پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇغا كېلىپ بائاشانى ئەيىبلەپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
ויהי דבר יהוה אל יהוא בן חנני על בעשא לאמר׃ |
«مانا، مەن سېنى توپا-چاڭ ئىچىدىن چىقىرىپ، خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران قىلىپ قويدۇم. لېكىن سەن يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ خەلقىم ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇردۇڭ، ئۇلار گۇناھلىرى بىلەن غەزىپىمنى قوزغىدى. | 2 |
יען אשר הרימתיך מן העפר ואתנך נגיד על עמי ישראל ותלך בדרך ירבעם ותחטא את עמי ישראל להכעיסני בחטאתם׃ |
مانا، مەن بائاشانى ئۆز جەمەتى بىلەن سۈپۈرۈپ يوقىتىپ، جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن. | 3 |
הנני מבעיר אחרי בעשא ואחרי ביתו ונתתי את ביתך כבית ירבעם בן נבט׃ |
بائاشادىن بولغانلاردىن شەھەردە ئۆلگىنىنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگىنىنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ». | 4 |
המת לבעשא בעיר יאכלו הכלבים והמת לו בשדה יאכלו עוף השמים׃ |
بائاشانىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ قىلغانلىرى بىلەن قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 5 |
ויתר דברי בעשא ואשר עשה וגבורתו הלא הם כתובים על ספר דברי הימים למלכי ישראל׃ |
بائاشا ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە تىرزاھتا دەپنە قىلىندى؛ ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئېلاھ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 6 |
וישכב בעשא עם אבתיו ויקבר בתרצה וימלך אלה בנו תחתיו׃ |
بائاشانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە قىلغان بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ بائاشانىڭ بېشىغا ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىغا چۈشۈرگىنى توغرۇلۇق سۆزى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەنىدى. چۈنكى ئۇ يەروبوئامنىڭ جەمەتى قىلغىنىغا ئوخشاش قىلىپ ئۆز قوللىرىنىڭ ئىشلىرى (جۈملىدىن يەروبوئامنىڭ جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈرگەنلىكى) بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. | 7 |
וגם ביד יהוא בן חנני הנביא דבר יהוה היה אל בעשא ואל ביתו ועל כל הרעה אשר עשה בעיני יהוה להכעיסו במעשה ידיו להיות כבית ירבעם ועל אשר הכה אתו׃ |
يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئالتىنچى يىلىدا، بائاشانىڭ ئوغلى ئېلاھ تىرزاھتا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. | 8 |
בשנת עשרים ושש שנה לאסא מלך יהודה מלך אלה בן בעשא על ישראל בתרצה שנתים׃ |
لېكىن ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ يېرىمىغا سەردار بولغان خىزمەتكارى زىمرى ئۇنىڭغا قەست قىلدى؛ [ئېلاھ] تىرزاھتا تىرزاھتىكى ئوردىسىدىكى غوجىدار ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولغاندا | 9 |
ויקשר עליו עבדו זמרי שר מחצית הרכב והוא בתרצה שתה שכור בית ארצא אשר על הבית בתרצה׃ |
زىمرى كىرىپ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. بۇ ۋاقىت يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلى ئىدى. زىمرى ئېلاھنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 10 |
ויבא זמרי ויכהו וימיתהו בשנת עשרים ושבע לאסא מלך יהודה וימלך תחתיו׃ |
ئۇ پادىشاھ بولۇپ ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشى بىلەنلا ئۇ بائاشانىڭ بارلىق جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈردى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن بىر ئەركەكنىمۇ تىرىك قالدۇرمىدى. | 11 |
ויהי במלכו כשבתו על כסאו הכה את כל בית בעשא לא השאיר לו משתין בקיר וגאליו ורעהו׃ |
شۇنداق قىلىپ زىمرى پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق بائاشانى ئەيىبلىگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بائاشانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى يوقاتتى. | 12 |
וישמד זמרי את כל בית בעשא כדבר יהוה אשר דבר אל בעשא ביד יהוא הנביא׃ |
بۇ ئىش بائاشانىڭ بارلىق گۇناھلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئېلاھنىڭ گۇناھلىرى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرى، ئەرزىمەس بۇتلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، شۇنداق بولدى. | 13 |
אל כל חטאות בעשא וחטאות אלה בנו אשר חטאו ואשר החטיאו את ישראל להכעיס את יהוה אלהי ישראל בהבליהם׃ |
ئېلاھنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 14 |
ויתר דברי אלה וכל אשר עשה הלוא הם כתובים על ספר דברי הימים למלכי ישראל׃ |
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلىدا زىمرى تىرزاھتا يەتتە كۈن سەلتەنەت قىلدى. خەلق فىلىستىيلەرگە تەۋە بولغان گىببېتوننى قورشىۋېلىپ بارگاھ تىككەنىدى. | 15 |
בשנת עשרים ושבע שנה לאסא מלך יהודה מלך זמרי שבעת ימים בתרצה והעם חנים על גבתון אשר לפלשתים׃ |
بارگاھدا تۇرغان خالايىق: ــ «زىمرى قەست قىلىپ پادىشاھنى ئۆلتۈردى» دەپ ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ كۈنى بارگاھدا قوشۇننىڭ سەردارى ئومرىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلدى. | 16 |
וישמע העם החנים לאמר קשר זמרי וגם הכה את המלך וימלכו כל ישראל את עמרי שר צבא על ישראל ביום ההוא במחנה׃ |
ئاندىن ئومرى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىنى يېتەكلەپ، گىببېتوندىن چىقىپ، تىرزاھنى قورشىدى. | 17 |
ויעלה עמרי וכל ישראל עמו מגבתון ויצרו על תרצה׃ |
ۋە شۇنداق بولدىكى، زىمرى شەھەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، پادىشاھ ئوردىسىدىكى قورغانغا كىرىپ، ئوردىغا ئوت قويۇۋەتتى، ئۆزى كۆيۈپ ئۆلدى. | 18 |
ויהי כראות זמרי כי נלכדה העיר ויבא אל ארמון בית המלך וישרף עליו את בית מלך באש וימת׃ |
بۇ ئىش ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلىپ، يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھتا ماڭغىنى ئۈچۈن شۇنداق بولدى. | 19 |
על חטאתיו אשר חטא לעשות הרע בעיני יהוה ללכת בדרך ירבעם ובחטאתו אשר עשה להחטיא את ישראל׃ |
زىمرىنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قەست قىلغىنى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 20 |
ויתר דברי זמרי וקשרו אשר קשר הלא הם כתובים על ספר דברי הימים למלכי ישראל׃ |
ئەمما ئىسرائىل خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىنى پادىشاھ قىلىشقا ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ باشقا يېرىمى بولسا ئومرىگە ئەگەشتى. | 21 |
אז יחלק העם ישראל לחצי חצי העם היה אחרי תבני בן גינת להמליכו והחצי אחרי עמרי׃ |
ئەمدى ئومرىگە ئەگەشكەن خەلق گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىگە ئەگەشكەن خەلقتىن كۈچلۈك چىقتى. تىبنى ئۆلدى؛ ئومرى پادىشاھ بولدى. | 22 |
ויחזק העם אשר אחרי עמרי את העם אשר אחרי תבני בן גינת וימת תבני וימלך עמרי׃ |
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ ئوتتۇز بىرىنچى يىلىدا ئومرى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ ئون ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇ تىرزاھتا ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. | 23 |
בשנת שלשים ואחת שנה לאסא מלך יהודה מלך עמרי על ישראל שתים עשרה שנה בתרצה מלך שש שנים׃ |
ئۇ شەمەردىن سامارىيە ئېگىزلىكىنى ئىككى تالانت كۈمۈشكە سېتىۋېلىپ، شۇ ئېگىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنى ئېگىزلىكنىڭ ئەسلىي ئىگىسى شەمەرنىڭ نامى بىلەن «سامارىيە» دەپ ئاتىدى. | 24 |
ויקן את ההר שמרון מאת שמר בככרים כסף ויבן את ההר ויקרא את שם העיר אשר בנה על שם שמר אדני ההר שמרון׃ |
ئومرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىدىن بەتتەر بولۇپ يامانلىق قىلدى. | 25 |
ויעשה עמרי הרע בעיני יהוה וירע מכל אשר לפניו׃ |
ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ ھەممە يوللىرىدا، شۇنداقلا جۈملىدىن ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھى ئىچىدە ماڭدى؛ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. | 26 |
וילך בכל דרך ירבעם בן נבט ובחטאתיו אשר החטיא את ישראל להכעיס את יהוה אלהי ישראל בהבליהם׃ |
ئومرىنىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، كۆرسەتكەن قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 27 |
ויתר דברי עמרי אשר עשה וגבורתו אשר עשה הלא הם כתובים על ספר דברי הימים למלכי ישראל׃ |
ئومرى ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئاھاب ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 28 |
וישכב עמרי עם אבתיו ויקבר בשמרון וימלך אחאב בנו תחתיו׃ |
يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلىدا ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب سامارىيەدە يىگىرمە ئىككى يىل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلدى. | 29 |
ואחאב בן עמרי מלך על ישראל בשנת שלשים ושמנה שנה לאסא מלך יהודה וימלך אחאב בן עמרי על ישראל בשמרון עשרים ושתים שנה׃ |
ئەمما ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئاشۇرۇپ يامانلىق قىلدى. | 30 |
ויעש אחאב בן עמרי הרע בעיני יהוה מכל אשר לפניו׃ |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدا يۈرۈش ئانچە ئېغىر گۇناھ ئەمەستەك، ئۇ زىدونىيلارنىڭ پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى يىزەبەلنى خوتۇنلۇققا ئالدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ بائال دېگەن بۇتنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. | 31 |
ויהי הנקל לכתו בחטאות ירבעם בן נבט ויקח אשה את איזבל בת אתבעל מלך צידנים וילך ויעבד את הבעל וישתחו לו׃ |
ئۇ سامارىيەدە ياسىغان بائالنىڭ بۇتخانىسى ئىچىگە بائالغا بىر قۇربانگاھ ياسىدى. | 32 |
ויקם מזבח לבעל בית הבעל אשר בנה בשמרון׃ |
ئاھاب ھەم بىر «ئاشەراھ بۇت»نىمۇ ياساتتى؛ ئاھاب شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىشلىرىدىن ئاشۇرۇپ يامانلىق قىلدى. | 33 |
ויעש אחאב את האשרה ויוסף אחאב לעשות להכעיס את יהוה אלהי ישראל מכל מלכי ישראל אשר היו לפניו׃ |
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بەيت-ئەللىك خىئەل يېرىخو شەھىرىنى ياسىدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئۇلىنى سالغاندا تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلدى؛ ۋە دەرۋازىلىرىنى سالغاندا ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى سەگۇب ئۆلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئارقىلىق [يېرىخو توغرۇلۇق] ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. | 34 |
בימיו בנה חיאל בית האלי את יריחה באבירם בכרו יסדה ובשגיב צעירו הציב דלתיה כדבר יהוה אשר דבר ביד יהושע בן נון׃ |