< پادىشاھلار 1 18 >
ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى [قۇرغاقچىلىقنىڭ] ئۈچىنچى يىلىدا ئىلىياسقا كېلىپ: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭنى ئاھابنىڭ ئالدىدا ئايان قىلغىن، ۋە مەن يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن، دېيىلدى. | 1 |
Uzun waⱪit ɵtüp, Pǝrwǝrdigarning sɵzi [ⱪurƣaⱪqiliⱪning] üqinqi yilida Iliyasⱪa kelip: — Sǝn berip ɵzüngni Aⱨabning aldida ayan ⱪilƣin, wǝ Mǝn yǝr yüzigǝ yamƣur yaƣdurimǝn, deyildi.
شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس ئۆزىنى ئاھابنىڭ ئالدىدا ئايان قىلغىلى چىقىپ كەتتى. ئاچارچىلىق بولسا سامارىيەدە قاتتىق ئىدى. | 2 |
Xuning bilǝn Iliyas ɵzini Aⱨabning aldida ayan ⱪilƣili qiⱪip kǝtti. Aqarqiliⱪ bolsa Samariyǝdǝ ⱪattiⱪ idi.
ئاھاب ئوردىسىدىكى غوجىدار ئوبادىيانى چاقىردى (ئوبادىيا تولىمۇ تەقۋادار كىشى بولۇپ پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن قورقاتتى. | 3 |
Aⱨab ordisidiki ƣojidar Obadiyani qaⱪirdi (Obadiya tolimu tǝⱪwadar kixi bolup Pǝrwǝrdigardin intayin ⱪorⱪatti.
يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىۋاتقاندا ئوبادىيا يۈز پەيغەمبەرنى ئېلىپ ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن باققانىدى). | 4 |
Yizǝbǝl Pǝrwǝrdigarning pǝyƣǝmbǝrlirini ɵltürüp yoⱪitiwatⱪanda Obadiya yüz pǝyƣǝmbǝrni elip ǝlliktin-ǝlliktin ayrim-ayrim ikki ƣarƣa yoxurup, ularni nan wǝ su bilǝn baⱪⱪanidi).
ئاھاب ئوبادىياغا: ــ زېمىننى كېزىپ ھەممە بۇلاق ۋە ھەممە جىلغىلارغا بېرىپ باققىن؛ ئۇ يەرلەردە ئات-قېچىرلارنى تىرىك ساقلىغۇدەك ئوت-چۆپ تېپىلارمىكىن؟ شۇنداق بولسا بىزنىڭ ئۇلاغلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى سويماي تۇرالارمىز، دېدى. | 5 |
Aⱨab Obadiyaƣa: — Zeminni kezip ⱨǝmmǝ bulaⱪ wǝ ⱨǝmmǝ jilƣilarƣa berip baⱪⱪin; u yǝrlǝrdǝ at-ⱪeqirlarni tirik saⱪliƣudǝk ot-qɵp tepilarmikin? Xundaⱪ bolsa bizning ulaƣlirimizning bir ⱪismini soymay turalarmiz, dedi.
ئۇلار ھەربىرى جايلارغا بۆلۈنۈپ ماڭدى؛ ئاھاب ئۆز ئالدىغا ماڭدى، ئوبادىيامۇ ئۆز ئالدىغا ماڭدى. | 6 |
Ular ⱨǝrbiri jaylarƣa bɵlünüp mangdi; Aⱨab ɵz aldiƣa mangdi, Obadiyamu ɵz aldiƣa mangdi.
ئوبادىيا ئۆز يولىدا كېتىپ بارغاندا، مانا، ئۇنىڭغا ئىلىياس ئۇچرىدى. ئۇ ئۇنى تونۇپ يەرگە يىقىلىپ دۈم يېتىپ: بۇ راست سەن، غوجام ئىلىياسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 7 |
Obadiya ɵz yolida ketip barƣanda, mana, uningƣa Iliyas uqridi. U uni tonup yǝrgǝ yiⱪilip düm yetip: Bu rast sǝn, ƣojam Iliyasmu? — dǝp soridi.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بۇ مەن. بېرىپ ئۆز غوجاڭغا: ــ ئىلىياس قايتىپ كەلدى! دەپ ئېيتقىن، دېدى. | 8 |
U uningƣa: — Bu mǝn. Berip ɵz ƣojangƣa: — Iliyas ⱪaytip kǝldi! dǝp eytⱪin, dedi.
ئۇ ئىلىياسقا مۇنداق دېدى: ــ «سەن قانداقسىگە كەمىنەڭنى ئۆلتۈرگىلى ئاھابنىڭ قولىغا تاپشۇرماقچى بولىسەن، مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم؟ | 9 |
U Iliyasⱪa mundaⱪ dedi: — «Sǝn ⱪandaⱪsigǝ kǝminǝngni ɵltürgili Aⱨabning ⱪoliƣa tapxurmaⱪqi bolisǝn, mǝn zadi nemǝ gunaⱨ ⱪildim?
ئۆز خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام ئادەم ئەۋەتىپ سېنى ئىزدىمىگەن ھېچ ئەل ۋە مەملىكەت قالمىدى. شۇ ئەل، مەملىكەتلەر: «ئۇ بۇ يەردە يوق» دېسە، پادىشاھ ئۇلارغا سېنى تاپالمىغانغا قەسەم ئىچكۈزدى. | 10 |
Ɵz Hudaying Pǝrwǝrdigarning ⱨayati bilǝn ⱪǝsǝm ⱪilimǝnki, ƣojam adǝm ǝwǝtip seni izdimigǝn ⱨeq ǝl wǝ mǝmlikǝt ⱪalmidi. Xu ǝl, mǝmlikǝtlǝr: «U bu yǝrdǝ yoⱪ» desǝ, padixaⱨ ularƣa seni tapalmiƣanƣa ⱪǝsǝm iqküzdi.
لېكىن سەن ماڭا ھازىر: ــ «بېرىپ غوجاڭغا: ــ ئىلىياس قايتىپ كەلدى! دېگىن» ــ دەيسەن! | 11 |
Lekin sǝn manga ⱨazir: — «Berip ƣojangƣa: — Iliyas ⱪaytip kǝldi! degin» — dǝysǝn!
مەن قېشىڭدىن كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سېنى مەن بىلمىگەن يەرگە ئېلىپ بارىدۇ؛ شۇنداقتا مەن ئاھابقا خەۋەر يەتكۈزۈپ، لېكىن ئۇ سېنى تاپالمىسا، مېنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كەمىنەڭ ياشلىقىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ كەلگەنمەن. | 12 |
Mǝn ⱪexingdin kǝtkǝndin keyin, Pǝrwǝrdigarning Roⱨi seni mǝn bilmigǝn yǝrgǝ elip baridu; xundaⱪta mǝn Aⱨabⱪa hǝwǝr yǝtküzüp, lekin u seni tapalmisa, meni ɵltüridu. Əmǝliyǝttǝ, kǝminǝng yaxliⱪimdin tartip Pǝrwǝrdigardin ⱪorⱪup kǝlgǝnmǝn.
يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەندە مېنىڭ قانداق قىلغىنىم، يەنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈزنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەپ باققانلىقىم سەن غوجامغا مەلۇم قىلىنغان ئەمەسمۇ؟ | 13 |
Yizǝbǝl Pǝrwǝrdigarning pǝyƣǝmbǝrlirini ɵltürgǝndǝ mening ⱪandaⱪ ⱪilƣinim, yǝni mǝn Pǝrwǝrdigarning pǝyƣǝmbǝrliridin yüzni ǝlliktin-ǝlliktin ayrim-ayrim ikki ƣarƣa yoxurup, ularni nan wǝ su bilǝn tǝminlǝp baⱪⱪanliⱪim sǝn ƣojamƣa mǝlum ⱪilinƣan ǝmǝsmu?
ئەمدى سەن ھازىر ماڭا: ــ «بېرىپ غوجاڭغا: ــ مانا ئىلىياس كەلدى دېگىن»، ــ دېدىڭ. شۇنداق قىلسام ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ!». | 14 |
Əmdi sǝn ⱨazir manga: — «Berip ƣojangƣa: — Mana Iliyas kǝldi degin», — deding. Xundaⱪ ⱪilsam u meni ɵltüridu!».
لېكىن ئىلىياس: ــ مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن جەزمەن بۈگۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئايان بولىمەن، دېدى. | 15 |
Lekin Iliyas: — Mǝn hizmitidǝ turuwatⱪan samawi ⱪoxunlarning Sǝrdari bolƣan Pǝrwǝrdigarning ⱨayati bilǝn ⱪǝsǝm ⱪilimǝnki, mǝn jǝzmǝn bügün uning aldida ayan bolimǝn, dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئوبادىيا ئاھابنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بەردى. ئاھاب ئىلىياس بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. | 16 |
Xuning bilǝn Obadiya Aⱨabning ⱪexiƣa berip uningƣa hǝwǝr bǝrdi. Aⱨab Iliyas bilǝn kɵrüxkili bardi.
ئاھاب ئىلىياسنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا: ــ بۇ سەنمۇ، ئى ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى؟! ــ دېدى. | 17 |
Aⱨab Iliyasni kɵrgǝndǝ uningƣa: — Bu sǝnmu, i Israilƣa bala kǝltürgüqi?! — dedi.
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى سەن بىلەن ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تاشلاپ بائال دېگەن بۇتلارغا تايىنىپ ئەگەشكەنسىلەر. | 18 |
U jawab berip: — Israilƣa bala kǝltürgüqi mǝn ǝmǝs, bǝlki sǝn bilǝn atangning jǝmǝtidikilǝr! Qünki silǝr Pǝrwǝrdigarning ǝmrlirini taxlap Baal degǝn butlarƣa tayinip ǝgǝxkǝnsilǝr.
ئەمدى ئادەم ئەۋەتىپ كارمەل تېغىدا پۈتكۈل ئىسرائىلنى يېنىمغا جەم قىل، شۇنداقلا يىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان بائالنىڭ تۆت يۈز ئەللىك پەيغەمبىرى بىلەن ئاشەراھنىڭ تۆت يۈز پەيغەمبىرىنى يىغدۇر، ــ دېدى. | 19 |
Əmdi adǝm ǝwǝtip Karmǝl teƣida pütkül Israilni yenimƣa jǝm ⱪil, xundaⱪla Yizǝbǝlning dastihinidin ƣizalinidiƣan Baalning tɵt yüz ǝllik pǝyƣǝmbiri bilǝn Axǝraⱨning tɵt yüz pǝyƣǝmbirini yiƣdur, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئاھاب ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، پەيغەمبەرلەرنى كارمەل تېغىغا يىغدۇردى. | 20 |
Xuning bilǝn Aⱨab Israillarning ⱨǝmmisigǝ adǝmlǝrni ǝwǝtip, pǝyƣǝmbǝrlǝrni Karmǝl teƣiƣa yiƣdurdi.
ئىلىياس بارلىق خەلققە يېقىن كېلىپ: ــ قاچانغىچە ئىككى پىكىر ئارىسىدا ئارىسالدى تۇرىسىلەر؟ ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار؛ بائال خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، دېدى. ئەمما خەلق ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي، ئۈن-تىن چىقارمىدى. | 21 |
Iliyas barliⱪ hǝlⱪⱪǝ yeⱪin kelip: — Ⱪaqanƣiqǝ ikki pikir arisida arisaldi turisilǝr? Əgǝr Pǝrwǝrdigar Huda bolsa, uningƣa ǝgixinglar; Baal Huda bolsa, uningƣa ǝgixinglar, dedi. Əmma hǝlⱪ uningƣa jawab bǝrmǝy, ün-tin qiⱪarmidi.
ئىلىياس خەلققە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەن يالغۇز قالدىم. ئەمما بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى تۆت يۈز ئەللىك كىشىدۇر. | 22 |
Iliyas hǝlⱪⱪǝ: — Pǝrwǝrdigarning pǝyƣǝmbǝrliridin pǝⱪǝt mǝn yalƣuz ⱪaldim. Əmma Baalning pǝyƣǝmbǝrliri tɵt yüz ǝllik kixidur.
ئەمدى بىزگە ئىككى بۇقا بېرىلسۇن. ئۇلار ئۆزلىرىگە بىر بۇقىنى تاللاپ، سويۇپ پارچىلاپ ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن، ئەمما ئوت ياقمىسۇن. مەنمۇ باشقا بىر بۇقىنى تەييار قىلىپ ئوت ياقماي ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قوياي. | 23 |
Əmdi bizgǝ ikki buⱪa berilsun. Ular ɵzlirigǝ bir buⱪini tallap, soyup parqilap otunning üstigǝ ⱪoysun, ǝmma ot yaⱪmisun. Mǝnmu baxⱪa bir buⱪini tǝyyar ⱪilip ot yaⱪmay otunning üstigǝ ⱪoyay.
سىلەر بولساڭلار، ئۆز ئىلاھلىرىڭلارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار. مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىمەن. قايسى خۇدا ئوت بىلەن جاۋاب بەرسە، شۇ خۇدا بولسۇن، دېدى. ھەممە خەلق: ــ بۇ ئوبدان گەپ، دەپ جاۋاب بەردى. | 24 |
Silǝr bolsanglar, ɵz ilaⱨliringlarning namini qaⱪirip nida ⱪilinglar. Mǝn bolsam, Pǝrwǝrdigarning namini qaⱪirip nida ⱪilimǝn. Ⱪaysi Huda ot bilǝn jawab bǝrsǝ, xu Huda bolsun, dedi. Ⱨǝmmǝ hǝlⱪ: — Bu obdan gǝp, dǝp jawab bǝrdi.
ئىلىياس بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە: سىلەر كۆپ بولغاچ ئاۋۋال ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىر بۇقىنى تاللاپ تەييار قىلىڭلار؛ ئاندىن ھېچ ئوت ياقماي ئۆز ئىلاھىڭلارنىڭ نامىنى قىچقىرىپ نىدا قىلىڭلار، دېدى. | 25 |
Iliyas Baalning pǝyƣǝmbǝrlirigǝ: Silǝr kɵp bolƣaq awwal ɵzünglar üqün bir buⱪini tallap tǝyyar ⱪilinglar; andin ⱨeq ot yaⱪmay ɵz ilaⱨinglarning namini ⱪiqⱪirip nida ⱪilinglar, dedi.
ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئېلىپ ئۇنى تەييار قىلدى. ئەتىگەندىن چۈشكىچە ئۇلار بائالنىڭ نامىنى قىچقىرىپ: ــ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگىن! دەپ نىدا قىلدى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ياكى ھېچ جاۋاب بولمىدى. ئۇلار راسلانغان قۇربانگاھ چۆرىسىدە توختىماي سەكرەيتتى. | 26 |
Ular uning degini boyiqǝ ɵzlirigǝ berilgǝn buⱪini elip uni tǝyyar ⱪildi. Ətigǝndin qüxkiqǝ ular Baalning namini ⱪiqⱪirip: — I Baal, bizgǝ jawab bǝrgin! dǝp nida ⱪildi. Lekin ⱨeq awaz yaki ⱨeq jawab bolmidi. Ular raslanƣan ⱪurbangaⱨ qɵrisidǝ tohtimay sǝkrǝytti.
چۈش كىرگەندە ئىلىياس ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ: ــ ئۈنلۈكرەك قىچقىرىڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر ئىلاھ ئەمەسمۇ؟ بەلكىم ئۇ چوڭقۇر خىيالغا چۆمۈپ كەتكەندۇ، ياكى ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەندۇ، ياكى بىر سەپەرگە چىقىپ كەتكەندۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇ ئۇخلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنى ئويغىتىشىڭلار كېرەك؟! ــ دېدى. | 27 |
Qüx kirgǝndǝ Iliyas ularni zangliⱪ ⱪilip: — Ünlükrǝk ⱪiqⱪiringlar; qünki u bir ilaⱨ ǝmǝsmu? Bǝlkim u qongⱪur hiyalƣa qɵmüp kǝtkǝndu, yaki ix bilǝn qiⱪip kǝtkǝndu, yaki bir sǝpǝrgǝ qiⱪip kǝtkǝndu? Yaki bolmisa u uhlawatⱪan boluxi mumkin, uni oyƣitixinglar kerǝk?! — dedi.
ئۇلار تېخىمۇ ئۈنلۈك چاقىرىپ ئۆز قائىدىسى بويىچە قانغا مىلىنىپ كەتكۈچە ئۆزلىرىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن تىلاتتى. | 28 |
Ular tehimu ünlük qaⱪirip ɵz ⱪaidisi boyiqǝ ⱪanƣa milinip kǝtküqǝ ɵzlirini ⱪiliq wǝ nǝyzǝ bilǝn tilatti.
چۈشتىن كېيىن ئۇلار «بېشارەت بېرىۋاتقان» ھالەتكە چۈشۈپ كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە شۇ ھالەتتە تۇردى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ئاڭلانمىدى، ياكى جاۋاب بەرگۈچى ياكى ئىجابەت قىلغۇچى مەلۇم بولمىدى. | 29 |
Qüxtin keyin ular «bexarǝt beriwatⱪan» ⱨalǝtkǝ qüxüp kǝqlik ⱪurbanliⱪ waⱪtiƣiqǝ xu ⱨalǝttǝ turdi. Lekin ⱨeq awaz anglanmidi, yaki jawab bǝrgüqi yaki ijabǝt ⱪilƣuqi mǝlum bolmidi.
ئىلىياس ھەممە خەلققە: ــ يېنىمغا يېقىن كېلىڭلار، دېدى. ھەممە خەلق ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندىن كېيىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ شۇ يەردىكى يىقىتىلغان قۇربانگاھىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. | 30 |
Iliyas ⱨǝmmǝ hǝlⱪⱪǝ: — Yenimƣa yeⱪin kelinglar, dedi. Ⱨǝmmǝ hǝlⱪ uningƣa yeⱪin kǝlgǝndin keyin u Pǝrwǝrdigarning xu yǝrdiki yiⱪitilƣan ⱪurbangaⱨini ⱪaytidin ⱪurup qiⱪti.
ئىلىياس ئون ئىككى تاشنى ئالدى. بۇ تاشلارنىڭ سانى پەرۋەردىگارنىڭ «نامىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەن سۆزىنى تاپشۇرۇۋالغان ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىدىن چىققان قەبىلىلەرنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش ئىدى. | 31 |
Iliyas on ikki taxni aldi. Bu taxlarning sani Pǝrwǝrdigarning «Naming Israil bolsun» degǝn sɵzini tapxuruwalƣan Yaⱪupning oƣulliridin qiⱪⱪan ⱪǝbililǝrning sani bilǝn ohxax idi.
شۇ تاشلاردىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بىر قۇربانگاھنى ياسىدى. ئۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدە ئىككى سېئاھ دان پاتقۇدەك ئازگال كولىدى. | 32 |
Xu taxlardin u Pǝrwǝrdigarning nami bilǝn bir ⱪurbangaⱨni yasidi. U ⱪurbangaⱨning qɵrisidǝ ikki seaⱨ dan patⱪudǝk azgal kolidi.
ئاندىن ئۇ ئوتۇننى راستلاپ، بۇقىنى پارچىلاپ ئوتۇننىڭ تۆپىسىگە قويدى. | 33 |
Andin u otunni rastlap, buⱪini parqilap otunning tɵpisigǝ ⱪoydi.
ئۇ: ــ تۆت ئىدىشنى سۇغا توشقۇزۇپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆكۈڭلار، ــ دېدى. ئاندىن: يەنە بىر قېتىم قىلىڭلار» ــ دېۋىدى، ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئۇ يەنە: ــ ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلغاندا | 34 |
U: — Tɵt idixni suƣa toxⱪuzup uni kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ wǝ otunning üstigǝ tɵkünglar, — dedi. Andin: Yǝnǝ bir ⱪetim ⱪilinglar» — dewidi, ular xundaⱪ ⱪildi. U yǝnǝ: — Üqinqi mǝrtiwǝ xundaⱪ ⱪilinglar, dedi. Ular üqinqi mǝrtiwǝ xundaⱪ ⱪilƣanda
سۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، كولانغان ئازگالنىمۇ سۇ بىلەن تولدۇردى. | 35 |
su ⱪurbangaⱨning qɵrisidin eⱪip qüxüp, kolanƣan azgalnimu su bilǝn toldurdi.
كەچلىك قۇربانلىقنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىلىياس پەيغەمبەر قۇربانلىققا يېقىن كېلىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئەي پەرۋەردىگار، ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىلدا خۇدا بولغىنىڭنى ئاشكارا قىلغايسەن، شۇنداقلا مېنىڭ سېنىڭ قۇلۇڭ بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇيرۇقۇڭ بىلەن قىلغانلىقىمنى بۈگۈن بىلدۈرگەيسەن. | 36 |
Kǝqlik ⱪurbanliⱪning waⱪti kǝlgǝndǝ Iliyas pǝyƣǝmbǝr ⱪurbanliⱪⱪa yeⱪin kelip mundaⱪ dua ⱪildi: — Əy Pǝrwǝrdigar, Ibraⱨim bilǝn Isⱨaⱪ wǝ Israilning Hudasi, Ɵzüngning Israilda Huda bolƣiningni axkara ⱪilƣaysǝn, xundaⱪla mening Sening ⱪulung bolup bularning ⱨǝmmisini buyruⱪung bilǝn ⱪilƣanliⱪimni bügün bildürgǝysǝn.
ماڭا ئىجابەت قىلغايسەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ خەلققە سەن پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى توغرا يولغا ياندۇرغۇچى ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرگەيسەن، دېدى. | 37 |
Manga ijabǝt ⱪilƣaysǝn, ǝy Pǝrwǝrdigar, ijabǝt ⱪilƣaysǝn; xuning bilǝn bu hǝlⱪⱪǝ sǝn Pǝrwǝrdigarning Huda ikǝnlikingni ⱨǝmdǝ ularning ⱪǝlblirini toƣra yolƣa yandurƣuqi ɵzüng ikǝnlikingni bildürgǝysǝn, dedi.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈپ ئازگالدىكى سۇنىمۇ يوقىتىۋەتتى. | 38 |
Xuning bilǝn Pǝrwǝrdigarning oti qüxüp kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪni, otunni, taxlarni wǝ topini kɵydürüp azgaldiki sunimu yoⱪitiwǝtti.
خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۈپلا، ئۇلار دۈم يىقىلىپ: ــ پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، دېيىشتى. | 39 |
Hǝlⱪlǝrning ⱨǝmmisi buni kɵrüpla, ular düm yiⱪilip: — Pǝrwǝrdigar, u Hudadur, Pǝrwǝrdigar, u Hudadur, deyixti.
ئىلىياس خەلققە بۇيرۇپ: ــ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، ھېچقايسىنى قويۇپ بەرمەڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇلارنى تۇتقاندا ئىلىياس ئۇلارنى كىشۇن جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە قەتل قىلدۇردى. | 40 |
Iliyas hǝlⱪⱪǝ buyrup: — Baalning pǝyƣǝmbǝrlirini tutunglar, ⱨeqⱪaysini ⱪoyup bǝrmǝnglar, — dedi. Ular ularni tutⱪanda Iliyas ularni kixun jilƣisiƣa elip berip, u yǝrdǝ ⱪǝtl ⱪildurdi.
ئىلىياس ئاھابقا بولسا: ــ چىقىپ يەپ-ئىچكىن. چۈنكى قاتتىق يامغۇرنىڭ شالدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلانماقتا، ــ دېدى. | 41 |
Iliyas Aⱨabⱪa bolsa: — Qiⱪip yǝp-iqkin. Qünki ⱪattiⱪ yamƣurning xaldirliƣan awazi anglanmaⱪta, — dedi.
ئاھاب قوپۇپ يەپ-ئىچىش ئۈچۈن چىقتى. ئەمما ئىلىياس كارمەلنىڭ چوققىسىغا چىقىپ يەرگە ئېڭىشىپ، بېشىنى تىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ تىزلىنىپ | 42 |
Aⱨab ⱪopup yǝp-iqix üqün qiⱪti. Əmma Iliyas Karmǝlning qoⱪⱪisiƣa qiⱪip yǝrgǝ engixip, bexini tizining otturisiƣa ⱪoyup tizlinip
خىزمەتكارىغا: ــ چىقىپ دېڭىز تەرەپكە قارىغىن، دېدى. ئۇ چىقىپ سەپسېلىپ قاراپ: ــ ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ، دېدى. ئۇ جەمئىي يەتتە قېتىم: ــ بېرىپ قاراپ باققىن، دەپ بۇيرۇدى. | 43 |
hizmǝtkariƣa: — Qiⱪip dengiz tǝrǝpkǝ ⱪariƣin, dedi. U qiⱪip sǝpselip ⱪarap: — Ⱨeqnǝrsǝ kɵrünmǝydu, dedi. U jǝmiy yǝttǝ ⱪetim: — Berip ⱪarap baⱪⱪin, dǝp buyrudi.
يەتتىنچى قېتىم كەلگەندە ئۇ: ــ مانا، دېڭىزدىن چىقىۋاتقان، ئادەم ئالىقىنىدەك كىچىك بىر بۇلۇتنى كۆردۇم ــ دېدى. ئىلىياس ئۇنىڭغا: ــ چىقىپ ئاھابقا: ــ «ھارۋىنى قېتىپ تۆۋەنگە چۈشكىن، بولمىسا يامغۇر سېنى توسۇۋالىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېدى. | 44 |
Yǝttinqi ⱪetim kǝlgǝndǝ u: — Mana, dengizdin qiⱪiwatⱪan, adǝm aliⱪinidǝk kiqik bir bulutni kɵrdum — dedi. Iliyas uningƣa: — Qiⱪip Aⱨabⱪa: — «Ⱨarwini ⱪetip tɵwǝngǝ qüxkin, bolmisa yamƣur seni tosuwalidu», dǝp eytⱪin, — dedi.
ئاڭغۇچە ئاسمان بۇلۇت بىلەن تۇتۇلۇپ، بوران چىقىپ قاتتىق بىر يامغۇر ياغدى. ئاھاب ھارۋىغا چىقىپ يىزرەئەلگە كەتتى. | 45 |
Angƣuqǝ asman bulut bilǝn tutulup, boran qiⱪip ⱪattiⱪ bir yamƣur yaƣdi. Aⱨab ⱨarwiƣa qiⱪip Yizrǝǝlgǝ kǝtti.
پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئىلىياسنىڭ ۋۇجۇدىدا تۇرغاچ، ئۇ بېلىنى باغلاپ ئاھابنىڭ ئالدىدا يىزرەئەلنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە يۈگۈرۈپ ماڭدى. | 46 |
Pǝrwǝrdigarning ⱪoli Iliyasning wujudida turƣaq, u belini baƣlap Aⱨabning aldida Yizrǝǝlning kirix eƣiziƣiqǝ yügürüp mangdi.