز مېڭىپ خۇدانىڭ تېغى ھورەبگە يېتىپ باردى. 8
U qopup yep-ichti. Shu taamdin alghan quwwet bilen u qiriq kéche-kündüz méngip Xudaning téghi Horebge yétip bardi.
ئۇ ئۇ يەردىكى غارغا كىرىپ قوندى. ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ ئى ئىلىياس، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ 9
U u yerdiki ghargha kirip qondi. We mana, Perwerdigarning sözi uninggha kélip mundaq déyildi: — I Iliyas, bu yerde néme qiliwatisen?
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن، يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى. 10
U jawab bérip: — Samawi qoshunlarning Serdari bolghan Xuda Perwerdigar üchün zor otluq muhebbet bilen heset qildim. Chünki Israillar Séning ehdengni tashlap qurban’gahliringni yiqitip, Séning peyghemberliringni qilich bilen öltürdi. Men, yalghuz menla qaldim we ular méning jénimni alghili qestlewatidu, dédi.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تاغدا تۇرغىن، دېدى. مانا، پەرۋەردىگار ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى؛ [ئۇنىڭ ئالدىدا] زور كۈچلۈك بىر شامال چىقىپ، تاغلارنى سۇندۇرۇپ، قورام تاشلارنى پارچىلاپ چېقىۋەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار شامالدا ئەمەس ئىدى. شامالدىن كېيىن بىر يەر تەۋرەش بولدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەشتە ئەمەس ئىدى. 11
U uninggha: — Chiqip, Perwerdigarning aldida taghda turghin, dédi. Mana, Perwerdigar ötüp kétiwatatti; [uning aldida] zor küchlük bir shamal chiqip, taghlarni sundurup, qoram tashlarni parchilap chéqiwetti. Lékin Perwerdigar shamalda emes idi. Shamaldin kéyin bir yer tewresh boldi. Lékin Perwerdigar yer tewreshte emes idi.
يەر تەۋرەشتىن كېيىن بىر لاۋۇلدىغان ئوت كۆتۈرۈلدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئوتتا ئەمەس ئىدى. ئوتتىن كېيىن بوشقىنا، مۇلايىم بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. 12
Yer tewreshtin kéyin bir lawuldighan ot kötürüldi. Lékin Perwerdigar otta emes idi. Ottin kéyin boshqina, mulayim bir awaz anglandi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىلىياس شۇنى ئاڭلاپ، يۈزىنى يېپىنچىسى بىلەن ئوراپ غارنىڭ ئاغزىغا بېرىپ تۇردى. مانا، بىر ئاۋاز چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئىلىياس، سەن بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ــ دېدى. 13
We shundaq boldiki, Iliyas shuni anglap, yüzini yépinchisi bilen orap gharning aghzigha bérip turdi. Mana, bir awaz chiqip uninggha: — I Iliyas, sen bu yerde néme qiliwatisen? — dédi.
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى. 14
U jawab bérip: — Samawi qoshunlarning Serdari bolghan Xuda Perwerdigar üchün zor otluq muhebbet bilen heset qildim. Chünki Israillar Séning ehdengni tashlap qurban’gahliringni yiqitip, Séning peyghemberliringni qilich bilen öltürdi. Men yalghuz menla qaldim we ular méning jénimni alghili qestlewatidu, dédi.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ بارغىن، كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىپ، ئاندىن دەمەشقنىڭ چۆلىگە بارغىن. ئۇ يەرگە بارغاندا ھازائەلنى سۇرىيە ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن. 15
Perwerdigar uninggha mundaq dédi: — Barghin, kelgen yolung bilen qaytip, andin Demeshqning chölige barghin. U yerge barghanda Hazaelni Suriye üstige padishah bolushqa mesih qilghin.
ئاندىن نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن؛ ئۆز ئورنۇڭغا پەيغەمبەر بولۇشقا ئابەل-مەھولاھلىق شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىمۇ مەسىھ قىلغىن. 16
Andin Nimshining oghli Yehuni Israilning üstige padishah bolushqa mesih qilghin; öz ornunggha peyghember bolushqa Abel-Meholahliq Shafatning oghli Élishanimu mesih qilghin.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھازائەلنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ھەربىرىنى يەھۇ ئۆلتۈرىدۇ؛ يەھۇنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ھەربىرىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ. 17
We shundaq boliduki, Hazaelning qilichidin qéchip qutulghan herbirini Yehu öltüridu; Yehuning qilichidin qéchip qutulghan herbirini Élisha öltüridu.
لېكىن ئىسرائىلدا يەتتە مىڭ كىشىنى، يەنى بائالنىڭ ئالدىدا تىزلىرىنى پۈكمىگەن ۋە ئۇنىڭغا ئاغزىنى سۆيگۈزمىگەن ھەربىرىنى ئۆزۈمگە ساقلاپ قالدۇردۇم، ــ دېدى. 18
Lékin Israilda yette ming kishini, yeni Baalning aldida tizlirini pükmigen we uninggha aghzini söygüzmigen herbirini özümge saqlap qaldurdum, — dédi.
ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى تاپتى. ئۇ چاغدا ئۇ يەر ھەيدەۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا ئون ئىككى جۈپ ئۇي بار ئىدى، ئۇ ئون ئىككىنچىسى بىلەن قوش ھەيدەۋاتاتتى. ئىلىياس كېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز يېپىنچىسىنى تاشلاپ ئارتىپ قويدى. 19
U u yerdin chiqip, Shafatning oghli Élishani tapti. U chaghda u yer heydewatatti; uning aldida on ikki jüp uy bar idi, u on ikkinchisi bilen qosh heydewatatti. Iliyas kélip uning üstige öz yépinchisini tashlap artip qoydi.
ئۇ ئۇيلارنى تاشلاپ ئىلىياسنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ: ــ مېنى بېرىپ ئاتام بىلەن ئانامنى سۆيگىلى قويغىن، ئاندىن مەن كېلىپ ساڭا ئەگىشەي، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قايتقىن؛ مەن ساڭا نېمە قىلدىم؟ ــ دېدى. 20
U uylarni tashlap Iliyasning keynidin yügürüp kélip: — Méni bérip atam bilen anamni söygili qoyghin, andin men kélip sanga egishey, — dédi. U uninggha: — Qaytqin; men sanga néme qildim? — dédi.
ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئىشلەتكەن بىر جۈپ ئۇينى سويۇپ، ئۇلارنىڭ جابدۇقىنى ئوتۇن قىلىپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ خەلققە بېرىۋىدى، ئۇلار يېدى. ئاندىن ئۇ ئورنىدىن قوپۇپ ئىلىياسنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. 21
U uningdin ayrilip, özi ishletken bir jüp uyni soyup, ularning jabduqini otun qilip, göshini pishurup xelqqe bériwidi, ular yédi. Andin u ornidin qopup Iliyasning keynidin egiship, uning xizmitide boldi.

< پادىشاھلار 1 19 >