< پادىشاھلار 1 13 >
ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خۇدانىڭ بىر ئادىمى يەھۇدادىن چىقىپ بەيت-ئەلگە كەلدى؛ شۇ پەيتتە يەروبوئام خۇشبۇي يېقىشقا قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ | 1 |
We mana, Perwerdigarning buyruqi bilen Xudaning bir adimi Yehudadin chiqip Beyt-Elge keldi; shu peytte Yeroboam xushbuy yéqishqa qurban’gahning yénida turatti;
شۇ ئادەم قۇربانگاھغا قاراپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چاقىرىپ: ــ ئى قۇربانگاھ، ئى قۇربانگاھ! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا داۋۇتنىڭ جەمەتىدە يوسىيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ بولسا سېنىڭ ئۈستۈڭدە خۇشبۇي ياققان «يۇقىرى جايلار»دىكى كاھىنلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ؛ شۇنداقلا سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئادەم سۆڭەكلىرى كۆيدۈرۈلىدۇ! ــ دېدى. | 2 |
shu adem qurban’gahgha qarap Perwerdigarning emri bilen chaqirip: — I qurban’gah, i qurban’gah! Perwerdigar mundaq deydu: — Mana Dawutning jemetide Yosiya isimlik bir oghul tughulidu. U bolsa séning üstüngde xushbuy yaqqan «yuqiri jaylar»diki kahinlarni soyup qurbanliq qilidu; shundaqla séning üstüngde adem söngekliri köydürülidu! — dédi.
ئۇ كۈنى ئۇ بىر بېشارەتلىك ئالامەتنى جاكارلاپ: پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزىنى ئىسپاتلايدىغان ئالامەت شۇ بولىدۇكى: ــ مانا، قۇربانگاھ يېرىلىپ، ئۈستىدىكى كۈللەر تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، ــ دېدى. | 3 |
U küni u bir bésharetlik alametni jakarlap: Perwerdigarning mushu sözini ispatlaydighan alamet shu boliduki: — Mana, qurban’gah yérilip, üstidiki küller tökülüp kétidu, — dédi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەروبوئام پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھقا قاراپ جاكارلىغان سۆزىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ قۇربانگاھتا تۇرۇپ قولىنى سوزۇپ: ــ ئۇنى تۇتۇڭلار، دېدى. لېكىن ئۇنىڭغا قارىتىپ سوزغان قولى شۇنىڭ بىلەن شۇ پېتى قۇرۇپ كەتتى، ئۇنى ئۆزىگە يەنە يىغالمىدى. | 4 |
We shundaq boldiki, Yeroboam padishah Xudaning adimining Beyt-Eldiki qurban’gahqa qarap jakarlighan sözini anglighanda, u qurban’gahta turup qolini sozup: — Uni tutunglar, dédi. Lékin uninggha qaritip sozghan qoli shuning bilen shu péti qurup ketti, uni özige yene yighalmidi.
ئاندىن خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقان مۆجىزىلىك ئالامەت يۈز بېرىپ، قۇربانگاھ ھەم يېرىلىپ ئۈستىدىكى كۈللەر تۆكۈلۈپ كەتتى. | 5 |
Andin Xudaning adimi Perwerdigarning sözi bilen éytqan möjizilik alamet yüz bérip, qurban’gah hem yérilip üstidiki küller tökülüp ketti.
پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىدىن: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن مېنىڭ ھەققىمدە ئۆتۈنگەيسەنكى، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەي، دەپ يالۋۇردى. خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋرەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىنى ئۆتۈنگىنىدە، پادىشاھنىڭ قولى يەنە ئۆزىگە يىغىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. | 6 |
Padishah Xudaning adimidin: — Perwerdigar Xudayingdin méning heqqimde ötün’geysenki, qolumni eslige keltürgey, dep yalwurdi. Xudaning adimi perwrerdigarning iltipatini ötün’ginide, padishahning qoli yene özige yighilip eslige keltürüldi.
پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ مېنىڭ بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ ئۆزۈڭنى قۇتلاندۇرغىن، مەن ساڭا ئىنئام بېرەي، دېدى. | 7 |
Padishah Xudaning adimige: — Méning bilen öyümge bérip özüngni qutlandurghin, men sanga in’am bérey, dédi.
لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ئورداڭنىڭ يېرىمىنى بەرسەڭمۇ، سېنىڭ بىلەن بارمايمەن ياكى بۇ يەردە نان يەپ سۇ ئىچمەيمەن. | 8 |
Lékin Xudaning adimi padishahqa jawab bérip: — Sen manga ordangning yérimini bersengmu, séning bilen barmaymen yaki bu yerde nan yep su ichmeymen.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىنى يەتكۈزۈپ ماڭا بۇيرۇپ: «سەن نە نان يېمە نە سۇ ئىچمە، بارغان يولۇڭ بىلەن قايتىپ كەلمە» دېگەن، دېدى. | 9 |
Chünki Perwerdigar Öz sözini yetküzüp manga buyrup: «Sen ne nan yéme ne su ichme, barghan yolung bilen qaytip kelme» dégen, dédi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەيت-ئەلگە كەلگەن يول بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقا بىر يول بىلەن قايتىپ كەتتى. | 10 |
Shuning bilen u Beyt-Elge kelgen yol bilen emes, belki bashqa bir yol bilen qaytip ketti.
لېكىن بەيت-ئەلدە ياشانغان بىر پەيغەمبەر تۇراتتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئۇ كۈنى بەيت-ئەلدە قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھقا قىلغان سۆزلىرىنىمۇ ئاتىسىغا ئېيتىپ بەردى. | 11 |
Lékin Beyt-Elde yashan’ghan bir peyghember turatti. Uning oghulliri kélip Xudaning adimining u küni Beyt-Elde qilghan barliq emellirini uninggha dep berdi, shundaqla uning padishahqa qilghan sözlirinimu atisigha éytip berdi.
ئاتىسى ئۇلاردىن، ئۇ قايسى يول بىلەن كەتتى، دەپ سورىدى؛ چۈنكى ئوغۇللىرى يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قايسى يول بىلەن كەتكىنىنى كۆرگەنىدى. | 12 |
Atisi ulardin, u qaysi yol bilen ketti, dep soridi; chünki oghulliri Yehudadin kelgen Xudaning adimining qaysi yol bilen ketkinini körgenidi.
ئۇ ئوغۇللىرىغا: ــ ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار، دەپ تاپىلىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئېشەكنى توقۇپ بەرگەندە ئۇ ئۇنىڭغا مىنىپ | 13 |
U oghullirigha: — Manga éshekni toqup béringlar, dep tapilidi. Ular uninggha éshekni toqup bergende u uninggha minip
خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى. ئۇ ئۇنى بىر دۇب دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغان يېرىدىن تېپىپ ئۇنىڭدىن: ــ يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمى سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن شۇ، دەپ جاۋاب بەردى. | 14 |
Xudaning adimining keynidin qoghlap ketti. U uni bir dub derixining astida olturghan yéridin tépip uningdin: — Yehudadin kelgen Xudaning adimi senmu? — dep soridi. U: — Men shu, dep jawab berdi.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ نان يېگىن، دېدى. | 15 |
U uninggha: — Méning bilen öyümge bérip nan yégin, dédi.
ئۇ جاۋابەن: ــ مەن نە سېنىڭ بىلەن قايتالمايمەن، نە سېنىڭكىگە كىرەلمەيمەن؛ مەن نە بۇ يەردە سېنىڭ بىلەن نان يەپ سۇ ئىچەلمەيمەن؛ | 16 |
U jawaben: — Men ne séning bilen qaytalmaymen, ne séningkige kirelmeymen; men ne bu yerde séning bilen nan yep su ichelmeymen;
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزى بىلەن ماڭا تاپىلاپ: «ئۇ يەردە نان يېمە، سۇ ئىچمىگىن؛ بارغان يولۇڭ بىلەن قايتىپ كەلمىگىن» دېگەن، دېدى. | 17 |
chünki Perwerdigar öz sözi bilen manga tapilap: «U yerde nan yéme, su ichmigin; barghan yolung bilen qaytip kelmigin» dégen, dédi.
[قېرى پەيغەمبەر] ئۇنىڭغا: ــ مەن ھەم سەندەك بىر پەيغەمبەردۇرمەن؛ ۋە بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ماڭا يەتكۈزۈپ: ــ «ئۇنىڭغا نان يېگۈرۈپ، سۇ ئىچكۈزگىلى ئۆزۈڭ بىلەن ئۆيۈڭگە ياندۇرۇپ كەل» دېدى، دەپ ئېيتتى. لېكىن ئۇ شۇنى دەپ ئۇنىڭغا يالغان ئېيتىۋاتاتتى. | 18 |
[Qéri peyghember] uninggha: — Men hem sendek bir peyghemberdurmen; we bir perishte Perwerdigarning sözini manga yetküzüp: — «Uninggha nan yégürüp, su ichküzgili özüng bilen öyüngge yandurup kel» dédi, dep éytti. Lékin u shuni dep uninggha yalghan éytiwatatti.
شۇنىڭ بىلەن [خۇدانىڭ ئادىمى] ئۇنىڭ بىلەن يېنىپ ئۆيدە نان يەپ سۇ ئىچتى. | 19 |
Shuning bilen [Xudaning adimi] uning bilen yénip öyde nan yep su ichti.
لېكىن ئۇلار داستىخاندا ئولتۇرغىنىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن قېرى پەيغەمبەرگە كەلدى. | 20 |
Lékin ular dastixanda olturghinida, Perwerdigarning sözi uni yandurup ekelgen qéri peyghemberge keldi.
ئۇ يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمىنى چاقىرىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىنى تۇتماي، | 21 |
U Yehudadin kelgen Xudaning adimini chaqirip: — Perwerdigar mundaq deydu: — «Sen Perwerdigarning sözige itaetsizlik qilip, Perwerdigar Xudayingning buyrughan emrini tutmay,
بەلكى يېنىپ، ئۇ ساڭا: ــ نان يېمە، سۇ ئىچمە، دەپ مەنئى قىلغان يەردە نان يەپ سۇ ئىچكىنىڭ تۈپەيلىدىن، جەسىتىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبرىسىدە كۆمۈلمەيدۇ»، دەپ توۋلىدى. | 22 |
belki yénip, U sanga: — Nan yéme, su ichme, dep men’i qilghan yerde nan yep su ichkining tüpeylidin, jesiting ata-bowiliringning qebriside kömülmeydu», dep towlidi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى نان يەپ سۇ ئىچىپ بولغاندا، ئۇنىڭغا، يەنى ئۆزى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن پەيغەمبەرگە ئېشەكنى توقۇپ بەردى. | 23 |
We shundaq boldiki, Xudaning adimi nan yep su ichip bolghanda, uninggha, yeni özi yandurup ekelgen peyghemberge éshekni toqup berdi.
ئۇ يولغا چىقتى. كېتىۋاتقىنىدا، يولدا ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈكى يولدا تاشلىنىپ قالدى، ئېشىكى بولسا ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ شىرمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇراتتى. | 24 |
U yolgha chiqti. Kétiwatqinida, yolda uninggha bir shir uchrap, uni öltürüwetti. Shuning bilen uning ölüki yolda tashlinip qaldi, éshiki bolsa uning yénida turatti; shirmu jesetning yénida turatti.
مانا بىرنەچچە ئادەم ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يولدا تاشلىنىپ قالغان جەسەت بىلەن جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان شىرنى كۆردى؛ ئۇلار قېرى پەيغەمبەر تۇرغان شەھەرگە كېلىپ ئۇ يەردە شۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. | 25 |
Mana birnechche adem ötüp kétiwétip, yolda tashlinip qalghan jeset bilen jesetning yénida turghan shirni kördi; ular qéri peyghember turghan sheherge kélip u yerde shu xewerni yetküzdi.
ئۇنى يولدىن ياندۇرغان پەيغەمبەر بۇنى ئاڭلاپ: ــ ئۇ دەل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان خۇدانىڭ ئادىمىدۇر. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنى شىرغا تاپشۇردى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قىلغان سۆزى بويىچە شىر ئۇنى تىتما-تىتما قىلىپ ئۆلتۈردى، دېدى. | 26 |
Uni yoldin yandurghan peyghember buni anglap: — U del Perwerdigarning sözige itaetsizlik qilghan Xudaning adimidur. Shunga Perwerdigar uni shirgha tapshurdi; Perwerdigar uninggha qilghan sözi boyiche shir uni titma-titma qilip öltürdi, dédi.
ئۇ ئوغۇللىرىغا: ــ ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار، دېدى؛ ئۇلار ئۇنى توقۇپ بەردى. | 27 |
U oghullirigha: — Manga éshekni toqup béringlar, dédi; ular uni toqup berdi.
ئۇ يولدا تاشلاقلىق جەسەت بىلەن جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان ئېشەك ۋە شىرنى تاپتى. شىر بولسا نە جەسەتنى يېمىگەنىدى نە ئېشەكنىمۇ تالىمىغانىدى. | 28 |
U yolda tashlaqliq jeset bilen jesetning yénida turghan éshek we shirni tapti. Shir bolsa ne jesetni yémigenidi ne ésheknimu talimighanidi.
پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ ئېشەككە ئارتىپ ياندى. قېرى پەيغەمبەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى دەپنە قىلغىلى شەھەرگە كىردى. | 29 |
Peyghember Xudaning adimining jesitini élip éshekke artip yandi. Qéri peyghember uning üchün matem tutup uni depne qilghili sheherge kirdi.
ئۇ جەسەتنى ئۆز قەبرىستانلىقىدا قويدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ: ــ ئاھ بۇرادىرىم! ــ دەپ پەرياد كۆتۈردى. | 30 |
U jesetni öz qebristanliqida qoydi. Ular uning üchün matem tutup: — Ah buradirim! — dep peryad kötürdi.
ئۇنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆز ئوغۇللىرىغا: ــ مەن ئۆلگەندە مېنى خۇدانىڭ ئادىمى دەپنە قىلىنغان گۆرگە دەپنە قىلىڭلار؛ مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ يېنىدا قويۇڭلار؛ | 31 |
Uni depne qilghandin kéyin u öz oghullirigha: — Men ölgende méni Xudaning adimi depne qilin’ghan görge depne qilinglar; méning söngeklirimni uning söngeklirining yénida qoyunglar;
چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھقا قارىغان ۋە سامارىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ «يۇقىرى جاي»لىرىدىكى [ئىبادەت] ئۆيلىرىگە قارىغان، ئۇنىڭ جار قىلغان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ، ــ دېدى. | 32 |
chünki u Perwerdigarning buyruqi bilen Beyt-Eldiki qurban’gahqa qarighan we Samariyediki sheherlerning «yuqiri jay»liridiki [ibadet] öylirige qarighan, uning jar qilghan sözi emelge ashurulmay qalmaydu, — dédi.
لېكىن يەروبوئام بۇ ۋەقەدىن كېيىنمۇ ئۆز رەزىل يولىدىن يانماي، بەلكى «يۇقىرى جايلار»غا ھەرخىل خەلقتىن كاھىنلارنى تەيىنلىدى؛ كىم خالىسا، ئۇ شۇنى «مۇقەددەس قىلىپ» [كاھىنلىق مەنسىپىگە] بېغىشلايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «يۇقىرى جايلار»دا [قۇربانلىق قىلىشقا] كاھىن بولاتتى. | 33 |
Lékin Yeroboam bu weqedin kéyinmu öz rezil yolidin yanmay, belki «yuqiri jaylar»gha herxil xelqtin kahinlarni teyinlidi; kim xalisa, u shuni «muqeddes qilip» [kahinliq mensipige] béghishlaytti; shuning bilen ular «yuqiri jaylar»da [qurbanliq qilishqa] kahin bolatti.
شۇ ئىش تۈپەيلىدىن يەروبوئام جەمەتىنىڭ ھېسابىغا گۇناھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولدى. | 34 |
Shu ish tüpeylidin Yeroboam jemetining hésabigha gunah bolup, ularning yer yüzidin üzüp élinip halak bolushigha seweb boldi.