< پادىشاھلار 1 15 >
نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا ئابىيام يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ | 1 |
In the eighteenth year of the reign of Jeroboam son of Nebat, Abijam became king of Judah,
يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاكاھ بولۇپ، ئابىشالومنىڭ قىزى ئىدى. | 2 |
and he reigned in Jerusalem three years. His mother’s name was Maacah daughter of Abishalom.
ئابىيامنىڭ قەلبى بوۋىسى داۋۇتنىڭ كۆڭلىدەك خۇداسى پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغان ئەمەس ئىدى، بەلكى ئاتىسى رەھوبوئامنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىدا ماڭاتتى. | 3 |
And Abijam walked in all the sins that his father before him had committed, and his heart was not as fully devoted to the LORD his God as the heart of David his forefather had been.
شۇنداقتىمۇ داۋۇتنىڭ سەۋەبىدىن خۇداسى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۇنىڭغا [يورۇق] بىر چىراغنى قالدۇرۇش ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئەۋلادىنى ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ تىكلەپ تۇرغۇزدى ۋە يېرۇسالېمنى قوغدىدى. | 4 |
Nevertheless, for the sake of David, the LORD his God gave him a lamp in Jerusalem by raising up a son to succeed him and to make Jerusalem strong.
چۈنكى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھىتتىي ئۇرىياغا قىلغانلىرىدىن باشقا ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئەمر قىلغانلىرىدىن چىقمىدى. | 5 |
For David had done what was right in the eyes of the LORD and had not turned aside from anything the LORD commanded all the days of his life, except in the matter of Uriah the Hittite.
ئەمدى [ئابىيامنىڭ] پۈتۈن ئۆمرىدە رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. | 6 |
And there was war between the houses of Rehoboam and Jeroboam all the days of Abijam’s life.
ئابىيامنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ ئابىيام بىلەن يەروبوئام بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇراتتى. | 7 |
As for the rest of the acts of Abijam, along with all his accomplishments, are they not written in the Book of the Chronicles of the Kings of Judah? And there was war between Abijam and Jeroboam.
ئابىيام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئۇلار ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلدى. ئاندىن ئوغلى ئاسا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 8 |
And Abijam rested with his fathers and was buried in the City of David, and his son Asa reigned in his place.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبوئام سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدا ئاسا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ | 9 |
In the twentieth year of Jeroboam’s reign over Israel, Asa became king of Judah,
يېرۇسالېمدا قىرىق بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاقاھ بولۇپ، ئابىشالومنىڭ قىزى ئىدى. | 10 |
and he reigned in Jerusalem forty-one years. His grandmother’s name was Maacah daughter of Abishalom.
ئاسا ئاتىسى داۋۇت قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. | 11 |
And Asa did what was right in the eyes of the LORD, as his father David had done.
ئۇ كەسپىي بەچچىۋازلارنى زېمىندىن ھەيدەپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان ھەممە يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى يوقىتىۋەتتى. | 12 |
He banished the male shrine prostitutes from the land and removed all the idols that his fathers had made.
ئۇ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشەراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. | 13 |
He also removed his grandmother Maacah from her position as queen mother because she had made a detestable Asherah pole. Asa chopped down the pole and burned it in the Kidron Valley.
«يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى. | 14 |
The high places were not removed, but Asa’s heart was fully devoted to the LORD all his days.
ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى [پەرۋەردىگارغا] ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا-قۇچىلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى. | 15 |
And he brought into the house of the LORD the silver and gold and other articles that he and his father had dedicated.
ئەمدى ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. | 16 |
Now there was war between Asa and Baasha king of Israel throughout their days.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا يەھۇداغا قارشى ھۇجۇم قىلدى؛ ھېچكىم يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسا بىلەن باردى-كەلدى قىلمىسۇن دەپ، راماھ شەھىرىنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. | 17 |
Baasha king of Israel went to war against Judah and fortified Ramah to prevent anyone from leaving or entering the territory of Asa king of Judah.
ئۇ ۋاقىتتا ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەردە قالغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردە قالغان ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئاندىن ئاسا پادىشاھ ئۇلارنى دەمەشقتە تۇرۇشلۇق سۇرىيە پادىشاھى ھېزىئوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى بەن-ھادادقا ئەۋەتتى ۋە شۇلار بىلەن بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ: ــ | 18 |
So Asa withdrew all the silver and gold that remained in the treasuries of the house of the LORD and the royal palace. He entrusted it to his servants and sent them with this message to Ben-hadad son of Tabrimmon, the son of Hezion king of Aram, who was ruling in Damascus:
«مېنىڭ ئاتام بىلەن سىلىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغاندەك مەن بىلەن سىلىنىڭ ئارىلىرىدا بىر ئەھدە بولسۇن. مانا، سىلىگە كۈمۈش بىلەن ئالتۇندىن ھەدىيە ئەۋەتتىم؛ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بىلەن بولغان ئەھدىلىرىدىن قوللىرىنى ئۈزسىلە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى قامال قىلىشتىن قول ئۈزسۇن» ــ دېدى. | 19 |
“Let there be a treaty between me and you, between my father and your father. See, I have sent you a gift of silver and gold. Now go and break your treaty with Baasha king of Israel, so that he will withdraw from me.”
بەن-ھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئۆز قوشۇنىنىڭ سەردارلىرىنى ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىجون، دان، بەيت-مائاقاھدىكى ئابەل، پۈتكۈل كىننەرەت يۇرتى بىلەن نافتالىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى بېقىندۇردى. | 20 |
And Ben-hadad listened to King Asa and sent the commanders of his armies against the cities of Israel, conquering Ijon, Dan, Abel-beth-maacah, and the whole land of Naphtali, including the region of Chinnereth.
بائاشا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، راماھ ئىستىھكامىنى ياساشتىن قولىنى يىغىپ، تىرزاھقا بېرىپ تۇردى. | 21 |
When Baasha learned of this, he stopped fortifying Ramah and withdrew to Tirzah.
ئاسا پادىشاھ بولسا پۈتكۈل يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى ھېچبىرىنى قويماي چاقىرىپ يىغدى؛ ئۇلار بائاشا راماھ شەھىرىنى ياساشقا ئىشلەتكەن تاشلار بىلەن ياغاچلارنى راماھتىن توشۇپ ئېلىپ كەتتى. ئاسا پادىشاھ مۇشۇلارنى ئىشلىتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبانى ۋە مىزپاھنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. | 22 |
Then King Asa summoned all the men of Judah, with no exceptions, and they carried away the stones of Ramah and the timbers Baasha had used for building. And with these materials King Asa built up Geba of Benjamin, as well as Mizpah.
ئەمدى ئاسانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ زور قۇدرىتى، ئۇنىڭ قىلغىنىنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا ياسىغان شەھەرلەر توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ لېكىن قېرىغاندا، ئۇنىڭ پۇتىدا بىر كېسەل پەيدا بولدى. | 23 |
Now the rest of the acts of Asa, along with all his might, all his accomplishments, and the cities he built, are they not written in the Book of the Chronicles of the Kings of Judah? In his old age, however, he became diseased in his feet.
ئاسا ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى يەھوشافات ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 24 |
And Asa rested with his fathers and was buried with them in the city of his father David, and his son Jehoshaphat reigned in his place.
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ناداب ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى؛ ئۇ ئىسرائىلغا ئىككى يىل پادىشاھ بولدى. | 25 |
In the second year of Asa’s reign over Judah, Nadab son of Jeroboam became king of Israel, and he reigned two years.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئاتىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئاتىسىنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرىدا ماڭدى. | 26 |
And he did evil in the sight of the LORD and walked in the way of his father and in his sin, which he had caused Israel to commit.
لېكىن ئىسساكار جەمەتىدىن بولغان ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشا ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، ئۇنى فىلىستىيلەرنىڭ تەۋەسىدىكى گىببېتوندا ئۆلتۈردى. شۇ چاغدا ناداب پۈتۈن ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە گىببېتونغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. | 27 |
Then Baasha son of Ahijah of the house of Issachar conspired against Nadab, and Baasha struck him down at Gibbethon of the Philistines while Nadab and all Israel were besieging the city.
يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بائاشا نادابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 28 |
In the third year of Asa’s reign over Judah, Baasha killed Nadab and reigned in his place.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھ بولغاندا يەروبوئامنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇ يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن نەپىسى بارلارنى بىرىنىمۇ قويماي پۈتۈنلەي يوقاتتى. | 29 |
As soon as Baasha became king, he struck down the entire household of Jeroboam. He did not leave to Jeroboam anyone that breathed, but destroyed them all according to the word that the LORD had spoken through His servant Ahijah the Shilonite,
بۇ ئىش يەروبوئامنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى ھەم ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولدى؛ ئۇ شۇلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قاتتىق قوزغىغانىدى. | 30 |
because of the sins Jeroboam had committed and had caused Israel to commit, and because he had provoked the LORD, the God of Israel, to anger.
نادابنىڭ باشقا ئىشلىرى بىلەن قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 31 |
As for the rest of the acts of Nadab, along with all his accomplishments, are they not written in the Book of the Chronicles of the Kings of Israel?
ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. | 32 |
And there was war between Asa and Baasha king of Israel throughout their days.
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشا پۈتۈن ئىسرائىل ئۈستىگە تىرزاھتا ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى؛ ئۇ يىگىرمە تۆت يىل سەلتەنەت قىلدى. | 33 |
In the third year of Asa’s reign over Judah, Baasha son of Ahijah became king of all Israel, and he reigned in Tirzah twenty-four years.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پاتقۇزغان گۇناھىدا ماڭدى. | 34 |
And Baasha did evil in the sight of the LORD and walked in the way of Jeroboam and in his sin, which he had caused Israel to commit.