< پادىشاھلار 1 14 >
ئۇ ۋاقىتتا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ئابىياھ كېسەل بولۇپ قالدى. | 1 |
At that time Abiyah the son of Jerobo'am fell sick.
يەروبوئام ئايالىغا: ــ ئورنۇڭدىن قوپۇپ، ھېچكىم سېنىڭ يەروبوئامنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىڭنى تونۇمىغۇدەك قىلىپ ئۆز قىياپىتىڭنى ئۆزگەرتىپ، شىلوھقا بارغىن. مانا ماڭا: «بۇ خەلقنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولىسەن» دەپ ئېيتقان ئاخىياھ پەيغەمبەر ئۇ يەردە ئولتۇرىدۇ. | 2 |
And Jerobo'am said to his wife, Arise, I pray thee, and disguise thyself, that people may not know that thou art the wife of Jerobo'am; and go to Shiloh: behold, there is Achiyahu the prophet, who spoke of me that [I should become] king over this people.
قولۇڭغا ئون نان، بىرنەچچە پوشكال، بىر قۇتا ھەسەلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بارغىن. ئۇ يىگىتىمىزنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ساڭا دەپ بېرىدۇ، دېدى. | 3 |
And take with thee ten loaves of bread and spice-cakes, and a cruise of honey, and go to him: he will tell thee what is to become of the lad.
يەروبوئامنىڭ ئايالى شۇنداق قىلىپ، شىلوھقا بېرىپ ئاخىياھنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىياھنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقتىن كور بولۇپ كۆرەلمەيتتى. | 4 |
And Jerobo'am's wife did so, and arose, and went to Shiloh, and came to the house of Achiyahu. But Achiyahu was not able to see; for his eyes were set by reason of his high age.
لېكىن پەرۋەردىگار ئاخىياھقا: ــ مانا، يەروبوئامنىڭ ئايالى ئۆز ئوغلى توغرىسىدا سەندىن سورىغىلى كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ كېسەلدۇر. ئۇنىڭغا مۇنداق-مۇنداق دېگىن؛ چۈنكى ئۇ كەلگەندە باشقا قىياپەتكە كىرىۋالغان بولىدۇ، دەپ ئېيتقانىدى. | 5 |
And the Lord had said unto Achiyahu, Behold the wife of Jerobo'am is coming to inquire a word of thee about her son; for he is sick: thus and thus shalt thou speak unto her; for it will be, when she cometh in, that she will feign to be another.
ئۇ ئىشىكتىن كىرگەندە ئاخىياھ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: ــ «ھەي، يەروبوئامنىڭ ئايالى، كىرگىن؛ نېمىشقا باشقا قىياپەتكە كىرىۋالدىڭ؟ ساڭا بىر شۇم خەۋەرنى بېرىش ماڭا بۇيرۇلدى. | 6 |
And it happened, when Achiyahu heard the sound of her feet, as she came in at the door, that he said, Come in, thou wife of Jerobo'am; why is this, that thou feignest to be another? but I am sent to thee with a hard message.
بېرىپ يەروبوئامغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سېنى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئۆز خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران قىلىپ | 7 |
Go, say to Jerobo'am, Thus hath said the Lord the God of Israel, Forasmuch as I exalted thee from the midst of the people, and made thee prince over my people Israel,
پادىشاھلىقنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يىرتىۋېتىپ، ساڭا بەردىم؛ لېكىن سەن مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ، نەزىرىمدە پەقەت دۇرۇس بولغاننىلا قىلىشتا پۈتۈن قەلبىدىن ماڭا ئەگەشكەن قۇلۇم داۋۇتقا ئوخشاش بولمىدىڭ، | 8 |
And I rent the kingdom away from the house of David, and gave it unto thee; whereas thou hast not been like my servant David, who kept my commandments, and who followed after me with all his heart, to do only what is right in my eyes;
بەلكى ئۆزۈڭدىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئارتۇق رەزىللىك قىلىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ، مېنى ئارقاڭغا تاشلاپ، بېرىپ ئۆزۈڭگە غەيرىي ئىلاھلارنى، قۇيما مەبۇدلارنى ياساتتىڭ. | 9 |
And thou hast done more evil than all that were before thee; and thou art gone and hast made unto thyself other gods, and molten images, to provoke me to anger, and me hast thou cast behind thy back:
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەروبوئامنىڭ جەمەتىگە بالا چۈشۈرۈپ، يەروبوئامنىڭ ئىسرائىلدىكى خاندانىدىن ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسىمۇ ھەممىسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئادەملەر پوق-تېزەكلەرنى سۈپۈرگەندەك يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن قالغىنىنى يوق بولغۇچە سۈپۈرىمەن. | 10 |
Therefore, behold, will I bring evil upon the house of Jerobo'am, and will cut off from Jerobo'am every male, [also] the guarded and fortified in Israel; and I will sweep out after the house of Jerobo'am as one sweepeth away the dung till there be nothing left of it.
يەروبوئامدىن بولغانلاردىن شەھەردە ئۆلگىنىنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگىنىنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغاندۇر. | 11 |
Him that dieth of Jerobo'am in the city shall the dogs eat; and him that dieth in the field shall the fowls of the heavens eat; for the Lord hath spoken it.
ئەمدى سەن بولساڭ، قوپۇپ ئۆز ئۆيۈڭگە بارغىن؛ ئايىغىڭ شەھەرگە كىرگەن ھامان، بالا ئۆلىدۇ. | 12 |
But thou, arise now, go to thy own house: when thy feet enter into the city, the child shall die.
پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. چۈنكى يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن قەبرىگە قويۇلىدىغان يالغۇز شۇلا بولىدۇ؛ چۈنكى يەروبوئامنىڭ جەمەتىنىڭ ئارىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پەقەت شۇنىڭدا پەزىلەت تېپىلدى. | 13 |
And all Israel shall mourn for him, and bury him; for this one alone shall come of Jerobo'am's [family] to the grave; because there hath been found in him some good thing toward the Lord the God of Israel in the house of Jerobo'am.
ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆزىگە يەروبوئامنىڭ جەمەتىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. دەرھەقىقەت، ئۇ پات ئارىدا بولىدۇ! | 14 |
And the Lord will raise up unto himself a king over Israel, who shall cut off the house of Jerobo'am what is here this day, and what will be after this.
پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇرۇپ، خۇددى سۇدا لىڭشىپ قالغان قۇمۇشتەك قىلىپ قويىدۇ، ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان بۇ ياخشى زېمىندىن قومۇرۇپ، ئۇلارنى [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تارقىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە «ئاشەراھ بۇتلار»نى ياساپ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزىغىدى. | 15 |
And the Lord will smite Israel, as the reed is shaken in the water, and he will pull up Israel out of this good land, which he gave to their fathers, and will scatter them on the other side of the river; because they have made their groves, provoking the Lord to anger.
يەروبوئامنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھ قىلدۇرغىنى تۈپەيلىدىن، خۇدا ئىسرائىلنى تاشلاپ بېرىدۇ!»». | 16 |
And he will give Israel up for the sake of the sins of Jerobo'am, who did sin, and who induced Israel to sin.
شۇنىڭ بىلەن يەروبوئامنىڭ ئايالى قوپۇپ، يولغا چىقىپ تىرزاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىغا بالا ئۆلدى. | 17 |
And Jerobo'am's wife arose, and departed, and came to Thirzah; [and] as she came to the threshold of the door, the lad died:
ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى ئاخىياھ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزىدەك، پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. | 18 |
And they buried him; and all Israel mourned for him, according to the word of the Lord, which he had spoken by the hand of his servant Achiyahu the prophet.
ئەمدى يەروبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى، يەنى جەڭلىرى ۋە قانداق سەلتەنەت قىلغانلىرى توغرىسىدا مانا، «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. | 19 |
And the rest of the acts of Jerobo'am, how he warred, and how he reigned, behold, they are written in the book of the chronicles of the kings of Israel.
يەروبوئامنىڭ سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يىگىرمە ئىككى يىل بولۇپ، ئۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى. ئوغلى ناداب ئۇنىڭ ئورنىدا ھۆكۈم سۈردى. | 20 |
And the days which Jerobo'am reigned were two and twenty years; and he slept with his fathers, and Nadab his son became king in his stead.
ۋە سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام بولسا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. رەھوبوئام پادىشاھ بولغاندا قىرىق بىر ياشقا كىرگەنىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز نامىنى ئايان قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرى ئارىسىدىن تاللىغان يېرۇسالېم شەھىرىدە ئون يەتتە يىل ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئاممونىي ئىدى. | 21 |
And Rehobo'am the son of Solomon reigned in Judah. Rehobo'am was forty and one years old when he became king, and seventeen years did he reign in Jerusalem, the city which the Lord had chosen out of all the tribes of Israel, to put his name there. And his mother's name was Na'amah the 'Ammonitess.
يەھۇدالار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلدى؛ ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى سادىر قىلغانلىرىدىن زىيادە گۇناھلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ھەسەتلىك غەزىپىنى قوزغىغانىدى. | 22 |
And Judah did what is evil in the eyes of the Lord, and they moved him to wrath more than all that their fathers had done, with their sins which they committed.
چۈنكى ئۇلار «يۇقىرى جايلار»نى، «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى ۋە ھەم ھەربىر ئېگىز دۆڭلار ئۈستىدە، ھەربىر كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا «ئاشەراھ» بۇتلارنى ياسىدى. | 23 |
And they also built themselves high-places, and standing images, and groves, on every high hill, and under every green tree.
ۋە زېمىندا كەسپىي بەچچىۋازلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك ھارام ئىشلىرىنى قىلاتتى. | 24 |
And sodomites also were in the land: they acted in accordance with all the abominable deeds of the nations which the Lord had driven out before the children of Israel.
رەھوبوئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا شۇنداق بولدىكى، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. | 25 |
And it came to pass in the fifth year of king Rehobo'am, that Shishak the king of Egypt came up against Jerusalem:
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى گۆھەر-بايلىقلارنى ھەم پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى گۆھەر-بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى؛ ئۇ ھەممىسىنى، جۈملىدىن سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن سىپارلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى. | 26 |
And he took away the treasures of the house of the Lord, and the treasures of the king's house; yea, every thing did he take away; and he took away all the shields of gold which Solomon had made.
ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەھوبوئام پادىشاھ مىستىن بىرمۇنچە سىپار-قالقانلار ياسىتىپ، ئۇلارنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنى ساقلايدىغان پاسىبان بەگلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. | 27 |
And king Rehobo'am made in their stead shields of copper, and committed them for keeping into the hand of the chiefs of the runners, who kept guard at the door of the king's house.
شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا، پاسىبانلار ئۇ سىپار-قالقانلارنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە پاسىبانخانىغا ئەكىرىپ قويۇشاتتى. | 28 |
And it happened whenever the king went into the house of the Lord, that the runners used to bear them, and carried them then back into the apartment of the runners.
ئەمما رەھوبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغىنىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ | 29 |
And the rest of the acts of Rehobo'am, and all that he did, behold, they are written in the book of the chronicles of the kings of Judah.
رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇرغانىدى. | 30 |
And there was war between Rehobo'am and Jerobo'am all the days.
رەھوبوئام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، بىر ئاممونىي ئىدى. رەھوبوئامنىڭ ئوغلى ئابىيام ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. | 31 |
And Rehobo'am slept with his fathers, and was buried with his fathers in the city of David. And his mother's name was Na'amah the 'Ammonitess. And Abiyam his son became king in his stead.